logo
ئورنىڭىز: باش بەت > پىروگرامما > يازما مەزمۇنى

پادىچى:پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن [8]

پىروگرامما سىز 313- كۆرۈرمەن 5ئۈنچە يوللىغۇچى: خەتكۈشلەر:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
jscript
ئىسىڭلاردىمىكىن ئالدىنقى قېتىم »پىروگروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن« نامىدا بىر يۈرۈش ماقالىلەر بىلەن تونۇشقان ئىدۇق. قىممەتلىك پىكىرلەر ، ئىسىل مۇنازىرىلەر،كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئاجايىپ ئۆتكۈر كۆز قاراشلار مەيدانغا كەلگەن ئىدى مانا ئەمدى بىر مەزگىللىك ئالدىراشچىلىقتىن كىين ئەشۇ سۈيۈملۈك مۇلاھىزىلەرنى سېغىنىش سەۋەبلىك،يەنە بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھىت يارىتىش ئىستىكىدە ماقالىمىزنىڭ داۋامىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئەلىۋەتتە كود يىزىشتىن چىققان پىروگىرامما نەتىجىسى قانچىلىك سۈيۈملۈك بولسا،چىققان نەتىجىلەرنى ئورتاقلىشىپ ئىلمى مۇھاككىمىلەرنى ئېلىپ بېرىش شۇنچىلىك لەززەتلىكتۇر! نىسىپ بولسا مەزكۇر زەنجىرسىمان ماقالىلىرىمىزنى قۇربىمىزنىڭ يىتىشچە داۋاملاشتۇرۇش ئارمانىدىمىز.گەپنىڭ تۈگەنچىسى ھەممىمىز مەيلى بۇ توغرىسىدا خەۋەردار بولايلى ياكى بولمايلى ئازدۇر كۆپتۇر پىكرىمىزنى ئوتتۇرغا قويساق ئىلمى مۇزاكىرەلىرىمىز بىزنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىديەلەرگە ئېرىشتۈرگۈسى!

ئەسكەرتىش : ئاساسى مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن ئەسكەرتىدىغىنىم مەزكۇر ماقالە جەنجىرسىمان بولۇپ 0 سەۋيەنىڭمۇ ئاستىدىن، بەك،بەك تۆۋەندىن باشلىنىپ يىزىلغان كۆپىنچە بۇرادەرلەر ئۇ ياقلارنى ئايلىنىپ بولغان ئەگەر ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلار بولسا،ئەڭ ئاۋال بۇ قىسىمنى ئوقۇماي تۇرۇپ شۇ قىسىملىرىنى بىر ئوقۇپ تۈگەتسە دىگەن ئۈمۈدتىمەن،ئەگەر ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئوقۇماستىنلا مەزمۇننى چۈشەنمىدىم دىسىڭىز بۇ مىنىڭ سەۋەنلىكىم ئەمەس ھەم سۇئالىڭىزغا جاۋاب بېرىلمەيدۇ.
مۇلاھىزىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسىمى يەنى 7-بۆلىكى كومپىيۇتېرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى يىزىش بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى، ئەنە شۇ تىمىمىزدا بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇلارنىڭ بىز يازىدىغان ۋە ئۆگىنىۋاتقان پىروگىرامما يەنى كود بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى دەپ سورىغانىدى،ھەتتا بۇ ھىكايىدەك يازمىلارنىڭ كۆپچىلىككە ھىچقانداق ئەمەلى نەپ ئېلىپ كېلەلەلمەيدىغانلىقىنى دىگەن قېرىنداشلارمۇ بولدى، بۇلاردىن كىين بىر مەزگىل ئويلىنىپ توختاپ قالدىم، ئەمما مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشنى پىلان كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەن ئىكەنمەن مەيلى بۇ ماقالىلەرنىڭ قىممىتى بولسۇن-بولمىسۇن يىزىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم. بولدى گىپىمىزنى قىسقارتايلى!

ئىسىڭلاردىمىكىن ئالدىنقى قىسىملاردا قاتتىق دىتاللار ھەققدە مەلۇم چۈشەنچە ھاسىللىغاندىن باشقا يەنە يۇمشاق دىتال ، پىروگىرامما تىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ھەققىدە بىلگىنىمچە بىرقىسىم ئاددى چۈشەنچىلەرنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم.ئاشۇ گەپلىرىمنى قايتىلاپ تەكرارلاپمۇ يۈرمەي،مەنبەسى: بۇيەردىن كۆرۈڭ
ئەمدى ئاشۇ تونۇشتۇرۇشىمىزنىڭ داۋامغا كېلەيلۇق! ئەلىۋەتتە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئەگەر زۆرۆر دەپ قارىساملا تىمىللىرىمىز ئارسىغا قاتتىق دىتاللار ھەققدە بىلىشىمچە گەپ قىستۇرۇشۇم مۇمكىن،ئۈمۈدكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىنىشكە ئۇچىرمىسام.

يۇقاردىكى تىمىلاردا دىيىلگەن مەزمۇلار بولسا ئاساسلىقى بىز كۆرىۋاتقان توربەتلەرنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى لاھىيەلەيدىغان لاھىيە تىللىرىدۇر. يەنى بىر مۇكەممەل توربەتنى ئادەم بەدىنىگە ئوخشاتساق،…… CSS HTML قاتارلىقلار بۇ ئادەمنىڭ بەدىنى ۋە كىيىملىرىدىن ئىبارەت.بۇ توغرىسىدا يۇقىردا بېرىلگەن مەنبەدە ناھايىتى تەپسىلى ئۇچۇرلار بېرىلگەن.ئەمدىكى مۇلاھىزىمىز جاۋا سىكرىپىت ئۈستىدە بولىدۇ.
Computer-Code
JavaScript بولسا “سىكرىپىت قوليازما تىلى” بولۇپ ، “سىكرىپىت” دەپلا سۆزلەپ چۈشۈپ كەتسەم نۇرۇغۇنلىرىڭلار ھاڭۋېقىپ قېلىشىڭلار مۇمكىن شۇ ھامان قايتۇرۇلىدىغان سۇئال”نىمە ئۇ سىكرىپىت قوليازما دىگەنلىرىڭ؟؟”  ھەقىچان. شۇڭا بۇ گەپنى زاغىرلاشتۇرۇپ دىسەك: خۇددى باشتىكى ئىككى تىلنى ئادەمنىڭ قۇرۇق جىسمىغا ۋە كىيمىگە ئوخشىتالىغىنىمىزدەك مەزكۇر تىلنى ئادەمنىڭ ھەركىتىگە ياكى گۇمپىسىغا ئوخشاتساق بولىدۇ. ئەگەر سەل تېخنىكىغا يېقىنلاشتۇرۇپ مىسال ئالساق ئالىپ تورىغا ئەزالىق ئاكونتىڭىزنى خاتا تولدۇرۇپ كىرىش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز چىقىدىغان ھېلقى بەتبەشىرە ئاگاھلاندۇرۇش كۆزنىكى دەل مۇشۇ سىكرىپىت تىلىنىڭ ناھايىتى بەك،بەك ئاددى بىر گۇمپىسىدىن ئىبارەت!
QQ截图20140618155231
— بولىدۇ ، بۈگۈن تۇنجى كۈنىلا سىلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويماي،قالغىنىنى ئەتىگە كىچىككەندە ئۆگۈنگە قالدۇرايلى!كىيىنكى تىمىمىزدا داۋاملىق بۇ مەزكۇر تىل ھەققدە مۇلاھىزە قىلىمىز.
مەزكۇر زەنجىرسىمان ماقالىلىرىمنىڭ ئەڭ ئالى مەقسىدىنى يەنە بىر قېتىم تەكرار ئەسكەرتىمەن. مەقسەد مەلۇم پىروگىرامما تىلىنى ئۆگىنىش ئەمەس،بەلىكى مەزكۇر ساھە يەنى ئۇچۇر تخنىكا ساھەسىدىن ئىبارەت نۆۋەتتە بۇ پىلانىتتا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىۋاتقان سۈيۈملۈك كەسىپنى كۆپچىلىككە بىلگىنىمچە تونۇشتۇرماقچى. ئەگەر ئۆمۈرۈم يار بەرسە،نىسىپ بولسا ئۇشبۇ ماقالىلىرىمىزنىڭ داۋامىغا ئۇلاپلا مەلۇم مەلۇم بىر تىلنى)مۇشۇ سىكرىپىت تىلى بولۇش ئېھتىمال ، ئاڭغىچە شۇ سەۋيىگە يىتەلىسەملا!( تۇتۇپ تۇرۇپ سىنلىق دەرىس بىلەن قوشۇپ تۇرۇپ سېستىمىلىق دەرىس سۆزلىشىم مۇمكىن،بۇلارنى ئەسكەرتىشىم ئاز بىرقىسىم قېرىنداشلار سەبىرسىزلىك قىلىپ قايناپ كەتمىسەڭلا! بىر باشتىن ئالدىرماي كىلەيلى!

بۇ زەنجىرسىمان يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز ياكى پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

2014.6.18
-مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى
-پادىچى

تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ ، تولا گەپ قىلغان ئادەم تولا خاتالىشىدۇ ، تولا خاتالاشقان ئادەمى

—— padichi

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. دىۋان
    ھەۋەسكار

    [يۇشۇرۇن ئىنكاس] مەزكۇر ئىنكاس تەستىقلانماي مەن بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز، سىز بىلەن ئالاقىلىشىش يوچۇ

    2014-06-18 7:42 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • ಠ_ಠ
      پادىچى

      كەچۈرۈڭ قېرىندىشم ھىچقانداق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرماپسىز . (2798659641)

      2014-06-18 8:49 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  2. گىلەم
    تەشنايى

    موشۇ JavaScript تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ. ھەرقانداق مەشغۇلات سېستىمىسىدا نۇرمال ئىجرا بولىدىغان ئابونىت يۈزى پىروگىراممىلىرىنى(مەسىلەن تور بەت، تور بەت ئويۇنى…) ئېچىشتا كەڭ ئىشلىتىلىپلا قالماستىن ئەپ ئېچىش ساھەسىدىمۇ بەكلا قوللىنىشچان. يەنە كېلىپ بۇ خۇددى ئىنگىلىزتىلىدەك بىر تىل، يەنى گىرامماتىسىكى ئاددىي، ئېنگىلىزچە مەقالە يازغاندەكلا يازىدىغان گەپ.
    بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق دېتال خىرىدارلىرى بىرقەدەر ئاز، بۇنداق ئەھۋالدا زور مەبلەخ بىلەن بىرەر دېتال ياكى ئەپ خارەكتېرلىك ئويۇن پىروگىراممىلىرىنى ئېچىش قىيىنغا توختايدۇ. بۇنى كۆزدە تۇتقاندا JavaScript+HTML5 ئارقىلىق كىچىك – كىچىك ئويۇنلارنى ئاچقاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئىشقىلىپ ئوبدان بىر ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ بۇنى… :ئوماق:

    2014-06-18 9:05 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  3. كىگىز
    ئالتۇن بۇلاق

    مۇشۇ JavaScrrpt نىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ بارغانسىرى ئىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىل مەشغۇلات سىستىمسىدىن ھالقىغانلىقى. ھازىرقى پروگىراممىرلار #Java , Object C, C تىللىرىنى بىلمىسىمۇ ئالما، Abdroid, WP8 لارغا ئەپ ئېچىۋاتىدۇ.

    2014-06-18 9:42 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  4. 4 - قەۋەت
    پالگان

    ئىسىل تىل جۇمۇ بۇ ، ھىچكىم يات كۆرمەيدىغان …

    2014-06-19 12:37 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات يازمىلار
  • ئەڭ يىڭى ئۈنچېلەر
  • رەڭدار خەتكۈشلەر
  • سىز كۆرمىگەن يازمىلار
footer logo
تەشنا ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسىغا مەرھەمەت!
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!