تەشنايىنىڭ تاپشۇرۇقى: ھەق ھىسابلاش سېستىما توك يولى
2013/06/08 ئىجادىيەتلەر, تېخنىكا, لايىھەلەر ⁄ جەمئى: 2770 ھەرپ 6 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 287 مېھمان+

مەۋسۇم ئاخىرىغا كەلگەنسىرى ئىشلىرىم بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئىلگىركىدەك كومپىيوتېر ئالدىدا نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ ۋوردپرەس بىلەن ئېتىشىدىغان چاغلار نەدە قالدىكىن، ئىشقىلىپ قېنىپ بىر "ئۇھ..." دىگۈدەك ۋاقىت چىمايۋاتىدۇ. كەسپىمنىڭ قىيىنلىقىنى دىمەيلا قوياي، تەجىربىنىڭ كۆپلىكىدىن تاسلا قالىمەن يوتقاننىمۇ سومكامغا سولاپلا ماڭغىلى. ئەمما ئۆز كەسپېمنى بارغانسىرى ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتىمەن. ئالىي مەكتەپ دېگەندە بىر تالاي نەزەرىيە ئۈگەنگەندىن، ئاددىيغىنە بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلالىسا، ئادەم ئۈگېنىشكە باشقىچە قىززىقىپ قالىدىكەن.
ئىككىنچى يىللىققا چىققاندىن بىرى كەسپىي دەرىسلەر بىلەن ئاز - تولا ئۇچىرىشىشقا باشلىدىم. «ئۇچۇر نەزىرىيىسى ۋە كودلاش ئاساسلىرى» (信息论与编码基础)، «سېگىنال ۋە سېستىما» (信号与系统)، «رەقەملىك توك يولى ئاساسلىرى» (数字电路基础)... دېگەندەك بىر تالاي دەرىسلەرنى ئۈگەنگەندىن كىيىن، ئاز تولا بىر نەرسىلەرنى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولىۋاتىمەن. ھى ھى... باشقا گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە ئۆزۈم مۇستەقىل تاماملىغان چىققان مۇنۇ تاپشۇرۇقۇمنى ئەزىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ قوياي. قاتتىق دېتال، توك يولى دىگەنلەرگە قىززىقىدىغانلار بولسا ئاداش بوپ قالامدۇق تېخى!

1. تاپشۇرۇققا قويۇلغان تەلەپ

رەقەملىق توك يولى دەرىسىدە مۇئەللىم ئىمتىھان نەتىجىمىزنىڭ 10 نومۇرىنى تەشكىل قىلىدىغان «توك يولى لايىھەلەش» ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرى. تەلىپى: تۇرمۇشىمىزدىكى ئاددىي بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بولغان لوگىكىلىق توك يولى لايىھەلەپ چىقىش. پۈتكەندىن كىيىن چۈشىنىشلىك قىلىپ دوكىلات تەييارلاش ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا، نەخ مەيداندا ئەمەلىي سىناق قىلىش. ئاخىردا دوكىلات ۋە باشقا لايىھە ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇش.

2. مېنىڭ تاللىغان لايىھەم

ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى بىلىپ بولالماي بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. كۇتۇپخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ يۈرۈپ، ئاز تولا ئىلھامغا ئىرىشتىم، نېمە لايىھەلەشنى مۇقۇملاشتۇرلامىدىم. بىركۈنى تاكىسىيدا كېتىپ بىرىپ، توساتتىن ھېلىقى مۇنداقلا قايرىپ قويسا 10 سومدىن باشلاپ ھەق ھىسابلايدىغان ئەسۋاپقا كۆزۈم چۈشتى. ئويلاپ باقسام، بىزگە دەرس ۋاقتىدا سۆزلىگەن «سانىغۇچ» لارنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغاندەك تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىش باشلاپ كەتتىم.

3. لايىھەنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى

جاپالىق ئويلاش، ماتېرىيال كۆرۈش، ھىسابلاش ۋە تەقلىدىي سىناشلار ئارقىلىق ئاخىرى يۇقارقى ئىقتىدانى ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىلدە بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالىغۇدەك توك يولىنىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسىنى سىزىپ چىقتىم. رەسىمى تۆۋەندىكىدەك:

يۇقارقىدەك ئۇچ دانە 74160 تېپلىق تۆت خانىلىق سانىغۇچنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق 00.0 دىن 99.9 غىچە سانىيالايدىغان ھەق ھىسابلاش ئىتقدارىنى ئەمەلگە ئاشۇردىم. K1 ئۈز چات ئارقىلىق تاكىسىينىڭ قوزغېلىش باھاسىنى بىكىتكىلى بولىدۇ. K2 ئۈز - چات ئارقىلىق ھەق ھىسابلىغۇچنى قوزغېتىپ، توختاتقىلى بولىدۇ. چاستوتىسى سىكونىتىغا بىر بولغان سېگىنال بېرىش ئارقىلىق، سىكونىتلاپ ھەق ھېسابلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. لېكىن ئەپسۇس، مېنىڭ لايىھەمدە ماشىنا ماڭسىمۇ، توختىسىمۇ، پەقەت ۋاقىتقا ئاساسەن ھەق ھىسابلايدۇ، ھا ھا...

4. لايىھەنىڭ كومپىيوتېردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھالىتى

يۇقارقى لوگىكىلىق توك يولىغا ئاساسەن، multisim دېتالىدا سىملارنى تۇتاشتۇرۇپ، 7 بۆلەكلىك LED لامپا ئارقىلىق نەتجىسىنى كۆرسەتتىم. ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك:

5. خولاسە كالام

نەتىجە يۇقارقىدەك بولدى. ئاخىردا تەجىربە ساندۇقىغا ئۇلاش ئارقىلىق، يۇقارقى نەتىجىنى ئەمەلىي ھالەتتە كۆپچىلىك كۆرسەتتىم. گەرچە بۇ تولىمۇ ئاددىي توك يولىنى لايىھەلەش ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى تارتقان بولساممۇ، قىززىقىشىم تېخىمۇ كۈچەيگەندەك بولدى.

جەمئىي 6 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 4 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:2 دانە


  1. ئاپتور
    ھاجى : 2013-يىل06-ئاي09-كۈن14:57:18  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ھەقىقەتەن مۇرەككەپ نەرسىلەركەن بۇ. رەسىمنى كۆرۈپلا بېشىم قېيىۋاتىدۇ… :mrgreen:

  2. ئويغان : 2013-يىل08-ئاي29-كۈن17:11:33  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،بۇرادەر! سىلە نىمە كەسىپتە ئوقۇيسىلە؟ئېلىتىرون ئۇچۇر قۇرلۇشى كەسپى ئەمەستۇ؟ئەگەر شۇ كەسىپتە بولساڭلار ئۇچۇر ئالماشتۇرساق بولاتتى.مېنىڭ كوت كوت نومۇرۇم 1593076084.
    بۇ تور بەتنى سىلە ئۆزەڭلەر تۈزگەنمۇ؟


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل08-ئاي29-كۈن23:13:12  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! شۇنداق مەن ئىلېكتىر – ئۇچۇر كەسپىدە ئوقۇيمەن! پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى!

  3. بىرتال نۇقتا كوم : 2013-يىل09-ئاي15-كۈن23:12:32  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئاددى بولغىنى بىلەن تېخنىكىلىق بىلىمكەن ! تىرىشىپ تېخىمۇ چوڭ نەرسىلەرنى ياسىشىڭلارغا تىلەكداشمەن !

  4. ئارمانىم : 2013-يىل09-ئاي16-كۈن13:50:48  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    رەقەملىك توك يولى دەرسى قاتتىق دېتال دەرىسلىرى ئىچىدە مەڭ ئەڭ ياقتۇرغان دەرىس ئىدى. تىرىشىپ ئوقۇڭ ،ئوقۇشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل09-ئاي16-كۈن14:19:16  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      رەھمەت سىزگە… مەنمۇ بارغانچە ياقتۇرۇپ قىلىۋاتىمەن. كۈندە دېگۈدەك تەجىربىخانىدا، ھەقىقەتەن قىززىقۇچىلىكى بار!

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟