Home >  > قەدىناس بۇرادىرىم : كونۇپكا تاختىسى

قەدىناس بۇرادىرىم : كونۇپكا تاختىسى

10

كونىلار <<كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟>> دەپ  مۇنۇ كۇنۇپكا تاختىسىغىمۇ مېھرىم چۈشۈپ قاپتۇ. تولىمۇ پاساھەتلىك ھېكمەتلىرىمىز بار بىز خەقنىڭ. مۇشۇ ھېكمەت-دۇردانىلەر، ماقال-تەمسىللەرگە ھەرقانداق كىشى قول قويماي، ئەجدادلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ئاپرېن ئېيىتماي تۇرالمايدۇ.

شۇنداق قىلىپ مۇنۇ كونۇپكا تاختىسى بىلەن تالاي مۇساپىلەرنى، ئۇيقۇسىز كېچىلەرنى  بىرگە ئۆتكۈزۈپتىمەن.  بۇلارنى تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمدىن سۆزلەشكە توغرا  كېلىدۇ، دېسەم گەپ بەك ئۇزۇن. بۈگۈن قىسقىچە توختىلايلى، قالغىنىنى ۋاقىت چىققاندا دىيىشەرمىز...

ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە مۇشۇ كونا ھەمراھىمنى تېپىۋالدىم. ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەچكىمۇ، ھەربىر كونۇپكىلارنىڭ ئاستىغا ھەرخىل ئۇششاق ئەخلەتلەر كىرىۋاپتۇ. ئالدىنقى قېتىم دوغاپ بۇرادەر ئۆزىنىڭ كونۇپكا تاختىسىنى تازلايمەن دەپ ئىككى دانە كونۇپكا ئاستىدىكى نەرسىنى يوقىتىپ قويۇپ F6بىلەنF7 بوش قويدى.تازلىۋىتەي دېسەم ئۆزۈمنىڭمۇ بۇزۇپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرىدىم، لېكىن يەنىلا بۇ بۇرادەرگە ئەلەم قىلىشنى كۆڭلۈم تارىتمىدى. شۇنىڭ بىلەن  تازلاش خىزمىتىنى باشلاپ كەتتىم.

ئالدى بىلەن 16دانە  مىخلىرىنى بىردىن-بىردىن بوشىتىپ چىقتىم. ھېلىمۇ ياخشى بۇنىڭ تۈزۈلۈشى باشقا تاختىلارغا ئوخشىمايدىكەن. مەزكۇر شىركەت مۇقىملىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ ھەر بىر تال كونۇپكا ئۈستى تاختىغا مۇقىملاشتۇرۇلغان. باشقا تاختىلارنىڭكىدەك ئاچقان ھامان چۇۋۇلۇپ، تېرىلىپ كەتمەيدىكەن. يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم ، ھەم پەخىرلەندىم.  ئەسلىغۇ ئۆزۈم تازلاش جەريانىنى سۈرەتكە تارتىپ قويغانتىم، بىراق تازا دېگەندەك سۈزۈك ئەمەسكەن. مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى توردىن تېپىپ كەلدىم.

كېيىنكى قەدەمدە ھەربىر كونۇپكىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ سۈرتۈپ، تەگلىكتىكى ئۇششاق-چۈشەك ئەىلەتلەرنى تازلىۋەتتىم. مۇزدەك سۇدا تازا بىر يۇيۇۋەتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۈرتۈپ، قاتتىق سىلكەش ئارقىلىق قۇرۇتۇپ (تېخى تولۇق قۇرىمىغان، لېكىن توك بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاندىكىن دەپ)ئەسلى ھالەتكە قايتۇرۇپ مىخلىرىنى ئېتىۋەتتىم.

تۆۋەندىكىسى مەزكۇر كونۇپكا تاختىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار. دوسىتلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.

ماركا: DELL (ئامرىكا)

تىپى:DELL SK-8115 USB

كونۇپكا تاختىسىنىڭ ھەقىقىيلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە نەپىس لايھەلىنىشنى ئاستىغا يوللاپ قويدۇم.

ھا..ھا.. مەندىكىسى مالايسىيەدە ئىشلەنگىنىتى ئەسلى...

 

ئەسكەرتىش: كونۇپكىنى تازلىغاندا نەرسىلەرنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭ. قۇراشتۇرغاندا ئەسلى ئورنىغا قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. مەنغۇ ۋاقىت ئۇزارغانسىرى كۆنۈپ قاپتىمەن.  ئورۇنلىرى يادا بوپ كەتتى. بىلمىسىڭىز ئاۋال بىر قانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋېلىڭ ياكى توردىن ئىزدەپ تېپىۋېلىڭ. ئۇنتۇپ قالغاندا ئەسقاتىدۇ.

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

بىر ئىشنى باشقا ئېچىقىمەن دەيدىكەنسەن چوقۇم ئاۋۋال پىلاننى ئوبدان تۈزۈۋال، چۈنكى قايتىدىن باشلاش ئاسان ئەمەس.


ئۈنچىلەر (10)
نەقىللەر (0)
  1. تەشنايى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2013/06/20 19:41

    ۋوي، بۇ «تاڭنۇرى» ئىشخانىسىدىن ئولجا ئالغان كۇنۇپكا تاختىسىمۇ نېمە؟ تونۇشلا كۆرۈنىدا؟؟ :razz: ئەمدى رىمونىتچىلىقنىمۇ ئۈگىنىۋالدىم دېسىلە، ھاجىم!

    • ھاجى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ تەشنايى 2013/06/21 20:11

      ياق، كەمىنىگە ئولجا ياراشمايدۇ. كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، قايتىدىغان چاغدا 903-يولنىڭ كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ سەيبو(ئىسمىنى ھەجەپ تەستە تاپتىم بۇ گۇينىڭ) دېگەن يەردىكى تاۋباۋغا مال سالىغان جايدىن بىر تال ئېلىپ قايىتقانتىم. :mrgreen:

  2. دوغاپ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2013/06/20 22:12

    ئۆيدىكى كومپۇتېر توپا بېسىپ ياتتى ھەقىچان، بارغان كۈنۈملا ئىچىنى ئېچىپ بارلىق يەرلىرىنى تازلاپ چىقىمەن.

  3. سەھرالىق [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2013/07/04 12:42

    مەن ماندا ئېگىزلىككە كۆنەلمەيدىكەنمەن،شۇڭا پاكارراق كونۇپكا تاختىسىغا ئامراق بولۇپ قالدىم،ئەمما ئۇچقۇر ماشىنا ھەيدىگەندە مۇشۇنداق كونۇپكا تاختىسى بولمىسا90گىرادۇس قايرىلىدىغاندا تازا ياخشى چىقمايدىكەن.

  4. مۇڭداش [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2013/10/26 18:20

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھەجەپ مېنىڭ كونۇپكا تاختامغا ئوخشاشلىكەن دىسە ، دەرستىن چۈشۈپ دەرھال ياتاققا كېلىپ قاراپ كېتىپتىمەن، قاچان بۇزۇلۇپ كەتكەندۇ كونۇپكا تاختام دەپ ھا ھا ، ئەسلى سىزمۇ مەندەك بىرنەرسىلەرنى چۇۋۇپ كۆرۈپ بېقىشقا ئامراقكەنسىزدە . ھى ھى

  5. مۇڭداش [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2013/10/26 18:22

    ھە راس بلوگىڭىزنىڭ ئىنكاس قالدۇرغاندىن كىيىنكى ھالىتىدى ie 11 مەسىلە بارمۇ قانداق ، قالايمىقان كود چىقىۋالدى ئىنكاس قالدۇرغاندىن كىيىن .
    مەزمۇنى :

    Warning: Cannot modify header information – headers already sent by (output started at /home/tesh/teshna.me/wp-content/themes/presscore-lite2/functions.php:1) in /home/tesh/teshna.me/wp-includes/comment.php on line 586

    Warning: Cannot modify header information – headers already sent by (output started at /home/tesh/teshna.me/wp-content/themes/presscore-lite2/functions.php:1) in /home/tesh/teshna.me/wp-includes/comment.php on line 587

    Warning: Cannot modify header information – headers already sent by (output started at /home/tesh/teshna.me/wp-content/themes/presscore-lite2/functions.php:1) in /home/tesh/teshna.me/wp-includes/comment.php on line 588

  6. ۋەھىمە [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 6 -قەۋەت 2013/11/09 01:54

    نەدە مالايسىيانىڭ بولىدۇ ، ئاستىدا يوغان قىلىپ مادغىن چىنا ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، دەپ تۇمامدا

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش