خاتىرەمدىن ئۈزۈندىلەر
2012/06/17 ھېس پۈتۈكلەر ⁄ جەمئى: 8089 ھەرپ 2 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 619 مىھمان+

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم بلوگىمغا قەدەم باسقان ئەزىزلەر:
ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا خىيال قىلغىنمىزدەك ئۇنداق «مەنىلىك» بولمايدىغانلىقىنى سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش ھىس قىلىپ يېتىۋاتقانسىلەر، ئۆزۈمنى ئالسام، ئالىي مەكتەپتە ئاجايىپ جۇشقۇن، جەڭگىۋار بىر كەيپىيات بولسا، نۇرغۇنلىغان پىكىرداشلارنى تىپىۋالسام، چوڭ - چوڭ ئىشلار ئۈستىدە كۈن - تۈنلەپ مۇڭدىشىپ كەتسەك، ئۈگىنىشتە، ئىجادىيەتتە كەسكىن رىقابەتلەرگە چۈشۈپ كەتسەك... ياشلىق ئوتلىرىمىزنى يالقۇنلىتىپ ئەمەلىي ئىشلارغا تەۋەككۈل قىلىپ باقساق.... دەپ شىرىن خىيال قىلاتتىم. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالىم دەل ئەكىسچە بولىۋاتىدۇ، پۈتۈنلەي يات بىر مۇھىتتا نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئىككى -  تۆت تال ئۇيغۇر بالا (ئىددىيە جەھەتتە ئازراقمۇ بىردەكلىكىمىز بولمىغان) خۇددى «تاشقى پىلانىت ئادەملىرى» دەك ياشايمىز.... ئىنسان دېگەن روھىي ئىنىرگىيىگە ئىھتىياج بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئىنىرىگىينى نەدىن تىپىش كىرەك؟!
كىچىكىمدىن باشلاپ «كۈندىلىك خاتىرە» يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدىم، ئۈمۈدسىزلىك پاتقاقلىرىغا پېتىپ قالغىنىمدا ئەشۇ خاتىرىلىرىم مېنى ئويغىتاتتى. بۈگۈن توم - توم خاتىرىلىرىمنى ئالدىمغا تىزىپ قويۇپ ئۆتمۈش قوينىغا چۆكۈپلا كەتتىم، ئويلاپ - ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ شۇنچە ئۇزۇن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ بولغىنىمنى ئىتراپ قىلغۇم كەلمەيىتتى... نېمىلا دېگەن بىلەن بىزلەر دەۋىرداش ئەمەسمۇ؟! ھېس - تۇيغۇلىرىمىزدا ئورتاقلىق بولىدۇ، شۇڭا تۇيغۇلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئەشۇ خاتىرىلىرىمدىن ئازراق ئۈزۈندە تەييارلاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!
2008-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
  روھىي كۆرەش خاتىرىسى: 
نېمىدېگەن قورقۇنۇچلۇق! بۈگۈنكى جەڭ بەكلا كەسكىن بولدى. قۇياش دېڭىزغا چۆكۈپ، دېڭىزغا لاۋۇلداپ ئوت كەتتى....روھ ئالۋاستىلىرى پاراسلاپ كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. جەڭنىڭ غەلبېسى سۈپىتىدە ئەڭ ئاخىرقى بىرلا روھ غالىبانە ھالدا قىلىپ قالدى. روھ چۇقانلىرى ياڭرىماقتا...
دېڭىزدا يۇيۇنغان قۇياشنى ئاسمان قەرىگە قايتىدىن ئىلىپ چىقىش كىرەك! ھاياتلىقنڭ ھۆكۈم سۈرىشى ئۈچۈن قۇياش بولمىسا قانداق بولىدۇ؟! ھاياتلىقنىڭ جان تومۇرى قېتىشىپ قالىدۇ....
دېڭىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۋىلىش كىرەك! بولمىسا جەننەتنىڭ قەھرى تاشىدۇ. ھاياتلىقنىڭ چاڭقاشلىرىغا مۇزدەك سوغۇق سۇ بولمىسا قانداق بولىدۇ؟! ئۈمۈد مايسىلىرى قۇملار ئاستىدا قالىدۇ...
ئوتتا تاۋلىنىپ، سۇدا پاكلىنىپ چىققان بۇ ئۇلۇغ روھقا تالىق ھاياتى كۈچنى قايتۇرۇپ كېلىش كىرەك! شۇندىلا جەڭ تولۇق غەلبە بىلەن ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
ئالغا روھىيەت جېڭىنىڭ ئاخىرقى سېپىگە، ئالغا جەڭ ئوتلىرىنىڭ دەھشەتلىك يالقۇنلىرى ئىچىگە!!

2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3- كۈنى
مۇھەببەت تەبىرى:
تاشتەك قېتىشىپ كەتكەن ئىغىر بەدېنىمنى قاپقاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىگە تاشلاپ ئوڭدېسىغا ياتىمەن. بەدىنىم كۈز پەسلىدىكى قۇرۇق چالمىدەك شاماللار ئارا توزۇپ كەتمەكتە! چاچلىرىم، تىرناقلىرىم، سۈزۈك تاشتەك قېتىپ قالغان كۆزلىرىم... ھەممىسى ئاستا - ئاستا چۇۋۇلۇپ ئۇچۇپ كەتتى. ئاخىرقى نەپىسىم بەكمۇ ئىغىر ئىدى. شاماللارنىڭ ھوۋلاشلىرىدەك ئىچ - ئىچىمدىن يىغلايىتتىم.
__ ياق! مېنڭ بۇنداق ئىچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكۈم يوق. يورۇق دۇنيادىكى بۇ گۈزەل كۈنلىرىمگە تېخى قانمىغان ئىدىم. ياق، ئۇلۇغ تەڭرىم! مېنى ئېلىپ كەتمە...شۇنچە يىلدىن بىرى ماڭا ئىللىقلىق بېرىپ كەلگەن يۇرتۇمنى يەنە بىر قېتىم كۆرىۋالاي؛ قۇشلارنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن سايراشلىرىنى يەنە بىر ئاڭلاپ، ئوتقاشتەك گۈللەرنىڭ جانغا راھەت ھىدلىرىنى كۆكسۈمگە تولدۇرىۋالاي... نالەمگە قۇلاق سال تەڭرىم! بۇدۇنيانىڭ تونۇش ھاۋاسىدىن نەپەس ئىلىپ، قۇياشتەك يۈزىگە يەنە بىر قارىۋالاي...
ياق، مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈم يوق، كۆزلىرىمنى ئىلىپ كەتسەڭمۇ سەزگۈلىرىمنى كائىناتقا قويىۋەت،مۇھەببىتىمنى دېڭىز ئوكيانلارغا چېچىۋەت....

2008 يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى
__ دوستۇم، تۇرۇپلا ئويلاپ قالىمەن. ئادەم كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىكەن، ئەمما كۆڭلى مەڭگۈ ئۆتمۈش قوينىدا ياشايدىكەن. ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسىگە يېتىپ بارغىنىدا ئۆزى بىر ئۆمۈر قوغلاشقنىنىڭ  ئەمەلىيەتتە قاپقارڭغۇ بىر ھاڭ ئىكەنلىكىنى، ئۆتمۈشتىكى كۈنلىرىنىڭ بولسا، بىر پارچە سۈرەتكە ئايلىنىپ، كەينىدىن سۆرىلىپ كەلگېنىنى كۆرىدىكەن.
__ شۇنداق! ھاياتلىق يولى بەئەينى بىر ئىگىز تاغقا ئوخشايدۇ. باشقىلارنىڭ بەس - بەستە يۇقىرىغا يامىشىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئاجايىپ چۈشلىرىڭنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن توختىماي يامىشىسەن. ئىگىزگە چىققانسىرىڭ تېخىمۇ ئىگىزگە چىققىڭ كىلىدۇ. شىۋىرغان - جۇدۇنلار ئالدىڭدىن ئۇرۇپ تۇرسىمۇ، دۆۋە - دۆۋە جەسەتلەر يول بويلىرىدا تاشلىنىپ تۇرسىمۇ، بەزىدە تاساددپىي ئۇچراپ قالىدىغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردە تۈنەپ قالساڭمۇ، يەنىلا بىر خىل كۈچنىڭ بۇرنىڭدىن يىتلىشى بىلەن داۋاملىق يامىشىشقا مەجبۇر بولىسەن. لىكىن سەن ئىنتىلگەن ئۇ جايمۇ ئادەتتكىكدەك بىر چوققا بولۇپ چىقىدۇ.
__ ھامان ئالدىنىدىكەنسەن، ھامان ئەشۇ ناتۇنۇش چوققىدا يوقاپ كېتىدىكەنسەن....

2008 - يلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى
__ يالغۇزلۇقتىن قورقىۋاتامسەن؟! قەيسەر بول، ئاناڭ ئىيىتقاندەك«ئۇلۇغ ئاللاھ ئىككى دولۇڭغا ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان» ئەمەسمۇ؟! پاك روھىڭنى ئەنە شۇ پەرىشتىلەر قوغداۋاتقان تۇرسا، يەنە نېمىگە قورقىسەن؟ يالغۇزلۇق نەقەدەر گۈزەل - ھە! تەسۋېرلەشكە ئۇنىڭدىن گۈزەل ئىش بولامدۇ جاھاندا...
__ ئاتالمىش ئىللىقلىق دېگەن ئەرزىمەس نەرسە! باشقىلارنىڭ كەيدۈرۈپ قويغان مامۇق چاپانلىرى ساڭا ئۆزۈڭنىڭ كونا جەندىسىچىلىك ئىللىقلىق بېرەلمەيدۇ. توختىماي كۈيلىنىۋاتقان«ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت» ئىنسانلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئالدىشى خالاس.
قارلار لەپ - لەپ، كىرپىكلىرىم ئۈستىدە ئاپئاق ئۈنچىلەر. ئاسماندا كۈلىۋاتقان قۇياش، زىمنغا تۆكىلىۋاتقىنى مامۇقتەك ئاق، مۇڭلۇق قار ئۇچقۇنلىرى. بۇ جاھان ھامان ئەشۇ ئاپئاق قارلار ئاسىتىدا قېتىپ قالىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ھەممە ئەنسىزچىلىك قار دۆۋىلىرى ئاستىدا توڭلاپ قالىدۇ...

2008 - يىلى 11- ئاينىڭ 28 - كۈنى
سوراپ تۈگەتكۈسىز سۇئاللار مېنى ئىسكەنجىگە ئېلىپلاۋالدى. بىر تەرەپتىن ئادىمىيلىكىم بىلەن يىگىتلىك روھىمنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ۋىجداننىڭ سۇئال - سوراقلىرىغا تارتىلسام، بىرتەرەپتىن تېلىۋىزۇر ئىكرانىدەك سۈپسۈزۈك ئۆتمۈشۈمنىڭ سوراق نەزىرى بىلەن بىلەن تىكىلگەن ئۆتكۈر كۆز نۇرلىرى تەرىپىدىن ئىزتىراپ ئىلكىگە تاشلىنىمەن... خۇددى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلغان كىشىدەك، شۇ سۇئاللار ئالدىدا قىينالغىنىمدا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. مەن نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە ئاجىز، چۈنكى نۇرغۇن نەرسىلىرىمنى ۋاقىتقا ئۇتتىرىۋەتكەنمەن.!
__ قەدىرلىكىم، بۈگۈننىڭ سوغۇق شاماللىرى خۇددى ئەشۇ جىنمنى قىيناۋاتقان جاۋاپسىز سۇئاللاردەك مەۋجۇتلۇقۇمغا تەھدىت سالىدۇ... مەن تەڭرى تېغىدەك تىك تۇرۇپ،  قولۇمدىكى ئوت خالتىسىغا باقماقتىمەن....بىلەمسەن؟! مەن بۇ قىسقىغىنا ھاياتىمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش بىلەن سودىلاشماقچى، مەنسىتمەس چىرايلار، سۈيقەسىتلىك نەزەرلەر، مېنى ئەرزىمەس نەرسە دەپ تونىغان نادان قەلىبلەر...ھەممىسى چوقۇم ئالدىمغا يۈكۈنۈپ، ئىستىخبار ئىيتىشى كىرەك... ئامرىغىم! بۈگۈنۈمنىڭ مەڭزىگە مىھرىڭ بىلەن سۆيۈپ قوي. ئۇ كەتمەكچى، ئارمانسىز كەتسۇن....

2009 يىلى 2 - ئاينىڭ 4- كۈنى
بۇ دۇنيادا بەكمۇ نۇرغۇن ئىشلار مېنىڭ قىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. ئانام تولىمۇ بۈيۈك ئارمانلار ئۈستىگە مېنى ئوغۇل بالا قىلىپ تۇغقاندەك قىلىدۇ. مەن...مەن ئۆزۈمنىڭ «ئوغۇل بالا» ئىكەنلىكىمنى مۇكەممەل ئىسپاتلاپ چىقىشىم ئۈچۈن، بوشلۇققا ئايلانغان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇكەممەللىكە قاراپ ئىلگىرلىشىم كىرەك!
قوللىرىنى گەز باسقان ئورۇق بىر بالا، پاختىلىرى چىقىپ قالغان جۇل چاپېنى، رەڭگى ئۆڭۈپ توپا رەڭگىگە كىرىپ قالغان شىلەپىسى، بىچارىلىك ئىلكىدە مىدىرلاپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزى... مېنىڭكىگە ئوخشاش كۆرەك قەپىسى ئىچىدىكى يۈرىكى... ئۇمۇ ئانىدىن تۇغۇلغان ئوخشاش بالا ئىدى ! ئەمما تەقدىر ئۇمى باشقا بىر خىل ھالەتكە دۇچار قىلدى.  ئۆمۈر بويى تۇپراق بىلەن بىر تەنگە ئايلىنىپ، ئىتىزدا ئىشلەپ بەللىرى مۈكچەيگەن مىسكىن بوۋاي. ئۇنىڭ مىسكىنلىكىنى ئۆزى بىلمەيدۇ. بىر ۋاخ ئىسسىق تاماق ئۈچۈن، بىر كۈنلۈك تىنىچ تۇرمۇش ئۈچۈن، ھەممە نەرسىسىنى ئاتىغان ئۇ ناتىۋان، پاكلىق بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن ئۆزىگە تەسەللىي تىپىپ ياشايدۇ ھەم ياشاۋاتىدۇ! لىكىن قانخۇرلار ئۇنىڭغىمۇ چىدىماستىن، قانسىراپ كەتكەن چىشلىرى بىلەن يەۋېتىشنى ئويلايدۇ. مەن چىن تۈمۈر باتۇر! مەختۇمسۇلا قىنىسەن؟!....

2009 - يلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى 
چۈمۈلە توپىدەك مىغ - مىغ ئادەملەر ئارىسىدا ئۆزۈمنى قوغلاپ كىتىپ بارىمەن. بىرسى زەھەرخىەندىلىك بىلەن پۇتۇمغا دەسسەپ«ھىچقىسى يوق» دېگىنىدە چۈچۈپ ئويغىنىمەن. ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدىغان قىزىل رەڭ ماشىنلار تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قاتتىق سېگىنال بەرگىنىدە، روھىمنڭ ئەتىرگۈلدەك قوللىرىنى مەھكەم تۇتىۋالىمەن. يول بويلىرىكى نۇمۇسسىز ئىلارنى مەنسىتمەسلىك بىلەن مەسخىرە قىلىمەن. ئالا بالتاق يوللاردا ئالدىراش يۈگىرەيمەن، قىزىل رەڭ كوچا چىراغلىرى مېنى كۆرسە يىغلاپ تاشلايدۇ. مەن ئۆزۈمنى قوغلاپ كېتىپ بارىمەن.
چىرايلىق بىزەك ئىچىگە ئورىلىۋالغان ئىسكىلىتلىرىم جىددىي ھەرىكەتلەرگە كۆنۈپ كەتكەن. ئۇ روھىمنىڭ سادىق چاپارمىنىدەك بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقۇمغا مەنا قوشۇپ تۇرىدۇ. روھىم تىزگىنەك بىلەن ئۇنى بىمالال باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. كۆپ ھاللاردا مۆشۈك بىلەن چاشقاندەك ئاياغلاشماس قوغلىشىشلار باشلىنىدۇ. روھ ۋە تەن بىر نەرسىگە مەركەزلەشكەن ئەشۇ كۈنى چوقۇم مۈجىزە يۈز بېرىدۇ!

2009- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى
بەزىدە ۋاقىتنى ئىككى قولۇمدا تۇتۇپ ئولتۇرۇپ يەۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالىمەن. كوچا چىراغلىرىنىڭ سوغۇق نۇرلىرى غىل - پال چۈشۈپ تۇرىدىغان بىر جايدا ۋاقىتنىڭ مەۋجۇداتلارنى زادى قانداق يەيدىغانلىقىنى كۈزەتمەك بولۇپ، قاراپ تۇرىمەن.
نېمە ئۈچۈن يېيىشنى «قان ئاققۇزۇش» بىلەن ئوخشاش مەنىدە چۈشىنىپ كەتكەندىمەن؟! ۋاقىتنىڭ مەۋجۇداتلارنى يېيىشى نىمىدېگەن ھەيۋەتلىك - ھە! تۇيدۇرماستىن، ئاستا - ئاستا... بىز دېڭىزدىكى بىلىجانلارمىز!
قۇملار ئىرىپ دېڭىزغا ئايلانغىنىدا، دېڭىزلار قىتىپ تاغقا ئايلانغىنىدا بىز شىرغا ئايلىنىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشتىھاسى كىرەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ھىچنىمىگە ئوخشايدىغان ئىغىزىدا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈپ تۇرىدۇ، بىز تەسەۋۋۇر قىلايمايدىغان ھىڭگاڭ چىشلىرى كۆرىنىپ تۇرىدۇ.
بىر قاپ سەرەڭگىنى چاينىماي يەۋەتتىم، بىنزىندىن بىر قۇتا ئىچتىم. مەنمۇ ۋاقىتقا ئوخشاش ئۇلۇغ بىرنەرسە بولسام دەيمەن. لىكىن ئۇ مېنى يالماپلا يوقىتىۋەتمەكچى، مېنى ھالاك قىلماقچى! شۇڭا مەن كۆرەش قىلىمەن، يالقۇنتاغدەك كۈۋەجەش ئۈچۈن....!

يۇقارقىلار خاتىرىلىرىمدە ساقلىنىپ قالغان سەبئي تۇيغۇلىرىمدىن ئىبارەت. كىيىنچە ۋاقىت چىقىرىپ، ياشلىقتىكى ئەڭ نازۇك تېمىلىرىمىز ئۈستىدە داۋاملىق مۇڭدىشىمىز!

جەمئىي 2 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 2 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:0 دانە

  1. تەشنايى : 2012-يىل06-ئاي20-كۈن07:10:29  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، كىلىپ تۇرارسىز!

  2. ئەلگە نەپ : 2012-يىل06-ئاي20-كۈن02:15:47  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    نېمىدىگەن ھىسياتلىق ئوقۇپ بولالمىدىم دىسە :???: ئالدىرماي ئوقۇي ئەمدى

    ۋاقتىڭىز يەتسە بىز تەرەپكە كىلىپ تۇرارسىز… ;-)

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟