Home >  > «كىلياڭ مەشرېپى» دىن ئارىيە…

«كىلياڭ مەشرېپى» دىن ئارىيە…

6

باغرىدا مېنى ئەركىلىتىپ ئۆستۈرگەن گۈزەل ئانا دىيارىمنىڭ ئۇنتۇلماس سۈرىتى چۈشلرىمنىڭ مەڭگۈلۈك ئابىدىسىگە ئايلانغان ئىدى. كىچىك تۇرۇپلا "سەرگەردانلىق قالپىغى" نى كىيىپ قالغان بولساممۇ، يۇرتۇم قوينىدىن ياڭرىغان ھەربىر تېۋىش، سەبىي يۈرىكىمنىڭ ئالتۇن قوڭغىرىقىغا ئايلانغان... بۈگۈن تۇرۇپلا كونا تۇيغۇلىرىم قوزغىلىپ قالدى. بالىلىقىمنىڭ ئىسسىق ئۇۋىسى بولغان ئەشۇ قەدىم ماكاننىڭ سۆيۈملۈك كوچىلىرىغا يەنە كىرىپ قالدىم. قارىسام مەشرەپ قىززىپ كىتىپتۇ، قۇرۇق كەلمەي، سىلەرگىمۇ ئالغاچ كەلدىم.

« كىلياڭ مەشرېپى» دىن ئارىيە:

 

توخسۇن ھۆسىيىن(ئەلقۇت)
كىلياڭ-گۇما ناھىيىسىكى بىر يېزا بولۇپ،ئەمگەكچان ۋە ئەقىل پاراسەتلىك كىلياڭ خەلقى نەچچە ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزيېرىنىڭ يېپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، مەيلى ئەدەبىيات –سەنئەت ساھەسىدە بولمىسۇن ، ۋە مەيلى قول ھۆنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىدا بولمىسۇن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ، جۈملىدىن جوڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن  . كىلياڭدا ئەينى ۋاقىتتا ياشىغان قاسىمى ، ھاپىز ئاخۇنۇم ... قاتارلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات ېشىۋالىرى ، شۇنىڭدەك كىلياڭنىڭ كۇتام ( كۆھتام ) نى پاناھگاھ قىلغان ھەزرىتى ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەزرىتىمگىچە كىلياڭدىن ئېبارەت بۇ دىيارنىڭ ئەزەلدىن ئېلىم ۋە ئېلىم ئاشىنالىرىنى قەدىرلەيدىغان ، مەرىپەتكە ، بەزمە - مەشرەپكە ئامراق ، كەمدىن كەم تېپىلىدىغان مەدەنىيەت ئوچىقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ  .
     كىلياڭنىڭ مانا شۇنداق مەدەنىيەت ئوچىقى بولۇشتەك ئەۋزەل شارائېتى ئېللىق كىلياڭ قوينىدا يەنە سايىت موللا داپ ، قۇربان ئاخۇن چوڭ ...قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلق ئەلنەغمىچىلىرىنى يېتىشتۈرگەن ھەم كىلياڭ مەشرىپىدىن ئېبارەت بۇ بېباھا مەدەنىيەت بايلىقىنى ئۆزىنىڭ شۇ ئېللىق قوينىدا ئاپرىدە قىلغان .
     كىلياڭ مەشرىپى - خوتەن خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سايىت موللا داپتىن ھازىرقى ھايات پېشىۋا بارات ھەمدۇللاغىچە نۇرغۇن تارىخى بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە تولۇق ھازىرلىغاندىن باشقا يەنە ، ئۆزىنىڭ تاغ ناخشىلىرىغا خاس شوخ ۋە جۇشقۇنلۇقى ، ئۇدارىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئالاھىيدە خاراكتىرلىنىش بىلەن بىرگە ، مەشرەپ ئارا ئوينىلىدىغان ئويۇن تۈرىنىڭ كۆپلۈكى ، ئۆزىگە يوشۇرغان ۋائىزلىق سەنئېتى تۈرلىرىنىڭ ھازىر جاۋاپلىقى ھەم يۇمۇرىستىكلىقى ، ئەڭ مۇھىمى ئويۇن ۋە ئىيتىشىشلىرىدىكى سۆز بىلەن ھەرىكەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھەجىۋىلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى... قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن  باشقا مەشرەپلەردىن ئالاھىيدە پەرقلىنىدىغان بولۇپ ، مەيلى ئۇدارىنىڭ شوخ ۋە جۇشقۇنلۇقى بولسۇن ۋە مەيلى ئۆزىگە سىغدىغان مەزمۇننىڭ كەڭلىكى جەھەتتىن بولمىسۇن كىلياڭ مەشرىپى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئېگە  . ئۇ ئۇيغۇر مۇقام- مەشرەپلىرىنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم مەدەنىي مىراس بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېلىھەم ئېچىلىشنى كۈتكەن بوز ھالەتتە مەۋجۇت .
     كىلياڭ مەشرىپىنىڭ شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىشى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ  ، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى : ئۇ ئەقىل پاراسەتلىك كىلياڭ خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەدەنىيەت – سەنئەتكە ماھىرلىقىنىڭ نامايەندىسى . سايىت موللا ( داپ ) ، ھىزباقى خوجا ( تەمبۇر ، ساتار ) ،... قاتارلىق بىرىنچى ئەۋلاد مەشرەپچىلەردىن باشقا قۇربان ئاخۇن چوڭ ، زوردۇن ئاخۇن ، تۇردى ئاخۇن غىياس  ، ... قاتارلىق 2 - ئەۋلاد ئىز باسارلار كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ ، ھەمدۇللا خوجا ، توختى ئاخۇن غىياس ، توختى كىچىك ، مەتۋىلى ئاخۇن...لار ۋەكىللىكىدىكى   3 - ئەۋلاد مەشرەپچىلەرگە  ؛  ئۇلار بارات ھەمدۇللا ، ئابدۇكىرىم سامسا  ، ئوسمان مىراۋىت ، مەتسىيىت سىيىت ، مەمتىز مەيدۇن  ، ئابلىمىت ھەمدۇللا ...ۋەكىللىكىدىكى 4 - ئەۋلاد مەشرەپچىلەرگە مىراس قالدۇرغان . نۆۋەتتە بۇ  4 - ئەۋلاد مەشرەپچىلەر كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئەسلىگە سادىق بولۇش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭغا ئازدۇر - كۆپتۇر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئاساسىدا ، مەشرەپنىڭ ياشلارنى تەربىيىلەش ، ئەدەب - ئەخلاق ئوچىقى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە .
    تۆۋەندە مەن كىلياڭ مەشرىپىنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ئۆتىمەن .

1- كىلياڭ مەشرېپىنىڭ قەدىمىيلىك تۈسى

بىر قىسىم يازما مەنبەلەردە ‹‹كىلياڭ خارابە ئىزى ››دەپ ئاتالغان بىر خارابىلىكتىن تېپىلغان ھاياتلىق ئىزناسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن يىڭى تاش قوراللار دەۋرىگە تەئەللۇق جانلىقلارنىڭ قالدۇقلىرى ، كۈل ، ئوتۇن – كۆمۈر پارچىلىرى ، كۆيۈپ كەتكەن سۆڭەك پارچىسى ، يىرىك ساپال پارچىلىرى ، سۆڭەك پارچىلىرى ، تاش پارچىلىرىدا جىجاپ ئويۇلغان ئىزلار بار بولۇپ ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىزلىرى يوق①لۇقى قەيت قىلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭغا ئاساسەن كىلياڭنىڭ يۇرت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بۇنىڭدىن 4000-6000يىللار ئىلگىرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ .

كىلياڭنىڭ ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جەنۇبىي چىگرىسى  ھازىرقى كەشمىرنىڭ لاداخ دېگەن يېرىگە ، غەربىي قىسمى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگىچە تۇتىشاتتى② ، يىپەك يولى بۇ جاي ئارقىلىق ھىندىستانغا تۇتاشتۇرۇلغان بولغاچقا ، تارىختا غەربى يۇرت بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان ③ .
    كىلياڭ تارىخىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇزۇنلۇقى ، يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغانلىقىدەك رىئاللىق ؛ شۇنداقلا  ،  كىلياڭ مەشرىپىنىڭ نەغمە بىلەن نەغمە ئارىسىدا ئوينىلىدىغان ئويۇنلاردىن قارچىغا ئويۇنى ( كىلياڭدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمىي ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ ) ،  چەكمەن توقۇش ئويۇنى ( بۇ يۇرتنىڭ ئىپتىدائىي توقۇمۇچىلىق ئىشلىرىدىن مەلۇمات بېرىدۇ ) ، دارغا چىقىش ئويۇنى ( قەدىمقى كىلياڭلىقلارنىڭ باتۇر ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھىيغا ئېگە تاغ كىشىلىرىگە خاس روھىي قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ  )... قاتارلىق مىللىي يىلتىزى قويۇق بولغان ئويۇن تۈرلىرى ، كىلياڭنىڭ قەدىمدىن بىرى بەزمە مەشرەپ ئوچىقى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .  دېمەك كىلياڭنىڭ ئۇزاق تارىخى ، مەشرەپتىكى قەدىمىي ئىلمىنىتلار ، قەدىمىي تۇرمۇش تۈسى - بۇ يۇرتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى قەدىمىيلىكى ۋە كىلياڭ مەشرىپىنىڭ قەدىمدىن بۇيان  كىلياڭ خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش دىتالىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يىتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ .

2- كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئورۇندىلىش شەكلى

    كىلياڭ مەشرىپى- ناخشا مۇزىكا ، ئۇسسۇل ، ئىيتىشىش ، ۋائىزلىق ، ھەجىۋىي ئويۇن ، ئۆرپ – ئادەت ... قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، تەمبۇر ۋە داپنى ئاساسى ساز قىلىدۇ . سورۇننىڭ كۆلىمى ۋە شارائىتىغا قاراپ باشقا سازلارنىمۇ قوشۇمچە قىلىدۇ ، كۆلىمى نىسبەتەن كىچىك ، شارائىتى تۆۋەنرەك بولغان سورۇنلاردا پەقەت بىرتەمبۇر ۋە داپ بولسىلا مەشرەپ ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدۇ  .  شۇ سەۋەبتىنمىكىن  ،  كىلياڭ ۋە كىلياڭغا خوشنا رايۇنلاردا كىلياڭ مەشرىپىنى سۆيمەيدىغان ، كىلياڭ مەشرىپىنى ياقتۇرمايدىغان  ئادەم يوق دىيەرلىك بولۇپ ،   كىلياڭ مەشرىپى كىلياڭدىن ھالقىپ ، خوشنا رايۇن ۋە يۇرتلارغىچە كەڭ تارقالغان ، كەڭ خەلق ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، بۈگۈنگىچە ئۆز ھاياتى كۈچىنى ۋە يۇقۇرى ئابرۇيىنى ساقلاپ كەلگەن .
    كىلياڭ مەشرىپى – كۆپىنچە مىھماننىڭ ھۆرمىتىگە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، بۇ تەرەپتىن ئىجتىمائىي ئالاقە تىپىدىكى مەشرەپكە كىرىدۇ . مىھمان چاقىرغۇچى ئەڭ دەسلەپ مىھماننىڭ شەرىپىگە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىدۇ . مەشرەپ تاماملىنىپ ،  مىھمان ئۇزاش ئالدىدا ، ساھىبخاننىڭ يۇرتتىكى ئاغىينە – بۇرادەرلىرى تولۇق چاقىرىلىپ ،  يىغىلغان ئەھلى جامائەتكە پاۋان ئېشى ( ئوۋ غەنىيمەتلىرى ئاساسى خۇرۇچ قىلىنغان بىر خىل تاماق شەكلى ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تاماق قويۇلىدۇ ، پاۋان ئېشى يېيىلىپ بولۇنغاندىن كىيىن ، داستىخاننىڭ ئوتتۇرىغا چاي ، يەل – يېمىش ۋە تاماكىدىن تەركىپ تاپقان مەشرەپ چىيى قويۇلىدۇ . سورۇندىكى خالىغان ئادەم مەشرەپ چىيىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ . مەشرەپ چىيىنى بىرىنچى بولۇپ قولىغا ئالغۇچى كېلەر قېتىملىق مەشرەپنىڭ ساھىبخانى بولىدۇ . بۇ يەردە شۇنى ئالاھىيدە ئەسكەرتىش كىرەككى مەشرەپ چىيىنى تالىشىش جىڭى ناھايىتى كەسكىن بولۇپ ، مەشرەپ چىيىغا ئېرىشكۈچىگە نىسبەتەن چاققانلىق ، سەزگۈرلۈك ، بېلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، مەشرەپ چىيىنى تالىشىش جېڭى مەشرەپ چىيىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇش بىلەن نەتىيجىلىنىدۇ –دە ،  باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئابرۇيىغا دەخلى يىتىدۇ .
    كىلياڭ مەشرىپىمۇ خۇددى باشقا مەشرەپلەرگە ئوخشاشلا مۇقەددىمىدىن باشلىنىدۇ . مۇقەددىمە مۇزىكا ئۇستىسى  تەرىپىدىن تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىپ ، يېقىملىق ۋە يىنىك ، خۇددى تاغ سۈيىنىڭ  دولقۇن ئۇرۇشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان دولقۇنسىمان ئاۋازدا مۇقەددىمە قىسمىنى باشلايدۇ . باشقا سازەندە ، ناخشىچىلار ۋە  سورۇن ئەھلى جىمجىت ئولتۇرۇپ مۇقامنى ئاڭلايدۇ .
مەسىلەن:
ھوزۇرىنىڭ ھوزۇرىدىن ماڭا چۈشۈپتۇ بىر سەۋدا،
شۇ سەۋدا بىلەن كۆڭلۈم جاھاندا بولغان ئاپەيدا.
خېىنىم پەيلىڭدىن يانساڭچۇ،يىتىمنىڭ كۆڭلىنى ئالساڭ،
بۇزۇلغان مەككە گۆريانى يېڭى باشتىن بېنا قىلسام.
مەن ئۆزۈم خارەت بولۇپ سالسام ياغاچقا رەندىنى،
ئول خۇدانىڭ ئىشقىدا كىيسەم كۇلايۇ-جەندىنى.
......................................
مۇقام ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كىيىن ، داپەندە ۋە باشقا سازچىلار ، ناخشىچىلار ناخشىغا جۆر بولىدۇ . ئىككى ئادەم بىر جۈپ بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ .  بىر پەدە ئويناپ بولغاندىن كىيىن يەنە ئىككى نەپەر ئۇسۇلچىنى ئۇسۇلغا تارتىدۇ . پۈتۈن مەشرەپتە ئۇسسۇل مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ .
بىر پەدە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ، نەغمىچىلەرنىڭ دەم ئېلىش پۇرسىتىدن پايدىلىنىپ ، قىزىقچىدىن بىرەرسى مەيدانغا چۈشىدۇ – دە ، يۇمۇرستىك خۇسۇسىيىتى ئالاھىيدە يۇقۇرى بولغان ھەجىۋىي ئىيتىشىش ياكى ھەجىۋىي ئويۇندىن بىرنى باشلايدۇ .
بىز بۇ يەردە مىسال سۈپىتىدە ‹‹جان ئاكام بىلەن خېنىكامنىڭ ئىيتىشىشى››دەپ ئاتالغان ھەجىۋىي ئىيتىشىشنى كۆرۈپ باقايلى:
  بىر ئەر مەيدانغا چۈشۈپ ئەرەنچە ئاۋاز بىلەن :
 قېنى خېنىكام قېنى باشىڭىز
 قېنى قېنى باشىڭىز ، قېنى ،
 قېنى قېنى باشىڭىز قېنى؟
ئاندىن ئاۋازىنى ئىنچىكە چىقىرىپ ، ئايالچە ئاۋاز دا :
 مانا جان ئاكام مانا باشىمەي ،
مانا مانا باشىمەي مانا.
يەنە تەرتىپ بويىچە ئاۋازىنى ئەرەنچە ئاۋازدا چىقىرىپ:
مەن ئەپ بەرگەن دوپپىلارنى،
 كەيمەي كەپسىز خېنىكام قېنى؟
ئايالچە ئاۋازدا:
 سىز ئەپ بەرگەن دوپپالىرىڭىز ،
 شاپاق چىقتى جان ئاكام، ئۆزىمىزدە باركەن،
 كەيگەچ كەلدۇق مانا.
مانا مانا باشىمەي مانا.
ئەرچە ئاۋازدا:
 ئۆزىڭىز شاپاقكەن،ئۆزىڭىز كىيەلمەس،
 ئەپ بەرمىسەم بوپتىكەن ئېسىت،
زايە كەتكەن پۇللىرىم ئېسىت.
ئايالچە ئاۋازدا:   
 ئېسىت باشىمەي ، ئېسىت باشىمەي،
شاپاق كەيگەن باشىمەي ئېسىت،
شاپاق كەيگەن باشىمەي ئېسىت.
ئەرچە ئاۋازدا:
خاپا بولماڭ ، كۆپ يىغلىماڭ،
ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا،
 ئەپ بېرىمەن خېنىكام يانا.
          ................................
ھەجىۋىي ئويۇن ، ئىيتىشىشلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇ خىلدىكى ھەجىۋىي خۇسۇسىيەتكە ئېگە بولغان ئويۇن تۈرلىرى ۋە ئىيتىشىشلار ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرپى ، ئالدامچىلىق ، ئاچكۆزلۈك ...قامچىلانسا ، كەڭ مەشرەپ ئەھلى ئۈنسىز رەۋىشتە تەلىم - تەربىيىگە ئېگە قىلىنىدۇ .
ئىيتىشىش ياكى ھەجىۋىي ئويۇن تۈگىگۈچە بولغان ئارلىقتا سازچىلار  سازلىرىنى تەڭشەپ ، داپەندىلەر داپلىرىنى قىزىتىپ تەق بولۇپ تۇرىشىدۇ . سەھنە بېكار بولۇشى ھامان نەغمە باشلىنىپ كېتىدۇ ، شۇنداق قىلىپ پۈتۈن مەشرەپ ناھايىتى قىزغىن ۋە تەرتىپلىك رەۋىشتە داۋاملىشىدۇ ...

3.كىلياڭ مەشرىپىنىڭ كۈي شەكلى ۋە ئۇسۇل شەكلى

     كىلياڭ مەشرىپىنىڭ كۈي شەكلىمۇ باشقا مەشرەپلەرگە ئوخشاش مۇقەددىمىدىن باشلىنىدۇ . مۇقەددىمە قىسمىنىڭ كۈي شەكلى ناھايىتى ئاستا بولۇپ ، داستان قىسمىدا ئازراق  ، مەشرەپ قىسمىدا يەنە ئازراق تىزلىشىپ ، تەلىقە قىسىمىدا ئەڭ  تىز ھالەتكە كېلىدۇ . مۇقەددىمە تۈگىشى ھامان سورۇندىكى ئۇسۇل بېشى ھىسابلانغان ئىككى ئەر  ئورنىدىن تۇرۇپ ، ھۆرمەت ۋە ئىھتىرام بىلەن بىر – بىرىگە بېقىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ . ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئىنتايىن نەپىس ، مەردانە ، سالماق بولۇپ ، پۇت ، قول ، بەدەن ھەرىكىتىدە تاغلىقلارغا خاس چەبدەسلىك ۋە غەيۇرلۇق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ .
ئۇسسۇل ھەرىكىتى مەشرەپنىڭ سەنەم قىسمىدىن باشلىنىپ ، داپنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن تەدرىجى تىزلىشىدۇ . كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئۇسسۇلى مەيداننى ئايلىنىپ ئوينايدىغان بىر خىل ئۇسسۇل شەكلىدىن ئېبارەت بولۇپ ، ئۇسسۇل باشلىنىشى ھامان ئىككى نەپەر ئۇسسۇلچىنىڭ بىر – بىرىگە سالام تەرىقىسىدەئوڭ مۈرىسىنى سول مۈرىسىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئېگىشى بىلەن باشلىنىپ  ، ئوڭغا ئىككى ، سولغا ئىككى ، يەنە ئوڭغا بىر  ئايلانغاندىن كىيىن ئىككى ئۇسسۇلچى تەڭلا كەينىگە يېنىپ بايىقى ھەرىكەتنى يەنە بىر تەكرارلىغاندىن كىيىن ، ئۇسسۇل رەسمىي تەرتىپكە چۈشىدۇ . داپنىڭ بەلگە بېرىشى بىلەن سەنەم ئاخىرلىشىپ ، داستان باشلىنىدۇ ، ئۇسسۇل شەكلىمۇ سەنەم قىسمىغا ئوخشاشلا ئۇسسۇلچىنىڭ سالام تەرىقىسىدىكى ئوڭ مۈرىسىنى سول مۈرىسىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئېگىپ ، ئوڭغا ئىككى ، ئاندىن سول مۈرىسىنى ئوڭ مۈرىسىگە قارىغاندا بەكرەك ئېگىپ ،  سولغا ئىككى ،ئاندىن سول مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ ، ئوڭ مۈرىسىنى ئېگىپ ،  يەنە ئوڭغا بىر ئايلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ ، لېكىن ئۇسسۇل سۈرئىتى سەنەمنىڭ ئۇسسۇل سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تىزلىشىدۇ . يەنە داپنىڭ قاتتىق بىر چېكىلىشى بىلەن داستان ئاخىرلىشىپ ، مەشرەپ باشلىنىدۇ . مەشرەپنىڭ كۈي ۋە ئۇسسۇل سۈرئىتى داستاندىن تىز  ؛ ئۇسسۇل شەكلى يۇقارقى تەرتىپ بويىچە ئوڭغا ئىككى ، سولغا ئىككى ، ئوڭغا بىر ئايلىنىش بىلەن باشلىنىدۇ ، ئۇسسۇلنىڭ داستاندىن پەرقلىنىدىغان يەنە بىر كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى كەينىگە يىنىش ھەرىكىتى بولمايدۇ ، سەلىقىنىڭ كۈي شەكلى مەشرەپكە قارىغاندا تېخىمۇ تىز ، ئۇسسۇل تىزلىكىمۇ كۆرۈنەرلىك تىز بولىدۇ ، ئۇسسۇلنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى مەشرەپ بىلەن ئوخشاش بولىدۇ .

4 -كىلياڭ مەشرىپىنىڭ تېكىست قۇرۇلمىسى

كىلياڭ مەشرپىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى يازما ئەدەبىيات ۋە خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن ئېبارەت بولۇپ ، پۈتۈن مەشرەپ گەۋدىسىدىن قارىغاندا يازما ئەدەبىياتنىڭ سالمىقى ئاز ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتنىڭ سالمىقى بىر قەدەر كۆپرەك ، يەنىي مۇقەددىمە ۋە بىر قىسىم ئىيتىشىشلار (مەسىلەن : ‹‹مېۋىلەرنىڭ نەزمە بايانى ›› ، ‹‹بېگىمگە ئىيتىلىدىغان دەرد نەزمىسى››)دىن باشقا قىسىملىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ خەلق قوشاقلىرى ، بىيىتلاردىن تەركىپ تاپقان . كىلياڭ مەشرىپىنىڭ تېكىستلىرىنىڭ زور بىر قىسمى مۇھەببەت قوشاقلىرىنى ئاساس قىلغاندىن تاشقىرى يەنە بىر قىسمى كەڭ مەشرەپ ئەھلىنى ساختىلىق ، ئالدامچىلىق ، ئاچكۆزلۈككە قارشى تۇرۇپ ،  سەمىمىيلىك ، ياخشىلىق ، ئىزگۈلۈككە ئۈندەش ؛ ئەينى زامان قاراڭغۇ زۇلمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ، ئاممىنى يورۇقلۇققا ، ئىلىمگە دالالەت قىلىش ئۆز بەختى ، ھۆرلۈكى ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدىغان تەربىيە ، پەند - نەسىھەت ؛ فىئوداللىق زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ، يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ، خەلقپەرۋەرلىك ئىددىيلىرى تەرغىپ قىلىنغان بىيىت – قوشاقلاردىن تەركىپ تاپقان .

5 - كىلياڭ مەشرىپىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرى

1›مەشرەپ باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق ئەتراپلىق ۋە ياخشى ئىشلىنىدۇ .
‹1›مەشرەپ دەسلەپ باشلانغاندا ساھىبخان مىھمان چاقىرىدۇ . ساھىبخان ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە مىھماننىڭ دەرىجىىسىگە ئاساسەن مەشرەپ ئۆتكۈزۈشتىن بىر ، ئىككى كۈن بۇرۇن مەشرەپكە چاقىرىدىغان مىھمان ئەھۋالى ، تاماق دەرىيجىسى ، تاماق تۈرى، مېۋە – چېۋە ، ئۆي-ۋاقا تازىلىقى ...قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەستايىدىل ئويلىشىپ تەييارلىق قىلىدۇ .
‹2›مەشرەپ ئەھلى ئۆزىنىڭ كونكىرت ئەھۋالىغا قاراپ يېڭى كىيىملىرىنى ، يىڭى بولمىغاندىمۇ پاكىز كىيىملىرىنى كىيىشىپ ، تەبىئىي يارىشىملىق گىرىم قىلىشىپ ، چاچ ساقاللىرىنى پاكىز قىرىپ ياكى ياسىتىپ ،  ساھىبخاننىڭ ھۆرمىتىگە قۇربىنىڭ يىتىشىچە ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇشقا تېرىشىدۇ .
قىز – چوكانلار قېشىغا يەرلىك ئوسما قويۇپ ، كىرپىكىگە تاش سۈرمە  ، تىرنىقىغا تەبىئىي خېنەيېقىپ ، يارىشىملىق پەرداز قىلىشىدۇ . ئەرلەر ئۆز ئارا چاچ ساقال ئېلىشىپ ۋە ياسىشىپ ، بېشىغا دوپپا ، پۇتىغا ئۆتۈك قاتارلىق  ئەنئەنىۋىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ مەشرەپ بولغان سورۇنغا جۇشقۇن ۋە روھلۇق قىياپەت بىلەن كىرىپ كېلىشىدۇ .
‹3›مەشرەپ سورۇنىدا ھەر كىم ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇندا ئولتۇرۇشىدۇ . كىلياڭنىڭ ئەنئەنىۋىي ئادىتى بويىچە ھەر بىر كىلياڭلىق ئايۋان دەپ ئاتىلىدىغان ، 4 سۇپىلىق يوغان بىر ئېغىز  ئۆي ياسايدىغان بولۇپ ، ئىشىكتىن كىرىشتىكى ئۇدۇل ئۆي ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپى  ئايۋاننىڭ  تۆرى ھىسابلىنىپ ، ياشقا چوڭ ، مويسىپىتلار ، ئىلىم ئەھلىلىرى ...تەرتىپ بويىچە تام ياقىلىتىپ سېلىنغان مامۇق كۆرپىلەردىن ئورۇن ئېلىشىدۇ . ئەر – ئاياللار  ئايرىم سۇپىلارغا جايلىشىدۇ  . ئايۋان ياساشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار يازدا ھويلىسىنى ، قىشتا ئۆزى ئەڭ چوڭ ھىسابلىغان بىر ئېغىز ئۆيىنى مەشرەپ ئۈچۈن ئاجرىتىدۇ .
2›مەشرەپ باشلىنىش بىلەن ساھىبخان بۇ قىتىمقى مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسى مەقسىتىنى ئاممىغا بىر قىتىم چۈشەندۈرىۋەتكەندىن كىيىن ، تەيىنلىنىپ ، تەقلەپ قويغان غوجىدارنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىدا مىھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلىقنى جاكارلايدۇ . ئاندىن غوجىدار  ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ، مىھمان (ھۆرمەتكە ئەڭ چوڭى )غا يۈزلىنىپ ، چوڭقۇر ئېگىلىپ سالام بېرىۋەتكەندىن كىيىن ، مەشرەپنى باشلاش توغرىسىدا ئېجازەت سورايدۇ . ئەگەر مىھماننىڭ  باشقا تەلەپ – پىكىرى بولمىسا ئېجازەت بېرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن غوجىدار يەنە بىر تەزىم بىلەن مىھمانغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن ، سازەندىلەرگە  يۈزلىنىپ مەشرەپنى باشلاش تەكلىپى بېرىدۇ  .   سازەندىلەرنىڭ بېشى بولمىش تەمبۇرچىنىڭ تەمبۇر تارىغا ناخول ئۇرۇشى بىلەن مەشرەپ رەسمىي يوسۇندا باشلىنىدۇ .
3›مەشرەپتە ناخشا ، ئۇسسۇل ، ھەجىۋىي ئىيتىشىش ، ئەنئەنىۋىي ئويۇنلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ ، ناخشا -  ئۇسسۇل بىلەن « ئەيسا-مۇسا » ، « قەشقەردىن كەلگەن بايىۋەچچى » ، « دارغا چىقىش » ، « چەكمەن توقۇش » ، « گۇزايەك تاز » ، ‹‹ ئوسما قويۇش›› (ھەجىۋىي ھەرىكەتلىك ئۇسۇل ) ، ‹‹ جەرەن ئويۇنى ›› ،  ‹‹جان ئاكام بىلەن خېنىكامنىڭ ئىيتىشىشى ›› ...قاتارلىق  ھەجىۋىي ۋە كۈلدۈرگىلەرنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق مەشرەپ ئەھلىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىستىتىك تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تېرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ  .
4› خوتەن خەلق مەشرەپلىرىنىڭ تۆت چوڭ تۈرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹كىلياڭ مەشرىپى›› نىڭ كۈي شەكلى  ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە تولۇق ھازىرلىغاندىن باشقا يەنە، ئۆزىنىڭ تاغ ناخشىلىرىغا خاس شوخ ۋە جۇشقۇنلۇقى ، ئۇدارىنىڭ ئېنىق ، تىز ۋە گۈزەللىكى بىلەن ئالاھىيدە خاراكتىرلىنىش بىلەن بىرگە ، مەشرەپ ئارا ئوينىلىدىغان ئويۇن تۈرىنىڭ كۆپلۈكى ، ئۆزىگە يوشۇرغان ۋائىزلىق سەنئېتى تۈرلىرىنىڭ ھازىر جاۋاپلىقى ھەم يۇمۇرىستىكلىقى ،  ئەڭ مۇھىمى ئويۇن ۋە ئىيتىشىشلىرىدىكى سۆز بىلەن ھەرىكەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھەجىۋىلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن  باشقا مەشرەپلەردىن ئالاھىيدە پەرقلىنىدۇ .  ئۇسسۇل ھەركىتىمۇ  كىلياڭغا خاس ئالاھىدىلىككە ئېگە بولۇپ ، بۇ ئۇسۇلدا قەدىمىيلىك ۋە مىللىيلىقتىن باشقا يەنە تاغلىقلارغا خاس مەغرۇر ، قەيسىرانە خاراكتىر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ؛  بەدەن ، پۇت ھەرىكىتى مەردانە ، چەبدەس . بۇ ئۇسسۇل شەكلىنى دوراش ئارقىلىق شەكلىنى چىقىرىش تەس بولۇش ،  ھەرىكەت بىرلىك تەلىپىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى ... قاتارلىق تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەر  كىلياڭنىڭ يەرلىك ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى باشقا يۇرتلارنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتى ۋە ئومۇملاشقان ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن روشەن پەرىققە ئىگە قىلغان .
5›كىلياڭ مەشرىپىنىڭ مەشرەپ قائىدىسى ناھايىتى چىڭ بولۇپ ، مەشرەپ سورۇنىدا ئۆز ئارا كۇسۇرلىشىش...قاتارلىق ناتوغرا ھەرىكەتلەر كۆرۈلگەن ھامان  ‹‹ قارچۇغا تاشلاش ›› قاتارلىق ئويۇنلار ئارقىلىق ، مەشرەپ ئىنتىزامى ۋە تەرتىۋى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ . يەنىي قارچۇغىچى دەپ ئاتىلىدىغان پاششاپ ، غوجىدارنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن قىيىن تەلپەكنى شوينا (يىپنىڭ تومراق بىر خىلى ) بىلەن باغلاپ يىپنىڭ  بىر ئۇچىنى تۇتىۋالغان ھالەتتە  تەلپەكنى ئىنتىزامسىزلىق قىلغانلارغا قارىتىپ ئاتىدۇ ، غوجىدار : قارچۇغا نېمە دەيدۇ ؟ دەپ سورىسا ، قارچۇغىچى: ئۇنىڭ ئىشتىھاسى بەك ياخشىكەن ، مېنىمۇ يەۋەتكۈدەك شۇڭا قېچىپ كەلدىم دەيدۇ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . مەشرەپ ئەھلى  قارچۇغىچىنىڭ بۇ سۆزى ئارقىلىق ئىنتىزامسىزلىق قىلغۇچىنىڭ مەشرەپ سورۇنىدا بىر نەرسە يەپ ئولتۇرغانلىقىنى پەرەز قىلىشىدۇ .  مانا مۇشۇنداق ئۇسۇل-قائىدىلەر  ئارقىلىق  مەشرەپ تەرتىپى ۋە ئىنتىزامى ئىزچىل قاتتىق ساقلىنىدۇ . بۇ ئارقىلىق مەشرەپنىڭ ياشلارغا ئەدەپ – قائىدە  ئۆگىتىشتىن ئېبارەت ئەدەپ – ئەخلاق مەكتىپىلىك رولى ھەقىيقى جارى قىلدۇرىلىدۇ ...
ئومۇمەن قىلىپ ئىيتقاندا كىلياڭ مەشرىپى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا خۇددى تاغ سۈيىدەك جۇشقۇن ، پاكىز ۋە يىقىشلىقلىقى بىلەن كەڭ كىلياڭ خەلقىنىلا ئەمەس ، كىلياڭغا خوشنا بولغان نۇرغۇن يۇرت – رايۇن خەلقىنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە ، كىلياڭ ۋە خوشنا رايۇن ياشلىرىغا  ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگىتىش ؛ ياشلارنى سەمىمىيەت ، ئېلىمنى ، ئېلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ؛ رەزىللىك ، ئاچكۆزلۈك ، شۆھرەتپەرەسلىك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرگە قارشى تۇرىدىغان ئىدىيە  ۋە روھ بىلەن تەربىيەلەشتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە ، بۇندىن كىيىنمۇ  بۇ خىل جانلىق سەنئەت مەكتىپىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرغۇسى .
ئىزاھلار:
①ئادىل مۇھەممەد :‹‹قەدىمى خوتەن›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2009-يىل نەشرى .
②،③‹‹گۇما تارىخ ماتىرىياللىرى›› (2-توپلام)قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى باسمىسى(ئىچكى ماتىريال) ، تۇرسۇنمۇھەممەت ھۈسىيىننىڭ ‹‹قەدىمقى يىپەك يولىدىكى كىلياڭ بازىرى ››ناملىق ماقالىسى.
پايدىلانغان ماتىرىيال:
‹‹ شىنجاڭ سەنئىتى ›› 2008 - يىللىق 6-سان ، ئايشەم ئەخمەت ھاجى قامىلى ، زاكىر روزىلارنىڭ ‹‹ قۇمۇل خەلق مەشرەپلىرى توغرىسىدا ›› ناملىق ماقالىسى.
مەنبە: «مىراس ژۇرنىلى» دىن ئېلىندى.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (6)
نەقىللەر (0)
  1. دوغاپ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2012/12/26 08:33

    ۋەدەمگە بىنائەن بۇ مەشرەپكە قاتناشقىلى كەلدىم مانا،(سەل كېچىكسەم جازاغا قالاركەنمەن.. :mrgreen: )تولىمۇ مەنىلىك مەشرەپكەن بۇ! ماڭا ھېلىقى سوراق قىلىدىغان ناخشا بەك يارىدى جۇمۇ!

  2. تەڭرى قامچىسى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2012/12/28 11:36

    تەشنايى غوجام باما ئۆزلىرى.

  3. يولۇچى89 [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2013/01/18 19:25

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!ئالىمجان بۈگۈن بلوگىڭىزغا كېلىپ خىلى كۆڭلۇم يايراپ قالدى. نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت!داۋاملىق تىرىشىڭ! :mrgreen:

  4. نەۋقىران [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2013/10/26 00:17

    ئاداش بىلوگىڭلىغا تۇنجى كىلىشىم .
    سىلە كىلياڭدىنما؟ مىنىڭ بوۋام مومامنىڭ ئۆيى قوشتاغدا…..ئەگەر خالىساڭلا تونۇشۇپ قالىلى
    244421790@qq.comئىلخەت ئالاقىسى قىلساق بولىدۇ

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش