ئارىمىزغا يانفون نۇسخىدىكى توربەت ئۇقۇمى سىڭىپ كىرگىلى ئۇزۇن بولمىدى، ئەمما دەۋىرگە ماس ھالدا ئىنتايىن تىز تەرەققىي قىلدى. ھازىر ئانا تىلىمىزدىكى نۇرغۇن توربەتلەرنىڭ يانفون نۇسخىلىرى ئىشقا كىرىشىپ بىزنى كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە قىلدى. خوش، ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك موشۇ توربەت لايىھىلىگۈچىلەر ئۈچۈن بەتنى ھەرقايسى ئۈسكۈنىلەردە سىناش بىر ئاۋارىچىلىق ھىسابلىنىدۇ. ھەرخىل تىپتىكى ئۈسكۈنىلەردىن بىر نۇسخا سېتىۋىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە زىيارەتچىلەرنىڭ سىنىشىپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدىغان گەپ. تۆۋەندە مەن بۇ باش قىتىنچىلىقىمىزنى يېنىكلىتىدىغان بىر يۈرۈش تور قوراللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
[t]كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بەت نۇسخىسىنى باھالاش قوراللىرى[/t]
ئەلۋەتتە تور بېتىڭىز مەلۇم ئۈسكۈنىدە نورمال ئېچىلسىلا ھېساب ئەمەس، بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئىغىز ئاچمىغاندىمۇ بېتىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسى جايىدا بولىشى كېرەك، بولمىسا دائىم دېگۈدەك يۇچۇن مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
1. Gomez - تور بېتىڭىزنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى ئىپادىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى باھالاپ، 30 دىن ئارتۇق ئۈسكۈنە تىپىغا ئاساسەن تور بېتىڭىزگە نومۇر قويۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېنگىلىزتىلى بىلىشىڭىز كېرەك. ئۆلچەشتىن ئاۋۋال بىر قاتار ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاپشۇرىشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ.
2. MobiReady - بۇ قورال ئارقىلىق كۆچمە ئۈسكۈنە بېتىڭىزنىڭ خەلقارا ئۆلچەمگە قانچىلىك دەرىجىدە يىقىنلاشقانلىقىنى بىلەلەيسىز. W3C ئۆلچىمىگە ئاساسەن، بېتىڭىزنى ھەرقايسى جەھەتتىن باھالاپ 1-5 كىچە نومۇر قويىدۇ. بۇنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، پەقەت باش بەتتىكى URL كىرگۈزۈش رامكىسىنى تولدۇرۇپ جەزىملىسىڭىزلار نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. يەنە شۇ گەپ: ئېنگىلىزتىلىنى بىلىشىڭىز كېرك، بولمايدىكەن دىئاگنوزنى چۈشىنەلمەيسىز.
3. W3C mobileOK Checker - بۇ قورال ئارقىلىقمۇ بېتىڭىزنىڭ خەلقارا ئۆلچەمگە قانچىلىك چۈشىدىغانلىقىنى، بەت قۇرۇلمىسىدا قانداق يىتەرسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىۋالالايسىز.
4 CrossBrowserTesting - بۇ قورال ئارقىلىق تور بېتىڭىزنى 25 خىلدىن ئارتۇق مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ 130 دىن ئارتۇق توركۆرگۈلىرىدە سىناپ باقالايسىز(كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). لېكىن بۇ قورال ھەقلىق.
5.BrowserStack - ھەرقايسى داڭلىق مەشغۇلات سۇپىلىرىغا ماس كېلىدىغان، ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى تولۇق قوللايدىغان تور بەت لايىھىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان قورال. بەت لايىھەلەش، سىناش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، يەرلىكتە ۋە تور يۈزىدە سىناش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئەمما بۇنىڭمۇ پۇل كىتىدىكەن.
6. Multi-Browser Viewer - بۇ بىر دېتال بولۇپ، سىتىۋالغاندىن كېيىن كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 11 خىل كۆچمە ئۈسكۈنە تور كۆرگۈسى، 55 خىل ئوخشىمىغان كۆرگۈ ۋە 88 خىل ئېكران ئۆلچىمىدىكى كۆرگۈ تەمىنلەنگەن. emulator سەپلەنگەن.
[t] كۆچمە ئۈسكۈنە بەتلىرىنى تور يۈزىدە سىناش قوراللىرى[/t]
1. iPhone Tester - بۇ قورال ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزدا SDK قاچىلىماي تۇرۇپمۇ، توربېتىڭىزنىڭ IPhone نۇسخىسىنى بىۋاسىتە تور يۈزىدە سىنىيالايسىز.
2. iPad Peek- بۇ قورال ئارقىلىق تور بېتىڭىزنىڭ iPad تىكى ھالىتىنى تور يۈزىدە كۆرەلەيسىز. پەقەت بەت ئادرىسىڭىزنى چاپلىسڭىزلا ئىش تامام.
3. Screenfly - خۇددى ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرغاندەك بۇ قورال بىلەن تور بېتىمىزنى ھەرخىل ئۆلچەمدىكى ئېكران ھالىتىدە پىر - پىر ئۇچىدىغان قىلىۋېتىمىز. بولۇپمۇ ماسلىشىشچان بەت لايىھىلىگەندە بۇ قورالنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلىسىز.
4. The Responsinator - بۇ قورال ئارقىلىق تور يۈزىدىلا بېتىڭىزنىڭ Iphone, Andriod, iPad, Kindle ... قاتارلىقلاردىكى ھالىتىنى كۆرەلەيسىز. ئىشلىتىش شۇنچىلىك ئاسان، ھېچقانداق تىل بىلمىسىڭىزمۇ ئىشلىتىۋېرىسىز، قېنى مەرھەمەت!
5.Matt Kersley’s Responsive Design Testing - بۇمۇ كارامەت بىر قورال. بېتىڭىزنىڭ ھەرخىل كەڭلىكتى ھالىتىنى قاتار - قاتار تىزىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
6.Browshot - بۇ بىر مۇلازىمەت بولۇپ، تور بېتىڭىزنىڭ ھەرخىل ئۈسكۈنىلەردىكى كۆرۈنمە رەسىمىنى(screenshot) تۇتۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە ھەقلىق، ھەر بەش ئۈسكۈنىدىكى رەسىمىنى 1 دوللارغا تۇتۇپ بېرىدىكەن.
7. Opera Mini Simulato - بۇ ئەڭ تىز، ئەڭ قۇلاي بولغان ئېىچش قورالى بولۇپ، يەرلىكتە تور بېتىڭىزنى سىناشتا ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ.
يۇقىرىقى قوراللارنى توربەت ياسىغۇچىلار ئۈچۈن خوپ ياقىدۇ دەپ ئويلىدىم. مەنمۇ بىر - بىرلەپ سىناپ باقتىم، تەسىرات خېلى ياخشى. ئىھتىياجى بارلار ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار!
:ھو ھو:
ياۋ ما كارامەتنى ، ۋاھ ، كۆزلىرىم………………… :ئاماق:
ماۋۇ قۇرال ئوبدانلا ئەسقاتتى جۇمۇ، ئاللاھ خالىسا ئەتە-ئۆگۈن كۆرىسىلە كارامەتنى…