Home > ,  > سەرسان تۇيغۇلار

سەرسان تۇيغۇلار

0

سەپەر ئۈستىدە
خەيرى-خوش ئەل يۇرت، ئۇرۇق تۇققان قىرىنداشلىرىم؛ خھەيرى -خوش ماڭا كەڭ قۇچاق ئاچقان مۇقەددەس زىمىن! كۆزلىرىمدە چەكسىز ھىجران ئوتلىرىنى يىلىنجىتىپ، ماشىنىنىڭ كىچىككىنە ئەينىكىدىن يىراق-يىراق بوستانلىقلارغا نەزەر سالغىنىمچە قوينىڭدىن يىراقلاپ بارماقتىمەن. نە ئامال! ئاجىز قۇشۇڭ دىڭىز ئوكيانلارنى كىزىپ، تاغ داۋانلار ئاشمىسا بۈيۈكلۈك سەلتەنىتى نەدە تۇرسۇن! راسىت،تولىمۇ مۇرەككەپ بىرخىل تۇيغۇدا سىنى خوش دىمەكتىمەن. ئالدىم پۇتۇنلەي مەۋھۇم كەلگۈسى،كەينىم بىر تالاي ئەسلىمە......مەغۇرۇر ھەم چۈشكۈن ھالەتتە كىتىپ بارىمەن. بەلكىم مىنى كۈتۈپ تۇرغىنى سىنىڭ قوينىڭدا پورەكلەپ خۇش پۇراق چاچقان گۈللەردەك گۈزەل كۈنلەردۇ،ۋە ياكى .......
ناھىيمىزنىڭ ئۇزۇن يوللۇق بىكىتىدە ئەشۇ تونۇش بولغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا چىققىنىمدىلا خىياللار ئىلكىدىن چۈچۈپ ئويغاندىم. ياق، مەن مۇقەددەس يۇرتۇمنىلا ئەمەس مىھرىبان ئاتا-ئانامنىمۇ قالدۇرۇپ كىتىش ئالدىدا......ماشىنىنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ يۇرۇكۇممۇ جىغىلداپ كەتتى، ماشىنا ئەينىكىدىن ئۇلارنى ئاخىرقى قىتىم كۆرىۋالدىم. كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان، قورۇق باسقان چىرايى يىغلامسىراپ تۇرغان قۇياشتەك بىر ئانا قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە بوشلۇق قوينىغا سىڭىپ كەتتى.
بوشلۇق چەكسىزلىكتىن باشلىنپ چەكسىزلىككە تۇتاشقان، مەن خۇددى يەر يۇزىدىكى بىردىنبىر تەپەككۇر ئىگىسدەك ئاجايىپ كۆپ خىياللار ئىلكىدە كىتىپ بارىمەن. ئىگىز پەس بىنالار، قاتار كەتكەن«يىمىرىلمەس» ئۆيلەر، دەرەخلەر ......ئۆزىىگە ئاجايىپ كۆپ ھىكىمەتلەرنى يۇشۇرغاندەك كۆزلىرىمنى غەلەت قىلىپلا كەينىمدە قالدى. بوز تۆگىنىڭ لوككىسىدەك دۆۋە-دۆۋە قۇم بارخانلىرى گويا ئەجدادلىرىمنىڭ قەبرىسىدەك غەمكىن كۆز نۇرۇم ئاستىدا يوقاپ كەتتى . مەن غەرىبتىن شەرىققە قاراپ يىلاندەك تولغىنىپ ياتقان «تېز سۈرئەتلىك »تاش يول ئۈستىدە كىتىپ بارىمەن.
ئىنسان ماكاننى تاشلاپ كىتەلىگىنى بىلەن زاماندىن ھالقىپ كىتەلىشى مومكىن ئەمەس.كەينىمگە قارىماستىن شۇنچە تېز سۈرئەتتە كىتىپ بارغان بولساممۇ كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىقنىڭ تۈرلۈك ئالامەتلىرى تۈمەنلىگەن سوراقلارغا قوشۇلۇپ روھىمغا باستۇرۇپ كىرمەكتە،«نېمە ئۈچۈن؟؟». ئىنسانىيەت ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن بىر زاماندا تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى بۇ يۇرتلار تېخى روھسىراش ئىلكىدە مۈگىدەپ ياتماقتا.
مەن بۈيۈك بىر روھبى ئىزدەپ كىتىپ بارىمەن. جۇدالىق ئازابلىرى يۈرەك باغرىمنى تىلغاپ تۇرسىمۇ، ئالدىمغا قاراپ تەمكىن مىڭىشقا مەجبۇرمەن.
يول بويلىرىدا شەكىللەنگەن چوڭ -كىچىك ئۆتەڭلەر ئاجايىپ-غارايىپ ۋىۋېسكىلار بىلەن بىزەلگەن. تاغدەك يىزىقلار ئاستىدا تاغ باغرىدىكى يانتاقلاردەك بويۇن قىسىپ تۇرغان ئۇيغۇرچە خەتلەر، قاملاشمىغان ئىسىملار ئادەمنى نىمە ئويلارغا سالمايدۇ دەيسىز؟! «;بۇيەردە ئەزەلدىن تارىخ مەۋجۇت بولمىغان، مەدەنىيەت تىخىمۇ شۇنداق......»;   ئەلەمدىن تولغىنىمەن بىراق يۈرەككە يەتكەن بىر ئاغرىق بىلەن جىمىپ قالىمەن.......يەر يۈزىدە، دۆلەتتە،يۇرۇتتا، كۆز ئالدىمدا مەن ئويلاپ باقمىغان يەنە قانچىلىك ئىشلار يۈز بىرىۋاتقاندۇ-ھە! دۇنياۋېيلىشىش، ئەركىن رىقابەت بىزنى نەلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدىكىن تاڭ!
داۋانچېڭغا كەلسەملا «دونكېخوت»رومانىنى ئەسلەپ قالىمەن،خۇدىدى شۇ روماندىكى بىر كۆرۈنۈش داۋانچېڭدا ئىلىنغاندەك. بۇ يەردە ئادەمنى ئىختىيارسىز ھالدا «قويۇپ بەر گۆركىرىسۇن بورانلار!»دىگەن جۈملىنى ئەسلىتىدىغان تۇيغۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇيەردە سانسىز چاقىپەلەكلەر خۇددى بىزنىڭ يۇرۇتتىكى دىھقانلاردەك توختىماستىن چۆرگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلىنى پەقەت داۋانچىڭغا كەلگەندىلا ئەسكە ئالىسەن. بۇيەردە ئىگىز-ئىگىز دۆڭلەر ھەيۋەت شەھەر _ئۆرۈمچىگە قاراپ تۇرىشىدۇ. بۇيەردە .......
تۈگىمەس خىياللار بىلەن قۇياش ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن بىر چاغدا بۇشەھەرگە كىرىپ كەلدىم. قارىماققا ھەممە ئادەم شۇنداق ئالدىراش،ھەممە نەرسە شۇنداق جىددى ھالەتتە. رىقابەتنىڭ روشەن نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان بىنالار،مىھمانسارايلار، ئۆتۈشمە يوللار.......كىشىگە «بۇ مارىستا قۇرۇلغان يىڭى شەھەر»دىگۈزىدۇ. بىر ۋاخ ئۇيغۇرچە تائام يەپ قورسىقىڭنى تويغۇزۇش ئۈچۈن دۆڭكۆۋرۈككە بىرىشىڭ كىرەك،بىر قۇر مىللىيچە كىيىم سىتىۋىلىش ئۈچۈن دۆڭكۆۋرۈككە بىرىشىڭ كىرەك،ئۆز تىلىڭدا سۆزلەپ مەقسىتىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۆڭكۆۋرۈككە بىرىشىڭ كىرەك،ئۇيغۇرنى كۆرۈش ئۈچۈن دۆڭكۆۋرۈككە بىرىشىڭ كىرەك،ئەقەللىيىسى ئۆرۈمچى دىمەكدوۆڭكۆۋرۈك دىمەك. شۇنچە چوڭ شەھەرنىڭ ئەشۇ كىچىككىنە بۇلۇڭىدىلا مىللىي ئۆزلۈكنىڭ ئاز تولا ئىزناسى ساقلىنىپ قالغان.
ئۇزۇن-ئۇزۇن كۈتۈشلەردىن كىيىن بىرمۇ ئۇيغۇر يىزىقى ئىشلىتىلمىگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋوگىزالدىن ئاران تەستە پويىزغا چىقىۋالدىم. جىمى مەۋجۇداد مىنى تاشلاپ ئاستا-ئاستا كەينىگە قاچماقتا. ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ كەلگەن بۇ ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مەخلۇق ئىچىدە بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئۇيغۇر بار. دەسسلىپ،سوقۇلۇپ ئادەملەر ئاران سىغىۋاتقان ھەر بىر ۋاگوندا تاساددىپى بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالساڭ ھەيران قالىسەن....... مانا بۇ مەسخىرىلەرگە تولغان ئاچچىق ھەسىرەتلىك رېئال دۇنيا! مانا بۇ مەھكۇملۇق ئىچىدىكى مەۋجۇتلۇق!
تالاي-تالاي رىيازەتلەرنى چىكىپ،ھارغىنلىق ،چۇشكۈنلۈك ئىلكىدە پايتەخىت شەھرىنىڭ چەت بىر رايۇنىغا كىلىپ چۈشتۈم. گەرچە قولۇمدا مەكتىۋىمنىڭ چاقىرىقى بولسىمۇ،ھەممە نەرسىسى ناتونۇش بولغان بۇ شەھەرنىڭ بوسۇغىسى ئالدىدا گاڭگىراپ قالدىم. مەن خۇددى تاشقى پىلانىتلاردىن تۇيۇقسىز كىلىپ قالغان ئادەمگە ئوخشايىتتم. ئەتىراپىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كىشىكەر قىزىقىش ئىلكىدە سوغۇقلا نەزەر تاشلاپ قويۇپ كىتىشىپ قالاتتى . نە ئامال! بىز ئەشۇنداق ھەممە يەرگە غىرىپ يارالغان ئوخشايمىز، ئۆز يۇرتىمىزدىمۇ شۇنداق،يات شەھەرلەردە تېخىمۇ شۇنداق. بۇنى يىڭىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى: ئاجىز تۇيغۇلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىش،بىزنى غىرىپ ۋە مىسكىن تۇيغۇلارغا كۆندۈرۈپ قويغان تۇيغۇ ئەزالىرىمىزغا يىڭىدىن ئۈمۈد ۋە ئىشەنىچ ئاتا قىلىش. شۇنداق، مەنمۇ يەرشارىدىكى ئىنسانلار توپىنىڭ بىر ئەزاسى،نەدىلا بولماي ماڭا مانسۇپ بولغان بىر كىشىلىك بوشلۇق،شارائىت ۋە ئەركىنلىك بولىشى كىرەك! ئاللاھ ياراتقان ھەربىر بەندىسىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئاتا قىلغان ئەلۋەتتە.
قەلبىمدە غەليان كۆتىرىۋاتقان غىرىپلىق تۇيغۇلىرىمنى يوقىتىش ئۈچۈن تەمكىن ھالدا بىر تاكسىي توستۇم. ئەلۋەتتە بېيجىڭ شەھرىدە تاكسى كىراسىنىڭ ئىنتايىن قىممەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم،لىكىن قولۇمدىكى بىردىنبىر كۈچ _پۇلغا تايىنىپ بولسىمۇ ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىشكە تىرىشتىم. ئادەم پۇلنى نىمە ئۈچۈن تاپىدۇ؟! ئەلۋەتتە ئىھتىياجىنى قامدىشى،قانائەت تۇيغۇسىغا ئىرىششى ئۈچۈن ئەمەسمۇ! مەن يانجۇقىمدكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بولسىمۇ ناتوتۇنۇش شەھەردە سەرگەردانلىك تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلۇشنى خالايمەن........ئەقىللىق شوپۇر ئەتتىگەندە كەلگەن ئامەتنى كەتكۈزىۋىتىشنى خالىمىدى بولغاي،پۈتكۈل شەھەرنى تولۇق بىر ئايلىنىپ ئاندىن مەنزىلگە ئاپىرىپ قويدى. 120سوم پۇلنى ئۇنىڭغا سۇنغىنىمدا قوللىرىم ئازراقمۇ تېتىرىمىدى،شوپۇرنىڭ كۆزىگە مىختەك قادىلىپ ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. شۇنداق، ئۇ .ەبلەخ مەن ئۈچۈن 120 سومنىڭ قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلسۇن!كەچۈر ئانا،سىنىڭ تەستە تاپقان پۇللىرىڭنى ئەنە شۇنداق تەرىقىدە خەجلەپ تۈگىتىغان بولدۇم.سەن مىنى مەغرۇر ،تەمكىن ياشا دىگەن ئىدىڭغۇ -ھە!
كۆز ئالدىمدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتىرىپ تۇرغان  بىر ئىمارەت_كەلگۈسى تۆت يىللىق ھاياتىمنىڭ بۆشۈگى ئالىي مەكتىپىم تۇرۇپتۇ . ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىسىدىن ئوڭ پۇتۇمنى بىشىدا ئىلىپ ھاياجان ئىلكىدە كىرىپ كەلدىم. ئۇنىڭ ياپيىشىل دەرەخ ۋە گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن قوينى ماڭا خىلى ئىللىق تۇيغۇ بەردى. تەبىيئەت مەندىن ئانچە يىراقلاپ كەتمىگەندەك قىلاتتى!!
تولىمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا سەھرا كوچىلىرىدا پادا ھەيدەپ يۈرۈپ، شەھەر،بىنا، ئۆتۈشمە يوللار، چوڭ-چوڭ مەكتەپلەر توغرىسىدا سۆز چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم. تېلىۋۇزۇردا كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ كىچە ئاسمىنىدەك يىراق بىر جايدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالاتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇپ، ئۆزۈمنىڭ يۇمۇلاق جىسىمنىڭ ئىچىدە ئەمەس تېشىدا ياشايدىغانلىقىمنى بىلىشكە باشلىغان چىغىمدا،مۇئەللىم چوڭ شەھەرلەردىكى ئەشۇ داڭلىق مەكتەپلەرنى داڭلاپ جەننەتتەك تەسۋىرلەپ بىرەتتى. دائىم ئۆگزىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ ،يۇرتىمىزنى ئوراپ تۇرغان ئىگىز تاغلارنىڭ كەينىگە نەزەر تاشلىغىنىمچە تاتلىق خىياللارنى قىلاتتىم: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى يىزامدىن چىقىپ ناھىيە ئىچىدە ئوقۇسام؛تولۇق ئوتتۇرىنى بولسا مۇئەللىم ھەر كۈنى ماختاۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ھىچ بولمىغاندا ئۆرۈمچىدە ئوقۇسام؛ ئالىي مەكتەپنى پايتەخىت بېيجىڭدا ئوقۇسام، ئاندىن پۇرسەت تىپىپ ئەشۇ غەلىتە ئىشلارنى كۆپ قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ يۇرتىغىمۇ بىر بىرىپ باقسام......
بۈگۈن ئەشۇ تاتلىق خىياللىرىمنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا تۇرىۋاتقانلىقىمنى ئويلىسام،ھاياجان بىلەن كۆز ياشلارۈغا تولىمەن. شىرىن خىيال بىلەن رىئاللىقنىڭ بۇ دەرىجىدە جىپىسلىشىدىغانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. خىيال سۇرۇشنىڭمۇ ئۇسۇلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئوڭدىسىغا يىتىپ مۇگىدىگەن ھالەتتە ئەمەس، ئىگىز تاغنىڭ تېك چوققىسىدا تۇرۇپ، چەكسىز يىراقلارغا كۆز تىككەن ھالەتتە سۈرۈش كىرەك. ئاندىن بىر خىل تارتىش كۈچىنىڭ تۈرتىكىسىدە توختىماستىن ھەرىكەت قىلىدىغان تىرىشچانلىق بولىشى كىرەك! ئاىىرىدا مەغلۇبىيەت بىلەن خولاسىلىنىشىمۇ مومكىن، بىراق ككپىنچە ئەھۋالدا نەچچە يىل ئاۋالقى شىرىن خىيالمۇ بىلىپ بىلمەي رېئاللىققا ئايلىنىپ قالىدۇ !
«ئالىي مەكتەپ يىرىم جەمىيئەت»دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. كۆز ئالدىمدىكى بۇ كىچىك دۇنيا ھازىرچە ئانچە سۈرلۈك كۆرىنىپمۇ كەتمىدى. سومكىسىنى ئىسىپ ئالدىراش يۈرگەن بالىلار ھەممىلا يەردە كۆزىڭىزگە چىلىقىدۇ، ئىشقىلىپ شۇنچە كەڭ مەكتەپ سەيناسىنىڭ بىرمۇ خىلۋەت جايى يوق، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش.......ئۆزۈمنى كۆلچەكتىن چىقىپ تار ئىرىقلارنى ئۈزۈپ ئۆتۈپ دىڭىزغا قوشۇلغان كىچىك بىلىقتەك ھىس قىلىۋاتىمەن. بۇيەر ئىنتايىن كەسكىن رىقەبەتكە تولغاندەك قىلىدۇ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن جان-جەھلىم بىلەن كۆرەش قىلىشىم زۆرۈردەك قىلىدۇ.
بىقىپ موشۇ  كۈنلەرگە ئىرىشتۈرگىچە چاچلىرىغا ئاق كىرگەن ئاتا-ئانام ئۈچۈن، سۈزۈك سۇلىرى،ساپ ھاۋاسى بىلەن پاك روھ ئاتا قىلغان ئانا يۇرتۇم ئۈچۈن ،قولۇمنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ مۇڭلۇق باققان كىشىلەر ئۈچۈن، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغىنىمدا پىشانامگە سۆيۈپ، ئۇتۇق تىلىگەن قىرىنداشلىرىم ئۈچۈن ھاياتلىق كۆرىشىمنىڭ ئەڭ كەسكىن جىڭىنى موشۇ يەردە باشلايمەن!سالام ئىھ سۆيۈملۈك كىشىلەر؛ سالام ئانا يۇرتۇم! يىراق قىرلاردىكى پەرزەنتىڭلار ئۈچۈن ئىنساپ-دىيانەت، سۇلماس ئىرادە تىلەڭلار!

ھەربىي مەشىق ئورنىدا
ئنسان كەلگۈسى ئىشلارنى تەسەۋۇر قىلغاندا ھامان ھىسسىي تۇيغۇلىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىكەن. چۆل باياۋاندا ئۇسساپ ئۆلەر ھالەتكە يەتكەن ئادەم بىر يۇتۇم سۇغا ئىرىشكەندىكى بەخىت تۇيغۇسىىنى قانداق تەسەۋۇر قىلىشى مومكىن؟! بەلكىم،ئۇسسۇزلىقى قانسىلا پۈتكۈل ۋۇجۇدى يايراپ، جاھانغا قايتىدىن تۇغۇلغاندەك بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلار، ئەمەلىيەتتە رىئاللىق ئۇنداق شېرىن ئەمەس! ئۇسسۇزلۇق قانغاندىن كىيىن قانداق قىلىپ چۆللۈكتىن ئامان-ئېسەن چىقىپ كىتىش يىڭى مەسىلىگە ئايلىنىدۇ، ئۆلۈم ۋەھىمىسى يەنىلا ئۇنىڭ بىشىدا ئەگىىپ يۈرىيدۇ......
ئۇزۇن يىللىق تاتلىق خىياللىرىمنىڭ بۆشۈكى_ئالىي مەكتەپ قوينىغا يىتىپ كەلدىم. مەن خىيال قىلغان چەكسىز خۇشاللىقنىڭ بىرەرىنىمۇ بۇ جايدىن تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچ قىلالمىدىم.كىشى سانىنى مۆلچەرلەشكىمۇ پىتىنالمايدىغان كۆپ ئوقۇغۇچىلار، مۇستەقىل بىجىرىشىڭنى كۈتۈپ تۇرغان تۈگىمەس رەسمىيەتلەر،تولغىما يىلاندەك ئۇزۇن ئۆچرەتلەر،تەشنا كۆزلىرىڭگە ھىچبىر مىھىر بىرەلمەيدىغان ناتۇنۇش چىرايلار، تىقما-تىقماق بىنالار......شاتلىقلىرىڭنى ئاستا-ئاستا توزۇتۇپ كىتىدۇ. بىلىپ-بىلمەي ئالدىراپ ھاياجانلانمايدىغان بولۇپ قالىسەن. شاتلىق خۇددى كەمپۈتتەك تاتلىق،بىراق كەمپۈت شۇمگەندەك بىردەملىكلا بولىدۇ، كۈنلەر سىنىڭ تەمكىنلىك بىلەن شاتلىق ۋە قايغۇلارغا ئىلمىي جاۋاب بىرىشىڭنى كۈتىدۇ!
يىرىم كۈنلۈك تىزىمغا ئالدۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئىككى ھەپتىلىك ھەربىي مەشىق ئۈچۈن مەكتەپتىن ئايرىلىپ ھەربىي گازارمىغا قاراپ ماڭدۇق. ئۆيدىن مەكتەپكە كەلگۈچە يول ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان ئىدىم،مانا ئەمدى ئازراق ئاراممۇ ئالماستىن ھەربىي مەشىق قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن.كەلگىنىمگە تولۇق بىر كۈن  بولماي تۇرۇپ ،ئۆيدىكىلەرنى، يۇرتۇمنى سىغىنىشقا باشلىدىم. قورقمىغان بولسام «ئوقۇمايمەن بۇ مەكتەپتە»دەپ قىچىپلا كەتكەن بولار ئىدىم. بىراق، ئامال يوق-دە! ئىرىشىش ئۈچۈن جەزمەن بەدەل تۆلەش كىرەك.ئادەم ۋاقىت بولسىلا ھەممىگە كۆنۈپ كىتىدۇ. لىق يولۇچى قاچىلانغان ئابتۇبۇس ئىچىدە يۈك تاقىلىرىمنى قۇچاقلاپ،چەكچىيپ ئولتۇرىمەن. ئەتىراپىمدىكى كىشىلەر ئارىسىدا نەساۋاقدىشم نە ياتاقدىشىمنى تونۇمايمەن. «ئىسمىڭ نىمە، نەلىكسەن؟»دىگەندەك سۇئاللارغا ئاددىيلا جاۋاب بىرىش بىلەن توختايمەن. ئۇلارمۇ مىنىڭ «ئامىرىكىلىق» ئەمەس «شىنجاڭلىق» ئىكەنلىكىمنى بىلىپلا «قىزىققىدەك يىرى يوق ئىكەن»دىگەندەك ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كىتىدۇ. مەن ئۆز دۇنيارىمغا قايتىمەن! توغرا ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇغىلى ئىچكىرىگە كەلگنىمدىمۇ موشۇنداق غىرىپلىق ھىس قىلغان ئىدىم،ئەلۋەتتە ئۇ ۋاقىتلاردا نورغۇن ئۇيغۇر ساۋاداشلىرىم يىنىمدا بار ئىدى . بەزىدە مەكتەپ سىرىتىغا چىقىپ قالساق كىشىلەر «سىلەر قايسى دۆلەتتىن؟»دەپ سوراپ قالاتتى بىزمۇ ھىچ ئىككلەنمەستىن ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقراسىنى تونىمايدىغان ئۇ كىشىلەرگە ئامرىكا ياكى تۈركىيەدىن كەلدۇق دەپ قوياتتۇق، كىلىشتۈرۈپ بىر نەچچە ئىغىز ئىنگىلىزچىمۇ سۆزلەپ قوياتتۇق تېخى، ئاندىن ئۇلار ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالاتتى، بىزمۇ چەتئەللىكلەردەك تولىمۇ ئەركىن قىلىقلار بىلەن كىتىپ قالاتتۇق. ھىچ بىلىپ بولالمىدىم! شىنجاڭلىق نىمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەرگە  شۇنچە ئەسكى كۆرىنىدىكىن تاڭ!؟ ئىش بىجىرمەكچى بولساقمۇ كىملىككە قاراپلا مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىۋالغان، كوچا ئابتۇبۇسلىرىغا چىقىپ قالساق ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ «ئورۇن بوشۇتۇپ» بەرگەن.......ھەي! ھەممە باررۋەرلىك تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بىر جەمىيئەتتە بۇنداق ھادىسىلەر كىشىنى راستىنلا بىئارام قىلىدۇ!    ماشىنا ئىرماش-چىرماش يوللار ئارا كىتىپ بارىدۇ.
ئابتۇبۇس ئەينىكىدىن قاراپ گۈزەل شەھەر مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىش نەقەدەر رومانتىك-ھە! ئىگىز-ئىگز بىنالار، يول بويلىرىدىكى دەرەخ ۋە گۈللەر،دېڭىزدىكى بىلىجانلاردەك كىتىشىۋاتقان ئىسىل ماشىنىلار......كۆز ئالدىڭدىن بىر-بىرلەپ ئۆتىدۇ،ئاجايىپ ئۇستاتلىق بىلەن ئىشلەنگەن گۈزەل سەنئەت ئەسىرىنى كۆرگەندەك تۇيغىدا بولۇپ قالىسەن. ئاسمانغا تاقاشقان ئەينەك بىنالارنىڭ ئارىسىدا بىر نەچچە قەۋەتلىك كونا بىنالارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ؛ رەڭگارەڭ قاتناش بەلگىلىرى بىلەن بىزەلگەن تېز سۈرئەتلىك يوللار ئەتراپىدا مەينەت تار كوچىلارنىمۇ چىلىقتۇرۇپ قالىسەن، بىرلىرى داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلاردا گېدىيىپ كىتىپ بارغان بىرلىرى كوچا بويلىرىدا يايما ئىچىپ ئولتۇرغان......سىلشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان چەكسىز بوشلۇق پۇخادىن چىققۇچە تەسەۋۋۇر قىلىشىڭغا يىتىدۇ،ھاياجان بىلەن «ھايات دىگەن موشۇ ئىكەن!» دەپ قالىسەن. يوللار كارۋان يولىدەك ئۇزۇن ،تۇرمۇش رەڭگارەڭ!
خىياللىرىم ئاياغلاشماي تۇرۇپ مەنزىلگە يىتىپ كەلدۇق. ھەربىي تۇرمۇش باشلاندى. تاڭ ئاتماستىلا قورقۇنۇشلۇق سىگىنال ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئويغاندىم، ئەتتىگەنلىك مەشىق باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى، ئويلاپمۇ باقمىغان بىر خىل چەبدەسلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەييارلىق قىلىشقا باشلىىدىم! ياتاقتىكى يىگىرمىگە يىقىن ئادەمنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ھەرىكەتلىرىمنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدۇ، گەرچە ھەممىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىلمەسكە سىلىپ ئۆز ئۇسلۇبۇم بويىچە قىلىۋەردىم! بەزىلەر «سىلەرنىڭ يۈز قولىڭلارنى يۇيۇشىڭلارمۇ بىزگە ئوخشىمامدۇ؟» دەپ سورىدى، كەسكىن قىلىپ «ھەئە! بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قىلىمىز!»دەپ جاۋاب بەردىم، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلار ئىدىم،بىراق .......مەشىقلەرنى پۈتۈن تىرىشچانلىقىم بىلەن ئەستايدىل قىلدىم. «مەن ئەتىلا قورال ئىسىپ جەڭگە چىقىشىم مومكىن، قىلچىلىك بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، جەڭدە ماھارەت كىرەك !»خىياللار بىلەن ئۆزۈمگە مەدەت بىرىمەن . پۇت قوللىرىم سىرقىراپ ئاغرىيدۇ، ئەمما ئاغرىقنى سەزمەسكە تىرىشىمەن، ئەقىل-ئىدراك ئارقىلىق بىر تەننى تولۇق كونتېرول قىلىش، يۇشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قىزىپ چىقىش تامامەن مومكىن-دە!
ئىلگىرى ئىچكىرىدىكى خەنزۇ بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ باياشات تۇرمۇشتا چوڭ بولغاچقا ئىرادىسى ئاجىز كىلىدۇ، بۇنداق جاپالارغا ھەرگىزمۇ چىدىمايدۇ،دەپ ئويلايىتتم،بىراق ھازىر كۆرگەنلىرىم ئەكىسچە بولدى. ئۇلارنىڭ ئىنتىزامچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، تولىمۇ ئاكتىپ، چىدامچان،يەنە كىلىپ سىياسىي كاللىسىمۇ خىلى ئۆتكۈر......بۇلار بىلەن يۇرتۇمدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇچىلىرىنى سىلىشتۇرۇپ قالدىم. بىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ جاپادا چوڭ بولغان بالىلىرىمىزدا موشۇنچىلىك بىردەكلىك، ئىنتىزامچانلىق،مەسئۇلىيەتچانلىق بارمۇ! ئۇلارنىڭ كاللىسى نىمىلەرنى ئويلايدۇ!؟ مەشىق ئارىلىقلىرىدىكى دەم ئىلىشلاردا سەھنىگە چىقىپ كۆپچىلىككە ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئورۇنداپ بەرمەكچى بولغانلار سىغماي قالىدۇ! ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تەمتىرەش يوق، ھەممە ئادەم ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەت ئىزدەيدۇ. كۈچلۈك رىقابەت ئارىسىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق پۇرسەت ئىزدەش كىرەك،بۇ بىزنىڭ ئومۇمىي پىسخىكىمىز بولغان «رىقابەتتىن قىچىش، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى بىلمەسلىك...»لەر بىلەن روشەن سىلىشتۇرما بولىدۇ.
يىرىم سائەتتىن ئارتۇق «دىققەتتە تۇرۇش» مەشىقى جەريانىدا كەينىمگە يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم، ئەتىراپىمدىكىلەرنىڭ مىدىرلىماي تۇرىۋاتقىنىغا قاراپ ھەيران قالدىم. ئانا، مەن سەن ئۈچۈن ھۆرمەتتە تۇرىۋاتىمەن،ئاتا، سىنڭ ئىگىلمەس قەددى قامىتىڭنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ بەرداشلىق بىرىۋاتىمەن، مەن  نورغۇن كىشىلەر ئارىسىدا جاسارىتىمنى سىناش ئۈچۈن چىداۋاتىمەن. مەن تىك تۇرۇشنى يۇرتىمىزنىڭ ئىگىز تاغلىرىدىن ئۈگەنگەن، سايدا ياشىرىپ تۇرىدىغان توغراقلاردىن ئۈگەنگەن، سۈر ھەيۋىسى جاھاننى بىر ئالىدىغان شارقىراتمىلاردىن ئۈگەنگەن...... ئاتلار توپا چاڭ ئۆرلىتىپ، ياۋغا قاراپ ئىتىلماقتا! نەيزىلەنىڭ ئۇرۇلىشىدىن ئۇچقۇن يانماقتا، قان كىچىپ جەڭ قىلىۋاتقان باھادىر يىگىت ئۆلۈمنى تامامەن ئۇنتىغان، كاللا كىسىش ئۈچۈن، ياۋنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن......رومانلاردىكى جەڭلەر كۆز ئالدىمدا زاھىر بولماقتا.
مەشىق داۋام قىلماقتا، كۈنلەر بىر- بىرىنى قوغلىشىپ كىتىپ قالماقتا. ئەتىراپىمدىكىلەر ماڭا ئۇنچىلىك ھەيران قالارلىق ھالدا قارىمايدىغان بولدى، مىنىڭ ھەرىكەتلىرىم ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئەقىلي تونۇش دائىرىسىدىن ئورۇن ئالدى. مەن دۇنيادىكى بىردىنبىر يالغۇز ئادەمدەك بىر بۇلۇڭغا مۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كۆز ئالدىمدىكى ھادىسىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتمەكتە. مەدەنىيەت ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بىر نەرسە،دۇنيادىكى ئىنسانلار ئەنە شۇ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر بىلەن پەرىقلىنپ تۇرىدۇ. مەدەنىيەت بىر كىشىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، قىممەت قارشى، خارەكتىرى، ياشاش ئۇسۇلى......ھەممە-ھەممىنى ئوخشىماسلىققا ئىگە قىلىدۇ. بىز نۇمۇسلۇق دەپ قارىغان ئىشلار بىراۋلار ئۈچۈن شەرەپلىك بىلىنىشى مومكىن. ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ بەزى قلىقلىرى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەكلا بىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان قىلىقلىرىنى يولۇقتۇرغىنىمدا بىرىنچى بولۇپ ئۆزۈمگە مەدىنىيتىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىمەن. مەدەنىيەت ئامىللىرى كۆپ خىللىشىۋاتقان بۈگۈنكى زاماندا بىز چوقۇم توغرا بولغان مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى يىتىلدۈرىشىمىز كىرەك! ھەممە نەرسىنى «ئىلغارلىق»دەپ قوبۇل قىلىۋىرىشكە بولمايدۇ، يىڭى ئامىللارنى ئۇچىراتقىنىمىزدا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىزگە بولىدىغان پايدا زىيىنىنى ئاندىن مەدەنىيەت تەلىپىمىزگە ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىشىشىمىز كىرەك. ماس كەلمەيدىغانلىرىنى چۆرىۋىتىشىمىز ياكى ئىسلاھ قىلىپ، يىڭىلىق يارىتىپ ،ئىجادىي قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك!« ئىككىمىز بىر ئويدە ياشايمىز ئۇ ئۆزىنىڭ قاچىسىدا مەن ئۆزۈمنىڭ قاچامدا تاماق يەيمىز» شارائىتنىڭ ئۇچىرىشىشى مەدەنىيەت قارىشىنىڭمۇ ماس قەدەمدە ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ!
مەشىق داۋاملاشماقتا،ۋاقىت ئۆتمەكتە! مەنمۇ خىلى كۆپ ھەرىكەتلەرنى ئۈگىنىۋالدىم، ھىرىپ چارچاشلارمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ قالدى. جاپا ئارىسىدىن ئۆزۈمگە چۇشلۇق لەززەتنى تىپىپ ئالدىم. كەلگۈسى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى كۈلپەتلەرنى قەيسەرلىك بىلەن يىڭىش ئۈچۈن مۇشۇ كۈنلەردە مۇستەھكەم ئاساس سالدىم. بىر ئادەمنىڭ تىېنى بەرداشلىق بىرەلىشى مومكىن بولغان مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىنى بىر-بىر تىتىپ باققۇم بار. بىز ئىزدەۋاتقان بىراق تاپالمىغان نەرسىلەر ئەنە شۇنداق قىلىشقا پىتىنالمىغان ئىشلار ئارىسىدا بولىشى مومكىن. ھەممىزنىڭ بارار جايى ئوخشاشلا تۇپراق، نىمە ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ياشىمايمىز؟! تۈگىمەس خىياللار ۋە رىئال ھادىسىلەردن تەركىپ تاپقان بۇ ئىككى ھەپتىلىك ھايات ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. مەن مەمنۇنلۇق بىلەن ئاتا -ئانامنىڭ سۈرىتىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم!
يىڭى ھايات،يىڭى رىقابەت ماڭا قۇچاق ئاچماقتا! ئىككى ھەپتىلىك مەشىقنى مۇۋەپپقەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ  يىڭى جەڭگاھقا قاراپ چاپماقتىمەن

2011 يىل 10 ئاينىڭ 12- كۈنى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...



ئۈنچە قالدۇرۇش