كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دادام بىلەن چاقچاقلىشىپ قالسام، دائىم قەستەنگە قوللىرىمنى قايرىپ، بەللىرىمنى چىمدىپ قىزراتىپ قوياتتى. ۋارقىراپ - جارقىراپ يىغلاي دەپ تۇرسام، «ئوغۇل بالىنىڭ پۇت قولى پولاتتەك قاتتىق، زىھنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بولىشى. بەدىنىدىن قانلار ئاقسىمۇ كۆزىدىن ياش چىقماسلىقى كىرەك. مۇنداقلا ئوينىشىپ قويغانغا يىغلاپ كەتسەڭ، بۇندىن كىيىن سېنى ئاپپاق قىزىم دەي...» دەپ مازاق قىلىپ كىتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق، چىشىمنى چىڭ چىشلەپ، كۆكىرىپ كەتكەن قوللىرىمغا بىچارىگىنە قاراپ، «يىلپىزدەك كۈچتۈڭگۇر بىر ئادەم بولسامچۇ...» دەپ، تاتلىق خىياللارغا غەرىق بولاتتىم.
باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا «خەيرى خوش ئاتا- ئانا، خۇش قال ئەي ماكان....» دېگەنچە يىراقلارغا ئۇزاپ كەتتىم. ئوخشىمغان مۇھىت، ھەرخىل ئۇزۇقلىنىش شارائىتىدا بەدەن ساپايىممۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىپ ماڭدى. ئۆيدىن يىڭى ئايرىلغان دەسلەپكى چاغلاردا نەچچە كىلومىتىرغا توختىماي يۈگىرەش ھېچقانچە ھارغىنلىق بىلىنمىدى. توپ مەيدانلىرىدا خىلى بەقۇۋەت سەكرەپ، كىسەل - زەخمەتلەردىن ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن يىراق تۇرۇپ كەلدىم. ئەمما كىينكى كۈنلەردە، ئىچكىرنىڭ خېنىم مىجەز مىش - مىش ھاۋاسى بىلەن مەكتەپتە ئۆرە تۇرۇش ئۈچۈن ئامال يوق يەۋاتقان گۈرۈچ تاماقلىرى بىرلىكتە يىلىكرىلىرىمنى شورىداپ قويدى. پۇت قولۇمدا تۈزۈك كۈچ- قۇۋۋەت قالمىدى، ئۇنى ئاز دەپ تولا زۇكام بولىدىغان، يەنە تېخى مىڭەم توختىماي ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن ئامال قانچە! ياشاش ئۈچۈن ھەممىگە كۆنمەي بولمايدىكەن.
شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن ھەركۈنى ئەتتىگەن كەچتە دوستلىرىم بىلەن قاتتىق چېنىقىشنى باشلىدىم. بەزىدە ئالدىراشچىلىقتا توختىتىپ قويساممۇ، ئامالنىڭ بارىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. شۇ چاغلارنى ئويلىسام ھاياجانغا چۈمۈلىمەن: ھەركۈنى ئەتتىگەندە مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەجبۇرىي ھالدا چېنىقىشقا چىقاتتۇق. ئايلانمىسى 400 مېتىرلىق مەيداننى بىرنەچچە قېتىم ئايلىنىپ، بەس - بەستە تورنىك تارتىپ، پەي سوزۇپ، يەر بېغىرلاپ، موللاق ئېتىپ دېگەندەك چىنىقاتتۇق. كەچلىرى تەكراردىن چۈشۈپ، ئاۋۋال دوستلار بىلەن مەيداننى يەنە نەچچە ئايلىنىپ، قاتتىق بىر پەدە چېنىقىپ، چىلىق - چىلىق تەرگە چۈمۈلۈپ، چاپاننى دولىمىزغا ئارتىپ ياتاققا قايتاتتۇق.
قاچانكى ئالىي مەكتەپكە چىقتىم، شۇندىن باشلاپ تۇرمۇش رېتىمىم بىر مەزگىل قالايمىقانلاشتى. چېنىقىش ئەمەس، ئارلاپ - ئارلاپ يۈگىرەپ قويۇشمۇ ئىغىر تۇيۇلىدىغان. مەۋسۇمدا بىر ئالىدىغان 1000 مېتىرغا يۈگىرەش ئىمتىھانىدا ئاران بەرداشلىق بىرىدىغان بولۇپ قالدىم. بەلكىم ئۆزۈمنى بەكلا قويىۋەتكەندىمەن، ياتاقتىكى خەنسو ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەسىرىدە ئىرادەم بوشىشىپ قالغاندۇ. ئەيتاۋۇر، ئۆزۈمگە ھەرخىل باھانىلەرنى ئىزدەپ باقساممۇ قايىل بولغىدەك بىر جاۋاب تاپالمايمەن.
ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ تەۋرىمەس بۆشۈكتە بىر يىل ئۇخلىغاندىن كىيىن، ياتاقداشلىرىم ئاخىرقى زاماننىڭ تەشۋېشلىرىنى تىلغا ئېلىشىۋاتقاندا مەن ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىدىن ئاز - تولا ئەندىشە قىلىشقا باشلىدىم. پۇت قولۇمدا كۈچ يوق، كۆزۈمدە نۇر يوق روھسىز بىر تەننىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشتىن قورقاتتىم. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشقا قاتتىق ئۇرۇندۇم.(ئەلۋەتتە، ئەڭ چۈشكۈن چاغلاردىمۇ ئۈگېنىشنى، ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەشنى تەرك ئەتكېنىم يوق).
تۇرمۇشۇمنىڭ باشقا ئېنچىكە ھالقىلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، بەدەننى تاۋلاش يولىدىكى تىرىشچانلىقىم ۋە لايىقىدا ئىرىشكەن نەتجىلىرىم بىلەن تەسىراتلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتەي.
بۇ قېتىملىق قىشلىق تەتىلدىن قايتىپ كىلىپلا كەچلىكى چېنىقىشنى باشلىدىم. مەكتەپتە چېنىقىش ئەسلىھەلىرى خىلى تولۇق بولۇپ، دەسلەپتە ئاددىيلا يۈگىرەش، تورنىك ئارتىلىش، قورساق قاتلاش، يەر بېغىرلاش، پەشۋا ئېتىش... دېگەنلەرنى ئۆزۈم بىلگەنچە مەشىق قىلدىم. كىيىن بىرسىنىڭ تەكلىپى بىلەن چېنقىش قوللانمىسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم. ھاۋا ئىسسىغان كۈنلەردىن باشلاپ، كەچتىلا ئەمەس، ھەركۈنى سەھەردىمۇ راۋرۇس چېنىقىشنى باشلىۋەتتىم. تەپسلىي ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشۇم تۆۋەندىكىدەك:
1.ئەتتىگەنلىك چېنىقىش- ھەركۈنى ئەتتىگەن سائەت5:00 تە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، «روھىي چېنىقىش» قىلىپ بولغاندىن كىيىن، 5:30 دە قۇلۇقۇمغا نائۇشنىك تاقاپ(ئېنگىلىزچە سۆزلۈك يادىلاش مەقسىتىدە)، ياتاقتىن ئاتلىنىمەن. مۇقۇم سۈرەتتە يۈگىرەپ ئارلىقى تەخمىنەن 2 كىلومېتىر كىلىدىغان جايدىكى ئۆسۈملۈك باغچىسىغا بارىمەن. سائەت 6:00 بولىدۇ. ئۇيەردە بىر ئاز مۇش - پەشۋا ئېتىشنى مەشىق قىلغاندىن كىيىن، تىپتىنىچ كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ، بۈگۈنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆزلۈك تېزىملىكىنى چىقىرپ، دېققەت بىلەن يادىلايمەن. مەندىن ئۆزگە ھېچكىممۇ يوق، تېپتىنىچ بىر دۇنيا، ئاۋازىمنى بولىشىغا قويىۋېتىپ، پۇخادىن چىققۇچە يادىلايمەن(بەزىدە ئىلھام كىلىپ قالسا، كۈندىلىك خاتىرەمگە تۇيغۇلىرىمنى يىزىۋالىمەن). شۇنداق قىلىپ سائەت 7:00 مەكتەپكە قاراپ يۈگىرەيمەن. 7:30 دە ياتاققا بېرىپ، كىيىم ئالماشتۇرۇپ، ئاشخانىغا چاپىمەن. تازا ئىشتىھا بىلەن ناشتا قىلىمەن - دە دەرىسكە كىرىمەن.
2. كەچلىك چېنقىش: ئادەتتە ئالاھىدە مىجەزىم بولماي قالمىسلا، ھەركۈنى كەچ سائەت 10:00 دا نەدە بولسام مەيدانغا بېرىپ بولىمەن. كەچتە كۆپ يۈگىرىمەيمەن. ئاساسەن موسكۇل چىنىقتۇرىدىغان، بەلنى چىڭىتىدىغان، پەي سوزىدىغان .... ھەرىكەتلەرنى قىلىمەن. ھەربىر ھەرىكەتنى قوللانمىدىكى تەلەپ بويىچە، مۇۋاپىق مىقداردا تاماملىغاندىن كىيىن، ھارغىن پۇتلىرىمنى ئاران سورىگەنچە ياتاققا قايتىمەن. ئۈف، شۇكىرى خۇدايىم دېگەنچە كومپىيوتېرنى ئاچىمەن - دە، ۋاقىت بىردەمدىلا ئۆتۈپ، 11:30 بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىينكى سېستىمىلىق چېنىقىشتىن دەسلەپكى تەسىرات:
چېنىقىشنى يىڭى باشلىغاندا بىر ھەپتىگىچە پەيلەر تارتىشىپ، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ -چۈشۈشمۇ بەسى مۈشكۈل توختىدى.ھەتتا كېچىلىرى موسكۇللىرىم ئاغىرىپ ، ئۇخلىيالماي قالدىم. بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزۈمنى ئاجايىپ يەڭگىل ھېس قىلىپ قالدىم. بەدىنىملا ئەمەس كەيپىياتىممۇ شۇنداق يەڭگىللەپ قالدى. بىر ئادەم روھىي جەھەتتىن تويۇنسا، جىسمانىي جەھەتتىن ئىشەنچ تۇرغۇزسا، مېنىڭچە ھېچقانداق قىيىنچىلىق ئۇنى تىز پۈكتۈرەلمەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ، پېقىرنىڭ چېنىقىشتىن ئاددىيغىنا تەسىراتلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى تاققا- تۇققا پاراڭلىرى ھوزۇرۇڭلاردا بولدى. مەقسەت ئۆزۈمنى بايان قىلىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ دوستلارنى، يىگىتلەرنى بەدەن تاۋلاش كۆرىشىگە چىللاشتۇر. كىيىنكى تەسىراتلارنى ئاللاھ خالىسا داۋاملىق ئورتاقلىشىمىز. ئاخىرىدا ئەزىزلەرگە ساقلىق ۋە پاكلىق تىلەيمىز.
«ئوغۇل بالىنىڭ پۇت قولى پولاتتەك قاتتىق، زىھنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بولىشى. بەدىنىدىن قانلار ئاقسىمۇ كۆزىدىن ياش چىقماسلىقى كىرەك. »
مۇنۇ گەپلەرنى ھەقىقەتەن ياخشى ئويلاشقا ئەرزىيدۇ. بۈگۈنكى كۈنلەردە پۇت-قوللاردىمۇ تۈزۈك جان يوق. بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بارغانسىرى تونۇپ يېتىۋاتىمەن.
پۇت-قوللاردا جان بولمىسا مەڭگۈ غوجاملارنىڭ چىرايىغا قاراپ ياشايدىغان گەپ شۇ
!
قالتىس ! ئوغال .. ئۈزۈن داۋاملاشسىكەن …. ئۈزۈن … ئۈزۈن …. بەك ئۈزۈن… داۋاملاشسۇن ئىلاھىم !
ماڭا مۇنداق قىلدىم دەپ دەپمۇ قويماپسىز،

بوپتۇ، ئەمما نەچچە نەچچە كۈنلۈك چېنىقىش بولۇپ قالمىسۇن ماقما؟
قانداق دەپ قويىمە؟ خالتىلىق چاشقاندەك يوقاپ كەتكەن تۇرسىڭىز!
ئاللاھ ساق – سالامەت قىلسىلا ئەمدى چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن.
ھېچكىم بلوگىدىن سالام ئېلىپ كەلدىم، بۇرادەر!
مەنمۇ بۇلتۇر چىنىقىش مەركىزىگە بىر يىل باردىم. بىراق، كېيىنچە تاشلىنىپ قالدى. ھازىر ئائىلىدە مۇسكۇل مەشىقى قىلىۋاتىمەن. يۈگرۈشكە ۋاقىت يار بەرمەيۋاتىدۇ.
بىر ئىشنى قىلىش ئاسان، ئەمما داۋاملىق قىلىش تەس،بەل قويۋەتمەي داۋاملىق تىرىشىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ۋاھ شۇنداق تەپسىلىيى يېزىپسىزغۇ بۇ چېنقىشقا ئائىت يازمىڭىزنى.ياخشى قىلىپسىز.شۇنىڭىغا قارىغاندا لىشاۋلۇڭنىڭ شارگىرتى بولاي دەپسىز دە،ھاھاھا…
شىۋاسىنگېرنىڭكىدەك مۇسكۇلمۇ چىقىرىپ بولغانسىز ھەقاچان.چېنقىش ياخشى ئىش.‹‹ھاياتلىق _ھەرىكەتتە ››دەيدىغان گەپ بار.ھەرىكەتتىكى ھايات ئەڭ مەنىلىكتۇر.ئابدۇكېرىم ئاتامان(ئاتامان چامباشچىلىق كۇلبى قۇرغۇچىسى)نىڭ مۇنداق بىر گېپى بار:چېنىقمىغان ئەر مەڭگۈ ئەركەك بولالمايدۇ.بۇ گەپنى بەك ياقتۇرىمەن.
نەدە لىشياۋلۇڭ دېگەننىغۇ بىر تەپسەم ئامرىكىغا ئۇچۇپ كېتىدۇ ھازىر. شىۋاسىنگېر دېگىنى قورقۇپ ئىشتىنىغا چىقىرىۋېتىدۇ مېنى كۆرسە!:idea:
ئاتاماننىڭ ئاۋۇ گېپىنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم!
مەن مەكتەپتە ۋاقتا تاماق ناچار چېنىقىشقا كۈچ يوق تەتىلدە چېنىقىمەن دەپ بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۆيگە كېلىپ ئوزۇقلۇق تولۇلاي دەپ تېخى :لول لول: ، بۇ قېتىم ئوقۇش باشلىغاندا رەسمىي چېنىقايمىكىن دەيمەن. ئاۋۇ چېنىقىش قوللانمىسدىن مەنمۇ بىرنى ئالاي دەيمەن .