IT ساھەسىگە قىزىقىدىغان ھەربىرىمىزنىڭ خەۋەر تاپقىنىدەك 4 - ئاينىڭ 2 كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە ئامىرىكىنىڭ سانفىرانسىسكو شەھرىدە مىكروسوفىت Build 2014 ئاچقۇچىلار چوڭ يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا مىكروسوفىت شىركېتى پىروگرامما تۈزگۈچىلەر ۋە كەڭ ئىستىمالچىلارغا ئاز بولمىغان يىڭى ئۇچۇر ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىلان قىلدى. بەزى كىشىلەر بۇ قىتىمقى يىغىلىشنى مىكروسوفىتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشنى تەڭشەپ، ئىستىراتىگىيە بەلگىلىشىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش دەپ قارىدى. گەرچە بۇ قىتىم ئالاھىدە كۆپ يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنمىغان بولمىسىمۇ، كىشىلەرگە مىكروسوفىتنىڭ رىقابەتچىلىرىگە قارىتا قايتىدىن ھوجۇمغا ئۆتكەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بەردى. خوش ئۇنداقتا بىزمۇ IT پاراڭلىرى سەھىپىمىزدە بۇ قېتىمقى يىغىلىش ھەققىدە قىسقىچە پاراڭ سوقايلى.
مىكروسوفىت بۇ قىتىمقى يىغىلىشتا رەسمىي ھالدا WP8.1 ۋە Winodws 8.1 نىڭ مۇھىم يىڭىلانما ياماقلىرىنى، Lumia930/630/635 تىپلىق ئۈچ يۈرۈش ۋېندوۋس سېستىمىلىق تىلىفۇنىنى ئىلان قىلغاندىن سىرىت تىلغا ئالغۇدەك يىڭى مەھسۇلات ئىلان قىلمىدى. تورداشلار تەلپۈنىۋاتقان Surface mini ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر ئاشكارلىمىدى. ئاساسلىق گەپلەر يەنىلا Windows تىن ئىبارەت قىرى ماركىنى چۆرىدىگەن ئاساستا بولۇندى.
[t]WP8.1 غا Cortana ئاۋازلىق ياردەم ئىقتىدارى سەپلىنىپ ئاندرويىد ۋە ئالمىلارغا جەڭ ئىلان قىلدى[/t]
Cortana نۆۋەتتىكى WP8 نىڭ ئىزدەش پىروگىراممىسى ئورنىغا دەسستىلىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل تېلىفۇندىكى ھۆججەتلەرنى ئاۋازلىق بۇيرۇق بىلەن ئىزدەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇ خىل قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەتكۈچىلەر تېلىفۇنلىرىدىكى ھۆججەتلەرنى قولاي ئىزدېگەندىن سىرىت، ئاۋازلىق بۇيرۇق بىلەن تېلىفۇن ئۇرۇش، قوبۇل قىلىش، ئۇچۇر يوللاش، خاتىرە يېزىش ۋە تەڭشەكلەرنى ئۆزگەرتىشتەك بىر تالاي مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ. Cortana بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق بۇيرۇق قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاۋازى، ئادىتى، ۋە قىززىق نوقتىلىرىغا ئاپتوماتىك ماسلىشىپ، ئىجرا ئۈنۈمىنى ئۈلۈكسىز ئاشۇرالايدۇ.
WP8.1 تېلىفۇنلىرىغا Cortana ئاۋازلىق بۇيرۇق قۇرۇلمىسى سەپلەنگەندىن سىرىت تۆۋەندىكىدەك بىرقاتار يىڭىلىقلار قوشۇلدى:
يىڭىچە ئىكىران قۇلۇپپىسى ئالماشتۇرۇلدى.
يىڭىچە ئۇچۇر مەركىزى تەمىنلەندى.
كارخانىچىلارغا خاس بولغان VPN ئىقتىدارى سەپلەندى.
ئەپ دۇكىنى پاسون ئۆزگەرتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇلدى.
يىڭىچە Wi-Fi Sense ئىقتىدارى قوشۇلۇپ، دوسىتلار ئارا WiFi پارولىنى بەھىرلىنىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
Skype رەتلىنىپ، ئاۋازلىق ۋە سۈرەتلىك پاراڭلىشىش ھالىتىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان قىلىندى.
كونۇپكىلىق كىرگۈزۈش جەھەتتە يەنىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇلدى.
IE11 دا «مەخپىي زىيارەت» ۋە «ئوقۇش ھالىتى» دىكى زىيارەت ئىقتىدارى سەپلەندى.
[t]مىكروسوفىت ئۈسكۈنىلەر ئارا سېغىشچانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىكىرانلىق ئۈسكۈنىلەرگە مونۇپۇللىقنى باشلىۋەتتى[/t]
Windows 8.1 Update بۇ قىتىم ئاساسلىق كۈچنى ئىشلەتكۈچى - ئۈسكۈنە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قولايلاشتۇرۇشقا قاراتتى. ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر Windows8 نىڭ كومپىيوتېردىكى ھالىتىگە تازا كۆنەلمىگەنلىكىنى، ھەتتا بىر قىسىم كومپىيوتېر شىركەتلىرى بۇ ھەقتىكى ئوچۇق ئەيىبلەشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مىكروسوفىت تاختا يۈزلۈك ئۈسكۈنىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈستەل يۈزلۈك ئۈسكۈنىلەردە ئىشلەتكۈچىلەر تەسىراتىغا سەل قارىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىپ، Windows 8.1 Update ماۋۇس ۋە كونۇپكا تاختىسى ئىقتىدارلىرىنى كۈچەيتىپلا قالماي، Modern UI ئۇسلۇبىدىكى مىترو كۆرۈنمىلەرنىڭ ئۈنۈم دائىرىسىنى تېخىمۇ كىڭەيىتتى.Windows 8.1 Update نىڭ يىڭىلاش يامىقى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى رەسمىي تارقىتىلىدۇ.
مىكروسوفىت Windows ئەپلىرىنىڭ ئۈستەل يۈزلۈك كومپىيوتېر، تاختا كومپىيوتېر، تېلىفۇن ۋە Xbox One مۇھىتىدا نورمال ئىجرا بولىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. يەنى، بۇنى ئىكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش دەپ چۈشەنگىنىمىزدە بۇنىڭ دەۋىر بۆلىگۈچ قىممەتكە ئىگە بىر يىڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. دېمەك، كېيىنكى يۈزلىنىشتە ۋېندوۋس سېستىمىلىق ھەرقانداق ئۈسكۈنە ئارا بارلىق ئەپلەر سېغىشچانلىققا ئىگە بولىدۇ. دېتال ئاچقۇچى تەرەپنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە يىنىكلەيدۇ.
بۇنىڭدىن سىرىت Windows نىڭ قولى ھازىر ئەڭ قىززىق نوقتا بولىۋاتقان كائىنات تورى(物联网- مەن شۇنداق ئالدىم)غىمۇ سوزۇلغان بولۇپ، تۇنجى Windows سېستىمىلىق پىئانىنونى مەيدانغا كەلتۈردى. يەنى بۇخىل پىئانىنوغا Windows سېستىمىسى قاچىلانغان بولۇپ، Windows ئەپلىرى نورمال ئىجرا بولىدۇ ۋە پىئانىنونى تەڭشەش، چالغۇچىنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.
[t]ئۈچ يۈرۈش يىڭى تىپتىكى تېلىفۇن بازارغا سېلىندى، WP8.1 غا كۆچمەسلىككە باھەنە قالمىدى[/t]
مىكروسوفىتقا قوشىۋېلىنغان نوكىيا يىقىندا بايراقدار مەھسۇلاتى بولغان Lumia 930 نى بازارغا سالدى(ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇرۇنلا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، Lumia ICON نىڭ خەلقارالىق نۇسخىسىدىن ئىبارەت). Lumia 930 گە 5 سۇڭلۇق 1080P ئىكىران، MSM8974 تۆت يادرولۇق 2.2GH چاستوتىلىق بىرتەرەپ قىلغۇچ، 20 مىليۇن پېكىسللىق ئاپپارات سەپلەنگەن بولۇپ PureView تېخنىكىسىنى قوللايدۇ. بۇ تىپلىق تېلىفۇننىڭ ئاق، قارا، ئاپلىسىن، يىشىل رەڭلىك نۇسخىلىرى بار، تاشقى قۇرۇلمىسىغا مىتال قاپچۇق ئىشلىتىلگەن، سىمسىز توك قاچىلاش ئىقتىدارى سەپلەنگەن.
Lumia 930 دىن سىرىت نوكىيا يەنە يىڭىدىن ئىككى يۈرۈش ئوتتۇرا تەننەرىخلىك Lumia 630/635 تېلىفۇنلىرىنى بازارغا سالدى. بۇ تىپتىكى تېلىفۇنلارغا 4.5 سۇڭلۇ 800x480 پېكىسىل ئېنىقلىقتىكى ئىكىران، 1.2GH چاستوتىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1GB RAM+8GB ROM ئىچكى سىغىم ۋە ساقلىغۇچ، 5 مىليۇن پېكىسىللىق ئاپپارات سەپلەنگەن.
Lumia 930 بۇ يىل 6 - ئايدا ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا بازارلىرىغا سېلىنىدۇ، نۆۋەتتىكى بىكىتىلگەن باھا 599 دوللار(3721.587 يۈەن) . Lumia 630/635 تىپلىق تېلىفۇنلار 5 - ئايدا ئاسىيا بازارلىرىغا سېلىنىدۇ ۋە ئۇلاپلا ئوتتۇرا شەرىق ياۋروپادا سېتىلىشقا باشلايدۇ.نۆۋەتتىكى بېكىتىلگەن باھا 189دوللار(1172 يۈەن) ئەتىراپىدا بولىدۇ.
خەۋەرلەردىن كۆرە، بۇندىن كېيىن يىڭى تىپتىكى Windows تېلىفۇنلىرىغا WP8.1 قاچىلىنىدۇ، 4- 5 - ئاي ئىچىدە WP8.1 چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدۇ، ئېلىگىرى سېتىۋالغان WP8 تېلىفۇنلىرىنى بىردەك WP8.1 نەشر كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
خولاسە كالام
مىكروسوفىت بۇ قىتىم رىۋايەتلەردىكى Surface mini ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى، بىراق بۇندىن كېيىن 9 سۇڭدىن كىچىك كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە Windows سېستىمىسىنىڭ ھەقسىز تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئىلگىرىكى تور غەيۋەتلىرىگە كۆرە، مىكروسوفىتنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشى سەزمە ئىكىرانلىق ئۈسكۈنە سېستىمىلىرىغا يۈزلىنىدۇ دەپ قارالغان بولسىمۇ، بۇ قىتىمقى يىغىلىشتىن شۇنداق خولاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى: مىكروسوفىت ھەرزامان Windows نى مەركەز قىلغان ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ، Windows سېستىمىسىنى ئۈسكۈنىلەر ئارا سىغىمچانلىققا ئىگە قىلىنىپ، IOS, Android ھەتتا Linux سېستىمىلىرىغا تاقابىل تۇرىدۇ ۋە بازار ئىگەللەيدۇ. دېمەك Windows ھامان مىكروسوفىت قولىدىكى گۆھەرلىك ئورنىنى يوقاتمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ئىجادىي بولۇپ خەۋەر توربەتلىرىگە مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن چاپلىنىپ قالسا يىنىك بولغاندا ئەخلاقسىزلىق، ئىغىر بولغاندا نۇمۇسسىزلىق قىلمىشىغا چۈشىدۇ. بلوگداشلارنىڭ بۇ قىتىمقى يىغىلىش ھەققىدە كەڭ كۇشادە پاراڭغا جۈر بولىشىنى ۋە نەزەردىن چۈشۈپ قالغان يىڭىلىقلارنى ئىنكاس شەكلىدە بەھىرلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
مەن Microsoft نى بازار رىقابىتىدە ئىنتايىن كەسكىن دەپ ئويلايمەن.ئالدىنقى يېلى جۇڭگۇدىن باشقا دۆلەتلەردە MSN مۇلازىمىتىنى توختاتى. بۇ قېتىم تېلېفۇن ساھەسىگىمۇ يەنە بىر چوڭ قەدەم ئالدى. تېپىك يۇمشاق دېتال شىركىتىدىن باشقا ئاۋامغا يۈزلەنگەن قاتتىق دېتال مۇلازىمىتىگىمۇ يۈزلەنگەندەك ھېس قىلدىم.
ھەركىم ھەرنېمە دەيدۇ، لېكىن مىكروسوفىتقا يەنىلا قول قويماي تۇرالمايدۇ، شەخسەن مەن شۇنداق!
ISO, Android ھەتتا Linux سېستىمىلىرىغا تاقابىل تۇرىدۇ.
================
توغرىسى iOS
تۈزۈتۈپ قويدۇم، رەھمەت سىزگە…
«Windows سېستىمىسىنى ئۈسكۈنىلەر ئارا سىغىمچانلىققا ئىگە قىلىنىپ،»
سىغىمچانلىق دەپ ئېلىش تازا توغرا بولمىغان ئوخشايدۇ. سىغىشچانلىق دەپ ئېلىنسا قانداق؟…
مېنىڭ پەرزىمچە ISO بىلەن Windows بىزنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللىشىمىز بوپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەمما Windows سۇپىسى ISO سۇپىسىدىن بىر نەچچە قەدەم كەينىدە قالدى. كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئايفون، ئايپەد … قاتارلىقلار خېلە بۇرۇنلا ئۆز ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى بېسىپ چۈشتى. ئاندرويىد سىستېمىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىللىكى سىستېمىنىڭ ئىجرا بولۇشى ئالدىنقى ئىككى سۇپىغا قارىغاندا تازا ياخشى ئەمەس. ھەم قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى بەك يۇقىرى. نېمىلا دېگەن بىلەن ۋىندوۋس بىلەن ئالمىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن سۇپىسى بار، ئاندرويىد ئۆزىدىكى كەمچىللىكنى مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە تۈزەتمىسە ۋىندوۋس تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بار.
بەزى خەۋەرلەردە Windows 9 سىستېمىسى مىكروسوفتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھەقلىق سىستېمىسى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارمىش، چۈنكى لۇنۇكس ئاساسىدىكى ئۇبۇنتۇلار يېقىنقى ئىككى ئۈچ يىلدىن بويان تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولىۋېتىپتۇمىش. مىكروسوفت ئەمدى بولغاندا سىستېمىسىنى ھەقسىز تەمىنلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ بازارغا ئىگە بولۇش مەقسىتىگە يېتەلىشى مۇمكىن. چۈنكى ۋىندوۋس سىستېمىسى ئالما سىستېمىسىدىن قالسىلا مۇقۇم ئىشلەيدىغان سىستېمىلارنى بىرى(شەخسىي قارىشىم).
ISO سۇپىسىنىڭ تەرەققىياتىنى سەل قاراشقا بولمايدۇ. بەلكىم بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ISO سۇپىسى ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىل، توڭلاتقۇ، ئىسسىتقۇ، شامال ئۇرغۇ …. قاتارلىق غۇ لار تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا كىرىشى مۇمكىن.
شۇنداق، سىغىشچانلىققا دەپ ئالساق توغرا بولىدىكەن.
ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا IOS ياكى Windows سېستىمىلىرى سەپلەنگەن بىرقاتار ئۈسكۈنىلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئالما شىركېتىدىن بىرقەدەم كېيىن بولسىمۇ، بۇ قېتىم مىكروسوفىتتىكىلەر ماشىنا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، Win8 مەشغۇلات سېستىمىسى سەپلەنگەن ئاپتوماتىك قۇرۇلمىلىق ماشىنىلارنى بازارغا چىقارماقچى بوپتۇ. ئاۋۇ كائىنات تورى دېگەن موشۇنداق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەتە – ئۆگۈن سىز – بىزنىڭ پىشانىمىزگە سىكانتىېرنى تەڭلەپلا ئىككىلىك كود ئوقۇپ ئالغاندەك بارلىق ئۇچۇرلىرىمىزغا ئىرىشەلەيدىغان قىلماقچى بۇلار :ھا ھا:
كاتتا يىغىلىش بوپتۇ دە بۇ، ماۋۇ بلوگنىڭ تېلىفۇن نۇسخىسىغا ئىچىم كۆيىۋاتىدۇ مېنىڭ!
ئەسسللام . مەن مىكرو سوفىتنىڭ DreamSpark غا ئەزا بولاي دېگەن لېكىن مەكتەپ ئۇچۇرىنى تولدۇردىغان يەرگە قانداق تولدۇرساممۇ يەنە بولمىدى . سىز DreamSpark غا ئەزا بولسىڭىز ماڭا بىر يول كۆرسەتسىڭىز . مەن شىنجاڭ ئونۋىرسىتىدىن بولىمەن .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئاۋۋال ئادەتتىكى توربەتكە تىزىملاتقاندەكلا ھېساۋات تۇرغۇزىسىز، كىرگەندىن كېيىن دەلىللەش دەپ بىر يەر بار، شۇ يەرنى بېسىپ، تەلەپ قىلغان ئۇچۇرلارنى تولۇق تولدۇرىسىز، ئەڭ مۇھىمى: مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئېلىخەت مۇلازىمىتى، مەسىلەن: xxx@xx.xx.edu.cn دېگەندەك. ئاخىردا دەلىللەش نومۇرىنى ئاشۇ مەكتەپ ئېلىختىڭىزگە ئەۋەتىدۇ، شۇنى تېپىپ كېلىپ تولدۇرسىڭىزلا ھېساۋاتىڭىز دەلىللىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىڭىز تاماملانغىچە مىكروسوفىتنىڭ كاتتا قوراللىرىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز. ئۇتۇق تىلەيمەن..
بىزنىڭ مەكتەپ بىزگە ئۇنداق ئىلخەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدىغان ئوخشايدۇ . مەن دەل شۇ ئىلخەت تولدۇردىغان يەرگە كەلگەندە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،«WP8.1 غا Cortana ئاۋازلىق ياردەم ئىقتىدارى سەپلىنىپ ئاندرويىد ۋە ئالمىلارغا جەڭ ئىلان قىلدى» ماۋۇ ئىقتىدارنىڭ ئىپتىدائىي نۇسخىسى بۇرۇنقى نوكىيا تېلفۇنلىرىدىمۇ بار ئىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەشنايى ،مەن بىلوگىڭىزدا كۆرسەتكەن تېلفون ئۇسلۇبىنى قاچىلىغان ئىدىم ،ئەمما تېلفوندا زىيارەت قىلىب ئىنكاس يوللىسام اۇنىكسىيە خاتالىغى چىقىۋېلىب بارىدۇ ،بىر ياردەم قىلىۋەتكەن بولسىڭىز .ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن !
مېنڭ كوت كوت 2908926086 ، ئۈندىدار :18904862873
ئىمكان بولسا مۇشۇ قىتىملىق Build 2014 يىغىنىنىڭ سىن ھۆججىتىنىڭ يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكىسىنى تاپقان بولساق مىنىڭ ئۇنى ئىشلىتىپ كۆپچىلىككە سۇنىدىغان بىر سوۋغام بار ئىدى . كۆپچىلىك مۇشۇ ھەقتە بىر ئىزدىنىپ باقساق . 1080 ئېنىقلىقتىكىسى بولسا تېخى ياخشى . خەۋىرىڭلارنى كۈتىمەن . مۇشۇ يەرگە ئىنكاس يازساڭلار بولىدۇ . مەن كىرىپ كۆرۈپ تۇرىمەن .
مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭ 720P ئېنىقلىتىكى نۇسخىسىنى ساقلىۋالغان. 1080 ئېنىقلىقتىكىسىنى ئۇچىرىتىپ باقمىدىم.
720P ئېنىقلىقتىكىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://pan.baidu.com/s/1o6BdWVK xm11
ئورگان تەرەپنىڭ تارقاتقان فىلىمى ماۋۇ ئادرېستا بار ئېكەن. http://channel9.msdn.com/Events/Build/2014/KEY01?format=auto لېكىن بۇمۇ شۇ 720P ئوخشايدۇ. لازىم بولسا ماۋۇسنىڭ ئوڭ دولىسىنى بېسىپلا چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدىكەن!
ئەڭ مۇھىمى ھەممىسىگە ئۇيغۇر تىلى قىتىلسا ياخشى بولاتتى ئۇنىڭغىمۇ ئازقالدى