ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ بىر ياخشى نەرسە ئۇچىرىتىپ قالدىم. شۇڭا ھازىر تورداشلار بىلەن بىللە ئورتاقلاشماقچىمەن.
قايسى كۈنى تېخى سېستىما ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىۋاتقان ئۇسلۇبۇمنى يوقىتىپ قويدۇم. بالدۇرراق شۇ تور دىسكىغا قويغان بولسام قانچە ياخشى بولاتتى دەپ كەتتىم. چۈنكى يوقىتىپ قويغىنىم بىرلا ئۇسلۇب بولماستىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزلەشتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇبلارمۇ تەڭلا يوق بولدى. شۇنداق قىلىپ ھاجىنىڭ ئۇسلۇب بېتى قۇرۇش پىلانىمۇ بىر مەھەل ئارقىغا سوزۇلىدىغان ئوخشايدۇ.
AsLocal بولسا،盛大网盘、阿里云OSS、腾讯中转站、网易网盘、SkyDrive/百度/华为/115 قاتارلىق تور دىسكىلارنى قوللايدىغان بولۇپ ئېگەللەيدىغان سىغىمى كىچىك، پۈتۈنلەي ھەقسىز، باشقا ئارتۇق قىستۇرمىلار يوق، XP، Windows7،Windows8 قاتارلىق سېستىمىلارنى قوللايدۇ. (تۇنجى قېتىم قاچىلىغاندا Explorer نى قايتىدىن قوزغىتىدۇ، مەن قاچىلىغاندا ئۇنداق بولمىدى ) . قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا <<مېنىڭ تور دىسكام>> دېگەن بىر بەلگە كۆرۈنىدۇ. مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئۇنىڭدىن تور دىسكا قوشۇش دېگەننى بېسىپ باشقا تور دىسكىلارنى خالىغانچە قوشسىڭىز بولىدۇ. ئۈلگە:
ھۆججەت چىقارغاندا تىزلەتمە كونۇپكا قوللايدۇ(Ctrl+C/V). ھۆججەتلەرنى سۆرەپ ئەكىرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادەتتە U دىسكا ئىشلەتكەن بىلەن ئوخشاش. بۇنداق بولغاندا تور كۆرگۈنى ئېچىش، ياكى يۇمشاق دىتالنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئاۋارچىلىقلاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.
گەرچە ھازىرغىچە AsLocal قوللايدىغان تور دىسكىلار ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار ئاللىقاچان نۇرغۇن تور دىسكا تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ بولغان. ئۇنىڭ ئۇزۇن قالماي تېخىمۇ كۆپ ئېگە تەرەپ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئابونىتلارغا تېخىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ. كەمچىىكى AsLocal تېخىچە FTP ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولۇپ تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئەكىلىشى مۇمكىن.
ئورگان بەت :http://aslocal.com چۈشۈرۈش: ئورگان بەتتىن چۈشىدۇ
ياخشى بىلىمنى ئورتاقلاشقىنىڭىز ئۈچۈن كاتتا رەھمەت بۇرادەر
2013-10-06 11:54 چۈشتىن كېيىنرەھمەت ، بېلىۋېلىشقا تېگىشلىك ياخشى بىلمكەن .
2013-10-07 12:09 چۈشتىن كېيىن