#C نى ئۈگېنىش جەريانىدا مەشىق ئۈچۈن ئاددىيغىنە دىتاللارنى يېزىپ باقتىم. تۆۋەندە ئىپتىدائىي ھالەتتىكى ئاددى دىتالىم "تەشنا توركۆرگۈسى" نى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
[t] دىتال كۆرۈنمە ھالىتى[/t]
مەزكۇر دېتالنى ياساشتا ئاساسلىقى #C نىڭ WebBrowser كونترولىنى ئىشلىتىپ، ئاددىي فونكىسىيەلەر ئارقىلىق بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. بۇ ئەسلى بىر قىتىملىق تاپشۇرۇق يۈزىسىدىن يازغان دىتال بولۇپ، ئەسلى نۇسخىسى خەنزۇچە يېزىلغان، نۆۋەتتە ئورتاقلاشماقچى بولغىنىم ئۇيغۇرچە نۇسخىسى. ئاۋۋال مەزكۇر دىتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى بىر كۆرۈپ باقايلى:
[t] دىتال ئىقتىدارلىرى[/t]
سەۋىيەم تىخى ئۈگېنىش - مەشىق باسقۇچىدا بولغاچقا يۇقارقى دىتالنىڭ ئىقتىدارلىرى تولىمۇ ئاددىي بولدى. يەنى بىر تور زىيارەت قىلىش دىتالى ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلارنى ئامال قىلىپ قوشۇپ باقتىم. تۆۋەندە ئىقتىدارلىرى چۈشەندۈرۈلدى:
ئەڭ ئۈستى بىرىنچى رەت تىزىملىك رايۇنى: بۇ رايۇندا «ھۆججەت»، «كۆرۈش»، «ساقلانما» دىن ئىبارەت ئۈچ ئانا كونۇپكا ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا دىتال ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىگە جەم قىلغان بىرقاتار بۇيرۇقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇلار ئارقىلق يىڭى كۆرۈش بېتى قۇرۇش، كۆرىۋاتقان بەتنى HTML ھالەتتە مەلۇم ئورۇنغا ساقلىۋېلىش، بېسىپ چىقىرىش، بېسىپ چىقىرىش تەڭشىكى، ئەسلى كودنى كۆرۈش ۋە دىتالنى تاقاش، نۆۋەتتىكى بەتنى ساقلانمىغا قوشۇش، ساقلانمىنى رەتلەش قاتارلىق بىر قاتار ئىقتىدار بۇيرۇقلىرى قوشۇلغان. ئىككىنچى رەت تىزىملىكتە ئالدىغا،كەينىگە، يىڭىلاش، توختىتىش، باش بەت، ئىزدەش ۋە يىڭى بەت قۇرۇش قاتارلىق بىرقاتار قولاي بۇيرۇقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
[t] ئاخىرقى سۆز[/t]
مەزكۇر دىتال ھازىرچە ئىپتىدائىي ھالەتتە، بىراق ئۈگەنگەنلىرىمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇنى ئاددىيلىقتىن مۇكەممەللىككە يەتكۈزۈش ئىستىكىم بار، ئەگەردە ئوخشاش پروگرامما تىلىدا موشۇنداق دىتال ئېچىش جەھەتتە پىلانى بار ياكى ئاز - تولا تەجىربىسى بار دوسلار بولسا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق بولىدۇ. ھازىرچە مەزكۇر دىتال قاچىلاپ ئىشلىتىشكە، ياكى ئەسلى كود ھالەتتە تارقىتىملىدى. مۇكەممەلىشىپ، مەلۇم سەۋىيەگە يەتكۈزۈلگىنىدە، بىخەتەرلىك ۋە باشقا جەھەتتىكى مەسىلىلىرى تولۇق ھەل قىلىنغىنىدا ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلىشى مۈمكىن.
يارايسىلە، تەشناباي.
ئوماچ دېگەن با قوساقتا باكەن ماخما. تېگىدىن بولمىسا يەنە بىكاكەن. شۇنچە ئۆگىنىپمۇ ئۆزەم قىلىشنى ئارزۇ قىلغان كىچىككىنە ئىشلارنى قىلالماي ئىچىم پۇشۇپ نېمە قىلارىمنى ئۇقالماي يۈرۈپتىمەن. يا ئۆگىنىش ئۇسۇلۇم توغرا ئەمەسمۇ-ئىشقىلىپ.
ۋاي ئوماچ بار دېگىلى بولسۇنمۇ؟! ئىشقىلىپ جاپاغا چىداپ ئۈگېنىۋاتىمەن. سىلىمۇ ھەر گىز بەل قويىۋەتمەڭلا
ئاداش ماۋۇ تېمىلارنى كۆرمەپتىمەن جۇمۇ، كاللامغا بىر يېڭى ئوي كېلىۋاتىدۇ. كېيىنچە تەپسىلى پاراڭلىشايلى ھە…
مەنغۇc++نى ئۇگىنۋاتىمەن بۇنى تىخى ئۇگەنمىدىم قارىماققا خىلى ياخشىكەن جۇمۇ
ئاللاھ ئىجرىڭىزنى بەرسۇن بولسا ئۈگەنگەن لىرىڭىزنى دەرىسلىك قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز
بىزمۇ ئاز تولا پايدالانساق بىزدەك خەنچە بىلمەيدىغان لارغا دەرىسلىك تىپىش تەسكەن
قارىغاندا بەك ياخشى چىقىپتۇ . چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقساق قانداق بۇلا ؟