شەمسۇلمائالى ۋە ئۇنىڭ «قابۇسنامە» ناملىق ئەسىرى ھەققىدە
2012/11/15 كىتابخۇمار ⁄ جەمئى: 3361 ھەرپ 2 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 697 مېھمان+

 

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ئەزىزلەر! بۇندىن كىيىن تەييارلىماقچى بولغان، "قابۇسنامە" دىن نەسىھەتلەر ناملىق چاتما يازمېنى باشلاشتىن بۇرۇن، پەند - نەسىھەت تۈرىدىكى كىلاسسىك كىتابلاردىن«قابۇسنامە» ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى شەمسۇلمۇئالى قابۇس ھەققىدە ئاددىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ ئۆتىمىز. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلەرگە نەزەر سالغايسىز!

شەمسۇلمائالى ئەبۇلھەسەن ۋەشمېگىر قابۇس ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇرجان، رەي، تەبەرىستان تەرەپلىرىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، ۋەشمېگىر خاندانىغا مەنسۇپ بولغان بۇخارانى پايتەخىت قىلغان سامانىيلار خاندانلىقىغا ئالاقىدار زات بولۇپ، مىلادىيە 11- ئەسىردە ياشىغان. ئۇ زامانداشلىرىغا نىسبەتەن ئوقۇمۇشلۇق، ئۆز دەۋرىدە تەڭداشسىز ئالاھىدە بىر كىشى بولۇپ. ئۇ ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، يۈكسەك ماھارىتى بىلەن ئەل - يۇرتقا خىزمەت قىلىۋاتقاندا ھەسەتخور، ئاچكۆز، مەنسەپپەرەس، ھىيلىگەر زالىملار تەرىپىدىن پىلانلانغان پىتنى - ئىغۋا، سۈيقەسىتلەر تۈپەيلىدىن، جۇرجاندىن خوراسانغا كېلىپ 18 يىل تۇرۇپ قالغان. ئۇ جەرياندا ئىنتايىن كۆپ جەۋرى جاپالارنى تارتقان بولسىمۇ، قىلچە ئۈمۈدسىزلەنمەستىن ، سۇلماس ئىرادە ۋە غەيرىتى بىلەن گۈزەل كىلەچەك ئۈچۈن كۆرەش قىلغان.

خوراساندا تۇرغان مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ ماددى ۋە مەنىۋېي خەيرى خاھلىقىدىن بەھرىمان بولغان كىشىلەر ئۇنىڭغا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرۈشكەن. ئۇزۇنغا بارمايلا قابۇسنىڭ مۇبارەك نامى خەلىق ئارىسىدا تونۇلۇپ كەتكەن. سامانىي دۆلىتىنىڭ ئەربابلىرى ئۇنى جۇرجانغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆز ھاكىمىيىتىدە ئولتۇرغۇزماقچى بولغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قالايمىقانچىلىقى، ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى زىددىيەت، ئىختىلاپلار تۈپەيلى ۋاقىت كىچىككەن ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان . بۇ جەرياندا قابۇس دۇچ كەلگەن رېقابەت، قارشىلىق، ۋە خورلۇقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز ئىرادىسىدىن قىلچە بوشاشمىغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، جۇرجانغا قايتىپ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان.

قابۇس ئۆز زامانداشلىرى، قوشنا مەملىكەت پادىشاھلىرى ئارىسىدا دانالىقى، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى تەدبىركارلىقى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەت ئىشىلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپلا قالماستىن، تۈرلۈك ئىلىملەر بويىچە بىر قانچەئەسەر يازغان. ئۇنىڭ ناتىقلىق، لوگىكا ھەققىدە يازغان«كامالۇلبەلاغەت» (ناتىقلىق ۋە لوگىكا پېنىنىڭ كامالىتى) ناملىق ئەسىرى مەشھۇردۇر.

كىيىن، ئۇ ئۆز ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا كۆرگەن سۆيۈملۈك، يالغۇز ئوغلى گىلانشانى تەربىيلەش شەكلى بىلەن پۈتۈن ئەۋلادلىرىغا تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە بۇ دىداكتىك ئەسەر«قابۇسنامە»نى پارىس تىلىدا يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر ئەۋلادلار تەربىيىسى جەھەتتىكى مۇتلەق قىممىتى ۋە تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرى نەزەرگە ئىلىنغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن. بۇ كىتابتىكى پەند - نەسىھەتلەر بۈگۈنكى زامانغا كەلگەندىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماستىن، ئەكىسچە، ئىنسان روھىنى يۈكسەكلىككە باشلىغۇچى نۇرلۇق يۇلتۇزدەك، بارغانسىرى جۇلالىنىپ بارماقتا!

«قابۇسنامە» بىر ئاتا بولغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتىدىن كۈتىدىغان ئۈمۈد - ئارزۇلىرى، كىشىلىك ھاياتتا چوقۇم ئەمەل قىلىشى كىرەك بولغان پرىنسىپ - قائىدىلەر، ھاياتلىق ۋە دۇنيا قارىشى ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ. بۇ نوقۇل ھالدا پەند - نەسىھەت ئەسىر بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىنسان ۋە تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش، ئىنساننىڭ فىزوئولوگىيلىك تەن ئىھتىياجلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچكىي دۇنياغا بولغان تەسىرى، ئوزۇقلۇق ئىلمى، ھاكىمىيەت ھەققىدىكى كەڭ دائىرلىك مەزمۇنلارنى ئۆزىگە جەم قىلغان كاتتا كىتابتۇر.

ئاتا - ئانا تەربىيىسىدىن يىراقلاپ مەكتەپ قوينىغا تاپشۇرۇلغان بىز بولغۇسى ئەۋلادلار، مىسىلسىز دەرىجىدە ئەخلاق كىرزىسىغا دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇ مەسىلىلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى دەل ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە، گۈزەل ئەدەپ ئەخلاقلىرىغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ كەملىكىدۇر. مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى كۈچى كۈنسىرى ئىشىۋاتقان موشۇنداق بىر زاماندا ياشىغۇچى بولۇش سالاھىتىمىز بىلەن، ئۆزىمىزنى، ئۆزلۈكىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دېسەك، جەزمەن مىللىي چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرىشىمىز كىرەك. مىللىي ئۆرۈپ - ئادەت ۋە ئەدەپ ئەخلاقلار مانا شۇ چۈشەنچىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بىر قىسمىدۇر.

گۈزەل ئەدەپ ئەخلاقلىرىمىزنى بىرلىكتە ئۈگىنىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كىيىنكى يازمېلىرىمىزدا مەخسۇس موشۇ تېىمدا ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئىتىمىز. دوسلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى ۋە ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلىشىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

 

جەمئىي 2 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 1 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:1 دانە

  1. نۇردوس : 2012-يىل11-ئاي17-كۈن08:34:22  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالدىنقى قېتىم «شېرىن بۇلاق» تىن چەشمىلەر (كىتاب ئوقۇش تەسىراتى)نى ئوقۇپ ئۇ كىتابنى ئوقۇشنى باشلىۋالغاندىم، ئەمدى «قابۇسنامە» كېيىنكى نىشان بولۇپ قالدى.رەھمەت سىزگە.

    • تەشنايى : 2012-يىل11-ئاي17-كۈن10:03:53  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم – ئەسسالام! بۇ ئاددىي يازمېلارنىڭ سىزگە ئاز تولا نەپ يەتكۈزەلىگىنىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم! كىتاب ئوقۇش ئىنسان ھاياتىنىڭ تۈپكى ئىھتىياجلىرىدىن بىرى دەپ قارايمەن. ۋاقتىڭىز چىقسا، ياخشى كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقۇپ تۇرغايسىز…

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟