ios-vs-android

مەشھۇر كۆچمە ئۈسكۈنە يۇمشاق دېتاللىرى ئانالىز شىركىتى Flurry نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە Android ئەپلىرىنى ياسايدىغان پروگراممېرلارنىڭ كىرىمى ئوخشاش تۈردىكى iOS ئەپلىرىنى ياسايدىغانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاران %24 ىگە (تەخمىنەن 1/4 گە) توغرا كېلىدىكەن.

بۇ سىتاتىستېكا Flurry شىركىتىنىڭ «ئەپ ئىچىدىن سېتىۋېلىش» ئىقتىدارى (in App purchasing) غا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۈندىلىك ئاكتىپ ئەزالىرى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان Android ۋە iOS ئەپلىرى ئۈستىدە قىلىنغان سىتاتىستېكا ئىكەن. ستاتىستىكىدا Android ئەپلىرىنى ياسايدىغان پروگراممېرلارنىڭ كىرىمى ئوخشاش تۈردىكى iOS ئەپلىرىنى ياسايدىغانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاران %24 ىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ چىققان.
Flurry بۇ ئەپلەرنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقتىكى ئەپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان. يەنە كېلىپ بۇ ھەق تۆلەپ چۈشۈرىدىغان ئەمەس، ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئەپ ئىچىدە ئىقتىدار تولۇقلاش، مۇناسىۋەتلىك قورال سېتىۋېلىش شەكلىدە ھەقلىق سېتىۋېلىش شەكلىدىكى ھەقلىق ئەپلەر ئۈستىدە قىلىنغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سىتاتىستېكىنىڭ نەتىجىسىنى مۇقەررەر دەپ قارىغىلى بولمىسىمۇ، كۆپلىگەن پروگراممېرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يەنىلا iOS نى تاللايدىغانلىقىغا جاۋاب تېپىپ بەرگەن ئىدى.
Goole نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەرىك شىمىت Eric Schmidt يېقىندا «Android ھازىر iPhone نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى» دەپ جاكارلىغان ئىدى. كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ تەھلىلى بويىچە ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى، Android تېلىفونلىرىنىڭ كۈندىلىك ئاكتىپلىنىش سانىغا ئاساسەن ئىشەنچلىك بولسىمۇ، ئەپ ياساپ كىرىم يارىتىشقا قارىتا ئېيتقاندا چاك بېسىشى ناتايىن ئىكەن. ستاتىستېكىدا Android سېستىمىسى قاچىلانغان تېلىفوندىن كۈنىگە تەخمىنەن 550 مىڭ دانىسى ئاكتىپلىنىدىكەن. يەنى كۈندە 550 مىڭ دانە Android تېلىفونى سېتلىدىكەن. بۇ سان، كۈندە 450 مىڭ دانە سېتىلىدىغان iPhone دىن يۇقىرى ئىدى.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، پروگراممېرلار 2011-يىلى ئىچىدە يېڭىدىن 50 مىڭ دانە iOS سېستىمىسىدا ئىشلەيدىغان ئەپ ياسىغان بولۇپ، iOS ئەپلىرى يەنىلا دۇنيادا ئەڭ كۆپلىكى بىلەن ئالدىنقى قاتارنى ساقلاپ كېلەلىگەن. ئۆتكەنكى 6 ئاي ئىچىدە، ئېچىلغان يېڭى تۈرلەرنىڭ 3/4 قىسمى iOS تە ئىكەن.

PS: ئالدىنقى قېتىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە Android ROM ياسىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. كىيىن تورنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇلارنىڭ تاۋباۋدىكى دۇككىنىنى كۆردۈم ۋە ئۇلارغا قايىل بولدۇم. قايىللىقىم يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تېلىفون سېستىمىسى ئۈچۈن قويغان ئىئانە پائالىيىتىگىمۇ قاتنىشىپ قويدۇم. ئۇلار بۇ نەتىجىلەرگە ئاز ئەجىر سىڭدۈرمەپتۇ. خېلى كۈچەپتۇ، خۇداغا شۈكرى، كۈچىگىنىگە لايىق ئەمگىكى مىۋە بېرىپتۇ.
لېكىن ئويلىدىمكى، ئەگەر ئۇلار ئاشۇ زېھنىنى بىرەر قولايلىق ئۇيغۇرچە iOS ئەپلىرى ياساشقا ئىشلەتكەن بولسا، خېتىنىڭ ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا App Store دا 3 دوللاردىن (ھازىرقى 18 يۈەن خەلق پۇلى) ساتسا ئىشىنىمەنكى App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپكە تەلۋىلەرچە چاڭقىغان دىلىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ 4~5 مىڭ يۈەنگە تېلىفون ئالغان ئايفونچىلار بۇ باھادا بىر ئاماللارنى قىلىپ بولسىمۇ چوقۇم سېتىۋالىدۇ.
ئەڭ ئاددىي بىر ستاتىستېكىنى مىسال قىلاي:
ئۇيغۇرلار ئىچىدە 50 مىڭ ئادەم iPhone ئىشلىتىدۇ دېسەك، بۇنى كۈچىمىزنىڭ بېرىچە چوڭ تور بەتلەردە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ 10 مىڭىنى مۇشۇ نەرسىنى سېتىۋالىدۇ دەپ قارىيالايمىز. 10 مىڭ ئادەم بىزگە جەمئىي 180 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى (ئالمىغا بېرىدىغان قىسمى، بىزنىڭ خىراجەتلىرىمىز دېگەندەك) چىقىرىپ تاشلىساق 100 مىڭ يۈەن قولىمىزغا قالار؟ بوپتۇ چىقىمغا 100 مىڭنى چىقىرىۋەتسەك 80 مىڭ يۈەنغۇ قالار؟ سىلەر نېمىشقا بۇ بازارنى ئويلاشمايسىلەر؟
مەن ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئىككى موچەن خەجلەپ Anroid ئەپلىرىنى سېتىۋالغىنىنى ئاڭلىمىدىم. گەرچە ئۆزۈم ئاران يېرىم يىلچە ئىشلەتكەن بولساممۇ بىر پۇڭ خەجلىمەي ئويناپ يۈردۈم. لېكىن ھەرقانداق بىر iPhone ئىشلەتكۈچىدىن سورىسىڭىز كېمىدە بىرەر دوللارلىق بىر نەرسە ئالمىدى دېسەكمۇ، سىز ئۇيغۇرچە ئەپ ياسىسىڭىز 4~5 دوللارلىق بولسىمۇ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
شۇڭا پروگراممېرلارغا شۇنى مۇراجىئەت قىلىمەنكى، ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىش – ئالمىنى ئۆزىنىڭ رايى بويىچە سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن ھەر بىر iPhone ئابونتلىرى ئۈچۈن نورمال بىر ئىش. ھەتتا iOS ئابونتلىرى شۇنداق بولىشى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. بۇنى Steve Jobs بىزگە تاڭدى. لېكىن ئەسلى شۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى. ھەقلىقنى يېشىپ، چۇۋۇپ ھەقسىز ئىشلىتىشكە كۆنۈپ قالغان بىزمۇ، ئۇيغۇرچە بىرەر ئەپ بولسا ئۇنى 破解 قىلغۇمىز كەلمەيدۇ (قىلالىغان تەقدىردىمۇ). خەنزۇلار ئاۋارە بولۇپ بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى چۇۋۇپ يۈرمەيدۇ. بىزمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن بولسىمۇ ھەق تۆلەپ سېتىۋالغۇمىز كېلىدۇ.

شۇڭا ئۇيغۇر پروگراممېرلارنىڭ مۇشۇ كەمچىللىكنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىگە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىممەت تولۇقلىۋېلىپ كۈچىيىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



5 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەنمۇ ئاز دىگەندە 20-30يۇەنگە ئەپ سىتىۋالدىم مۇنداقچە ئىيتقاندا ئەسلى بۇ 20-30 دوللارلىق ئەپ ئىدى…. ئەگەر ئۇيغۇرچە يىزىقلىق قوللىنىشچان ئەپلەر بولسا شۇ خىلدىكى باشقا ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە ئەپلەر ئۇيغۇرچىسىدىن ئەزان ھەم ئىلغار بولغان تەقدىردىمۇ مەن ئىككىلەنمەي ئۇيغۇرچىسىنى سىتىۋالىمەن….

  2. ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ كام بولىۋاتقانلىرىدىن مەن ھىس قىلغىنىم:
    1- مۇكەممەل بولغان خاتىرلەش،ئاگاھلاندۇرۇش سېستىمىسى
    2- خاتىرە-يىزىق سېستىمىسى.
    3- ھىساۋات
    4- ئايفون ئىشلىتىش،تۈرمىدىن قاچۇرۇش قوللانمىسى،ئىقتىدار چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى.قاچۇرۇپ ئىشلەتكەندە ئەسقاتىدۇ.
    5- يىزىق كىرگۈزۈش قورالى.
    6- خەرىتە
    7- ئېلخەت قورالى
    8- لۇغەت.

  3. قارلۇقنىڭ يېزىق كىرگۈزدىغان خاتىرەم بارغۇ؟ ئاي ئوس قا؟ ھازىر قارىسام بۇ ئىش خېلى كەسىپلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ. بىلكاندىكىلەر ئاندرويد، ئۇيغۇرسوفتتىكىلەر ۋىندوۋس موبايىل، قارلۇقتىكىلەر ئالما دىگەندەك. بۇ بەك ياخشى بولدىمىكىن دەيمەن. نەدە پۇل بولسا شۇنى قىلىمەن دىسە ھىچقايسى كەسىپلىشەلمەستى.

  4. esil yarda esil pikirlar bolidikan :kungfu:

  5. ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن چوقۇم سودا خاراكتېرلىك نەرسىلەرنى ئىشلىمەي بولمايدۇ.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش