2012- يىللىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەر
2012/11/01 تاغدىن - باغدىن ⁄ جەمئى: 6020 ھەرپ 2 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 601 مېھمان+

دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولغان نوبىل مۇكاپاتى كۆپچىلىككە ناتونۇش بولمىسا كىرەك. گەرچە بىزنىڭ مىللەتتىن تېخى بىرەرسى بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىگە ھېچكىم بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ. كىم بىلىدۇ، كىلەر يىللىق نوبىل مۇكاپاتى تىزىملىكىدە دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ، ئۇيغۇردىن بىرسى چىقىپ قالامدۇ تېخى. شۇڭلاشقا بىزنىڭمۇ بۇ مۇكاپاتتىن ئۇنچە يىراقتا ئەمەسلىكىمىزنى سەمىڭىزلەرگە سەپ قويۇش ئۈچۈن، 2012- يىللىق نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنى رەتلەپ، ئۇلارنىڭ قىسقىچە ئۇچۇرلىرىنى ھوزۇرىڭىزغا سۇندۇم.

1. نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتى:


ئوڭدىن - سولغا: ئەلۋىين روس(Alvin Roth)، لويد شاپلى(Lloyd Shapley) ھەر ئىككىلىسى ئامرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، ئۇلار «قۇرۇلما لايىھە نەزەرىيسى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.

2012- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچ سائەت يەتتىدە، شىۋېتسىيە نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش ھەيئىتى ئامرىكىلىق ئىككى نەپەر ئىقتىسادشۇناس ئەلۋىيىن روس ۋە لويد شاپلىنىڭ بۇ يىللىق «نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتى» غا بىرلىكتە ئىرىشكەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

ئەلۋىيىن روس:1971 - يىلى كۇلۇمبىيە ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتتۈرۈپ،يۈرۈشتۈرۈش ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. كىيىن سىتەنفۇرتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ،شۇ سەھەدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. بىر قانچە ئۇنۋېرىستىتا خىزمەت قىلغاندىن كىيىن،1998- يىلىدىن باشلاپ خارۋېد ئۇنۋېرىستىدا ئىشلەۋاتىدۇ.

لويد شاپلى:1923- يىلى 6-ئاينىڭ 2- كۈنى ئامرىكىنىڭ ماسساچۇستىن شىتاتاتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، داڭلىق ماتىماتىك ۋە ئىقتىسادشۇناس.ئۇ ھازىر كالفۇرنىيە ئۇنۋېرىستىتىنىڭ لوس ئانجىلىستىكى تارماق مەكتىپىدە، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە پىشقەدەم پىروفىسور.

2. نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى:

ئوڭدىن سولغا:ئامرىكا فىزىكا ئالىمى داۋىد ۋىنلەند (David Wineland) ۋە فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى سەرگ ھاروش (Serge Haroche). بۇلار ئىككىسى بىرلىكتە بۇ يىلقى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

2012- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى، شىۋېتسىيە نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش ھەيئىتى ئامرىكا فىزىكا ئالىمى داۋىد ۋىنلەند ۋە فىرانسىيە فىزىكا ئالىم سەرگ ھاروشنىڭ بىرلكىتە 2012- يىللىق نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

ھاروش:1944- يىلى9- ئاينىڭ 11- كۈنى مولوگ سابۇرانكادا تۇغۇلغان.1996- يىلى كەسىپدىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پارىژ ئالىي پىداگوگىكا ئۇنۋېىرىسىتىدا، تەجىربە ئارقىلىق «مىقدارلار تەسىرچانلىقى» نى بايقىغان، ۋە شۇنىڭدىن بىرى نام چىقارغان،ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ،كالفورنىيە ئۇنۋېرتىستىتىنىڭ بوكلى تارماق مەكتىپى، خارۋېرد ئۇنۋېرىستىتى... قاتارلىق مەكتەپلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. 1975- يىلى ئامىرىكا دۆلەت ئۆلچىمى ئىدارىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشقان، ۋە ھازىرغىچە شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.

داۋىد ۋىنلەند:1944- يىلى ئامرىكىنىڭ ۋىسكاس شىتاتىدا تۇغۇلغان. 1970- يىلى خارۋېرد ئۇنۋېرىستىتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. ھازىر ئامرىكا دۆلەت ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەۋاتىدۇ.

3.نوبىل مىدىتسىنا مۇكاپاتى:

ئوڭدىن - سولغا: ئەنگىلىيە بىئو يىتىلدۈرۈش ئالىمى جون بەرترەند ۋە ياپۇنىيە ماددا- ھۆجەيرە بىرىكمە نوقتىسى iPS ھۆجەيرە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى شەنجوڭشېنچېڭ.ئىككىسى بىرلىكتە بۇ يىلقى نوبىل تىببىي مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

2012- يىلى 10 -ئاينىڭ 8- كۈنى كەچ سائەت يەتتىدە، شىۋېتسىيە نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش ھەيئىتى ئەنگىلىيە بئو يىتىلدۈرۈش ئالىمى جون بەرترەند ۋە ياپۇنيە بئولوگىيە ئالىمى شەنجوڭشېنچېڭنىڭ بىرلىكتە بۇ يىللىق نوبىل مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

جون بەرترەند:1933- يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەنگىلىيدە تۇغۇلغان. ئوكسىفوت ئۇنۋېرىستىتىنىڭ خىرىستانلار فاكۇلتىتىدا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغان. ئوكسىفورتتا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئامىرىكىغا بېرىپ،كالفورنىيە سانائەت ئۇنۋېرىستىتدا دوكتۇر ئاشتى بولغان.

شەنجوڭشېنچېڭ:1962- يىلى ياپۇنيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە توكيو ئۇنۋېرىستىتدا ئىشلىمەكتە. ئۇنىڭ تەتقىقات تۈرى شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى يىتىلمىگەن ھۆجەيرىلەردىن ھەرخىل ھۆجەيرىلەرنى شەكىلللەندۇرۇشكە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش، يەنى كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۆجەيرىنى ئايرىپ چىقىش ئىدى.

4. نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتى:

2012- يىللىق نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى(ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسى) گە بېرىلدى.

2012- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى شىۋېتسىيە نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش ھەيئىتى بۇ يىلقى نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا بېرىلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

ياۋۇرۇپا ئىتتىپاقى(European Union):ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ،باش شىتابى بىلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسىلدا، دۇنيادىكى تەسىرى كۈچى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقلارنىڭ بىرى.

مۇكاپات تارقىتىلىشتىكى سەۋەب: 60 يىلدىن بىرى تېنىچلىق ۋە ئازادلىق ئىشلىرى، شۇنداقلا دىمكوراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قوشقان ئالاھىدە تۆھپىلىرى ئۈچۈن.

5.نوبىل خىمىيە مۇكاپاتى:

ئوڭدىن - سولغا: برەيىن كوبىلكا(Brian K. Kobilka) ۋە روبېرت لەفكوۋت(Robert J. Lefkowitz) . ئىككىسى بىرلىكتە بۇ يىللىق نوبىل خىميە مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2012- يىلى 10 - ئاينىڭ 10- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 5:45 تە، شىۋېتسىيە نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش ھەيئىتى ئامرىكا خىمىيە ئالىملىرى برەيىن كوبىلكا ۋە روبېرت لەفكوۋتنىڭ بىرلىكتە بۇ يىلقى نوبىل خىيميە مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

برەيىن كوبىلكا:1955- يىلى ئامرىكىنىڭ مىننېسوتا شىتاتىدا تۇغۇلغان.1982- يىلى يالىي ئۇنۋېرىستنىڭ مىدىتسىنا فاكولتىتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. ھازىر سىتەنفۇرد ئۇنۋېرىستىتدا پروفىسور بولۇپ ئىشلىمكتە.

روبېرت لەفكوۋت:1943- يىلى ئامرىكىنىڭ نىيۇرۇك شەھرىدە تۇغۇلغان.1966- يىلى ئامرىكا كۇلۇمبىيە ئۇنۋېرىستىتدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.ھازىر ئامىرىكا خۇۋار شيۇسىن تەتقىقاد ئورنىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

6. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى:

يولداش مويەن: بۇ يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ يىگانە ساھىبى.

2012- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىۋتسيە نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىش ھەيئىتى بۇ يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى يولداش مويەنگە بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

مويەن: 1955- يىلى2- ئاينىڭ 17- كۈنى شەندوڭنىڭ گاۋمىي ناھىسىدە، تۇغۇلغان. ئەسلىي ئىسىمى گۇەن مو يەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى.خوڭكوڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئەدەبيات بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭ رومانلىرى ھەم ئۇزۇن ھەم كۆپ بولۇپ، ساندىمۇ، سۈپەتتىمۇ خەلقارالىق ئۆلچەمگە يەتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خىيالىي رېئالىزىمنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇچرىغان.

ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرى:«تاشپاقا»(8- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.)،«سىرىق ھوجرا»،«كالا»،« قىزىل باشاق».... قاتارلىقلار

بۇ يىلقى نوبىل مۇكاپات تۈرلىرى يۇقارقىلار بولۇپ، ئاددىيلا تونۇشتۇرۇلدى. ئوقۇرمەنلەرگە ئاز- تولا نەپ يەتكۈزسە ھېچگەپ ئەمەس. ئىسىمىزدە بولسۇن: بىزنىڭ نوبىل مۇكاپاتىدىنمۇ ئىسىل مۇكاپاتلارغا مۇناسىپ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدىمۇ چوقۇم بولىدۇ. ئۇلاغا مۇكاپاتنى خەلقارادىن بەرمىسە، ئۆزىنىڭ ئەزىزى خىەلقى بېرىدۇ.

 

زىيارەتچىلەر سەمىگە: يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئۆزۈم ئالدىراشچىلىق ئىچىدە تەرجىمە قىلغان، بەزىبىر خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبئىي، سەمىمىي تۈزىتىشلەر بولسا بىرىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

 

 

 

 

 

جەمئىي 2 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 1 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:1 دانە

  1. تورسودا : 2012-يىل11-ئاي02-كۈن00:51:47  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    يىڭى چاپىنىڭىز يارىشىپ كېتىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن!

    • تەشنايى : 2012-يىل11-ئاي02-كۈن08:23:11  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      رەھمەت! مۇنداقلا كىيىۋالدىم، ئالدىرىماي گۈزەللەشتۈرىمەن… :smile:

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟