ئورنىڭىز:باش بەت > ئسلام > مەزمۇنى...
ئۇيقۇسىز كېچە، تەگسىز خىياللار
2013/06/24 ئسلام ⁄ جەمئى: 6552 ھەرپ 4 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 223 مېھمان+

ئاخشاملىرى كىتاب ئوقۇمىسام بولاتتى، لېكىن بۈگۈن ئازراق ھاياجان بىلەن بىر كىتابقا بىرىلىپ كىتىپتىمەن. ياتاقنىڭ تونۇردەك دىمىق ھاۋاسى ۋە كىتاب ئوقۇشتىن قاناتلانغان تەلۋە خىيال قۇشلىرىم ئۇيقۇمنى قاچۇردى. ئەتە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بولغان مۇقەددەس كىچىلەردە ياخشى ئارام ئېلىشىم زۆرۈر ئىدى، ئەپسۇس، پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. ئىككى سائەتتەك يىتىپ، ئۇخلاش ئۈچۈن كۆرسەتمىگەن تىرىشچانلىق قالمىدى. سۈرىلەردىن بارماق ساناپ زىكرى قىلىپ باقتىم، ھېچنىمىنى ئويلىماي كۆزۈمنى يۇمۇپ باقتىم... راستىنلا ئۇخلىيالمىدىم. بېشىم قاتتىق ئاغىرىپ كەتكىلىۋاتىدۇ. بۇنچە قىينالغۇچە تۇرۇپلا كەتتىم.
تىپتېنىچ كېچە، دىرىزە سىرتىدىن تىز سۈرئەتلىك تاش يولدىكى ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى ئەزىم دەريا شاۋقۇنىدەك ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بەش كىشىلىك كەڭرى ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز، كارىدوردىن ھاراق ئىچىپ كەيىپ بولىۋالغان بالىلارنىڭ ۋارقىراشلىرى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئاستا سۇخانىغا چىقتىم - دە قايتىدىن بىر پاكلىنىپ، ياتاق ئىشىگىنى ئىچىدىن تاقاپ، قولۇمغا مۇقەددەس كىتابنى ئالدىم.
ۋۇجۇدۇم لەززەت تۇيغۇسىدىن تىتىرەۋاتاتتى. قۇلۇقۇمغا ئاڭلىنىۋاتقان مۇڭلۇق قىرائەت، مۇقەددەس كىتابتىكى نۇرلۇق ھەرىپلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ۋۇجۇدۇمغا تەسۋېرلىگۈسىز بىر خىل سىزىم ئاتا قىلىۋاتاتتى. شۇ خىل بەختىيارلىق ئىلكىدە بىر سائەتچە ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. مانا سائەتكە قارىسام ئىككدىن ئېشىپتۇ. كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى. ئەمما كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس...
ياتاق ئىچىدە خۇددى سىياسىيونلاردەك ئۇياق بۇياققا مىڭىۋاتىمەن. خىياللىرىم تولىمۇ كۆپ ئىدى. بىر ئادەم ئۈچۈن ئويلىغانلىرىنى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تۆكىۋالغۇدەك ھەمراھ بولمىغاندا موشۇنداق خىياللار قىيانىدا تىپىرلايدىغان ئىش ئىكەن. قاچاندىن بىرى بۇنچە كۆپ ئىنسان ئارىسىدا تەنھا قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. روھىيەت جەھەتتە ھەرگىزمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلمايمەن، ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغۇدەك ئادەممۇ تاپالماي خاۋاتېرلىنىپ قالىمەن. ئىھ ئاللاھ، ھەقىقەتكە ئىشەنگەن بەندىلىرىڭنىڭ قەلبىگە ئىلھاملار بەرگەيسەن. ئۇلار چەتكە قىقىلغىنىدا، ناھەقچىلىقلار ئارىسىدا يالغۇز قالغىنىدا ئۇلارغا رەھمەت شاماللىرىڭنى يەتكۈزگەيسەن.
خىياللىرىمنىڭ خىيال پېتى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم - دە، ئۇنى قەلىب خاتىرەمنىڭ پۈتۈكچىلىككە تەيىن ئەتتىم. تۆۋەندىكى قۇرلاردا ھېچقانداق بىر تەرتىپ بولمايدۇ، بىر گۈدەك بالىنىڭ خىياللىرى قانچىلىك رەڭگارەڭ بولسا، بۇ قۇرلار شۇنچىلىك تەرتىپسىز پۈتۈلگۈسى:
مەن ئۆزۈمنى قاچاندىن باشلاپ مۇسۇلمغان دەپ بىلگەندىمەن؟! كۆزۈم سۈزۈلگەندىن باشلاپ ئانام - دادامنىڭ جاينامازدا يۈكۈنۈپ دۇۋا تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ھەرگىزمۇ ھەيران قالمىغان ئىكەنمەن. «ئۇلار نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بەلكىم «چوڭلارنىڭ مەن چۈشەنمەيدىغان ئىشلىرى كۆپ.» دەپلا كاللامدىن ئۆتكۈزىۋەتكەن بولغىيىتتىم. كىيىن ھەر كۈنى دادامنىڭ قوينىدا ئەركىلەپ يىتىپ، ئۇچلۇق ساقاللىرىنى سىيلاپ ئوينىغاچ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تاتلىق تىللىرىم بىلەن ئايەتلەرنى ئۈگىنىشكە باشلىدىم. ئۈگىنىۋاتقىنىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيىتتىم. دادام پەقەت ئۇلارنى بىلمىسەم يامان بولىدىغانلىقىنى، يامان بولسا مېنىڭ مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغانلىقىمنى ئىيىتاتتى. يەنە تېخى بىرەر ئايەتنى يادىلاپ بولسام، ماختاپ قانماي سۆيۈپ كىتەتتى. شۇنداق قىلىپ مەكتەپكە بارماي تۇرۇپلا خىلى كۆپ ئايەتلەرنى ئۈگىنىۋالدىم. كىيىنچە ھېچكىم دەپ بەرمىسىمۇ، قەلبىمنى غەم - ئەندىشە، قورقۇنۇچ باسقىنىدا ئىسىمگە كەلگەن ئايەتلەرنى توختىماي ئوقۇيدىغان بولدۇم. كىم ماڭا ئايەتلەرنى ئوقۇسام ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىدىغانلىقىمنى دەپ بەرگەن بولغىيىتتى. ئىشقىلىپ مەندىكى ئىلاھىي قاراش ئەنە شۇنداق ئۆزلىكىدىن شەكىللەنگەن ئىكەن.
ئۇزۇن - ئۇزۇن سۈرىلەرنى يادىلاپ بولدۇم. ئەمما يادىلاۋاتقېنىمنىڭ نېمە مەزمۇندا ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيىتتىم. مەنلا ئەمەس، ئانام - داداممۇ چۈشەنمەيىتتى. ئىشقىلىپ ھەممىمىز «ئاللاھ بىلەن سىردىشىۋاتىمەن، ئاللاھ قەلبىلەردىكىنى تولۇق بىلگۈچى» دەپ ئىشىنەتتۇق. ئەمما ئاشۇ سۈرىلەرننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنمايىتتۇق، ئەكىسچە ئۇلار ھەققىدە ئىزدىنىشنىشتىن قورقىدىغاندەك قىلاتتۇق.
تاكى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە مۇسۇلمانچىلىق قارىشىمدا ھېچبىر ئىلگىرلەش بولمىدى، «ھارام نەرسىلەرنى يىمەسلىك، ناماز ئوقۇش، زاكات بىرىش، يامان ئىشلارنى قىلماسلىق...» موشۇلارنىلا بىرخىل سوبىكتىپ قاراش سۈپىتىدە مۇسۇلمانچىلىقنىڭ شەرتى دەپ بىلىپ كەپتىمەن. كىيىن كىتابلار دۇنياسىغا غەرىق بولدۇم. كىتابلارنى ئوقۇغانسىرىم، ئىنساندا بىر يادرو قىممەت قاراشنىڭ بولىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل يادرونىڭ دەل ئىتقاد يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، ياراتقۇچىنىڭ تەڭداشسىزلىقىغا بولغان شەكسىز ئىشىنىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. كىيىن مۇھەممەتسالىھ ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە قۇرئان تەپسىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. شۇندىلا كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دادامنىڭ «قىسەسۇل ئەنبىيا» دېگەن كىتابتىن بايان قىلىپ بىرىدىغانلىرىنىڭ بىر چۆچەك ئەمەسلىكىنى، جاينامازدا يۈكىنىپ قىلىدىغان دۇۋالىرىمىزنىڭ قانداقتۇر مۇسۇلمانچىلىق رەسمىيىتى ئۈچۈن ئەمەس، پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىز بىلەن ياراتقۇچىغا يىقىنلىشىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.
شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىپ كەلگەن بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ، ھازىرقى زامانغا كەلگەندە ھەقىقىي ئىسلامدىن ساۋاتسىز قىلىشى، ھەتتا مۇسۇلمانچىلىقنى ئاتا - ئانېسىدىن قالغان مىراس ھىسابىدا چۈشىنىشى، كۈندە بەش ۋاخ نامىزىدا زىكرى قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى قىلچە چۈشەنمەسلىلىكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تولۇق بىلمەسلىكى مەندە دائىم ئاچچىق ئەلەم قوزغايدۇ. ئەگەر بىر نامرات دىھقان بۇ دۇنيادا ھەرجەھەتتىن ساۋاتسىز قىلىپ، قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمىسا، ھەتتا كۇپۇرلۇق بولۇپ قالسا ئىككىلى دۇنيادا ئازاپ - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتمەمدۇ؟!
بەزىدە مۇنبەرلەردە دىن ھەققىدە ئاجايىپ مۇنازىرىلەرنى ئۇچىرىتىپ قالىمەن. بىرى ئۆزىنىڭ سالىھ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ سۆزلەۋاتقان، بىرى يەنە بىرىنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم چىقىرىۋاتقان. ئەڭ قىززىقى، قۇرئان ۋە ھەدىسىلەردىن نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، باشقىلارغا مەنسىتمەسلىك، ھەتتا ئادەم ھىساپلىماسلىق تەرىقىسىدە رەددىيە بىرىۋاتقان. مېنىڭچە ياخشى بىر مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن، ئاجايىپ ئۇلۇغ بىر قەلىبنىڭ ئىگىسى بولۇش كىرەك. مەيلى كاپىر بولسۇن، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەمەللىرىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، مۇشتۇمزورلىق بىلەن ئەمەس، قەلبىمىزنىڭ ھارارېتى بىلەن تەسىرلەندۈرىشىمىز كىرەك ئىدى.
ئوتتۇرا شەرىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۆزئارا قان چېچىشىۋاتقانلارمۇ ھەممىسى ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتايدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ ئوخشاش بەندىسى تۇرۇپ، ئازراق ئىختىلاپ ئۈچۈن بىر - بىرىنى ئۆلتۈرىشىۋاتىدۇ. بىزنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىمۇ مىللەت ۋە دىن ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە بارغانسىرى كەسكىنلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. بەزى قېرىنداشلىرىمنىڭ ناماز ئوقۇمىغان ئۇيغۇرنى قېرىندىشىم ئەمەس دىيىشلىرى، بەزى مىللەتچىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا چىڭ يىپىشقانلارنى «سوپى ئىشان» دىيىشى... ئىشقىلىپ مەن بىر خىل ئەندىشىلىك خىياللارغا چۈمۈلىمەن.
راس، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىر مىللەت، يەنى، ئىسلام دىنىدا مىللەت قارىشى مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما زامانلاردىن بۈگۈنگە كەلگۈچە ئىنسانلار ئوخشىمىغان تەبىقىلەرگە بۆلۈنۈپ، ھازىرقى مىللەتلەر شەكىللەندى. ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ مىللەت كىملىكىنى چۆرۈپ تاشلاپ «مەن دۇنيا مۇسۇلمېنى» دىيەلمەيدۇ. چۈنكى بىز دىننىي - ئىتقادتىن سىرىت مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ شەكلى سۈپىتىدە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسىغا ئىگە. دىن بىر ئىدئولوگىيەلىك ئۇقۇم بولمىغان ئىكەن، ئۇ دىننىي ئەھكاملارغا مۇخالىپ بولمىغان مىللىي مەدەنىيەتكە بوشلۇق بىرىشى كىرەك. مەدەنىيەتمۇ دىننى ئىددىيە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلماستىن، ئۇنى ئەڭ ئالىي ئىلاھىي بىرلىك دەپ تونىشى زۆرۈر ئىدى.ئۆزىمىزنىڭ ئىتقادىمىزنى خىرىسلاردىن ساقلاش ئۈچۈن، بىزنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە مەۋجۇتلۇق شەكلىمىز بولىشى كىرەك. مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن، ھازىرقى زاماننىڭ مەدەنىيەت تالان - تاراجلىرىغا تاقابىل تۇرغۇدەك بىر ئىلغار مەدەنىيەت بولىشى كىرەك. قۇدرەتلىك بىر ئىجتىمائىي توپ بولغىنىدىلا ئاندىن تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ ئەۋزەل بولغان دىننىي تەلىم - تەربىيە ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگەر مىللەت ئۇقۇمى بولماسلىق كىرەك بولغىنىدا، ھازىر ئەرەپ مىللىتى ۋە باشقا ئىسلاپ ئەللىرىدىكى باشقا مىللەتلەر ئايرىم مىللەت ھالىتىدە مەۋجۇت بولماسلىقى كىرەك ئىدى.
خىياللىرىم موشۇ يەرگە كەلگەندە، قەلەم تۇتقان قوللىرىم ئاغىرىپ، بېشىم بەكلا زىڭىلداپ كەتتى. بۇ كىچىدىكى خىياللىرىمنى موشۇ يەردە ئاياغلاشتۇرۇشۇم كىرەك. بىر تاتلىق ئۇيقۇ تىلەپ....

جەمئىي 4 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 2 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:2 دانە

  1. مەلەك : 2013-يىل06-ئاي28-كۈن16:06:12  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    مۇقەددەس كىتاب دېمەي قۇرئان كەرىم دەۋىرىڭە ، چۈنكى ئىنجىلنى مۇقەددەس كىتاب دەپ ئېلىش ئومۇملىشىپ كەتكەن

  2. پاسئان : 2013-يىل08-ئاي02-كۈن23:14:09  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بۇرادەر، ئۈستىدىكى باش تېمىلار قاتارىدىكى سەھىپە ناملىرى ئارىسىدا «تەرجىمېلەر» دېگەن سۆزدە ئىملا خاتالىقى باركەن. ئۇنىڭدىكى ئاسما چېكىتنى ئېلىۋەتسەك بولىدىكەن. يەنى، «تەرجىمىلەر» دەپ ئالساڭلار…


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل08-ئاي14-كۈن23:29:41  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      كۆپ رەھمەت، دېققەت قىلماپتىكەنمەن، ئۆزگەرتىپ قويدۇم… :cool:

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟