Home >  > يېزىق كودلاش ۋە يېشىش قورالى

يېزىق كودلاش ۋە يېشىش قورالى

1

ئادەتتە بەزى كودلار ئارىسىدا UNICODE ياكى ASCII شەكلى بويىچە كودلانغان يۇشۇرۇن خەتلەر ئۇچراپ قالىدىكەن. بولۇپمۇ تور بەت تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىدا Js ئارسىغا قىستۇرۇلغان بۇنداق خەتلەرنى تېپىپ چىقىش تەسكە توختايدىكەن. مەنمۇ موشۇ مەسىلىگە يولۇققان بولغاچقا، ئىزدەپ يۈرۈپ كودلاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كودنى تاپتىم ۋە كىچىك قورال سۈپىتىدە تەييار قىلىپ قويدۇم. ماڭا ئوخشاش قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلار ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
مەلۇم كود تەركىبىدە ئايلاندۇرۇلغان خەتلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، پۈتۈن كودنى چاپلاپ، «ئەسلىگە قايتۇرۇش» كونۇپكىسىنى باسساقلا ھەرخىل شەكىلدە ئايلاندۇرۇلغان يېزىقلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ. مەلۇم يېزىقنى خالىغان شەكىلدە كودلاشقىمۇ بولىدۇ.
بۇ ئىقتىدار بىرقانچە قۇر Js بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، تولىمۇ ئاددى. تۆۋەندە js قىسمىنى كۆرۈپ باقايلى:

 

خۇددى يۇقارقى كودتا كورسىتىلگىنىدەك: تېكىسىت رامكىسىغا چاپلانغان كودنى ئېلىپ، ئۈچ كونۇپكىغا ماس ھالدا Unicode لىق، ASCII لىق كودلاش ۋە يۇقارقى ئىككى خىل كودلانغان يېزىقنى ئەسلىگە قايتۇرۇش فونكىسىيەسىنى ئورۇندايدۇ.
قورالچاق مەنزىلى: كودلاش قورالى

چۈشۈرۈش مەنزىلى: بەيدۇ دېسكىسى         مەخپىي نومۇر: j4fm

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (1)
نەقىللەر (0)
  1. تارىم [ قىرىق ئىككىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/01/09 13:32

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، تىمىڭىزنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇراتتىم . ئەمما بۇ تىمىنى ئوقۇپ چۈشۈنىپ بولالمىدىم.

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش