Home >  > Windows ئەپ كونتروللىرى (A-D)

Windows ئەپ كونتروللىرى (A-D)

2

ۋېندوۋس ئەپ ئاچقۇچىلىرى ئۈچۈن كونتىروللارنى ياخشى چۈشەنمەسلىك سەل خەتەرلىك بىر ئىش. تۆۋەندە C#/C++/VB  ۋە XAML لاردا ئەپ ئېچىشتا قوللىنىدىغان كونتىروللارنى ھەرىپ تىزىمى بويىچە رەتلەپ چىقماقچىمەن. ئاۋۋال بىرقىسمىنى كۆرۈپ تۇرايلىك! ھەراس، نۇرغۇن كونتروللارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتلىشىنى تازا بىلىپ كەتمىگەچكە، خاتا ئىشلىتىپ قويغان جايلىرىم بولىشى مومكىن، توغرىسىنى بىلىدىغانلار ئەسكەرتىپ قويارسىزلەر:

A

قورال سىتون - ئەپ ئىقتىدار بۇيرۇقلىرى جەملەنگەن، يان تەرەپ، ياكى ئاستى - ئۈستى تەرەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان قورالداق رايۇنى.


    
        
            
                

يەنى bottomAppBar نىڭ ئىچىگە بىر تالاي كونۇپكىلار قوشۇلدى. خالىغان پروگرامما تىلىدا ئەشۇ كونۇپكىلارغا ئارقا ئىجرا كود يېزىش ئارقىلىق ئىقتىدار بېرىلىدۇ.

B

گىرۋەك(Border) - مەلۇم كونتىرول ياكى رايۇننىڭ گىرۋەكلىرىگە ئۈنۈم قوشۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.


    
        
        
    

يۇقارقى كودا يېزىلغاندەك، گىرۋەكنىڭ توملىقى، رەڭگى .. قاتارلىقلارنى بەلگىلەشكە بولىدۇ.

كونۇپكا (Button) - كۆرۈنمە يۈزلىك بۇيرۇق ئىجرا قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ. click خاسلىقىغا ئىش بەلگىلەش ئارقىلىق خالىغان ئىقتىدارنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.

سىزما رايۇن(Canvas) - ئىچىگە باشقا ئىلمىنىتلارنى ۋە بالا سىزما رايۇنلارنى قويۇشقا بولىدىغان كونترول.(راس گەپنى قىلسام ئۇيغۇرچە بۇ ئاتالغۇلارنى بىلەلمىدىم، بىلىدىغانلار دەپ بەرگەيسىلەر!)


    
    
    
    

يۇقارقى كودتا 120*120 بولغان بىر سىزما رايۇن ئىچىگە، سول ۋە ئۈستى تەرەپتىن مۇتلەق 20، 40 ، 60 پىكىسىل بولغان ئارلىق قالدۇرۇلغان كىچىك سىزما رايۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تاللاش رامكىسى(CheckBox) - تاللاپ، بەلگە قويۇش ياكى قالدۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدىغان كونتىرول.

يۇقارقىدەك، Name گە بېرىلگەن ئىسىم ئارقىلىق مەزكۇر كونتىرولنى ئارقا ئىجرا كودلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىدار بېرىشكە بولىدۇ.
بىرىكمە رامكا (ComboBox) - تاللاش تۈرلىرىنى ئاسما شەكىلدە كۆرسىتىدىغان كونتىرول.


    Item 1
    Item 2
    Item 3

يەنى بىر كونۇپكا قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇزىكا قويغۇچنىڭ "قويۇش" "توختىتىش"... دېگەندەك ئايكون رەسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىدار بېرىشتە ئىشلىتىلىدۇ.

D

ۋاقىت تاللىغۇچ(DatePicker)  - قوللانچىلارغا ۋاقىت تاللاش ئىقتىدارى تەمىنلەيدۇ.

داۋامى كىيىنكى يازمىدا تولۇقلىنىدۇ.

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (1)
نەقىللەر (1)
  1. تارىم [ جۇغلانما: 20 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2013/12/15 00:06

    ناھايتى ياخشى ئشلەپسىز . داۋاملىق تىرىشىڭ . مەن خاتىرە دەپتىرىمگە خاتىرلىۋالدىم . رەھمەت!

ئۈنچە قالدۇرۇش