Home >  > خاتىرەمدىن(7) : كومپىيۇتېر ھەققىدە قىسسە(2)!

خاتىرەمدىن(7) : كومپىيۇتېر ھەققىدە قىسسە(2)!

5

خاتىرەمدىن(7) : كومپىيۇتېر ھەققىدە قىسسە(2)!

doctorate-in-computer-science
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!
ئاۋال ئېلىكىتابىنى چۈشۈرۋالامسىلە! http://yunpan.cn/QNbJBicsHZFqF (访问密码:db81)
خاتىرىمىز ۋاراقلىنىۋاتىدۇ ...ھىكايىمىز داۋاملاشماقتا سۆزلەپ قەيەرگە كەلگەنتۇق؟
ھە راس 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندى. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غايەت-نەتىجىلەرنىڭ بىرى ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خاتىمە تامغىسى ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەرەقىياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولغان كومپىيۇتېرنىڭ يېڭى ھاياتى ، تېخىمۇ قىززىق سەرگۈزەشتىللىرى مانا ئەمدى باشلىندۇ.
th
ئىلگىرى ئۇنچە قەدرى بىلىنمىگەن بۇ قەھرىماننىڭ قەدرى شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىكى ئاجايىب (جەڭ ماھارىتى) ئارقىلىق رەسمى كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى،ئىلگىركى قورال ياراغ ياساش ، جەڭ پاراخوتى ياساش ، خېمىيىلىك بومبا – يادرو تەتقىقاتىغا قىرغۇچى ئايروپىلانلارغا سېلىنغا غايەت-زور مەبلەغلەر گەرچە قىلچىلىك تۆۋەنلىمىگەن بولسىمۇ ، دۆلەتلەر يەنە شۇنىمۇ ھىس قىلىتىكى ئەمدىكى ئۈرۈش چەيدو-پىچاق كۆتۈرۈشۈپ ، ياكى چالما ئېتىشقاندەك قالايمىقان بومبا ئېتىش بىلەن ئەمەس ئىشخانىدا __ ئايلانما ئورۇندۇقتا ئاخسا ئولتۇرۇۋېلىپ كونۇپكا يەنى بارماق بىلەنلا قىلىندىغان ئۇرۇش ئىدى. ئۇلار ئەمدى كۆتەك ھارۋىدەك كېلەڭسىز تانكىلار-زەمبىرەكلەر ، ئىككى تۆتتال بومبىغا تاينىپ جاھاندارچىلىق قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشقان ئىدى.
hd-military-wallpapers-63
ئەنە شۇ ھىس قىلىش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىشنى ، رەقەملىك ئۇرۇشنى مەيدانغا كەلتۈردى. شۇنداق كۆپىنچە تەرەققىياتلار ئەڭ ئاۋال ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىقتىن ، ئاندىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئىشلار ئىھتىياجىدىن ، ئۇندىن قالسا سەھىيە ، مائارىپ .... قاتارلىقلار ئۈچۈن بارلىققا كېلىدىكەن. كومپىيۇتېرمۇ ئەڭ دەسلەپ دەل مۇشۇ ئېتىياج تۈپەيلى بىر ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى يەنى ئۇرۇش.
War1
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا باشلانغان تەرەددۇت بىلەن ئامېركا ئارمىيەسى بۇ ئىشقا يەنى كومپىيۇتېر تەتقىقاتىغا ئەڭ دەسلەپ كۈچىگەن ئارمىيە بولۇپ قالدى
.war
چۈنكى ئۇلاردا باشقا دۆلەتلەردىن ئوكيان ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرۇشتەك بىر قەدەر خاتىرجەم تەتقىقات مۇھىتى ، شەرىق تەرەپتە يەرشارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يەنە بىر دۆلەت سابىق سېۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ، تىنىچ ئوكيان ئارقىلىق پىئورىل-خاربور ۋەقەسىنىڭ ئاپتورى ياپونيە بىلەن چىگىرداش بولۇشتەك (پايدىلىق) جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ئەڭ مۇھىمى دۇنيا ئۇرۇشى ۋەھىمىسىدە پاناھ ئىزدەپ يەرشارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىللىرى ، ئالىملار ، تەتقىقاتچىلار بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ 1946-يىلى يىل بىشىدا دۇنيادىكى تۇنجى كومپىيۇتېر دەپ ئاتالغا ئىلىكتىر زەررىتى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىندىغان ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى دەرىقىدىن تاشقىرى ھىسابلاش ماشىنىسى ئامېركا پىنسلۋانىيە ئۇنۋىرستىتىدا بارلىققا كەلگەن. مىنىڭچە بۇ ھەقتە ئالدىنقى يازمامغا يوللانغان مونۇ قىممەتلىك ئىنكاسنى نەقىل شەكلىدە ئالايلى!

نەقىلى: ئەڭ دەسلەپكى كومپىيۇتېر ENIAC(ئىسمىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى Electronic Numerical Integrator and Calculator )
1946-يىل 2-ئاينىڭ14-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن پىنسلۋانىيە ئۇنېۋېرسىتىتىدىكى( mauchly )دوكتۇر ھەم ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى( eckert)تەرىپىدىن بارلىققا كەلگەن ،بۇنىڭغا18800دانە ۋاكۇئۇم لامپا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 ئىنگىلىزچىسى،كەڭلىكى 30 ئىنگىلىزچىسى، ئىگىلىگەن ئورنى 1500 كىۋادرات فوت (تەخمىنەن بىر سىنىپتىن چوڭراق يۇقارقى بىرلىكلەرنى تىلىمىزدا قانداق ئاتايدىغىننى بىلمىدىم)،ئېغىرلىقى 30 توننا بولۇپ، سېكۇنتىغا 5000قېتىم قوشۇش ھىسابلاش مەشغۇلاتى قىلالايدىكەن. ئىيتشلارچە بۇ كومپىيۇتېرنىڭ توك سەرپىياتى بەك يۇقىرى بولغاچقا ھەرقتىم قوزغالسا فىلادېلفىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى بارلىق ئېلىكتىر چىراغلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا ۋاكۇئۇملۇق لامپىنىڭ خورىشى بەك يۇقىرى بولۇپ تەخمىنەن ھەر 15 مىنۇتتا بىر ۋاكۇئۇملۇق لامپا كۆيۈپ كېتىش ئىھتىمالى بولغاچقا مەشغۇلاتچى خادىملار ھەر15 مىنۇتتا كۆيۈپ كەتكەن لامپىنى تېپىپ بىرتەرەپ قىلىدىكەن.دىمەك ئىشلىتىش ناھايىتى قولايسىز،ئاۋارىچىلىقكەن.شۇنىڭدىن 50 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن 1994-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا intelشىركىتى دۇنيا بويىچە ھىسابلاش سۈرئىتى ئالاھىدە تىز كومپىيۇتىرنى ياساپ چىققان بولۇپ ئۇنىڭ ھەر سېكۇنتلۇق قوشۇش ھىسابلاش مەشغۇلات سۈرئىتى 3280000000000 قېتىم،ئەسلىدىكى كومپىيۇتېرغا قارىغاندا 66000000 ھەسسە تېز بولۇپ ئۇنىڭ سېكۇنتتا قىلغان مەشغۇلاتىنى ئادەم تاماملاش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز توختىماي ھىسابلىسا ئونمىڭ يىلدىن كۆپ ۋاقىت كىتىدىكەن.1996-يىل2-ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنيادا كومپىيۇتېر بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى( Albert Gore, Jr.) ئەڭ دەسلەپكى ئاشۇ كومپىيۇتېرنى ئۆز قولى بىلەن بىرقېتىم قوزغىتىپ بۇ كۈننى خاتىرلىگەن.
fulllengths-vision-1
ئاۋال يۇقارقى ئىنكاسنىڭ يازغان بارخان قېرىندىشىمغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئىنكاستا دىيىلگەن سانلىق مەلۇماتلار ۋە تارىخى ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقىغا كاپالەت بېرىمەن.

شۇنىڭدىن كىيىنكى بىرقانچە يىلدا ، يەنى كومپىيۇتېرغا ئاتاپ ياسالغان يېڭى سايمانلارنىڭ كەينى كەينىدىن بارلىققا كېلىشى بىلەن تەرەققىياتى ئىلگىركىدىن نەچچە ھەسسە تېزلىشىپ كەتتى ... راستىنى ئېيتسام كومپىيۇتېرنىڭ قانداق قىلىپ تەخمىنەن 1000 كىۋادىرات مىتىر چوڭلۇق ، 30 توننا ئېغىرلىقتىن بىراقلا بىر ئىشكاپچىلىك ھالەتكە كەلگەنلىكىگىچە بولغا ئارلىقتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلمىدىم. ئاندىن مۇنداق پەرەز قىلدىم ، ئىنتىل شىركىتى ئۆزەك ياساش تېخنىكىنى ئىزچىل ياخشىلىغان ۋە ئۆزەكنىڭ ھەجىمىنى داۋاملىق كىچىكلەتكەن شۇنداقلا ....IBM... شىركەتلەر بۇ ساھەگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ كومپىيۇتېر تەتقىقاتىغا كىرىشكەنلىكى ئۈچۈن كومپىيۇتېرمنىڭ ئومى ھەجىمۇ سايمانلىرىنىڭ كىچىكلىشى نەتجىسىدە تەبئىي ھالدا كىچىكلەپ بارغان بولۇشى ئىھتىمال.
New-Technology-in-Computer-Science-Computer-Science
قىسسەيىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرساق ... يېڭى دەۋىر كومپىيۇتېرنىڭ ئاۋانگارت تەتقىقاتچىللىرىدىن بىلگيتىس ۋە سىتىۋىن جوبىس قاتارلىقلارنى ئۇچۇرتالايمىز ... ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى قۇرۇلغان ۋاقتى 1976- يىلى بولسا مەزكۇر يېڭى كومپىيۇتېرلارنىڭ تەتقىقاتى تەخمىنەن 70- يىللار ئالدى – كەينىدە باشلان بولۇشى مۇمكىن.ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرلەردە كومپىيۇتېر كەسپىنىڭ ماشنسازلىق ، كېمىسازلىق ... ۋە باشقا كەسىپلەردىن ئېشىپ دۇنيادىك ھۆكۈمران كەسىپ بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ، ئىدارە ئورگانلاردىن ھالقىپ ھەربىر ئائىلىلەرگىچە كىرىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.مىنىچە ئاخىرنى داۋاملىق ئىچكىرلەپ سۆزلىمىگىنمىزدىمۇ قېرىنداشلار جوبىس بىلەن بىلگايتىسنىڭ رىقابىتىنى ، ۋىندوۋىسنىڭ مۇۋەپىققيەت ۋە يېڭىلىقلىرىنى ، ۋە كىيىنچە مەيدانغا كەلگەن ۋىندوۋىس ئىمپىريىسىنى .... ئاخىردا بولسا بۇ ساھەدە كەينى – كەينىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ياكى چىقىۋاتقان چوڭ كىچىك خانلىق ۋە بەگلىكلەرنى بىلىدىغۇ دەيمەن.
Apple-Android-iOS-colmillos-malvada-manzana

Apple-VS-Android-HD-For-Desktop-Wallpaper1

خوش ئۇنداقتا بۇ قىسسەيىمىزنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرايلى! خاتىرىمىزنىڭ بىرىنجى بابىنى مۇشۇ 7 قىسىملىق ھىكايىمىز بىلەن مۇشۇ يەردە يېپىپ قۇيۇپ تۇرايلى!

خوش ئۇنداقتا بۇ قىسسەيىمىزنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرايلى! خاتىرىمىزنىڭ بىرىنجى بابىنى مۇشۇ 7 قىسىملىق ھىكايىمىز بىلەن مۇشۇ يەردە يېپىپ قۇيۇپ تۇرايلى! باشقا ھەر قانداق تەنقىد - پىكىر بولسا ئېلخىتىمگە خەت قالدۇرسىڭىز بولىدۇ : esedulla@sina.com
كەلگۈسى بىر ھەپتىلىك غۇلجا سەپرى ، ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلۇشۇپلا كېلدىغان جىددىچىلىكلەر تۈپەيلى خاتىرمىزنىڭ كىيىنكى قىسىمىنى ھازىرچە ئاچمايمىز، بەلكى بۇ ئەھۋال خېلى بىر مەزگىل داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمما كەلگۈسىدە ۋاقىت – شارائىت يار بەرسىلا مۇۋاپىق پەيىتتە ئىككىنجى قىسىمىنى باشلاش ئويۇم بار. ۋاقىپ ۋە ئامان بولغايسىلەر!

notebook
2014.4.27
-ئۈرۈمچى – رەھمەت – تامام!

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (5)
نەقىللەر (0)
  1. بىلىكئال [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/04/27 19:23

    :توۋا : تالانىت باركەن جۇمۇ . يازما قالتىس چىقىپتۇ .

  2. zaphar [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/04/27 23:08

    پادا باققىلى يايلاق كۆچىدىكەنسىزدە :لول لول:
    ئاللاھ سەپىرىڭىزدە ئاسانلىق بەرسۇن !

    • پادىچى [ قىرىقىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ zaphar 2014/04/28 08:02

      كۆچمەن چارۋىچى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟ …. ئوتى ئوبدان يايلاقلار بولسا خەۋىرىنى بېرىۋىتەسىز بۇرادەر ، پادىللىرىم سەل كۆپىيىپ قالدى …. :لول لول:

  3. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/04/28 14:50

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خاتىرە ھەقىقەتەن ئوبدان يېزىلىۋاتىدۇ. سەپرىڭلارغا ئاق يول بولسۇن. ئاللاھقا ئامانەت.

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش