ئورنىڭىز:باش بەت > ئسلام > مەزمۇنى...
بىئوگىرافىيە: ھارۇن يەھيانىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇش
2013/06/27 ئسلام, تەرجىمېلىەر ⁄ جەمئى: 4730 ھەرپ 2 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 274 مېھمان+

تۈركىيەلىك داڭلىق يازغۇچى، ئىسلامىزىمچى، ناتىق ئادنان ئوكتار، يەنى ھارۇن يەھيا نامىدا تونۇشلۇق بولغان، ئۆزىنىڭ ئالەم، يارىتىلىش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن خەلقارادا دىققەتكە سازاۋەر شەخىس ھىسابلىنىدۇ. ئۇ دارۋېنىزىمغا قارشى ھالدا، ئىنسالار جەمئىيىتى «تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيسى» بويىچە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ، يەنى بارچە مەخلۇقاتلار ياراتقۇچىسىنىڭ خاھىشى بويىچە يۈرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ فىزىكا، خمىيە، بىئولوگىيە ۋە پايانسىز ئالەمنىڭ يارىتىلىشىدىكى قانۇنىيەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. تۆۋەندە ھارۇن يەھيا بىلەن ئاددىيلا تونۇشۇپ چىققاندىن كىيىن، ئۇنىڭ «ئاللاھ مۆجىزىلەردىن ئاياندۇر» ناملىق كىتابىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈپ چىقىمىز.

ئارخىپ: ئادنان ئوكتارنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى

ئادنان ئوكتار (ھارۇن يەھيا) 1956- يىلى ئەنقەرەدە تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئەنقەرەدە سەيىد نۇرسى قاتارلىق مەكتەپلەردە مەخسۇس ئىسلامىي ئەسەرلەرنى ئۈگەنگەن. 1979 - يىلى ئوكتار ئىستانبۇلغا كىلىپ، مىمار سىنان ئۇنۋېرىستىتى (Mimar Sinan Üniversitesi) گە كىرگەن.بۇ دەل تۈركىيە سىياسىتى دىنسىزلىقنى كۈچەپ تەشۋېق قىلىۋاتقان. ئىسلامىي ئەركىنلىك ھە دېگەندە چەكلىمىگە ئۇچىراۋاتقان ۋاقىت ئىدى. بۇ خىل مۇرەككەپ مۇھىت ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى.
1980 - يىللىرى ئوكتان ئەتىراپىغا پىكىرداش ياشلاردىن يىغىپ، ئۆزىنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلايدۇ. بۇ ياشلار ئاساسەن ئىستانبۇل جەمئىيىتىدىكى نۇپۇزلۇق ۋە گۈللىنىۋاتقان ئائىلەرنىڭ بالىلىرى ئىدى. 1982- يىلىدىن 1984 - يىلىغىچە 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان بىر ياشلار ئەتىرىتى رەسمىي شەكىللەندى، ئۇلار ئاساسەن نۇپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ بالىلىرى بولۇپ، كۆپىنچىلىرى شەخسىي مەكتەپلەردە ئوقۇيىتتى. ئوكتار بۇ ياشلارغا يىڭىچە ئۇسۇلدا ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلايدۇ.ئۇ ماركىسىزىم، كوممۇنىزىم ۋە ماتېرىيالىزىملارغا قارشى تۇرۇپ، «تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيسى» ۋە «دارۋېنىزىم» نى ئۆرۈپ تاشلاشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ.
1986 - يىلى ئوكتار، ئىستانبۇل ئۇنۋېرىستىتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتىتىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ياشلارنى قانداق قىلىپ ئەتىراپىغا ئۇيۇشتۇرغانلىقى ۋە مەسچىتلەردە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ھەققىدىكى ماقالىلەر تۈركىيەدىكى نۇپۇزلۇق ژۇرنال «نوقتا» نىڭ باش تىمىسىغا ئايلىنىدۇ. باشقا ئۇنۋېرىستىتلاردىن نۇرغۇن ياشلار ئۇلارنىڭ ئەتىرىتىگە قوشۇلۇشقا باشلايدۇ ۋە ئوكتار ناھايىتى تىزلا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسىغا ئايلىنىدۇ. شۇ يىل ئاخىرىدا ئۇ «يەھۇدىي دىنى ۋە يۇشۇرۇن جەمئىيەت»(Judaism and Freemasonry) ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلىپ، ئۇنۋېرىستىت، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، ۋە ئاخباران ۋاستىلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ يۇشۇرۇن كونتروللىقىغا چۈشۈپ قالغانلىقىدەك كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 1986 يىلى ئوكتار پېسخىكا كىسەللىكىلىرى دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرى ئاپىرلىدۇ ۋە يۇقارقى كىتابى ئۈچۈن ئون ئاي شۇ يەردە «جازا» لىنىدۇ. 80 - يىللاردىن 90 - يىللاغىچە ئوكتار كەڭ كۆلەملىك ياشلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ۋە خالىس ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ تەشكىللەيدۇ. ئۇلارنىڭ خالىس ئۇيۇشمىسى تىز سۈتەتتە كىڭىيىپ، بۈگۈنگە كەلگەندە خەلقارا تەسىرگە ئىگە چوڭ تىپتىكى خالىس جەمئىيەتلەردىن بولۇپ قالىدۇ.
1990 - يىلى ئوكتار يەنە «پەن - تېخنىكا تەتقىقات فوندى» (Bilim Araştırma Vakfı) نى قۇرىدۇ. ۋە دارۋېنىزىم، ماتىرىيالىزىمغا قارشى ئالىملارنى جەملەپ كەڭ كۆلەملىك مۇنازىرە (سېمىنار) لارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ مەزكۇر فوندى تىز تەققىي قىلىپ، ھازىرغا كەلگەندە غەرىپ ئىدئولوگىيە مۇستەملىكچىلىكى دارۋېنىزىم ۋە ماتىرىيالىزىمغا قارشى نۇپۇزلۇق ئورگانغا ئايلىنىدۇ.
1994 يىلى «ئىسلام پاراۋانلىق پارتىيسى» (ئادالەت تەرەققىيات پارتىيىسى) ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەنىڭ سىياسىي كونتىروللىقىنى قولغا ئالىدۇ ۋە ئوكتار باشچىلىقىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر تېخىمۇ ياخشى قوللاشقا ئىرشىدۇ.
1995 - يىلى ئوكتار «تۇركىيە مىللىي قىممەت - قارشىنى قوغداش فوندى» (Turkish Millî Değerleri Koruma Vakfı) نى قۇرىدۇ ۋە تور ۋاستىسى ئارقىلىق ئاتا تۈرۈك مۇستاپا كامال ئىدئولوگىيسىدىكى كونسىرىۋاتىك مىللەتچىلەر ۋە مۇستەقىل قاراشتىكى كۆپلىگەن شەخىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.1997 - يىلى ئەرباقان ھۆكۈمىتى تەخىتتىن چۈشۈپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھوقۇقنى ئىگەللىگەندىن كىيىن، ئوكتار باشچىلىقىدىكى مەزكۇر فوندى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ.
1999 - يىلى ئوكتار «مەجبۇرىي ۋاستىلەر بىلەن شەخسىي نەپ كۆزلەپ تەشكىلات قۇرغان» دېگەن باھانىدە قولغا ئېلىنغان ۋە ئىككى يىلغا سوزۇلغان سوت ئېچىشلاردىن كىيىن ئەيىبلەش بىكار قىلىنغان. 2001 يىلى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇ «ئىسلام تېرورىزىمغا قارشى» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلغان.
ئۇ «پەن - تېخنىكا تەتقىقات فوندى» نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋاقىتلاردا، تۈركىيەدە نەچچە يۈزلىگەن ئۇيۇشمىلارنى تەشكىللەپ، پۈتكۈل خەلقاراغا ئىسلامىي كىتابلارنى ساتىدىغان، چوڭ تىپتىكى ئىسلامىي نەشىرىيات شىركەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭغا «مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئاپتورلارنىڭ بىرسى» دەپ باھا بېرىلگەن.
2001 - يىلى ئوكتار، سۇدان خان جەمەتى ئىسلام دىنى ئسىتىراتىگىيلىك تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ چوڭ 500 مۇسۇلماننىڭ ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئىلمىي ئەمگەك ۋە ئەسەرلىرى

ئوكتار «ھارۇن يەھيا» تەخەللۇسىدا نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە ناھايىتى كۆپ ئورگان ۋە فوندىلارنى تەسىس قىلغان. ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ھارۇن يەھيا تورى دىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە داڭلىق بىر ناتىق سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى چوڭ تېلىۋېزىيە قاناللىرىدا ياشلارغا سۆز قىلىپ، نۇتۇق سۆزلەرپ تۇرىدۇ.

ئەسەرلىرىدىن ئارىيە: ئاللاھ مۆجىزىلەردىن ئاياندۇر

 


ئىلاۋە: مەزكۇر يازما پەقەت توردىن توپلىغان يۈزەكىي ماتېرىياللار بىلەن تەييارلاندى، بىلىمىمنىڭ چولتىلىقىدىن زور خاتالىقلارغا يول قويغان بولىشىم مومكىن، "تۈزۈتۈشلەر بېرىلسىكەن" دېگەن ئۈمۈدۈم باردۇر.

جەمئىي 2 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 1 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:1 دانە

  1. ئۇيغۇر ئوغلان : 2013-يىل07-ئاي15-كۈن07:04:10  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    تەشناجان ، رامزانلىق تەتۈر ساناقنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلدىغۇ دەيمەن.

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟