Home >  > ھۈش! يۈرىكىڭىز پىچىرلاۋاتىدۇ؟

ھۈش! يۈرىكىڭىز پىچىرلاۋاتىدۇ؟

2

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يارەنلەر! ئەزىز تەنلەر ئامانمۇ؟ كۆرۈشمىگىلىمۇ خېلى بوپتۇ. نېمىلا بولمىسۇن بۈگۈن يەنە بىر قېتىم سالاملىشىش نىسىپ بوپتۇ، شۇڭا قۇرۇق كەلمەي دەپ خاتىرەمنى ۋاراقلىسام مۇشۇ تىما ماس كېلىدىغاندەك ھىس قىلدىم ، گەرچە بۇ بىر ئىجتىمائىي تىمىدىكى ماقالە بولسىمۇ ، ھەربىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە كىچىككىنە ئۇزۇق بېرەلىسە ئەجەپ ئەمەس!

Listen2

ھۈش!  يۈرىكىڭىز پىچىرلاۋاتىدۇ؟

    ئىسىڭىزدىمۇ ئىلگىرى بۇ ھەقتە تالاي ماقالىلەر يىزىلغان ، تالاي ھېكمەتلەر ئېيتىلغان ، تالاي ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن! كونلاردىن قالغان ئىبرەتلەرچۇ - تېخى ، مەشھۇرلارنىڭ ساۋاتلىرىنى ، مەغلۇبيەتچىلەرنىڭ ساۋاقلىرىنىغۇ دىمەيلا قويايلى ، مۇئەللىمىمىىز بىلەن ئانىلىرىىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى نەسىھەتلىرىلا نەچچە ئون توننىدىن ئاشار؟ پادىچى بۈگۈن نىمىشقا بۇرۇنقى ئەسەر يىزىش ئەنئەنىسگە خىلاپ ھالدا تېخىنىكىلىق ئەمەس بەلكى بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ھەققىدە توختىلىشنى ئويلاپ قالدى  ، بۇنىغۇ قۇيۇپ تۇرايلى! - ،  ئىلگىرى تالاي قېتىم دىيىلگەن بۇ تىمنى نىمىشقا بۈگۈن يەنە سۆرەپ ئەچىقىش زۆرۆر بولۇپ قالدى؟ بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى مۇھىم ئەمەس ، پەقەت بىرلا ئېغىز گەپ يۇقارقى سۇئاللارغا جاۋاب   [ -زۆرۆريەت]  

 [t] بۈگۈن بىز مۇلاھىزە قىلىدىغان تىما - باشقىلار نىمە دەيدۇ؟[/t]

      ئاۋۋال ئۆز كەچمىشىمدىن باشلاپ سۆزلەپ كېلەي ، ئىلگىرى ئۆگىنىش بىلەن قىلچىلىك  خوشام يوق - ماتىماتىكا دېسە جىندىن قاچقاندەك قاچىدىغان بىر بالا ئىدىم ، شۇ ۋاقىتتا باشقىلار مىنى دۆت دەيتتى ، كىيىن نېمىشقىكىن تۇيۇقسىز كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىپ قېلىپ بىر كىتاب سارىڭى بولدۇم ، باشقىلار مىنى كىتاب خالتىسى دىيىشتى ، كىچىككىنە مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلالماي بېشىمنى قاشىلاپ تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا - ئىنكاسى ئاستا ، ئەقلى نۇقتىسى تۆۋەن دىيىشتى ، مەسىلىلەرنى مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا يىشىپ بەرگۈدەك  زىرەكلىشىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدا بولسا ئاقساقال دىيىشىتى ،  بىلسەممۇ ئاقساقاللىق قىلماي دەپ  ئىچىمدە بىلىپ جىم ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىمدا ھۆپۈپ [رىۋايەتلەردە دىيىلىشچە ھۆپۈپ بىلىمنى ئىچىگە تىقىپ ھىچكىمگە تىنماي سېستۋەتكەنمىش]  دىيىشتى.  ماقۇل دەپ دەپ يىتەكچىلىك قىلىپ دەپ بەرسەم  - ئىككى تال نەرسە بىلىۋېلىپ ئاقسالىشىپ كەتتى دىيىشتى ، تېپىشماقلارنى تېزلا تېپىۋالسام داخان دىيىشتى ، تاپالمىسام  گالۋاڭ — ئۇھ !  كىيىنلاردا كىتابنى كۆپ ئوقىۋەرگەچكە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۈرئىتىم  ،پاراڭلىشىش ئۇسلۇبۇم ۋە باشقا جەھەتلەردىن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ئەڭ مۇھىمى ، مەن ئەسەر يىزىشقا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ كىتىۋاتاتتىم ، شۇ ۋاقىتلاردا ئانچە مۇنچە يازما يازدىم كىممۇ ئويلىسۇن تۇيۇقسىزلا نەزىرىيەچى بولۇپ قالدىم ، يەنى قۇرۇق نەزىرىيە سۆزلەيدۇ دېگەن نامغا قالدىم ، بولدىلا دەپ يازمىدىم ، تېخىمۇ قىزىقى ھە دەپ بەرسە ئىېشىۋېلىپتىمىشمەن ، ئۇھ!  قانداق قىلاي - ئانا تىلىمدىن  باشقا تىلنى بىلمىگىنىمدە ئەتراپىمدىكلەرنىڭ نەزىردە گاچا ئىدىم ، ئەمدى ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋىدىم ، نىمە كۆرسە شۇنىڭغا قىزىقىپ باقىدىغان تاينى يوق ئاتالدىم …. ئۇھ —ئاخىرى بىر نەرسىنى ئەمەلى ھىس قىلىپ يەتتىم . ۋە پىلانىمنى قايتىدىن رەتلەپ تۈزۈپ چىقتىم - شۇ كونا شۇئارنى قايتا تەكرارلاي باشقىلارغا قۇلاق سالماڭ!  ھۈش! يۈرىكىڭىز پىچچىرلاۋاتىدۇ. ئاڭلىدىڭىزمۇ؟

  سېمىزراق بولسىڭىز  پور كۆتەك دىيىشدۇ، ئورۇقراق بولسىڭىز قوناق شېخى .. ئوتتۇراھال بولسىڭىز دىقماق -  ئۇھ سىز كىمگە يارىماقچى؟ شۇ كىشلەرگىمۇ؟ پاكار بولسىڭىز پەتەك بولىسىز ، ئىگىزرەك بولسىڭىز لەپپەڭ! — ئوتتۇرھال بولسىڭىز يەنە شۇ دىقماق - ئۇھ سىز يەنە كىمنىڭ باھاسىنى كۈتىۋاتىسىز ، باشقىلار سىزگە ئادىل باھا بېرەلەرمۇ ؟ -  ھۈش جىم تۇرۇپ ئاڭلاپ بېقىڭ ئاشۇ ۋاڭ- چۇڭ ئىچىدىن بىر پىچىرلاش ئاڭلىنىۋاتىدۇ، كۆكرىكىڭىزنىڭ سول تەرپىدىن - ئاڭلاڭ!  نىمىنى ئاڭلىيالىدىڭىز؟

  ساقاللىق بولسىڭىز  كىر چىراي ، تومپاي چىراي ، شالاڭ ساقال بولسىڭىز كوسا ، ساقالسىز بولسىڭىز خېنىم چىراي  ، ئوتتۇردىلا ساقىلىڭىز بولسا ئۆچكە ساقال — ئۇھ - سىز باشقىلارنىڭ نىمە دەپ قېلىشنى شۇنچە مۇھىم دەپ قارامسىز؟  ئۇنداقتا سىز مەڭگۈ - مەڭگۈ سىز ئۈچۈن مۇھىم ھىسابلانغان ئەمما باشقىلار ئۈچۈن پەقەت ئېغىزدىكى بىر ئېغىز گەپلا ھىسابلانغا شۇ ئىشقا ئۇپراپ ئۆتۈپ كېتىسىز! — شۇڭا دەۋاتىمەن ، ھۈش! گەپ قىلماي جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭچۇ؟ يۈرىكىڭىز سىزگە پىچىرلاۋاتىدۇ!

تاماقنى جىق يىسىڭىز چۆل ، ئاز يىسىڭىز نازلاندى  - دەيدۇ ، ئوتتۇرھال يىسىڭىز قۇتۇلاتتىڭىزمۇ؟ ئوغۇل بالىنىڭ تامىقمۇ بىرەر قاچا تاماق دىگەن …. ئىشقىلىپ گەپلەر دىگەن چىقىۋېرىدۇ ئۇ ئېغىزلاردىن … شۇ سىز يەنىلا باشقىلارنىڭ  نىمە دىيىشىنى شۇنچە مۇھىم دەپ قارامسىز؟ - كۈلسىڭىز كۈلگۈنچەك ، جىق كۈلسىڭىز ماز ، كۈلمىسىڭىز ھىسياتسىز —  ئاز كۈلسىڭىز مۇز چىراي - ئۇھ !  سىز يەنىلا مۇشۇ پىكىرلەرنى مۇھىم دەپ قارامسىز؟  ھۈش جىم!  بىر مىنۇت جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭچۇ؟ يۈرىكىڭىز پىچچىرلاۋاتىدۇ!

  مۇئەللىم بولۇپ قالسىڭىز تېخمۇ چاتاق ئىكەن ، ئىلگىرى ھىس قىلمىغاندىم ئەمدى بۇرۇن - قۇلىقىمدىن چىقىپ كەتتى ، بالىلارنى چىڭ تۇتسىڭىز  قاتتىق قول بولۇپ، كۆزگە سەت كۆرۈنىسىز ، يۇمشاق قول بولسىڭىز ئاقمايدۇ ، سېسىق گەپ قىلسىڭىز ئۆڭىدۇ ، تۈزۈم چىقارسىڭىز كىشلىك ھوقۇققا دەخىل قىلغان بولىسىز ، كارىڭىز بولىمىسا مەسئۇلىيەتسىز  سانىلىسىز!…. ئۇھ  يەنىلا جىم! ھۈش! …. بىر مىنۇت جىممىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ باقايلى كۆكرىكىمىزدىن پىچىرلاش ئاڭلىنۋاتىدۇ…ئاڭلىدىڭىزمۇ؟

             

   بۈگۈن مۇشۇنچىلىك توختىلاي ، ئەتراپىمدىكى نۇرۇغۇن ئەھۋاللار ، كىشلەرنىڭ ھېيقىشسىمان پىكىرلىرى ، دەرت تۆكۈشلىرى ، كەلگەن ئېلخەتلەر —— ھەممىسدە يەنە شۇ مەسىلە باشقىلار نىمە دەپ قالار!؟  - مىنىڭ يەنە بېرىدىغان جاۋابىم شۇ - نىمە دىسە دەۋەرسۇن پەقەت توغرا يولدا ئىكەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرەلىسىڭىزلا باشقىلار نىمە دىسە دەۋەرسۇن - سىز مەڭگۈ ھەممە كىشىنى رازى قىلالمايسىز! ھاياتىڭىز ناھايىتى چەكلىك ، ئەتىلا ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنگە پۇشايمەن قىلىسىىز! ھۈش!  ھۈش!  جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭ يۈرىكىڭىز پىچچىرلاۋاتىدۇ!

    -2014.10.02

-مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى

-پادىچى            

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (2)
نەقىللەر (0)
  1. تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/10/02 15:29

    ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! ھەقىقەتەن سەمىمىي يېزىلغان بىر ماقالە بوپتۇ!
    جەمئىيەت زادى شۇنداق: خۇددى ھەممە ئادەم بىر فورمۇلا بويىچە ئىش قىلىشىدەك، ھەممە ئادەم باشقىلار نېمە قىلسا شۇنى دوراپ قىلىشى زۆرۈردەك… بەزى ئادەملەر ئۆزگىچە ھايات يولىدىكى كىشىلەر ئۈستىدىن تۈرلۈك – تۈمەن قىياسەن نوقسانلارنى تېپىشقا كۆنۈكۈپ كەتكەن.
    مېنىڭچە بىز ئۈچۈن ئىككى خىل ئادەملەر توپى بولىدۇ! بىرىنچى خىلىدىكلەر ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە لايىق كىشىلەر. قاراپ باقساق ئۇلار بىزگە باھا بېرىشكە ئەمەس، يىتەكچىلىك قىلىشقا، رېغبەتلەندۈرۈشكە ماھىل. ئىككىنچى خىلدىكىلەر بولسا، بىزنى ئۆز قىممەت دائىرىسىگە، ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسىغا تەققاسلاپ باھالايدۇ، ھەتتا مۇۋەپپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرىمىزگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى خىلدىكى كىشىلەرنىڭ باھا – پىكىرلىرىنى مۇنداقلا ئاڭلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكۈلۈك…
    شۇنداق، يۈرىكىمىز پىچىرلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىغا ۋىجدان يېپىنچىسىنى مەھكەم ئورۇنۇپ ئولتۇرۇپ قۇلاق سېلىش كېرەك. ھەر ئادەمدە بىر يۈرەك بولىدۇ، بايقىسا ئۇنىڭغا ئاجايىپ خىسلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن. دېمەك… دېمەككى باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ياشىماي ئۆز يۈرىكىمىزگە ئەگىشىشمىز كېرەك. پىتنىخورلارنىڭ ئەجەللىك دورىسى ئۇلارنى قەلبىمىزدە تاغار غاجىلايدىغان چاشقانلار بىلەن باراۋەر ئورۇنغا تاشلاپ قويۇشتىن ئىبارەت.

  2. @ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/10/06 17:31

    ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺕ ﻻﻳﮭﻪﻟﻪﺷﺘﯧﻦ ﺗﻪﻟﯧﻢ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭ

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش