ئەسسالام ئەلەيكۇم،
4-ئايدا ئىمتىھان تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن ئوقۇغان مەزمۇنلار ئانچى كۆپ بولماي قالدى. ئەمما خاتىرەمدىن ئورۇن ئالالىغان ھەرقانداق بىر جۈملە مېنى يەنە بىر مەن بىلەن قايتا-قايتا پىكىر قىلىشقا قىستىدى، دەپ ئېيتالايمەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش : ئاستىدىكى مىسرالار قۇتادغۇبىلىك دېگەن كىتابنىڭ نەسىرىي يەشمىسى نەشىرىدىن ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىنغان، مېنىڭ شەخسىي قاراشلىرىمدىن خالىي.
قۇتادغۇبىلىك
- يۈسۈپ خاس ھاجىپ
...
ﻛﯧﻠﯩﻦ-ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﺗﻮﻱ ﺗﯜﻧﯩﺪﻩ،
ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻰ ﺟﻪﯓ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
...
ئوتنى سۇ ئۆچۈرسە، قايتا يانالمايدۇ.
...
قىلىچ بىلەن ئەلنى تېز ئالغىلى بولىدۇ،
قەلەم بولمىسا، ئۇنى قولدا تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدۇ.
...
باشسىز ئوق تۈز بولمىسا، ئۇ ئوتۇن بولىدۇ،
قارا، ئادەم توغرا بولمىسا، ئەسىر بولىدۇ.
...
قايسى نەرسىگە كىشىنىڭ ئەمگىكى سىڭسە،
جېنىنىڭ يىلتىزى شۇ نەرسىدە بولىدۇ.
...
ئەلنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىككى نەرسە بار:
بىرى-ساپ ئالتۇن، يەنە بىرى-قىلىچ.
...
ئۆتكۈنچى دۇنيانى قوي، ئاخىرەتنى تىلە،
بۇ دۇنيانى سەن تاشلىمىساڭ، ئۇ سېنى تاشلايدۇ.
...
ئەي ئەقىللىق، ئەس-ھوشلۇق،سەگەك كىشى،
بۇ دۇنيانى بەك سۆيمىگىن،پالاكىتى تېگىدۇ.
...
يارىتىشتىن ئاۋۋال تەقدىر-قازانى بەلگىلىدى،
قازاغا رازى بول،بويۇن ئەگ،ئۇنىڭغا ئەگەش.
...
قوڭۇر يەر يېشىل سۇ بىلەن ياراشقانلىقتىن،
ئارىسىدىن مىڭ خىل گۈل-چېچەكلەر كۈلۈپ ئېچىلدى.
...
قېرىنداش غېمىنى قېرىنداش يېمىسە،
قېرىنداش بولمىغان ياتلار يەمدۇ؟
...
ئوغول-قىزنى دەپ سەن، دىلىڭ سېرىلۇر،
قەيەردە ئوغول-قىز بۇ دەرتنى بىلۇر؟
يىغارسەن ھارامنى كېتەرسەن،قالۇر،
سەن يىغلاپ كېتەرسەن،ئۇ ھوزۇر كۆرۇر.
ئوغول قىز دەپ ئۆزۈڭنى كۆيدۈرىسەن،
بۇ ئەمگەكلىرىڭنى بىلىدىغان ئوغول قىز نەدە بار؟
(قۇتادغۇبىلىك D3384)
ھارام دۇنيانى توپلايسەن، ئۆزۈڭ كېتىسەن، ئۇلار قالىدۇ.
سەن مۇشەققەت چېكىپ ئۆتىسەن، ئۇ ئارزۇغا يېتىدۇ.
(قۇتادغۇبىلىك D3385)
ھەش – پەش دېگۈچە 4- ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى دېسە. ۋاقىت بەكلا تىز كىتىۋاتىدۇ :ھۆ ھۆ:
تەشناجان سىللىمۇ بوش كەممەي ۋاقىتنىڭ كەينىدىن ئات سېلىپ قوغلاڭلايە :لول لول:
ھاي تەشناخۇن، ما كۈنلەر ماڭا يامانبەك تەس ئۈتۈۋاتىدۇ ماقما، ئاندا بەك ھەش- پەش دىگەچە دەپ كەتمەڭلا. :ئاپلا: