-
« ئالىم » دىگەن نام قاچان پەيدا بولغان ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2011-01-25
« ئاسترونومىيە ئالىمى » دىگەن نام مىلادىنىڭ 1400 - يىللىرى ئىنگلىزچە ماتىرىياللاردا خاتىرلەنگەن .
« ماتېماتىكا ئالىمى » دىگەن نام « ئاسترونۇمىيە ئالىمى » دىگەن نامدىن 20-30 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن .
« خىمىيە ئالىمى » دىگەن نام مىلادى 14- ئەسىردە « سۇنى پارغا ئايلاندۇرغۇچى » دېگەن ئاتالغۇدىن ئۆزگۇرۇپ پەيدا بولغان .
« زوئولۇگىيە ئالىمى » ، « بوتانىكا ئالىمى » دېگەن نام 17 - ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ھايۋانات ۋە ئۆسۇملۇكلەرنى ئۆگىنىدىغان ئادەملەر دېگەن مەنىنى بىلدۇرگەن .
« بىئولوگىيە ئالىمى » دېگەن نام « زوئولۇگىيە ئالىمى » ، « بوتانىكا ئالىمى » دېگەن ناملارنىڭ 19- ئەسىردە ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى بىلەن پەيدا بولغان .
« گىئولوگىيە ئالىمى » دېگەن نام 18- ئەسىردە پەيدا بولغان .
« پىسخولۇگىيە ئالىمى » دېگەن نام 18- ئەسىردە پەيدا بولغان . ئەينى زاماندا كىشىلەر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنى جىسمانىي جەھەتتىن داۋالايدىغان دوختۇرلاردىن پەرىقلەندۇرۇش ئۇچۇن شۇنداق ئاتىغان .
« ئالىم » دىگەن نام 1840 - يىللىرى كامبېرىج ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تارىخشۇناسى ۋە پەيلاسوپى فېرمىر « پەن زېمىنغا ھارماي - تالماي تەر ئاققۇزىۋاتقانلارغا بىرەر مۇۋاپىق نام بىرىش تولىمۇ زۆزۈر ، مىنىڭچە ، ئۇلارنى < ئالىم > دەپ ئاتاش تازا مۇۋاپىق » دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن بارلىققا كەلگەن . -
ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ 24 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺪﯗ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2011-01-25
ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﺴﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 24 ﺳﺎﺋﻪﺕ
ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﻪﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﺋﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺩﯦﯩﻤﻪﻙ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺪﯗ!!
ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ: ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ 360ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ،24ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﻐﺎ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،
ﺋﻪﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﯞﺍﻗﺘﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻟﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ،ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ،ﺑﯩﺮې ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯚﮔﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﺪﻩ ﺗﯜﮔﺴﻪ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﺪﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﺪﻩ ....ﺋﻪﺯﺍﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯩﭽﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﯧﺴﺎﭖ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﺳﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ :
360 (ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻥ) * 4 (ﻣﯩﻨﯘﺕ)= 1440ﻣﯩﻨﯘﺕ
1440 / 60 = 24 ﺳﺎﺋﻪﺕ -
ئىلىم–پەن ۋە ماتېماتىكا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2010-12-03
شىن
خۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشى نگتون، 18 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ئامېر ىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 1 8 – ئۆكتەبىر ئاقسارا ينىڭ زىياپەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتل انغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەشپىيات ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇر سىيە قىلغاندىن كېيىن : نۇرغۇن جەھەتتىن ئې يتقاندا، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى پەن – تېخنى كا ۋە ماتېماتىكا مائ ارىپىنىڭ سەۋىيەسىگە باغلىق، دېدى.ئوبام
ا: بۇ ئەسەرلەر ۋە مۇ كاپاتلانغان ئوقۇغۇچى لار بىزنىڭ ئىشەنچىمى زنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئامېر ىكىنىڭ ئىستىقبالى››ن ى نامايان قىلدى. نۇر غۇن دۆلەت ئىلىم – پە ن ۋە ماتېماتىكا ساھە سىدە ئامېرىكىنىڭ ئال دىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتىد ۇ. ئامېرىكىلىق ئوقۇغ ۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن ك ېيىنكى ئون يىلدا ھاز ىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەر تىپ ،ئالدىنقى قاتارغ ا ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىل ىمەن، دېدى.ئوباما
ۋەزىپىگە ئولتۇرغاند ىن بۇيان پەن – تېخنى كا، قۇرۇلۇش، شۇنداقل ا ماتېماتىكا مائارىپ ىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ : پەن – تېخنىكا، قۇر ۇلۇش، شۇنداقلا ماتېم اتىكا مائارىپىنىڭ سە ۋىيەسى ئامېرىكىنىڭ ك ەلگۈسىدىكى گۈللىنىشى نىڭ ئاساسى، دەپ قارى دى. -
ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﺳﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻣﯘ؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-11-01
ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ "ﺋﻪﯓ ﺳﺎﭖ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻳﻠﻰ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ(ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻼ) ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﮬﻪ! ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. 1640-ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻚ ﻓﯧﺮﻣﺎﺕ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ:
2 ﻧﯩﯔ 2ﻧﯩﯔ nﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ 1 . (ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ) ، .......,2,3,4,n=1 ﺑﯘ ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯸﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:
1^2^2+1=5
2^2^2+1=17
3^2^2+1=257
4^2^2+1=65537
ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻓﯧﺮﻣﺎﺕ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻚ Leonard Euler ﻓﯧﺮﻣﺎﺕ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ 5-ﺳﺎﻥ
5^2^2+1=4294967297 ﻧﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ 6700417ﺑﯩﻠﻪﻥ 641ﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﯧﺮﻣﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﯟﯨﻲ ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﺳﻨﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ -
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-25
ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺟﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ : « ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﯩﻤﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﯩﮕﻪ ﯞﻩﺯ – ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﺘﯘﺭ ، ﺋﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﯩﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺕ – ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ .» ( ﺳﯜﺭﻩ ﺳﺎﺩ 87-88 ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩﺯ – ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﺘﯘﺭ ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺗﻤﯘ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ : « ﺍﷲ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﮕﻪ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻠﻤﻰ – ﻣﻪﺭﯨﭙﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ .» ﺩﯦﮕﻪﻥ . ( ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯩﺴﺎ 166- ﺋﺎﻳﻪﺕ )
ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘ ﭖ ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﺴﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﻼﻫﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺍﷲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺴﻪ ، ﺑﯘ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻫﺎﻟﺪﺍ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﻛﺎﻻﻣﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . -
ۋاقىتنىڭ نسبيلىكى ۋە تەقدىر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-25
ھازىرغا قەدەر رىئاللىقتا «ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق» نىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكى، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ پەقەت ھىس-تۇيغۇ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى
ۋە ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆز كاللىسىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇڭا يۇقۇرىقى ئەقىدىنىڭ قارشىسى ئەقىل ۋە ئىلىم-پەندىن چەتنىگەن
خۇراپى ئەقىدىگە ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۈچ-ئۆلچەملىك ماددى دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىقىغا پاكىت يوق.
بۇ پاكىت تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان ماتىريالىستىك پەلسەپىنىڭ ئۇلىنى، ماددا مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك دىگەن قاراشنى رەت قىلدى. ماتىريالىستىك دۇنيا قاراشنىڭ ئىككىنجى ئۇلى بولغان ۋاقىت مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك دىگەن قاراش پەقەت پەرەزدىن ئىبارەت. ۋاقىت ھەققىدىكى بۇ قاراش ماددا ھەققىدىكى قاراشقا ئوخشاش خۇراپى قاراشتۇر. -
پروگراممېرلار ماتېماتىكىسى - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2010-10-25
پروگراممېر بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ماتېماتىكا بىلىش كېرەكمۇ؟
پروگراممېرلار (ئېھتىياجلىقلىرى) ماتېماتىكىنى قانداق ئۆگىنىشى كېرەك؟
يۇقىرىدىكى ئىككى مەسىلىگە بەلكىم بەزىلەر ئۇچرىغان بۇلىشى مۇمكىن، شۇ تورداشلارغا ئازغىنە پايدىسى تېگىپ قالار دەپ بۇ يازمىنى يوللىدىم. تۇنجى سوئالنىڭ جاۋابى ياق، كېيىنكىسىنىڭ جاۋابى كۈندە ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ Wikipedia دىكى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئوقۇسىڭىزلا بولىدۇ. بەك ئالدىراش تورداشلار مۇشۇ يەرگىچە ئوقۇسىڭىزلا بولىدۇ، چۈنكى بەزى خەنزۇچە مۇنبەرلەردە «بۇ ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس(ئەلۋەتتە ئىنگلىزچىسىنى)» دېگەندەك ئىنكاسلارنى كۆردۈم. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا داۋامىنى ئوقۇپ قۇيۇڭ، چۈنكى بۇ يەردە سۆزلىنىدىغىنى ئامېرىكىلىق بىر پروگراممېرنىڭ (Google نىڭ خىزمەتچىسىغۇ دەيمەن) كەچۈرمىشلىرى. مەن پەقەت تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
سەۋىيەم تۈپەيلى تەرجىمىدە خاتالىقلاردىن ساقلىنالماسلىقىم مۇقەررەر. بولۇپمۇ ئاتالغۇ مەسىلىسىدە بۇ مەسىلە تېخىمۇ گەۋدىلىك بۇلىشى مۇمكىن. تورداشلاردىن شۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرتېلىدىكى قېلىپلاشقان ئاتالغۇسىنى بىلسەڭلار ئەسكەرتىپ قويساڭلار بولىدۇ. تەرجىمىدە بەلكىم مۈجمەل جايلار بۇلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەسلى مەنبەسىنىمۇ ئەسكەرتتىم. -
ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻼﺭ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-23
ھامىلدار بولۇپ قالسىڭىز ، تۆۋەندىكى قىزىقارلىق سانلارنى بىلىۋېلىڭ :
.1 ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ۋاقتى : 40 ھەپتە ، يەنى 280 كۈن بولىدۇ .
. 2 مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى : شۇ قېتىملىق ھەيز كۆرگەن ئاي سانىغا ئۈچنى قوشۇپ ياكى شۇ ئاي سانىدىن ئۈچنى ئېلىۋېتىپ ، چېسلاغا يەتتىنى قوشۇش.
.3 ھامىلدار ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈش ۋاقتى : ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي .
.4 ھامىلدار ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈش ئارىلىق : ھامىلدار بولۇپ بەش ئاي ئىچىدە 1-2 ئايدا بىر قېتىم ، 6-7 ئاي بولغاندا ھەر ئايدا بىر قېتىم ، سەككىز ئايدىن كېيىن ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئەڭ ئاخىرقى ئايدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئەڭ ئاخىرقى ئايدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئالاھىدە ئەھۋال بولسا ھەرۋاقىت تەكشۈرتۈش كېرەك .
.5 ھامىلدار ئايالنىڭ ھەر ھەپتىدە نورمال ئېشىش ئېغىرلىقى 0.5 كىلوگرامدىن ئاز بولۇشى كېرەك . -
بىرەر قېتىملىق تەجرىبىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولغان (نۆلگە يېقىنلىشىدىغان) ھادىسىنى ئەمىلىيەتتە يۈز بېرىشى مۈمكىن بولمايدىغان ھادىسە دەپ قارايمىز، ئېھتىماللىقى بىرگە يېقىن بولغان ھادىسىنى مۇقەررەر ھادىسە دەپ قارايمىز. شۇنىڭغا ئاساسەن ،ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولغان ھادىسىلەرنى ئەمىلىيەتتە ئاساسەن يۈز بەرمەيدۇ دەپ قاراپ بەزى سىتاتىسىكىلىق ھۆكۈملەرنى چىقىرىمىز، بۇ ئادەتتە، كىچىك ئېھتىماللىق پىرىنسىپى دېيىلىدۇ.
پەرەزلىك تەكشۈرۈش ماتىماتىكىلىق سىتاتىستىكىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. سىز مەلۇم بىر زاۋۇتتىن بىر تۈركۈم مەھسۇلات كىرگۈزمەكچى دەيلى، سىزنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان تەلىپىڭىز لايەقەتسىز مەھسۇلاتنىڭ نىسبىتى 3% تىن ئاشماسلىق بولسا، بۇ تۈركۈم مەھسۇلاتنى كىرگۈزۈش كىرگۈزمەسلىك ھۆكۈمىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتتىن مەلۇم مىقداردا ئەۋرىشكە ئېلىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە قارىتا پەرەزلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز. ئەسلى پەرەز: مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتسىز بولۇش ئېھتىماللىقى 0.03 تىن ئاشمايدۇ؛ بۇنىڭغا قارشى پەرەز : مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتسىز بولۇش ئېھتىماللىقى 0.03 تىن ئاشىدۇ . پەرەزنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىدىكى لاياقەتسىز مەھسۇلاتنىڭ سانىغا ئاساسەن ئېھتىماللىقىنى ھېسابلايمىز، ئەگەر بۇ ئېھتىماللىق بىز ئاۋال بېكىتكەن 0.03تىن كىچىك بولسا، ئەسلى پەرەزنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قاراپ، قارشى پەرەزنى قوبۇل قىلىمىز، يەنى بۇ تۈركۈم مەھسۇلاتنى لاياقەتسىز دەپ قارايمىز. 0.03 تىن چوڭ چىقسا ئەسلى پەرەزنى رەت قىلىشقا يېتەرلىك ئاساس يوق دەپ قاراپ، مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك دەپ بېكىتىمىز. ئەگەر مەھسۇلات سۈپىتىگە يەنە گۇمانىڭىز بار بولسا ئەۋرىشكە كۆلىمىنى چوڭايتىپ قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
-
ساندۇق ساناش - [ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار]
2010-08-29
بىر كۇنى پولشا ماتېماتىكى شېرپىنىسكى ئۆي كۆچمەكچى بولۇپ , ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۆيدىكى مەللىلىرىنى ساندۇققا قاچىلاپ تالاغا ئەپچىقىپ بولغاندىن كىېيىن ئۇنىڭ ئايالى:
—— سىز بۇ 10 ساندۇققا قاراپ تۇرۇڭ , مەن بىرىپ ماشىنا چاقىرىپ كىلەي - دەپتۇ。
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئايالى ماشىنا چاقىرىپ قايتىپ كەلسە , شېرپىنىسكى تىخېچە ساندۇقلارنى ساناپ يۇرگۇدەك, ئۇ ئايالىغا :
—— سىز بۇ ساندۇقلارنى 10 دېگەن ئىدىڭىز, بىىراق مەن نەچچە رەت ساناپ باقتىم, 9 لا چىقىۋاتىدۇ, - دەپتۇ。
—— توغرا ئەمەس, بۇلارنىڭ 9 ساندۇقلىقى ئىنىق تۇرمامدۇ !
—— مەن ساناپ بىرەي ئەمىسە , “。。。。。 0,1,2,3,4” 。
-
تۆت نەپەر ياش ماتېماتىك 2010-يىللىق فىلدىز ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2010-08-26
) سۇرەتتە : مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۇنۇش (
تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزىلىدىغان خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۇنى ۋىتنامدا ئۆتكۈزۈلۇپ ۋىتناملىق ماتېماتىك ۋۇ باۋجۇ قاتارلىق 4 نەپەر ياش ماتېماتىكقا ماتېماتىكا ساھەسەدىكى نوبېل مۇكاپاتى- فىلدىز ماتېماتىكا مۇكاپاتىنى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى。فىلدىز مۇكاپاتى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئوبرۇيلۇق خەلىقئارا مۇكاپات بولۇپ , تۆت يىلدا بىر نۆۋەت 40 ياشتىن تۆۋەن ياش ماتېماتىكلارغا تارقىتىلىدۇ。بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچىلەر ۋۇباۋجۇدىن باشقا يەنە فىرانسىيىلىك ماتېماتىك سېدرىك ۋىللانى ,ئىسرائىلىيە ماتېماتىكى ئىلون لىندىرشىت ,روسىيە ماتېماتىكى سىتانىسلوۋ سىمىرنوۋ قاتارلىقلارغا بىرىلدى。ۋۇباۋجۇ 1972-يىلى ۋىتنامدا تۇغۇلغان, ھازىر فىرانسىيە پارىژ 11-ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى,ئۇ ماتېماتىكىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقۇرى بولغان “ئاساسى لىمما ”لارنى ئىسپاتلاپ چىققان, ئۇنىڭ بۇ مۇۋاپەقىيىتى ئامىركىدا چىقىدىغان “دەۋىر”ژورنىلى تەرىپىدىن 2009-يىللىق ئون چوڭ ئىلىم -پەن ئىختىراسى بولۇپ باھالانغان ئىدى。 ئىلون لىندىرشىت 1970-يىلى ئىسرائىلىيىدە تۇغۇلغان, ھازىر ئىسرائىلىيە ئېبراي ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى, ئۇنىڭ ماتېماتىكىدىكى سانلار نەزەرىيىسى جەھەتتىكى تۆھپىسىگە بۇمۇكاپات بىرىلدى, سېدرىك ۋىللانى بىلەن سىتانىسلوۋ سىمىرنوۋ لارنىڭ ئېستاتىستىكا فىزىكىسىغا قوشقان تجھپىلىرى ئۈچۈن بۇ مۇكاپات بىرىلدى,سېدرىل ۋىللانى بۇ يىل 36 ياش , فىرانسىيە ھېنرى-فورىنكار تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەيدۇ,سىتانىسلوۋ سىمىرنوۋ 1970-يىلى روسىيىدە تۇغۇلغان, ھازىر رىنىۋا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى。
-
بىز ئادەتتە ماتېماتىكىدا «راتسىئونال سان » ، «ئىراتسىئونال سان » ، «راتسىئونال تەڭلىمە » ، «ئىراتسىئونال تەڭلىمە » ، «راتسىئونال فۇنىكسىيە» ، «ئىراتسىئونال فۇنىكسىيە « دېگەندەك ئۇقۇملارنى ئۇچرىتىمىز ، بۇنىڭدىكى «راتسىئونال » ، «ئىراتسىئونال » دېگەن ئۇقۇملارنى ئۆز تىلىمىزدا ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بۇلار ؟ ...
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىڭ .
مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە ، قەدىمكى گېرىتسىيىدە پىفاگور ئىسىملىك بىر ماتېماتىك ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ « دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ساننىڭ نىسبىتى ( كەسىر ساننى دېمەكچى ) دەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ ، دەپ قارىغان . مەسلەن ، بارلىق كېسىكلەرنىڭ نىسبىتىنى پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ساننىڭ نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلىەشكە بولىدۇ ؛ تەسىر كۈچى ئوخشاش بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، قالۇن تارىسى ئۇزۇنلۇقىنىڭ نىسبىتى 2:3 ، 3:4 قاتارلىق پۈتۈن سان نىسبىتىدە بولغاندا ، ھەر قايسى تارىلار بىرلا ۋاقىتتا ئاھاڭ چىقىرالايدۇ » - دەپ قارىغان . ئومۇمەن ، پىفاگورنىڭ كۆز قارىشى بولسا ، « ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار پۈتۈن سان بىلەن ئىپادىلىنىدۇ » دېگەندىن ئىبارەت ئىدى .
لېكىن ئەمەلىيەت بۇنداق بولمىدى . بىر كۈنى پىفاگورنىڭ ھېپوس ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىسى پىفاگوردىن ، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 1 بولغان كۋادراتنىڭ دىئاگونالىنى پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن ساننىڭ نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولامدۇ - يۇق ؟ - دەپ سورايدۇ ، بۇ مەسىلىگە ئېنىق جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئىسپاتلاش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن پىفاگور تۆۋەندىكىدەك ئىسپاتلاش ئېلىپ بارغان :
. -
دوست سانلار - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-08-25
دوست سانلار يېقىن سانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شۇنداق ئىككى تەبىئىي ساننى كۆرسىتىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى يەنە بىر سانغا تەڭ بولىدۇ. پىفاگور مىلادىيىدىن بۇرۇنقى6 - ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان ماتېماتىكى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: «دوست دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ «بۇ ئىككىنچى مەن دېمەكتۇر، خۇددى220 بىلەن284 كە ئوخشاش» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. ئۇ نېمە ئۈچۈن دوستنى بۇ ئىككى سانغا ئوخشىتىدۇ؟ ئەسلىدە220 نىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرى1 ،2 ،4 ،5،10 ،11 ،20 ،22 ،44 ،55 ،110 ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى284 بولىدۇ؛284 نىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرى بولسا1 ،2 ،4 ،71 ،142 بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى220 بولىدۇ.284 بىلەن220 دوست سانلاردۇر. ئۇلار ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە بارلىق دوست سانلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك بىر جۈپ دوست سان ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى جۈپ دوست سان (18416 ,17296)2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ،1636 - يىلى بايقالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلار يېڭى دوست سانلارنى ئۈزلۈكسىز بايقىدى،1747 - يىلى ئەيلېر30 جۈپ دوست ساننى بىلگەن،1750 - يىلى يەنە60 جۈپكە يەتكۈزگەن. ھازىرغىچە ماتېماتىكلار900 جۈپتىن كۆپرەك مۇشۇنداق دوست سانلارنى بايقىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىككىنچى جۈپ ئەڭ كىچىك دوست سان (1210 ,1184) نى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيىلىك16 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بايقىغان. كىشىلەر يەنە دوست سانلار زەنجىرىنىمۇ تەتقىق قىلدى: بۇ بىر قاتار تەبىئىي سان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى كېيىنكى سانغا تەڭ بولىدۇ، ئاخىرقى ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى بىرىنچى سانغا تەڭ بولىدۇ. مەسىلەن،12496،14288 ،15472 ،14536 ،14264 .28 دانە ساننى ئىچىگە ئالغان مۇشۇنداق بىر زەنجىر بار. -
ساننىڭ بارلىققا كېلىشى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-08-24
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، كىشىلەر ئوۋچىلىق، تېرىقچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە يىغىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ياۋا مېۋە، بېلىق، تاياقچە، تاش قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىشقان، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كىشىلەردە مىقدار سان ئېڭى پەيدا بولغان، سانلار ھەققىدىكى بۇ تونۇشى كۆپ ھاللاردا ئەمەلىي نەرسىلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان، مەسىلەن، ئۇلار ئاي پەقەت بىرلا بولىدىغانلىقى، ئادەملەردە ئىككى كۆز، ئىككى قۇلاق، قۇشلاردا ئىككى قانات بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، »ئاي» ئارقىلىق «1»نى، «كۆز»، «قۇلاق«، «قۇشلارنىڭ قانىتى» ئارقىلىق «2» نى ئىپادىلىگەن. ئىپتىدائىي ئىنسانلار يەنە بىر تال ئالما ۋە بىر تۇياق قوينىڭ ھەرقايسىسىنىڭ بىر يەككە تەنچە، ئۈچ تۈپ دەرەخ ۋە ئۈچ تاش پالتىنىڭ ئۈچ يەككە تەنچىنىڭ بىر... -
ئەڭ زور مەخسۇس ماتېماتىكا ئەسىرى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-08-23
بورباگىن ۋەكىلى: ماتېماتىك-چاۋايىس.مىلادىدىن ئىلگىرى تۆتىنچى ئەسىردە قەدىمقى يۇنان ماتېماتىكا ئالىمى ئېۋكلىد يازغان « گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى » جەمئىي ئون ئۈچ توم بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تارقىلىپ كەلگەن ئۆچمەس كىلاسسىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1939 - يىلى كىتاب جازىلىرىدا تۇيۇقسىزلا «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » پەيدا بولۇپ قالغان. بۇ نېمە دېگەن جاسارەت - ھە! ئۇنىڭ ئاپتورى كىم بولغاي؟ ئاپتورى زادىلا ئاڭلىنىپ باقمىغان بۇر باگىن ئىكەن. بۇ كىتاب شۇ چاغدىن باشلاپ 1973 - يىلىغىچە 35 توم چىققان. ھازىرغىچە تېخى يېزىپ بولمىغان. بۇ ھازىرقى ۋاقىتتا ئەڭ زور بولغان مەخسۇس ماتېماتىكا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇرباگىن - كوللىكتىپنى تەخەللۇسى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، فرانسىيدىكى پارىژ داشۆسىنىڭ بىر نەچچە ئوقۇغۇچىسى ھازىرغا قەدەر يېزىلغان بارلىق ماتېماتىكىنى ئەڭ يېڭى نۇقتىئىنەزەر بىلەن يېڭىۋاشتىن رەتلەپ چىقىشقا بەلباغلىغان. بۇ تەجرىبىسىز ياشلار ئۈچ يىل ئىچىدە «ماتېماتىكا ئاساسلىرى»نى يېزىپ چىقىپ، ئۆز سېستىمىسىنى تىكلىمەكچى بولغان..بورباگىن ۋەكىلى: ماتېماتىك- ئاندېرى ۋېئىر
安德雷·韦依(1906年5月6日─)بۇ تولىمۇ يۇقىرى ئارزۇ ئىدى ئەلۋەتتە. نەتىجىدە ئۇلار قىرىق يىل يازغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر تېخى يېزىپ تۈگىتەلمىگەن. لېكىن مۇشۇ جەرياندا بۇر باگىن ئېقىمى شەكىللگەنگەن. بۇ ئېقىمدىكىلەر ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلەپ، بارلىق ماتېماتىكىنى ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلما بويىچە جۈزئىيلەشتۈرۈلگەن سېستىما دەپ قارىغان؛ شۇڭا ئۇلار تۈزۈلمىچىلىك ئىدىيىسى بىلەن خەلقئاراغا داڭ چىقىرىپ، ماتېماتىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ مەدھىيىلىشىگە ئېرىشكەن. بۇر باگىن ئېقىمى ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىگىچە تەسىر كۆرسەتكەن. مەملىكتىمىزدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەرجىمە قىلىنغان ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەرنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدە ئۇنىڭ تەسىرى بار. بۇر باگىن ئېقىمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەزالىرى دىدونې ۋە ۋېر قاتارلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » نى يېزىشقا كىرىشكەن چاغدا 20 نەچچە ياشلىق ياشلاردىن ئىدى. ھازىر ئۇلار يەتمىش ياشتىن ھالقىپ، خەلقئارادا ئاتاقلىق ماتېماتىكا پروفېسسورلىرى بولۇپ قالدى. «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » ئۇ يەر - بۇ يەردىن قۇراشتۇرۇلغان ماتېماتىكا قامۇسى ئەمەس. بەلكى يېڭى سېستىمىدىكى مەخسۇس ماتىماتىكا ئەسىرىدۇر. ئۇ ئەڭ يېڭى ماتېماتىكا نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنچىكە تەھلىل قىلش ئاساسىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئېتىبارغا سازاۋەر بولغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » نىڭ ئالدىنقى بىر قانچە تومىغا قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ھەر بىرتومى ئۈچتىن بىرىگە يېقىن يېڭى ماتىرياللار بىلەن تولۇقلاندۇرۇلدى. بۇ زور ئەسەر فرانسوز يېزىقى بىلەن يېزىلغان. ھازىر ئەنگىلىيە، روسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېزىقىدا تەرجىمە قىلىنغان. «ماتېماتىكا ئاساسلىرى » نى تەرجىمە قىلىش ناھايىتى زور قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىشتا مەخسۇس بىر ھەيئەت قۇرۇلغان.