دىتال دەپ قوياي ئۆزەمنى رىغبەتلەندۈرۈپ!
خۇددى مىنى يازغاندەكلا : تىلەشۇفنىڭ بۇ شېئرى بىلەن باشلاي :
---------------------------------
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
خاتىرەممۇ ۋاقتىمنىڭ يىتىشچە يىزىلۋاتقان بولۇپ كىيىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۈگۈنكى مەقسەد ئىلگىركى يازمامدا تىلغا ئالغىنىمدەك جاۋا سىكرىپىتقا چاپلاشتىم ، مۇھەببەت بىلەن كۈندە ئونلاپ يېڭى بۇيرۇقلارنى ئۆزلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولۇۋاتىمەن، شۈكرى ، بۈگۈن شۇ كولتى - كولتوڭ سەۋىيەگە تاينىپ بولسىمۇ كىچىككىنە بىر قوللىنىشچان ئىقتىدار ياسىدىم.
------------------------------
بۇ جاۋا سىكرىپىت ئارقىلىق يىزىلغان رەڭ ھاسىللاش كودى بولۇپ ، سىزنىڭ تور بەت ياسىغاندا تور بەت رەڭگىنى ماسلاشتۇرالماسلىق ، ياكى رەڭ تاللىيالماسلىقتەك قىيىنچىلىق
لىرىڭىزنى ھەل قىلىش مەقسىدىدە ياسالدى.
بۇ جاۋا سىكرىپىت ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەنگەن مەشىق دىتالى بولۇپ مەن بىلەن ئوخشاش جاۋا سىكرىپىت ئۆگىنىۋاتقان سىكرىپىت ئاشىقلىرى بولسا كودىنى ئېچىپ
كۆرۈپ ئۆگەنسە بولىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندىمۇ ، ئىجرا قىلىپ ، توربەت ياكى باشقا لاھىيە ئىشلىرىدا ئاپتوماتىك رەڭ ھاسىللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ
ئارتۇقچىلىقى بولسا كونۇپكا تاختىسىدىكى قوشۇش ئەمىلىنى بىسىش ئارقىلىق مىليون خىل يىقىشلىق رەڭلەرنى ئىختىيارى ھالەتتە ھاسىللاپ چىقىرالايسىز
ئلىش ئەمىلىنى باسسىڭىز ھاسىللىغان رەڭ رامكىللىرى تەرتىپ بىلەن ئۆچىدۇ ، نۆل كۇنۇپكىسى بىلەن ئىختىيارى ئۆچىدۇ
قالغىنىنى سىناپ بىلىڭكى مىنىڭچە ناھايىتى قوللىنىشچان
------------------------------
ئۈنۈمىنى كۆرۈش : بۇ يەرنى بېسىڭ
-----------------------
Add & Delete قوشۇش ئەمىلىدا كود ھاسىللاش ، ئېلىش ئەمىلى تەرتىپلىك ئۈچۈرۈش، نۆل بولسا تەرتىپسىز ئىختىيارى ئۆچۈرۈش قېنى ئەمىسە ئىشنى مەزكۇر كۆك رامكىنى ئۆچۈرۈشتىن باشلاڭ! دىققەت مەزكۇر سىناق دىتالى سىزنىڭ رەڭ تاللىشىڭىزنى قولايلاشتۇرۇش مەقسىدىدە ياسالدى.ھاسىل بولغان رامكىلاردىكى رەڭ كودىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ