logo
ئورنىڭىز: باش بەت > تېخنىكا >Wordpress > يازما مەزمۇنى

يىقىندىن بىرى ھاجى بىلەن بىرلىكتە مۇنۇ فىلىم بەھىرلىنىش ئۇسلۇبىنى تەييارلىدۇق. مەزكۇر ئۇسلۇب ۋوردپرەستىن ئىبارەت قولايلىق سېستىمىغا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتىكى بلوگ ئۇسلۇبلىرىدا يوق بولغان بىر نەچچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. تۆۋەندە ئالدى بىلەن ئۇسلۇپ ھەققىدە ئازراق ئىزاھات بېرىپ ئۆتەيلى!

ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى ۋە ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى

1. ئۆزگىچە بولغان كۆرۈنمە يۈزىگە ئىگە، ئۇسلۇب سىغىمى كىچىك بولۇپلا قالماي، كىرەكسىز كودلاردىن خالىي.
2. خۇددى باشقا سېستىما توربەتلىرىدەك، بلوگ ئارقا بېتىگە ئۆتمەيلا، زىيارەتچىلەر سىنا ياكى چ چ ھىساۋاتى بىلەن كىرىپ، ئۆزى ياقتۇرغان فىلىم ۋە رەسىملەرنى بەھىرلىنەلەيدۇ.
3. فىلىم، رەسىم بەھىرلىنىش قولايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پەقەت بەھىرلەنمەكچى بولغان فىلىم ياكى رەسىمنىڭ تور كۆرگۈدىكى ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ چاپلىسىلا ئىش پۈتىدۇ.ئۇسلۇپ ئاپتوماتىك ھالدائادرىسىنى تەھلىل قىلىپ، كۆرۈنمە رەسىم تۇتىدۇ ۋە قويۇش ھالىتىدە كۆرۈنىدۇ.
4. ۋوردپرەسنىڭ سۈكۈتتىكى يان سىتونلىرىدىن سىرىت، ئۇسلۇپتا مەخسۇس يان سىتون تەمىنلەنگەن.
5. ناھايىتى قولايلىق بولغان 多说 ئالاقە قىستۇرمىسىنى ئېنكاس رايۇنىغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، زىيارەتچىلەر خالىغان ھىساۋات بىلەن تىزىملىنىپ كىرەلەيدۇ، باش سۈرەت ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئۆزى تەڭشىيەلەيدۇ.
6. رەسىم يوللاشتا، تاشقى رەسىم يوللاش ۋە بىۋاستە يۈكلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل بولۇپ، بىۋاستە يۈكلىنىدىغان رەسىم ئۈچۈن بەيدۇ بۇلۇت بوشلۇقىدا ھىساۋات ئاچتۇرۇپ، ئۇسلۇب ئارقا بېتىدىن كىرەكلىك ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرسىڭىزلا يۈكلىگەن رەسىم بىۋاستە بەيدۇ بوشلۇقىغا چىقىدۇ ۋە تور بېتىڭىزدە نورمال كۆرۈنىدۇ.
7. مۇكەممەل ئارقا بەت تەڭشىكى ھازىرلىغان بولۇپ، زۆرۈر تەڭشەكلەرنى ئۆز ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تەڭشىيەلەيسىز. باشقلار بەھىرلىگەن فىىملەرنى تەستىقلاش، رەسىم يۈكلەشنى چەكلەش… دېگەندەك ئىقتىدارلىرىنى ئارقا بەتتىن تەڭشەشكە بولىدۇ.

ئۇسلۇپ تارقىتىش ھەققىدە

1. ئۇسلۇب 150 سومدىن ھەقلىق تارقىتىلىدۇ. سېتىۋالغۇچىلار پەقەت سېتىش – سېتىۋېلىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىسىلا، بىز ئىزچىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقسىز نەشىر يىڭىلاشنى تەمىنلەيمىز.سىتىۋالغۇچىلار ئىنكاس قىلغان خاتالىقلارنى يىڭى نەشرىدە تۈزىتىمىز، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنى قوشىمىز.
2. ئۇسلۇپنىڭ ھەممە ئىقتىدارلرىنى تولۇق ئىشلىتىش ئۈچۈن بىرنەچچە قىستۇرما كىرەك بولىدۇ، ئۇسلۇبتا قىستۇرمىلار ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سېتىۋالغۇچىلارغا قىستۇرمىلارنىمۇ قوشۇپ تەمىنلەيمىز ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۇسلۇبنى ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىش دەرىسلىكى قوشۇپ بىرىمىز(pdf كىتاب).
3. ئۇسلۇبنى سېتىۋالغانلارغا ھەممە ماتېرىياللارنى zip ھالەتتە يوللاپ بېرىمىز. بوشلۇقىغا ئورنىتىش، تەپسىلىي تەڭشەكلىرىنى تەڭشەش ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىشى كىرەك.
4. ئۇسلۇبنى خالىغانچە باشقىلارغا ھەقلىق ياكى ھەقسىز يۇسۇندا تەمىنلىگەنلەرگە قارىتا بارلىق مۇلازىمىتىمىزنى توختىتىمىز ۋە كىيىنكى نەشىر يىڭىلاش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلايمىز!

ئۇسلۇب تەڭشەك بېتى ۋە مەزمۇن يوللاش بېتى

ئۇسلۇب ئارقا بەت تەڭشىكى

ئۇسلۇب ئارقا بەت فىلىم يوللاش رايۇنى. «ئادرىسقا ئىرىشىش» ناملىق كونۇپكىنى باسسىڭىزلا ئاپتوماتىك رەسىم تۇتىدۇ.

ئالدى بەت فىلىم ۋە رەسىم بەھىرلىنىش رايۇنى

ئۇسلۇب كۆرۈش مەنزىلى: تەشنا فىلىمخانىسى

ئۇسلۇبنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز:

QQ  496878328

1044198916          

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. كىگىز
    كۆنچى

    ماۋۇ ئۇسلۇب يامان جانلىققۇ… بولىدىكەن، مىنىڭ بىر دوستۇم مۇشۇنداق بىر ئۇسلۇب دەۋاتقان،، تەۋسىيە قىلىپ باقاي…

    2013-12-12 12:09 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  2. گىلەم
    تورسودا

    ئۇسلۇب ھەقىقەتەن بولىدىكەن، كۆركەم ھەم ئىقتىدارلىرى كۆپ، مەنچە بولسا خەت شەكلىنى ۇك ئا ج تۈز تومغا تەڭشىسە تىخىمۇ كۆركەم بولغۇدەك، بۇ پەقەت شەخسى كۆز قارىشىم، سىلەردەك ئۇستىلارغا ئىش ئۈگەتكىنىم ئەمەس…

    2013-12-12 12:07 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆزگەرتىپ قويدۇم. راستىنلا بەك ماسلىشىدىكەن بۇ خەت شەكلى. قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئايمىغايسىلە. كۆپ رەھمەت.

      2013-12-12 6:28 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  3. دىۋان
    سالىھ بىگ

    ھەقىقەتەن ئادەم كۆزىدىن ئوت چىقىردىغانكەن . ياندىكى فىلىم يىغىۋىتىش دىگەن خەنزۇچە خەتنى مۇ بىر قانداق قىلىپ سەل ئۇيغۇرچە پاتقۇدەك قىلىپ ئۇيغۇرچە يازسا بولامدىغاندۇ ئ ئاندىن ھازىرقى فىلىم كۆزنىكىنى سەل ئاستىغا قىلىپ ئىنكاس رامكىسىنىڭ تىگى بىلەن تەڭ قىلىپ يازما تىمىسى چۈشەندۇرۇش ھەم فىلىم كۆزنىكى ئۇستىدە ئۇزۇنراق كۆرىنىدىغان ھەم سەل چوڭراق بولۇپ ئادەم كۆزىگە كۆرىنىپ تۇرسا تىخىمۇ بولامدىكى دەيمەن . بۇ پىكرىم خالاس . قانچە پۇللۇق بۇ ئەمدى تەشنا

    2013-12-14 10:29 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىز باشبەتتىكىنى دەمسىز يا يازما بەتنىمۇ؟ تېمىنى سەل كۆزگە چېلىقىدىغان قىلساق بولىدۇ. ئاندىن بەتتىكى بىر قىسىم خەنچە خەتلەرنى تېخى بىۋاستە تەرجىمە قىلغىلى بولمىدى. ۋاقىت سەۋەبى بىلەن ھازىرقى ھالەتكە ئەكەلدۇق،لېكىن داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىمىز. ئۇسلۇب باھاسى: 150 يۇەن/ نۇسقا :razz:

      2013-12-14 2:14 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • http://pic.yupoo.com/tesh/DnkUShED/BdUMO.png فىلىمخانا ئوڭ تەرەپتە باھاسى ۋە يېڭلىنىشى توغرىسىدا ئېلان بار.

      2013-12-14 2:17 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات
  • يىڭى ئۈنچە
  • خەتكۈشلەر
  • ئىختىيارى
footer logo
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!Theme by QQOQ