«موكاپات»
(ھېكايە)
تۇردى ئىسرائىل
ئۆي بىلەن ئىش ئورنۇمنىڭ ئارىلىقى يىراقراق بولغاچقا ، ئائىلەمدە مەن بىر ياقلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولمىسىلا كۆپۈنچە چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمدا ئۆيگە قايتالمايتىم .
بۈگۈن چۈشلۈك ئارامدا قۇرسىقىمنى ئاندا-مۇندا ئەستەرىلىۋىلىپلا توردىن ئەدەبىي ئەسەركۆرۈپ ئولتۇراتتىم.ئۇشتۇمتۇت تېلېفون چېقىراپ، دېھققىتىمنى چېچىۋەتتى.مەن ئورۇنسىز ۋاقىتتا كەلگەن بۇ ئۇچۇر دىن كەيپىم ئۇچۇپ، ئېكىرانىدىكى ناتۇنۇش نومىرغا كۆزۈمنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ گۆلىيىۋىتىپ ،ئۇ لىنىش كۇنۇپكىسىنى باستىم-دە :
-ۋەي ،ياخشىمۇ سىز؟سىزگە قانداق ياردىمىم كېرەك؟ –دېدىم .
قارشى تەرەپ تېلېفۇننى ئالاقىلىشىش شېركىتىنىڭ مەلۇم شۈبىسىدىن بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلاربۇيىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان"دۇنيا پۇچتا-تېلگىراف كۈنى"نى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن تەبىر كلەش، مولازىمەت تۈرلىرىنى ئاممىغا يەنە بىر قېتىم تەشۋىق قىلىش،ئابۇندلار ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قۇزغاپ ، خىرىدارلار سانىنى ئوڭ تاناسىپلىق نىسبەتتە ئاشۇرۇش مەقسىدە ، شېركەت يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان شېركەت قائىدە –تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ،سۆزلىشى ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ كەلگەن ئابۇنىدلارنىڭ تېلېفون نومىرلىرىنى ئاساس قىلىپ،شېركەت ئابۇندلارغا ۋاكالىتەن "موكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى'' ئۆتكۈزگەنلىكىنى، مېنىڭ يان تېلېفون نومىرىم 1–دەرىجىلىك موكاپاتقا ئېرىشىدىغانلار تىزىملىكىدىن چىقىپ،200مىڭ يۈۋەنلىك ئالاھىدە موكاپاتتىن بەھىرمەن بولىدىغانلىقىمنى،شۇڭا مەن موكاپاتىمنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن شىركەتكە كېلىپ ھەرەج تارتىپ يۈرمىسەممۇ بولىدىغانلىقىنى ، شېركەت ماڭا ماڭا تەۋە بولغان موكاپات سوممامنىڭ %6ى بولغان 12مىڭ يۈۋەن «جامائەت گۇۋاھلىقى ھەققى»نى شېركەتنىڭ x x x x نومىرلىق بانكا ھېساباتىغا ئاغدۇرىۋەتسەملا ئىشىم پۈتۈپ ،ئۇلار ماڭا بەرمەكچى بولغان موكاپات سوممىسىنى تىزلىكتە ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تەلەي نەگە ماڭدىڭ،دوقا ماڭلايغا – دېگەندەك ، بېشىمغا تۇيۇقسىز قۇنغان ئامەد قۇشىنىڭ خۇشاللىقىدا غايىبتىن كەلگەن بۇ موكاپات پۇلىغا سېتىۋالىدىغان ماددى بۇيۇملارنى خام چۇد قىلغاچ ،شىرىن خىيال بۈشۈكلىرىدە ئەللەيلىنىشكە باشلىدىم . مۇنداق ئۆز ئايىقى بىلەنلا كېلىپ قالىدىغان غايىب نېسىۋىنى كۆرسە ، كىمنىڭمۇ دىلى شادلىققا تولمىسۇن دەيسىز ؟ ئامەد دېگەنمۇ ئويلىمىغان چاغلاردا ئادەمنى ھىدلاپ يۈرۈيدىغان ئاجايىپ نەرسىمۇ نېمە –دەپمۇ قالىمەن ئىچىمدە .
يېقىندىن بۇيان خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئائىلە ماشىنىسى سېتىۋىلىشىپ، كاتتاماشىنىلاردا مىلىيۇنىرلاردەك گېدىيىپ ئولتۇرۇپ،ئۇچىرىغان تونۇش-بىلىشلەرگە سالام –سائەتنىمۇ ئۇنتۇپ، خۇددى زىراپىلاردەك يۈرۈشكىنىنى ئويلىسام ، لازا يەۋالغاندەك ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، ئوغرى مۈشۈك يۈرۈ كىمنى تاتلاۋاتقاندەك غەيرى ھېسىياتقا كېلىپمۇ قالىمەن.چۈشۈمدىمۇ كىشىلەرنىڭ پۇلدارلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدۇرۇپ ، بېلى گېپىسلانغان بىماردەك ئېگىلەلمەيدىغان قىلىپ قويغان شۇ ماشىنا دېگەن كىسپۇرۇچنى مەنمۇ زادى بىر ئالمىسام دېگەن ئوي ئوخلسام چۈشۈمدىن،ئوڭۈمدا نېرۋامنى تولا غېدىقلاپ،مېنى خىيالچان بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى .
مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامىراق،قېيىن ئانامنىڭ چىشى يوق تۆشكە...-دېگەندەك ، چۈنتىكىمدە ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا قالدۇق بولۇپ تۇرىدىغان تۆت تەڭگىنىڭ تايىنى يوق،ئاسماندىكى غازنىڭ شۇرپىسىغا نان چىلاپ ، چۈش قوينغا ئەسىر بولۇپ يۈرىۋاتقان ماڭائوخشاش ئەخمەققە غايىپتىن كەلگەن بۇ ئامەد ئاغرىق كالىغا پىچاق خۇش ياققاندەك يېقىپ كەتكەن ئىدى.ئەندى مەن ماشىنا ئېلىشقا سەرپ قىلىنىدىغان بىر ئۇچى بىلەككە،يەنە بىر ئۇچى يۈرەككە تۇتىشىپ تۇرىدىغان مېھرى ئىسسىق پۇل دېگەن شۇ رەڭلىك قەغەز گىمۇ تەلەي -پىشانەمگ تايىنىپ ئېرىشىپمۇ قالغان ئىدىم. پېقىر ئەندى پۇل دېگەن ھارامزەدىنى شۇنداق خەت-خىراج قىلىدىكى ، خۇدا يولىدا سالام –سائەتىكىمۇ يارىماي،مېنى كۆزىگە ئېلىشمىغان ھارامزادىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس. ئەندىغۇ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن شېرىن خىياللىرىم روياپقا چىقىپ، ماشىنا دېگەننى چىكىپ تۇرۇپ سېتىۋىلىپ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بوينىدا شاپتۇل قېقىپ يۈرگەن بەچچىغەرلەرنى سەھرانىڭ قارغىش كەتكەن توپىلىق يوللىرىدا قۇيۇن تازدەك چېپىپ ،توپا-چاڭغا كۆمۈپ ئۆزۈمنى بىر كۆرسۈتۈپ قويمىسام ھېساب ئەمەس- دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كەتتىم .
كۆڭلۈمنىڭ ئاللاقانداق بىر يەرلىرى بۇ كاتتا خۇش خەۋەرنى دۇست-بۇرادەرلىرىڭگىمۇ ئېيتىپ،ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلىۋەتمەمسەن- دېگەن بىر مەۋھۇم خىيال ھە دەپ ئالدىراتماقتا ئىدى. مەن قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى تاشلاپلا ، قوشنا ئىشخانىغاقاراپ چاپتىم.
قوشنا ئىشخانىدىكى بۇرادەرلەر روخسارىمنىڭ تەڭرى تېغىدىكى قار لەيلىسىدەك ئېچىلىپ ، كوچىدىن ئالتۇن تېپىۋالغان نامىرادتەك خۇشال بولۇپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، مەندىن بۇ غايىبانە خۇشاللىقنىڭ سىرىنى سوراشتى.مەن خىزمەتداشلىرىمغا بۇ ئامەد ئۇچۇرىنى خۇشاللىق ئىچىدە يەتكۈزىۋىدىم ،خىزمەتداشلىرىم شۇ ھامان بىرەر ئۇياتلىق يېرىمنى كۆرۈپ قېلىشقاندەك يوتىلىرىغا شاپلاقداپ ئۇرۇپ،تالجىققىچە كۈلۈشتى.
بۇ چاغدا پېشقەدەم خىزمەتدىشىم ئەكبەر مۇئەللىم باشقىلارنى تېنىچلىنىشقا ئۈندىگەچ :
-ئۇكام دىلمۇراد ، چېھرىڭ بۈگۈن تومۇز ئاپتىپىىدەك ئېچىلىپلا كېتىپتىغۇ . غايىپتىن بىرەر ئامەدكە ئېرىشىپ قالغان ئوخشىمامسەن -دېدى.
مەن كاتتا ئامەد خۇشلۇقىدىن بەيگە ئېتىدەك چاپچىۋاتقان يۈرىكىمنى تېچلاندۇرۇش ئۈچۈن، بىر ئىستا كان مېنىرال سۇنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋىتىپ،مېنى خۇش قىلىۋەتكەن بۇ ئۇچۇرنى خىزمەتداشلىر ىمغىمۇ يىپتىن –يىڭنىسىگىچە يەتكۈزدىم.بۇنى ئاڭلىغان ئەكبەر موئەللىم ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە :
- يەنىلا كىچىك بالىسەندە دىلمۇراد ئېنىم. دۇنياداھالال تەر ئاققۇزمايلا ، فانتازىيىلىك چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان «ئېچىل داستىخىم » دېسىلا،نازۇ-نېمەت دېگەنلىرىڭ ئۆز ئايىقى بىلەن، ئىھتىياجىڭدىن ئېشىپ –تېشىپ كېلىۋىرىدىغان ساماۋى جەننەتنى نەدە كۆرىۋىدىڭ ؟ بۇرنۇڭغا سۇ كىرمىگەن گۈدەك بالىدە سەن.
مەن سىلەرگەبىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئۇچۇر قىلتىقىغا دەسسەپ ، نەق بىر كاللەكنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكە نلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنىم ئېسىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتىمۇ سېنىڭ .بىر كاللەك دېگەن نەق 10مىڭ سوم دېگەن گەپقۇ .سىلەر ياش بالىلاربىرەرقىيىن ئىشقا دۇچ كەلسەڭلار،تارىخى ساۋاقلارنى ئەستىن چىقىرىپ ، قىلغان ئىشىڭلاردا زىيان تارتىپلا يۈرۈيسىلەر.«كىچىك بالا،قىلغان ئىشى چالا »دەپ ،ئىش قىلغاندا ئالدىراپ-تىنەپ ئىش كۆرىدىغان تەنتەك مىجەزىڭنى ئۆزگەرتمىسەڭ بولمايدۇ ئېنىم. ساڭا ئۇچۇر يوللىغان ئۇ شېركەت، موكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق دەپلا، بىر پارچە لوقلا گۈشنى جەراستاندا مەقسەتسىز ئوتتۇرىغا ئاتقان ئەمەس. قۇيرۇق بولمىسا تاشتا ،قاغا قۇنامدۇ دۆڭگە -دەپ ،ئۇلار ساڭا ئوخشاش ئاچچىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن نادان كىشىلەرنى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىممىتى بىر قەدەر كۆپ بولغان موكاپات سوممىسىغا مەقسەدلىك قىزىقتۇرۇپ،دۆلەت قانۇن-نىزاملىرىنى كۆزىگە ئېلماي ، ساقتا قېلمىشلىرىنى ئاتالمىش«جامائەت گۇۋاھلىقى خىراجىتى»دېگەن چىرايلىق نام بىلەن پەدازلاپ، گۈش كۆرسۈتۈپ ئۆپكە سېتىپ،كۆپۈ–كۈندۈزدىلا كۆزۈڭگە توپا چېچىپ، پۇللىرىڭنى ئاشكارا تالان-تاراج قىلماقچى .ئۇلار بۇئاتالمىش« موكاپات سوممىسى»غا بارلىق ھېلە نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىپ،كىشىلەرنى موكاپات پۇلىغا قىزىقتۇرىدۇ.سەن ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچۇرىغا يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ ،بۇ پۇلىنى ۋاقتىدا ئېلىۋىلىش ۋەسۋەسىسىدە،«جامائەت گۇۋالىقى ھەققى »نى ۋاقىتنى سوزمايلا دەل ۋاقتىدا يوللىۋىتىسەن-دە ،ئۇلار سەن يوللىغان «جامائەت گۇۋالىقى ھەققى »نى تاپشۇرىۋىلىپ، دەرھاللا تېلېفۇنىنى ئېتىدۇ .سەن موكاپات سوممىسىنى تاپشۇرىۋالالمىغاندىن كېيىن ، ئۇلارنى ئىزدەپ تېلېفۇن قىلساڭ ،سەن پەقەت تېلېفۇنىسېتنىڭ « كەچۇرۇڭ ،بۇ تېلېفۇن نومىرى ئىشلتىلىمىگەن »دېگەن ئاپتۇماتىك يوللۇنۇدىغان ئۇچۇرغىلا ئېرىشىسەن-دېدى ۋە دىلمۇرادقا قارىۋىتىپ، پىشانىسىگە بىرنى ئۇرىۋەتكىنىچە :
- ۋاي ، ئېسىم قۇرۇسۇن دىلمۇراد ئېنىم.ئۇ چاغدا سەن ئوبلاست مەركىزىگە "قوش تىل"ئۇچۇق دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا كېتىپ ، ئۇ ۋەقەنى ئاڭلىمىغان ئەمەسمىدىڭ . سېنىڭ يوقلىقىڭ ئېسىمدىن كۆتۈرۈ لۈپ ، سېنى بىھۇدىلا ئەيىپلەپ يۈرۈپتىمەن ئۇكا .گەپلىرىمنى كۆڭلىڭگە ئالماسسەن.
-ئۇكىلىرىم، مەن ئۇ خىزمەتدىشىمنىڭ ئۇچۇر قىلتىقىغا دەسسىگەن كەچۈرمىشىنى يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ بېرەي. مۇبادا بىرەر قىيىن ئىشقا دۇچ كەلسەڭلار بۇ ساۋاق سىلەرگە ئەينەك بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس .
بۇ ئىش يۈز بەرگىلىمۇ ئالاھەزەل ئىككى-ئۈچ يىللارچە بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن. مېنىڭ "گۈلباغ"مەكتىپىدە بىللە ئىشلەيدىغان مۇستاپا ئىسىملىك بىرخىزمەتدىشىم بولىدىغان.ئۇنىڭغىمۇ دەل دىلمۇرادقا كەلگەندەك ئۇچۇر كېلىپ، ئۇ بىچارەبىنادىن ئۆي ئالىمەن دەپ مىڭ بىر بالالاردا چىشىنىڭ كاۋىكىغا تېقىپ يۈرۈپ يىغقان پۇلنى ئۇچۇر ئالدامچىلىرىنىڭ چۈنتىكىگە بىھۇدىلا تاشلاپ بەردى ئەمەسمۇ .مۇستاپا بۇ ئۇچۇرنى ئۆز ۋاقتىدا بىزگە بىرقېتىم تېنىۋەتكەن بولسا،بىزمۇ ئەلبەتتە قولىمىزدىن كېلىشىچەياردەم قىلىپ، ئۇچۇرنىڭ ساقتىلىقنى ئەسكەرتىپ قويغان بولساق ،ئۇ مۇنداق ھۆل يەرگە دەسسەپ، زىيان تارتىپمۇ ئولتۇرماستى. ئەينى چاغدا بۇ ئىشنى ئۇ ئۆزىمۇ خاتا قىلدى .ئۇ ،ئەگەرخىزمەتداشلىرىم مېنىڭ بۇ غايىبتىن كەلگەن موكا پاتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمنى بىلىپ قالسائۇلار بىزنى مېھمان قىلمامسەن دەپ تۇرېۋىلىشى ھەتتا بەزىلىرى پۇل ئۆتنە –يېرىم قىلىشقا مەجبۇرلاپ،پۇلنىڭ بەركىتىنى ئۇچۇرۇپ، ئادەمنى ئاۋارە قىلىشىدۇ-دېگەنلەرنى ئويلاپ ،بۇ ئاتالمىش « موكاپات» ئۇچۇرىنى ھىچ قايسىمىزغا تېنماي ، «كىشگە سانىساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە »دەپ، مۇستاپا بىزدىن خۇپىيانە ئىش تۇتۇپ يۈرگەچكە ، بىنادىن ئۆي ئالىمەن –دەپ ،ساقلاۋاتقان 15 مىڭ سوم پۇل ئۇچۇر ئالدامچىلىرىنىڭ قىلتىقىغا بىھۇدىلا چۈشۈپ كەتتى ئەمەسمۇ .
-ئۇكىلىرىم ،سىلەر تېخى ياش ."بالا،قىلغان ئىشى چالا'' دەپ، مۇبادا سىلەر شۇنداق ئىشلارغا دۇچ كېلىپ قالساڭلار،ئالدىراپ ھۆل يەرگەدەسسەپ ، زىيان تارتىپ يۈرمەي، كېڭەشلىك ئىش بوزۇلماس دەپ ، قانداقلىكى ئىش قىلساڭلار چوڭلار ۋە دۇست-يارانلىرىڭلارغا مەسىلىھەت سېلىپ،ئىشلارنى ئېدىتلىق قىلىشنى ئۈگىنىڭلار -دېدى.
مەن ئەكبەر موئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن :
-رەھمەت، ئەكبەر موئەللىم . «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ»دېگەندەك، بۇرادەرلەرنىڭ دانا مەسىلىھەتىنى ئاڭلىمىغان بولسام ، مەنمۇ تاس-ماس قالاركەنمەن ئوغلۇمنى ئۆيلەش ئۈچۈن يېمەي –ئىچمەي يىغىۋاتقان بىر مۇنچە پۇلۇمنى قۇدۇققا ئاتقىلى .
سۆزۈم تۈگىشىگە ئەكبەر مۇئەللىم يەنە :
-دىلمۇراد ئۇكام ، بۇندىن كېيىن ساقتا ئۇچۇرلارغا دۇچ كېلىپ قالساڭ، سەن بۇ ئىشنى مۇنداق قىل دېدى ۋە يوللايدىغان ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى...
* * *
مەن پەيتنى قولدىن بەرمەي شۇ كۈنىلا ئۇلارغا :«ھۆرمەتلىك دېرىكتۇرئەپەندى، شېركەتلىر ىنىڭ موبارەك ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەر تاپتىم.ئەگەر راستىنلا ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، شىركەتنى گۈللەندۈرۈش تاماندا ئىش كۆرگەن بولسىلا بۇ ئەلبەتتە ئەل-ئاۋامنىڭ قارشى ئېلىشى ،قوللىشىغا ئېرىشىدىغان ياخشى ئىش بولىدۇ.ئەگەر غەيرى بىر تاماندا قىلىنغان ئىش بولسا ،بۇ جىنايەتكار قېلمىشلىرى ئاۋامنىڭ نەپىرىتىگە ئۇچىراپ،كوچىدا قالغان ئىت ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك،كۈلكىگە قالىدىلا.خىرس ۋە رىقابەت بىلەن تولغان بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ،ھېچكىممۇ مۇنداق كاتتا موكاپاتنى ئالمايمەن-دېمەسلىكى مۇمكىن. مەنمۇ ئەلبەتتە شۇنىڭ ئىچىدە. بۇقېتىقى ئېلىپ بارغان پائالىيىتىڭلاردا مەن سىلەرگە «جامائەت گۇۋاھلىقى ھەققى »نى بانكا ھېساباتىڭلارغايوللايمەن دەپ،ئارتۇق ھەرەج تارتىپ يۈرگۈنۈمدىن كۆرە، سىلە ماڭا يوللۇنىدىغان موكاپات سوممامدىن سىلەرگە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك %6 «جامائەت گۇۋالىقى ھەققى»نى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلارلا ، ئىش تامام،ۋەسسالام بولمامدۇ »دېدىم .قارشى تەرەپ مېنىڭ سورىغان سوئالىمغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا بۇ،بۇ...بۇنداق قىلساق بولماسمىكىن ئەپە ندى ...دېگىنىچە،تېلېفۇننى ئالدىراپ قويىۋەتتى...
بۈگۈر ناھيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ
مەكتىپىدىن: تۇردى ئىسرائىل
|


|