تەشناجان كېلىۋاتىدۇ…
2013/05/20 ئىجادىيەتلەر ⁄ جەمئى: 1391 ھەرپ 7 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 232 مىھمان+

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەشنايى بلوگىنىڭ ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى. 

قارىسام تەشناجاننىڭ كىيىۋالغان چاپىنىمۇ كونىراپ قاپتۇ. تەشناجان بلوگ يازدىم دەپ ئۆزى ئالدىراش، بىلىسىلەر يا قىز دوست تاپمىدى.  شۇنىڭ بىلەن ماۋۇ كىرلىشىپ كەتكەن چاپاننى يۇيىدىغان ئادەم يوق زىيارەتچىلەر ئازلاپ كەتتى. 

تەشناجان بۇ ئىش بولمىدى، بىرەر قۇر يېڭى چاپان كىيڭلار دەپ نەچچە رەت بازارغا ئېلىپ چىقسام ئۇنى تۇتۇپ، بۇنى تۇتۇپ، بەزىلىرىنى كىيىپ سىناپ بېقىپ راسىت ياراشمىدىمۇ يا ياقتۇرمىدىمۇ ئالمايلى دەپ تۇرىۋالدى. باھانە كۆرسىتىڭ دېسە ئالامەت سۆزلەيدىكەن بۇ بالاڭزا، گەپتە ئالدىغا ئۆتەلمەيدىكەنمەن. ھېلى بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرى ئىقتىسادچىل بولايلى دېسە، ھېلى يەنە باشقا سەۋەب كۆرسىتىۋاتقان. بىرىنى تۇتۇپ رەڭگى ئاقچى-كۆكچى دېسە ، يەنە بىرىنى تۇتۇپ كىچىك كەلدى، كوچىدىكى قىزلاردەك سىقىپ تۇرىدىغان كېيىملەرنى كىيەلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياز كەلدى، بىزدەك چېنىقىپ تۇرىدىغانلارغا ماس كەلمەيدۇ دەيدۇ. ئامالسىز بۇنىڭغىمۇ ماقۇل دېدىم. ئاز-تولا تىڭ-تىڭلاپ يۈرۈپ ئاخىرى ماۋۇ كونا چاپانغا چوڭقۇر مېھرى بارلىقىنى بايقىغان بولساممۇ كېلىش مەنبەسى تېخى نامەلۇم.

شۇنداق قىلىپ بىر كېچە كۈرەش قىلىپ كونا چاپاننى پاكىز يۇيۇپ، ئانچە-مۇنچە پەردازلاپ ئۇچىسىغا كىيگۈزۈپ قويدۇم. قارىسام بىر ئوبدان ياراشقان چىراي...  ئالدىراشچانلىقتا دەزمال سېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. سېلىپ بېرەي دېسەم ئۇچىسىغا بىر ئالغان چاپاننى سالغۇسى كەلمىدى بولغاي، يۈرەكتە ئوت بار،سىلە بولدى ئاۋارە بولماڭلار دەيدۇ. قارىسام سەل خىجىل بولدى بولغاي مەنمۇ ھە دەپ قويسام بويۇنغا مىنمىسۇن دەپ چىڭ تۇرمىدىم. 

بەلكىم سىلەرمۇ بۇ كونا چاپانغا كۆنۈپ قالغانسىلەر، ئەلنىڭ رايىغا باقماي بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ گەرچە يۇمۇر بولسىمۇ نەخ مەيداندا سۆزلىگەچكە لىكسىيە دېگەن خەتكۈشنى بەلگىلەپ قويدۇم، ۋاقىپ بولغايسىلەر.

جەمئىي 7 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 6 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:1 دانە


  1. ئاپتور
    تەشنايى : 2013-يىل05-ئاي20-كۈن12:24:20  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بىر كۈن كەيگەن چاپاندا ئون يىللىق مىھرىم بار جۇما؟! «چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق» دەپتىكەن، شۇڭا موشۇ كونا چاپاننى تاشلىمىغان گەپ ئەينا….ئالدىرىماي ئۆزگەرتىپ، يىرتىپ – ياماپ، مودا قىلىپ كىيىۋېرىمىز ماندا…
    ئەمدىكى مەسىلە بلوگ مەزمۇنىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە نەپ بىرىدىغان قىلىپ يېزىش بوپ قالدى. ئاللاھ خالىسا ئەزىزلەرنى رام قىلىۋالىمىز…. :cool:

    • ھاجى : 2013-يىل05-ئاي22-كۈن20:15:52  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ماۋۇ تەشنەباينى كېلىۋاتىدۇ دېسەم كىشىنىڭ كۆزىنى تۆت قىىپ يوقاپكەتتى يا؟ قاچانلا قارىسا تەشناقان كېلىۋاتىدۇ دېگەن، كېتىۋاتىدۇ دەمدۇق يا؟ :mrgreen:

  2. ھاجى : 2013-يىل05-ئاي21-كۈن22:08:47  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    خەت نۇسقىلىرىنىمۇ ئاز-تولا تەڭشەپ قويدۇم. قانداراق چىقىپتۇ؟ :roll:

  3. تەۋپىق : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن01:44:26  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ماۋۇ رەسىم مىنى ئۆزگە تارتتى دىسە————ھېھېېېېېېې :lol: :lol: :lol: :lol:


    • ئاپتور
      ھاجى : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن23:21:06  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ئەسلى ختنىمۇ تەرجىمە قىلىۋىتەرمەن دېگەن. ۋاقتىم يەتمىدى. ئادەمنىغۇ(رەسىم) تەرجىمە قىلاي دېسەم تەشناجان ئۇنىمىغانتى! :mrgreen:

  4. ئۇيغۇربەگ : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن21:54:00  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بۇ نە؟

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟