Home >  > # C ئۈگىنىش خاتىرىسى(1) : سالام # C

# C ئۈگىنىش خاتىرىسى(1) : سالام # C

14

#C  تىلىنى قانداق بولۇپ ياخشى كۆرۈپ قالدىمكىن تاڭ، ئىشقىلىپ ھازىر بۇنىڭغا بىقارار بولدۇم. ياخشى "نەرسە مەخپىي قالمىسۇن "دەپتىكەن بەزىلەر، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ بۇ پروگرامما تىلىنى ئۈگىنىش تەسىراتلىرىمنى ئەزىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ قوياي. دېمەككى، 1 - 2 - 3 - 4-  99999- ىنجى قىسمىغىچە، ئاللاھ ئىمكانىيەت بەرسە ئۆزگىچە ئۈگىنىش خاتىرىسى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. ئاۋۋال #C ئاندىن PHP ئاندىن JavaScript ئاندىن يەنە باشقلىرىنى بىر - بىرلەپ توخۇ يۇڭدىغاندەك ئۈگىنىپ تاشلايمىز. پروگراممىغا ئىشتىياقى بارلار دېققىتىڭلار تەشنا بلوگىدا بولسۇن.

[t]#C  دېگەن نېمە ئۇ؟[/t]

#C  يەنى( Sharp ،  C Sharpبولسا ئۆتكۈر، ئىتتىك دېگەن گەپ):  باشقا پروگرامما تىللىرىغا ئوخشاش، ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئىقتىدارى مول بولغان، ئوبىكتقا يۈزلەندۈرۈلگەن، مەخسۇسNET. پروگرامما تىلى بولۇپ،  بۇنىڭدا يېزىلغان كودلار ئاساسلىقى .Net Framework مۇھىتىدا ئىجرا بوتۇ. بۇ تىل ئارقىلىق Windows كۆرۈنمە يۈزلۈك دىتاللىرىنى، Windows مۇلازىمىتىر سېستىمىلىرىنى، ھەتتا توربەتلەرنى(ASP.Net) ياسايمىز. #C تىلى Java ۋە ++C لارنىڭ "شاكىلىنى تاشلاپ، مېغىزىنى قوبۇللاش" پرىنسىپىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۈگىنىش جەريانىدا بىر تۇرۇپ Java ئۈگىنىۋاتقاندەك، يەنە بىر تۇرۇپ ++C ئۈگۈنىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدىكەنمىز(PHP نىڭمۇ پۇرىقى خىلى بار).

خوش ئۇنداقتا بۇ تىلنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى قانداق؟  ئالدى بىلەن بۇ ئوقەتنىڭ دۇنيادىكى 10 چوڭ پروگرامما تىل قاتارىدا ھىڭگىيىپ ئولتۇرغان سىيماسىنى ئەسلىدىم. ئاندىن نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقانNET  . تېخنىكىسىغا  سەپسالدىم،  شۇنىڭ بىلەن  كەلگۈسى ئىستىقبالغا خىلى ئىشەنچ باغلاپ قالدىم. بىزگە تونۇشلۇق بولغان ھەرخىل دىتاللارنى بۇ تىل بىلەن ياساش تامامەن مومكىن، ئۇنىڭدىن سىرىت Windows مىترو ئەپلىرىنى، WindowsPhone قوللانما ئەپلىرىنى شۇنداقلا WPF, SiliverLight قاتارلىقنى ئېچىشقا  بولۇپلا قالماي ئىنتايىن قولاي. يەنە كىلىپ ++ C نىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان كۆرسەتكۈچ(指针) دېگەن نەرسىسى بۇنىڭدا يوق ئېكەن. تۈر قۇرۇش، ئۇسسۇل يېزىش، پارامىتىرلارنى(变量) ئىشلىتىش، ھەرقايسى پروگرامما بۆلەكلىرىنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە بۇ تىل ماڭا بەكلا قولاي تۇيۇلدى.

بىزدە ھەممە ئادەم VB ئۈگىنىۋاتسا مەن نېمىشقا باشقىسىغا چاپلاشتىم؟ چۈنكى "سۆيگەن گۈزەلدۇر" دېگەندەك مەن دەل موشۇ پروگرامما تىلىنى، موشۇ خىل ئۇسلۇبنى ياقتۇرىمەن. يەنە كېلىپ باشقىلار ئۈگىنىپ ئۈلگۈرمىگەن نەرسىلەرنى  ئۈگىنىش مېنىڭ خاسلىقىم.   خوش، ئەمدى #C ھەققىدىكى ئارتۇق بايانلارنى توختىتىپ، ئەمەلىي ئىشقا كېلەيلى:

#C تا پروگرامما تۈزۈش مۇھىتى سەپلەش ئىنتايىن ئاسان، يەنى VisualStudio نى قاچىلسىڭىزلا ھەممە مۇھىت سەپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن "قۇشقاچ سويغىنىمۇ قاسساپ" دېگەندەك يەڭنى تۈرۈپ پروگرامما تۈزۈشكە كىرىشىپ كەتسەك، بىزمۇ "پروگراممىر" بولىمىز.

[t] تۇنجى پروگرامما: سالام دۇنيا، سالام ئۇيغۇر!![/t]

ئاساسەن ھەرقانداق بىر پروگراممىنى ئۈگېىنىش موشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.  مېنىڭمۇ تۇنجى تۈزگىنىم موشۇ "سالام دۇنيا" پروگراممىسى ئىدى:

using System; //Programmida Ishlitilidighan buyruq ambarliri
using System.Collections.Generic;
using System.Linq;
using System.Text;
using System.Threading.Tasks;

namespace ConsoleApplication3   // Proggramma Nam Boshluqi
{
    class Program  // Tur nami(类名)
    {
        static void Main(string[] args) // Programma ijra kirish ighizi
        {
            Console.WriteLine("Hello World, Hello Uyghur"); // Ikranda korsitish 
            Console.WriteLine("I am Uyghur");
            Console.ReadLine();  // Oqup elish
        }
    }
}

يۇقىرىقىدەك ئىنتايىن ئاددىيلا نەچچە قۇر كود. ئەمما دەسپىلىپىدە باشلىغاندا قايسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي خىلى قىينالغان، ۋە بىرمۇ - بىر ئىزاھاتلىۋالغان ئىدىم.

كود ئىزاھاتى:

using ھالقىلىق سۆزى: #C تا موشۇ ئاچقۇچ سۆز ئارقىلىق باشقا نام بوشلۇقلىرىنى پروگراممىمىزغا  ئۇلاپ ئىشلىتىمىز. مەسىلەن: System, System.Text دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى  #C ئامبىرىدىكى تەييار بۇيرۇقلارنىڭ نام بوشلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

namespace ھالقىلىق سۆزى:  #C پروگراممىلىرىنى تەرتىپلەشنىڭ ئاساسىي ئۇسسۇلى بولۇپ، پۈتۈن پروگراممىنى ئورىغانغا ئوخشايدۇ. يەنى ، ئۇنى بىر تاغار دەپ پەرەز قىلساق، پروگرامما دەل شۇ تاغار ئېچىگە جايلاشتۇرىلىدۇ.

class ھالقىلىق  سۆزى:  ئوبىكتقا يۈزلەندۈرۈلگەن تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، #C تىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان "تۈر" (类) دېگەن نەرسە بولۇپ، يازغان ھەرقانداق بىر كود مەلۇم تۈرگە تەۋە بولىشى، بارلىق تۈرلەر مەلۇم بىر نام بوشلۇقىغا قاراشلىق بولىشى كېرەك.  مەلۇم پروگراممنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدار بۆلەركلىرى تالايلىغان تۈرلەردىن تۈزىلىدۇ، ۋە تۈرلەر ئارا ئىشلىتىش، زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىدۇ.

 ()Main ئۇسسۇلى: بۇ Java نىڭ main ئۇسسۇلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پروگرامما موشۇ قىسىمدىن باشلاپ ئىجرا بولىدۇ، يەنى، موتۇرنى موشۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق ئوت ئالدۇرىمىز دېگەن گەپ. ھەرقانداق بىر پرگراممىدا بۇ ئۇسسۇل كەم بولسا، كومپىيوتىر پروگراممىمىزنى قەيەردىن باشلاپ ئىجرا قىلىشنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالىدۇ.  مەزكۇر ئۇسسۇلنىڭ ئالدىدىكى static void قاتارلىقلار تولۇقلىما بەلگىلەر بولۇپ، static دېگەنى مەزكۇر ئۇسسۇلنىڭ تىنىچ ھالەتتىكى ئۇسسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، كىيىنكىسى ھىچقانداق قىممەت قايتۇرمايدىغان، قۇرۇق قىممەتلىك ئۇسسۇل ئېكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئالدىرىماي چۈشىنىۋالىدىكەنمىز.

شۇنداق قىلىپ كىيىنكى خاتىرىمىز: پارامىتىر تىپلىرى، پارامىتىر قۇرۇش ۋە ئىشلىتىش، ھېساب ئەمەللىرى توغرىسىدا بولىدۇ. قىزىققۇچىلار داۋامىغا تەشنا تۇرغايسىلەر!

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (14)
نەقىللەر (0)
  1. ھاجى [ ئوتتۇز يەتتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/03/12 22:54

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاداش ماۋۇ پىكرىڭىلىنى قوش قوللاپ قوللايمەن. ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بولسىمۇ ئۈزۈلدۈرۈپ قويماستىن داۋام قىلغايسىلە…

  2. يارۇق [ قىرىق ئىككىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/03/13 17:20

    مۇشۇ پروگرامما تىلى ئۆگىنىشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى قايسى؟ ئۆزەڭلىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆگىنىش ئۇسۇلۇڭلىنى بىر تۇنۇشتۇرساڭلا، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشساق. مەن زادىلا ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تاپالمىدىم.

  3. ئالتۇن بۇۇلاق [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/03/16 21:36

    ياخشى چۈشەندۈرۈش بوپتۇغۇ، داۋاملىق مۇشۇنداق ماڭسا بەك ياخشى بۇلىتتى. مىنىڭ ۋاقتىم بەك قىس، شۇنداق بولسىمۇ تىرىشىپ باقاي، ھېچ بولمىسا كىچىك بىر پروگىراممىنىڭ پۈتۈن كودىنى يوللاش ئارقىلىق، شۇ پروگىراممىغا ئىشلىتىلگەن كونتروللارنىڭ ھەم كودلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەم ئورنىنى چۈشەندۈرۈپ ئۈتەرمەن. ھېچ بولمىسا كۈندىلىك دەرىسخانىدا سۆزلەنگەن ۋە مەلىم قالدۇرغان كود؛ارنى ھۇزۇرۇڭ؛ارغا سۇنارمەن.

  4. پادىچى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2014/04/22 16:10

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەلەيكۇم #c ئۈگۈنۈش ئىشتىياقىم ئوتتەك بولغاچقا #c ئۈگۈنمەكچىدىم شۇڭا ياردەم قىلىلمىكى دىگەن ئۈمۈتتە دەرىسلىكى بولسىمۇ ياكى چۈشۈرۈش ئادىرسى بولسىمۇ بولىدۇ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تاپالمايۋاتىمەن ياردەم قىلىسىلەمۇ

  5. بىلزات [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2014/05/05 18:08

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم توربېكەت قۇرغان قېرندىشىم. ناھايتى ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز.بولسا تېملىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
    مەنمۇ C# تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان سىز بىلەن ئازراق پىكىر ئالماشتۇراي دېگەن بولسا چىچنى قالدۇرۇپ قويسىڭز؟؟؟

  6. پەرۋان [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Firefox 33.0Ubuntu Linux 6 -قەۋەت 2014/12/03 15:01

    ھەي- ھەي قېرىنداشلارنى مىنىمۇ ئاراڭلارغا قىتىۋالساڭلارچۇ ، مەنمۇ مۇشۇ پىروگىرامما تىللېرىدىن بىر قانچىنى ئۆگىنىپ قۇياي دىگەن.
    سالىمىممۇ بار ، ئاللاھ ھەممىلارنى سالامەت قىلسۇن!

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش