بلوگ دېگەن ئىلھامغا قاراپ يازىدىغان نەرسە ئىكەن. بەزىدە ئېلمىي ماقالىلەرنى يوللىساق بەزىدە تاققا - تۇققا پاراڭلارنى چىقىرىدىغان گەپكەن. يەنە بەزىدە تېخى مۇڭلۇق كۈيلەردىن بەھىرلەنمەك بولۇپ قالىدىكەنمىز. ئەمما مەلۇم ئۇسلۇبتا بارلىق ئىھتىياجىمىزنى قامداپ كىتەلەيدىغان ئىقتىدار ھازىرلاش سەل ئاۋارىچىلىك بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن بەزىدە بىراقلا ئۈچىنچى تەرەپ قوراللىرىنى ئىشلىتىپ، مۇرادىمغا يىتىمەن. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇلدا بلوگ سۈرئىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئاستىلىتىپ قويىمىز، ئەمما كىچىككىنە شۇ ئىھتىياجنى دەپ، بىر قىستۇرما قوشقانغا قارىغاندا يەنىلا ئەۋزەللىككە ئىگە. ئۇنداقتا تۆۋەندە ھازىرغىچە مەن كۆرگەن ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا mp3 ناخشا چىقىرىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئەمەلىيەتتە بۇ تونۇشتۇرغۇدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن. سىز پەقەت بۇ ئادرىستىن:http://www.51119.com/play/ كىرىپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بىرەر قويغۇچنى تاللاپ، ئۈستېدىكى "بۇ يەرنى بېسىپ تاللاڭ" دېگەن جاينى باسسىڭىزلا فىلەش تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدىكەن. شۇ يەردىن لازىملىق پاسون، رەڭلەرنى تاللاپ بولۇپ، مۇزىكا ئادرېسىنى چاپلاپ، جەزىملەشنى باسسىڭىزلار سىزگە [swf]، [flash]،Html ۋە باشقا ھالەتتىكى بەھىرلىنىش كودلىرىنى چىقىرىپ بېرىدىكەن. ئادەتتە html كودىنى چاپلىسىڭىزلار بولىدۇ. بىرنەچچە خىل قويغۇچنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەندە كۆرۈڭ.
ما بولىدىغان ئۇسۇلكەن ماۋۇ …!
ماۋۇ ئۇسسۇلدىن باشقا ئۇسسۇل زادى يوقمىدا؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئاپتور تەشنايى : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن08:03:48 1-رەت
ۋاي ئۇسۇل دېگەن جىق: 1.قىستۇرما؛ 2. بلوگقا قويغۇچ ئورنىتىش؛ 3. بىۋاستە شىيامى، سىنا قاتارلىق تورلارنىڭ قويغۇچىلىرىنى ئىشلىتىش…..