-
ۋاقىتنىڭ نسبيلىكى ۋە تەقدىر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-10-25
ھازىرغا قەدەر رىئاللىقتا «ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق» نىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكى، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭ پەقەت ھىس-تۇيغۇ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى
ۋە ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئۆز كاللىسىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇڭا يۇقۇرىقى ئەقىدىنىڭ قارشىسى ئەقىل ۋە ئىلىم-پەندىن چەتنىگەن
خۇراپى ئەقىدىگە ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۈچ-ئۆلچەملىك ماددى دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىقىغا پاكىت يوق.
بۇ پاكىت تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان ماتىريالىستىك پەلسەپىنىڭ ئۇلىنى، ماددا مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك دىگەن قاراشنى رەت قىلدى. ماتىريالىستىك دۇنيا قاراشنىڭ ئىككىنجى ئۇلى بولغان ۋاقىت مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك دىگەن قاراش پەقەت پەرەزدىن ئىبارەت. ۋاقىت ھەققىدىكى بۇ قاراش ماددا ھەققىدىكى قاراشقا ئوخشاش خۇراپى قاراشتۇر.ۋاقىت
بىزنىڭ ۋاقىت دەپ ھىس قىلغىنىمىز ئەمىلىيەتتە بىر دەقىقىنى يەنە بىرىگە سېلىشتۇرىدىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت. بۇ ئېنىقلىمىنى تۆۋەندىكى مىسال
ئارقىلىق چۈشەندۇرىمىز. مەسلەن، بىر كىشى مەلۇم بىر جىسىمنى چەككەندە، مەلۇم ئاۋازنى ئاڭلايدۇ. ئۇ كىشى بەش مىنۇتتىن كىيىن ئوخشاش
جىسىمنى يەنە چەكسە، ئوخشىمىغان يەنە بىر ئاۋاز ئاڭلايدۇ. بۇ كىشى بىرىنجى ئاۋاز بىلەن ئىككىنجى ئاۋاز ئوتتۇرسىدا مەلۇم ئارلىق بارلىقىنى ھىس
قىلىدۇ ھەم بۇ ئارلىقنى «ۋاقىت»دەپ ئاتايدۇ. لىكىن ئۇ كىشى ئىككىنجى ئاۋازنى ئاڭلىغاندا، بىرىنجى ئاۋاز پەقەت ئۇ كىشىنىڭ كاللىسىدىكى تەسەۋۋۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ پەقەت ئۇ كىشىنىڭ خاتىرسىدىكى بىر پارچە ئۇچۇردىن ئىبارەت خالاس. ئۇ كىشى «ۋاقىت»ئۇقۇمىنى نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى ئۆز خاتىرىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەردە يۇقۇرىدىكى سېلىشتۇرۇش بولمىسا ۋاقىت ئۇقۇمىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.
ئۇ كىشى بىرىنىڭ ئىشىكتىن كىرگەنلىكىنى ۋە ئۆينىڭ ئوتتىرىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ئوخشاشلا يۇقىرىقىغا ئوخشاشلا سېلىشتۇرىدۇ.
ئۆيگە كىرگەن كىشىنىڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئىشكىنى ئاچقاندىكى، ئۆيگە كىرگەندىكى ۋە ئۇرۇندۇققا قاراپ ماڭغاندىكى دەقىقىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرلەر ئۇ كىشىنىڭ كاللىسىدا بىر پارچە ئۇچۇر بۇلۇپ شەكىللىنىدۇ. ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كىشى بىلەن يۇقۇرىقى ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرغاندا ۋاقىت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ.
قىسقىسى، ۋاقىت مىڭىدە ساقلانغان خاتىرلەرنى بىر-بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە مەيدانغا كىلىدۇ. ئەگەر ئىنساننىڭ خاتىرىسى بولمىسا، مىڭدە
بۇنداق سېلىشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈش بولمايدۇ ھەم شۇڭا ۋاقىت ئۇقۇمى مەۋجۈت بولمايدۇ. بىر كىشىنڭ ئۆزىنىڭ 30ياش ئىكەنلىكىگە جەزىم
قىلالىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئۇنىڭ كاللىسىدا ئاشۇ 30يىللىق ئۇچۇرلار توپلانغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇنىڭ خاتىرسى بولمىسا، بۇرۇنقى ۋاقىتنىڭ
مەۋجۈتلىكىنى ئويلىيالمايدۇ ھەم پەقەت نۆۋەتتىكى دەقىقىنىلا ھىس قىلالايدۇ.ئىلمى پاكىت
تۆۋەندە ئالىملارنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان ئوخشىمىغان چۈشەندۈرىشلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەسلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.
ۋاقىتنىڭ ئارقىغا قايتىشى ھەققىدە، بىلىمدار ، نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى، ئىرسىيەت ئىلمى پراففىسۇرى فىرانكۇئىس(Francois) ئىھتىماللىق ۋە
ئەمىلىيەت(Le Jeu des(The Possible and the Actual)) ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
«ئارقىغا ياندۇرۇلۇپ قۇيۇلغان فىلىم ۋاقىت ئارقىغا(تەتۈرىگە) ئاقىدىغان دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا ئىمكان
تۇغدۇرۇپ بىرىدۇ. بۇ ھالەتتە سۈت ئۆزىنى كافىيدىن ئايرىپ، كافىي ئىستاكانىدىن سەكرەپ چىقىپ سۈت دېسىغا قۇيۇلىدۇ؛ بۇنداق ھالەتتە تامدىن
چىققان نۇر دەستىللىرى نۇر مەنبەسىدىن تارقلىشنىڭ ئۇرنىغا ئېغىرلىق مەركىزىدە يىغىلىدۇ؛ بۇنداق ھالەتتە چاچراپ چىققان ساناقسىز سۇ
تامچىللىرىنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە تاش ئادەمنىڭ قۇلىغا قايتىپ كىلىدۇ. لىكىن بۇ ھالەتتە ۋاقىت ئەكسىچە خۇسۇسىيەتكە ئىگە، مىڭىنىڭ
فونكىسسىيىسى ۋە خاتىرىمىزنىڭ ئۇچۇرلارنى شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاشلا ھازىرقىغا قارشى يۈلىنىشتە بولىدۇ. بۇ قائىدە ئۆتمۇش ۋە كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مەنىگە ئىگە، ئۇ ھالەتتە ھەم بۇ دۇنيا ھازىرقىغا ئۇخشاش كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ.»
مىڭە ھادىسلەرنىڭ مەلۇم رەۋىشتىكى تەرتىپىگە كۆنگەن بولغاچقا، بۇ دۇنيا بىزگە يۇقۇرىدا ئېيقاندەك تەتۈر يۈلىنىشتە كۆرۈنمەيدۇ ۋە دائىم ۋاقىتنى
دائىم ئالدىغا ماڭىدۇ دەپ قىياس قىلىمىز. لىكىن بۇ مىڭىدە شەكىللەنگەن نىسبى نەتىجە. ماھىيەتتە، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى ھەرگىز
بىلمەيمىز ھەتتا ۋاقىتنىڭ ئالدىغا ماڭغان ياكى ماڭمىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. بۇ ۋاقىتنىڭ مۇتلەق ئەمەس پەقەت بىر خىل تۇيغۇ ئىكەنلىكىنىڭ
ئىپادىسى.
ۋاقىتنىڭ نىسبىيلىكى 20-ئەسىردىكى داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىين تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان پاكىت. لىنكولىن بارنېت(Lincoln Barnett)
«كائىنات ۋە دوكتۇر ئېينىشتىين» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«بوشلۇقنىڭ مۇتلەقلىكىنى ئىنكار قىلىپلا قالماستىن، ئېينىشتىين تۇراقلىق، مەڭگۈلۈك، چەكسىز ئۆتمۈشتىن چەكسىز
كەلگۈسىگە ئاقىدىغان، رەھىمسىز كائىنات ۋاقىت ئېقىمىنىمۇ چۆرۈپ تاشلىدى. نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنىڭ چۈشىنىكسىزلىكى كىشلەرنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ رەڭ ئۇقۇمىغا ئوخشاشلا تۇيغۇئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشقا جاھىللىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان. خۇددى بوشلۇق پەقەت جىسىملارنىڭ
مۇمكىنلىك دائىرىسىدىكى بىرخىل تەرتىپ بولغىنىغا ئۇخشاش، ۋاقىتمۇ ۋەقەلەرنىڭ مۇمكىنلىك دائىرىسىدىكى بىرخىل تەرتىپ خالاس. ۋاقىتنىڭ
ماھىتىنى ئېينىشتىيننىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەلۇم بىر ئادەمنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىزگە بىر قاتار ۋەقەلەردە
ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندەك بىلىنىدۇ. بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر ئىچىدە خاتىرىمىزدىكى ھەر بىر ۋەقە «ئىلگىرى» ۋە «كىيىنلىك» ئۆلچىمى بۇيىچە
ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندەك بىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر بىر كىشىنىڭ «مەن-ۋاقىت»ى ياكى «ئۆز ۋاقتى» مەۋجۈت بۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ھادىسلەر
بىلەن سانلارنى بىر-بىرىگە ماس ھالدا سانىغاندا، كىيىنكى ھادىسلەر بۇرۇنقى ھادىسلەرگە قارىغاندا چوڭراق سانغا ماس كىلىدۇ.»
بارنېتنىڭ كىتابىدا نەقىل قىلىنغاندەك، ئېينىشتىين مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ:«ماكان ۋە زامان ئوخشاشلا ھىس-تۇيغۇنىڭ شەكىللىرىدىن ئىبارەت بۇلۇپ
رەڭ،شەكىل ياكى چوڭ-كىچىكلىك ئۇقۇمىغا ئوخشاش ئاڭدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ.» كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك
نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا:«ۋاقىتنى ئۆلچەش ئۈچۈن پايدىلىنىلغان ۋەقەلەرسىز ۋاقىت مۇستەقىل مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرمايدۇ».
ۋاقىت تۇيغۇدىن ئىبارەت بولغاچقا، ۋاقىت پۈتۈنلەي كىشلەرنىڭ تۇيغۇسىغا باغلىق ۋە شۇڭا ۋاقىت نىسبى.
ۋاقىتنىڭ ئېقىش تىزلىكى ئشلىتىلگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، چۈنكى ئادەم بەدىنىدە ۋاقىتنىڭ قانچىلىك تىز ئۆتىدىغانلىقىنى توغرا
كۆرسىتىپ بىرىدىغان تەبئىي سائەت يوق. لىنكولىن بارنېت(Lincoln Barnett) مۇنداق دەپ يازىدۇ:«كۆرىدىغانغا كۆز بولمىسا رەڭ مەۋجۈت
بولمىغانغا ئوخشاش، ۋاقىتنى ئىپادىلەيدىغان ۋەقە بولمىسا بىر دەقىقە، بىر سائەت ياكى بىر كۈننىڭمۇ ھىچقانداق مەنىسى قالمايدۇ.
ۋاقىتنىڭ نىسبىيلىكى چۈش كۆرگەندە ئېنىق ھىس قىلغىلى بولىدۇ. گەرچە چۈش بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمىلىيەتتە چۈش
پەقەت بىر نەچچە مىنۇت ھەتتا بىر نەچچە سىكونتلا داۋامىلىشىدۇ.
بۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر مىسال كەلتۈرىمىز. ئۆزىمىزنى ئالاھىدە لاھىلەنگەن بىرلا دەرىزىسى بار بىر ئۆيگە سولاندۇق ۋە بۇ ئۆيدە بىر
مەزگىل تۇردۇق دەپ پەرەز قىلايلى. ئۆيدە بىر سائەت بولسۇن، بۇ سائەت بىلەن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرايلى. شۇنىڭ بىلەن بىر
ۋاقىتتا ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن قۇياشنىڭ چىققان ۋە پاتقانلىقىنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن، ئەگەر ئۆيدە
قانچىلىك ئۇزاق ۋاقىت تۇرغانلىقىمىز سورالسا، ئۆيدىكى سائەتكە قاراپ ھىسابلاپ چىققان نەتىجىگە ۋە دەرىزىدىن قۇياشنىڭ قانچە قېتىم چىققان ۋە
پاتقانلىقىغا ئاساسەن جاۋاب بىرىمىز. مەسلەن، بىز ئۆيدە 3 كۈن ئۆتكۈزدۇق دەپ مۆلچەرلەيلى. لىكىن سىرتتكى ئادەم پەقەت 2 كۈن ئۆتكەنلىكىنى،
دەرىزىدىن كۆرگەن قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى تەقلىد قىلغۇچى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق سۈنئىي ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۆيدىكى سائەتنىڭ ئالاھىتەن
تىز ماڭىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا، بىزنىڭ ھىسابىلىغان ۋاقتىمىز مەنىسىز بۇلۇپ قالىدۇ.
بۇ مىسال بىزنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈش سۈرئىتى ھەققىدىكى تۇنۇشىمىز نىسبى پايدىلىىش ئۆلچىمىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتدۇ. ۋاقىنىڭ نىسبىيلىكى
ئىلمى ئۇسۇل ئارقىلىق ئىسپاتلانغان پاكىت. ئېينىشتىيننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبيلىك نەزىرىيىسى جىسىمنىڭ تىزلىكى ۋە ئېغىرلىق مەركىزىگە نىسبەتەن ئورنى ئۆزگەرسە، ۋاقىتنىڭ ئېقىش تىزلىكى ئۆزگىرىدۇ دەپ قارايدۇ.تىزلىك ئاشسا، ۋاقىت قىسقىرايدۇ، تارىيدۇ ۋە توختاپ قالغچە ئاستلايدۇ.
ئېينىشتىين ئالغان مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ئىككى قۇشماقنىڭ بىرى يەرشارىدا تۇرغاندا، يەنە بىرىنى بوشلۇقتا نۇر تىزلىكىگە يېقىن تىزلىك بىلەن
سەپەر قىلىۋاتىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. سەپەر قىلغىنى يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندە، قۇشماق قېرىندىشىنىڭ ئۆزىدىن كۆپ قېرىپ كەتكەنلىكىنى
كۆرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەنى ئۇ نۇر تىزلىكىگە يېىقىن تىزلىكتە سەپەت قىلغاندا ۋاقىتنىڭ ئېقىش تىزلىكى كۆپ ئاستىلاپ كىتىدۇ. بوشلۇقتا سەپەر قىلغۇچى
دادا بىلەن ئۇنىڭ يەر شارىدىكى ئوغلىنى تەسەۋۋۇر قىلايلى. دادا سەپەرگە ئاتلانغاندا 27 ياش، ئۇنىڭ ئوغلى 3 ياش بولسۇن. ئەگەر دادا 30 يىل
(يەر شارى ۋاقتى) دىن كىيىن قايتىپ كەلسە، ئۇنىڭ ئوغلى 33 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئۆزى ئاران 30 ياشقا كىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ نىسبىيلىكى سائەتنىڭ
ئاستىلىشى ياكى تىزلىشىشى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئىككىلەمچى ئاتوم زەرچىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ماددى مەۋجۈدىيەت
سىستىمىسنىڭ ئوخشىمىغان ھەركىتىنىڭ نەتىجىسى. يەنى ۋاقىتنىڭ قىسقىرىشىنى باشتىن كەچۈرگىچىگە نىسبەتەن، ۋاقىتنىڭ قىسقىرىشى ئاستا
ھەركەتلەنگەن كارتونغا ئوخشىمايدۇ. ۋاقىت قىسقىرىغاندا، ئادەمنىڭ يۈرەك سوقىشى، ھۆجەيرىسىنىڭ بۆلىنىشى مىڭىسنىڭ ئشلىشى قاتارلىقلار يەر
شارىدىكى ئاستا ھەركەتلىنىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئاستىلايدۇ. ئەمما بۇ كىشى ئوخشاشلا ھاياتىنى ئۆتكۈزىدۇ ۋە ۋاقىتنىڭ قىسقارغىنىنى بىلمەيدۇ.
ئەگەر سېلشتۇرۇلمىسا ۋاقىتنىڭ قىسقارغىنىنى ئۇققىلى بولمايدۇ.ۋاقىتنىڭ قۇرئاندىكى نىسبىيلىكى
ماتىريالىستلار قىياس قىلغاندەك مۇتلەق ئەمەس پەقەت نىسبى تۇيغۇدىن ئىبارەت. تېخىمۇ قىزقارلىقى زامانىۋى پەن-تېخنىكا نەتىجىللىرى بىزنى
تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كەلتۈرىدۇ: ۋاقىت شۇكى، 20-ئەسىرگىچە بايقالمىغان بۇ پاكىت ئىنسانلارغا 14ئەسىر بۇرۇن قۇرئاندا ۋەھى قىلىنغان. ۋاقىتنىڭ نىسبيلىكى ھەققىدە قۇرئاندا بىر نەچچە ئۇرۇندا بايان بار.
«ۋاقىت ۋەقەلەرگە، مۇھىت ۋە شارائىتقا ئاساسەن كۈڭۈلدە شەكىللىنىدىغان تۇيغۇدىن ئىبارەت» دىگەن ئىلم-پەن ئىسپاتلىغان پاكىت قۇرئاننىڭ
نۇرغۇن ئايەتلىرىدە ئۇچرايدۇ. مەسلەن، قۇرئاندا دىيىلگەندەك ئادەمنىڭ ھاياتى ئىنتايىن قىسقا:
«شۇ كۈندە اللە سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىپ ئىجابەت قىلىسىلەر ۋە (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا
تۇرغاندەك ئويلايسىلەر.» (سۈرە ئىسرائىل، 52-ئايەت)
«قىيامەت كۈنى اللە ئۇلارنى (ھىساب ئېلش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنە ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز-ئارا تۇنۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ اللەغا مۇلاقەت بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار چۇقۇم زىيان تارتىدۇ،ئۇلار توغرا يول
تاپمىدى.»(سۈرە يۇنۇس،45-ئايەت)
بەزى ئايەتلەر كىشلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقلىقىنى پەرقىلىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى ۋە بەزى كىشلەرنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىتنى ئىنتايىن ئۇزۇن ھىس
قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئاخىرەتتە سۇئال-سۇراق قىلىنغاندا كىشلەرنىڭ قىلىشقان سۆزلىرى بۇنىڭغا ياخشى مىسال:
«اللە (ئۇلارغا): «زىمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار ؟» دەيدۇ. ئۇلار: « بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق،
(ئاي-كۈنلەرنى) ھىسابلىغۇچى (پەرىشتە) دىن سورىغىن» دەيدۇ( ئۇلار دۇزاقتا چىكىۋاتقان ئازاپ تۈپەيلىدىن، زىمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى
ئۇنتۇيدۇ). اللە:«ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇردۇڭلار» دەيدۇ.»(سۈرە مۇئمىنۇن، 112-ئايەتتىن 114-ئايەتكىچە)بەزى ئايەتلەردە اللە ئوخشىمىغان مۇھىتتا ۋاقىتنىڭ پەرقلىق سۈرئەتتە ئاقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) سەندىن ئازابنىڭ تىز نازىل بولىشىنى تەلەپ
قىلىدۇ( ئازاب چۇقۇم نازىل بۇلىدۇ، لىكىن ئۇنىڭ نازىل بۇلۇشىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى-سائىتى بولىدۇ)، اللە ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ (اللە
بەندىللىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋاردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر.»
(سۈرە ھەج، 47-ئايەت)
« پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) اللەغا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى ئەللىك مىڭ يىل كىلىدۇ.» (سۈرە مائارىج، 4-ئايەت)
«اللە ئاسماندىن زىمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلىقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك
كىلىدىغان بىر كۈندە اللەنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ» (سۈرە سەجدە، 5-ئايەت)
بۇ ئايەتلەر ۋاقىتنىڭ نىسبىيىلىكىنىڭ رۇشەن ئىپادىسى. تېخى 20-ئەسىرنىڭ يېقىنقى يىللىرىدا ئالىملار تەرىپىدىن بايقالغان بۇ نەتىجە 1400يىل
ئىلگىرى اللە تەرىپىدىن قۇرئاندا ئىنسانلارغا ۋەھى قىلىنغان ئىدى.
نۇرغۇن ئايەتلەر ۋاقىتنىڭ تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ناھايىتى ئېنىق پاكىت. مەسلەن، اللە غار ئىگىللىرىنى- قۇرئاندا بايان قىلىنغان ئىمان
ئېيتقان كىشلەر- 300يىلدىن كۆپرەك ئۇخلاتتى. ئۇلار ئويغانغاندا ئۇلار ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ئازغىنىلا تۇردۇق دەپ ئويلاشتى ۋە قانچىلىك ۋاقىت
ئۇخلىغانلىقىنى بىلەلمىدى:
«ئۇلارنى بىز غاردا ئۇرۇن يىللار ئۇخلىتىپ قۇيدۇق. ئاندىن ئىككى گورۇھ (يەنى ئەسھابۇلكەھف ئىچىدىكى قانچىلىك
ئۇخلىغانلىقلىرى ھەققىدەئىختىلاپ قىلىشقان ئىككى گورۇھ )تىن قايسنىڭ غاردا قانچىلىك ئۇزاق تۇرۇشقانلىقلىرىنى ئىنچىكە ھىسابلايدىغانلىقىنى سىناش
ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق» (سۈرە كەھف، 11-ئايەتتىن 12-ئايەتكىچە)
«ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك،(غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى) ئۆز-ئارا سوراشسۇن دەپ (ئۆلۈمگە ئوخشاش ئۇزاق ئۇيقۇدىن) ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ
بىرى «(بۇ غاردا) قانچە ئۇزاق تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار:« بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ (بەزىسى) دىدىكى، «قانچە
ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ...» (سۈرە كەھف، 19-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
تۆۋەندىكى ئايەتتە بايان قىلىنغان ئەھۋالمۇ ۋاقىتنىڭ كۆڭۈلدىكى تۇيغۇ ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى:
«ياكى سەن تام، ئۆگزىللىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان(خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇل مۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى
(يەنى ئۈزەيرىنى) كۆرمىدىمۇ؟ ئۇ (ئەجەپلىنىپ): « اللە بۇ شەھەرنىڭ ئۆتكەن ئاھالىسىنى قاندان تىرىلدۈرەر؟» دىدى. اللە ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك
ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. اللە (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن:« بۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟»
دەپ سورىدى. ئۇ:«بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. اللە ئېيتتى:«ئۇنداق ئەمەس(تۇلۇق) يۈز يىل تۇردۇڭ!
يىمەك-ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنىكى، (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن)، (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى
ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سىنى بىز كىشلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن
ئۇنىڭغا گۆش قۇندۇرىمىز».(يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا(يەنى ئۇ رۇشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ:« مەن اللەنىڭ ھەممە
نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىدىم» دىدى.(سۈرە بەقەرە، 259-ئايەت)
يۇقىرىدىكى ئايەت اللەنىڭ ۋاقىتنى ياراتقانلىقىنى ۋە ۋاقىتتىن ھالقىغانلىقىنى ئۇچۇق تەكىتلەيدۇ. ئىنسان ئەكسچە، اللەنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن
ۋاقىتقا باغلانغان. ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك، ئىنسان ھەتتا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۇخلىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقىت ۋاقىت مۇتلەق
( ماتىرىيالىستلارنىڭ بۇرمىلانغان قارشى) دىيىش پۈتۈنلەي ئاساسسىز.
تەقدىر
ۋاقىتنىڭ نىسبىيلىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. نىسبىيلىك شۇ قەدەر پەرقلىقكى، بىز ئۈچۈن نەچچە يۈز مىلىيون يىل ۋاقىت
باشقا بىرى ئۇچۈن پەقەت بىر نەچچە سىكونت بولىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا، دۇنيانىڭ باشلىنىشدىن تارتىپ ئاخىرلىشىشىگىچە بولغان ئىنتايىن ئۇزاق ۋاقىت باشقا بىر ئۆلچەمدە ھەتتا بىر نەچچە سىكونت بولماستىن پەقەت بىر دەقىقە بولىشى مۇمكىن.
بۇنۇرغۇن كىشلەر بۇلۇپمۇ تەقدىرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغۇچى ماتىريالىستلارچۈشۈنەلمەي كەلگەن تەقدىر ئۇقۇمىنىڭ تۈپكى ماھىتى. تەقدىر بولسا
اللەنىڭ ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدىكى كامالى بىلىمى. نۇرغۇن كىشلەر اللەنىڭ تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى بىلىدىغانلىقىغا گۇمان
قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇلارنى تەقدىرنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنۈشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. لىكىن « تېخى يۈز بەرمىگەن ۋەقەلەر» پەقەت ئۆزىمىزنىڭ
نوقتىسىدا تۇرۇپ كۆرگەندىلا تېخى يۈز بەرمىگەن ۋەقەلەر. اللە ماكان ۋە زاماندىن ھالقىغان زات. اللە زامان ۋە ماكاننى ياراتقان. شۇڭا ئۆتمۈش،
كەلگۈسى، ھازىر اللە ئۇچۈن پۈتۈنلەي ئوخشاش؛ اللە ئۈچۈن ھەممە ئاللىقاچان يۈز بىرىپ بولغان ۋە تاماملانغان.
«كائىنات ۋە دوكتۇر ئېينىشتىين» ناملىق كىتابىدا، لىنكولىن بارنېت(Lincoln Barnett) كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزىرىيىسىنىڭ يۇقىرىقى
يەكۈنگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۈ. ئۇنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا كائىنات« كامالى ھىكمەتنىڭ بۈيۈكلۈكى بىلەن تولغان». بارنېتنىڭ
«كامالى ھىكمەت» دەپ ئاتىغىنى پۈتۈن كائىناتقا ھۈكۈمرانلىق قىلغۇچى اللەنىڭ ھىكمىتى. خۇددى بىزھىچقانداق قىينالماستىنلا بىر ھۈكۈمرانلىق
دەۋرىنىڭ باشلىنىشى، ئوتتۇرى، ئاخىرى ۋە ھەر بىر بۆلىكىنى بىلگىنىمىزگە ئوخشاش، اللە بىزنى ئۆز چەكلىمىسگە ئالغان ۋاقىتنى باشتىن ئاخىرغىچە
خۇددى بىر دەقىقىدەك بىلىدۇ. لىكىن ئىنسانلار ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتى-سائىتى كەلگەندىلا بېشىدىن كەچۈرىدۇ ۋە اللە ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان تەقدىرگە
گۇۋاھچى بۇلىدۇ.
جەمئىيىتىمىزدە ھۈكۈم سۈرىۋاتقان تەقدىر ھەققىدىكى بۇرمىلانغان چۈشەنچىگە دىققەت قىلمىقىمىزمۇ ناھايتى زۈرۈردۇر. بۇ بۇزۇق ئەقىدە بولسا اللە ھەر
بىر كىشنىڭ تەقدىرىنى بىكىتىۋەتكەن لىكىن كىشلەر تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دەيدىغان خۇراپى ئەقىدىدۇر. مەسلەن، ئۆلۈم دەرۋازىسىدىن قايتىپ
كەلگەن كىشلەر ھەققىدە «ئۇ تەقدىرىنى بويسۇندۇردى» دىگەندەك يۈزەكى باھا بىرىشىدۇ. ھىچكىم تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. ئۆلۈم
دەرۋازىسىدىن قايتىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئۆلمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئۆلمەسلىكى بۇيرۇلغان. ئەكسىچە بۇ كىشلەرنىڭ « مەن تەقدىرنى
بويسۇندۇردۇم» دەپ ئۆزلىرىنى ئالدىشى ۋە شۇنداق ئويلىشى ئۇلارنىڭ تەقدىرى.
ۋاقىت اللە ئۈچۈن پەقەت بىر دەقىقە، اللە بارلىق زامان ۋە ماكاننى بىلگۈچى، تەقدىر اللەنىڭ ئەبەدىي بىلىمى؛ ھەممە تەقدىردە بەلگىلەنگەن ۋە
تاماملانغان. بىزگە نىسبەتەن كەلگۈسىدە يۈز بىرىدىغان ئىشلار قۇرئاندا ئۇزاق ۋاقىت ئىلگىرى يۈز بىرىپ بولغاندەك بايان قىلىنىدۇ. مەسلەن، ئاخىرەتتە كىشلەر اللەغا ھىساب بىرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئايەتلەر ئۈزاق ۋاقىت يۈز بىرىپ بولغاندەك ۋەقەدەك بايان قىلىنغان؛
«سۈر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى اللە خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۈ، ئاندىن سۈر
ئىككىنجى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ(نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ. مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يۇرىيدۇ،
نامە-ئەمەللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ. ھەر
ئادەمگە قىلىغان ئەمەلىنىڭ ساۋابىتۇلۇق بىرىلىدۇ. اللە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ. كافىرلار جەھەننەمگە توپ-توپ بۇلۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار
جەھەننەمگە يىتىپ كەلگەندە، جەھەننىەمنىڭ دەرۋازىللىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا:«ئاراڭلاردىن سىلەرگە
پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگەئوقۇپ بىرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟»
دەيدۇ. ئۇلار:«شۇنداق(پەيغەمبەرلەر كەلگەن،بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لىكىن ئازابغا دۇچار بۇلۇش ھۆكىمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيىلىدىن)
كافىرلارغا تىگىشلىك بولدى» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نىمە
دىگەن يامان!» دىيىلىدۇ. پەرۋاردىگارىغاتەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ-توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرىلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يىتىپ
كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىللىرى ئېچىلىپ بولغان بۇلىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا:« سىلەرگە سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر
(گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار،(ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ. (سۈرە زۈمەر،68-ئايەتتىن73-ئايەتكىچە)
بۇ ھەقتىكى باشقا ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
«ھەر ئىنسان (مەھشەرگاھقا) كىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن (ئۇنىڭ مەھشەرگاھقا) ھەيدىگۈچى ۋە (ئۇنىڭ ئەمەلىگە) گۈۋاھ بولغۇچى (ئىككى پەرىشتە) بىللە
كىلىدۇ.» ( سۈرە قاف،21-ئايەت)
«ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كىتىدۇ.» (سۈرە ھەققاھ، 16-ئايەت)
«ئۇلارنىڭ سەۋر-تاقەتلىرى ئۈچۈن اللە ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە
يۆلىنىپ ئۆلتۈرىدۈ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسقمۇ، قاتتىق سوغۇقمۇ كۆرمەيدۇ.» (سۈرە ئىنسان، 12-ئايەتتىن 13-ئايەتكىچە)
«قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئۇچۇق كۆرسىتىلىدۇ.» (سۈرە نازىئات،36-ئايەت)
«بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) مۆئمىنلەر كاپىرلاردىن كۈلىدۇ.»(سۈرە مۇتەففىفىن، 34-ئايەت)
«گۇناھكارلا دۇزاقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلىقىنى جەزىم قىلىدۇ، دۇزاقتىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ.» (سۈرە كەھف، 53-ئايەت).
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئۆلۈمدىن كىيىن يۈز بىرىدىغان ھادىسلەر (ئىسانلارنىڭ نوقتىسىدىن ئېيتقاندا) قۇرئاندا ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ھادىسلەردەك بايان قىلىنغان. اللە ئىنسانلار چەكىلىمىسىدىن ھالقىيالمايدىغان ۋاقىتتىن ھالقىغاندۇر. اللە مۇنداق ئىرادە قىلىدى: كىشلەر نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ،
بۇئىشلار داۋاملىشدۇ ۋە ئاخىرلىشدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتە ھەر بىر ۋەقە كىچىك ياكى چوڭ بولىشىدىن قەتئىنەزەر اللەنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە
لەۋھۇلمەھفۇزدا خاتىرلەنگەنلىكى ئېيتىلىدۇ:
«سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئۇقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن
بۇلۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان-زىىمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن،
ھىچقايسىسى اللەنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى لەۋھۇلمەھفۇزدا خاتىرلەنگەندۈر.» (سۈرە يۇنۇس، 61-ئايەت)http://bilik.co/bbs/viewthread.php?tid=10899&highlight=
历史上的今天:
ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى ــ خۇا لوگېڭ 2011-10-25ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ 2010-10-25پروگراممېرلار ماتېماتىكىسى 2010-10-25
收藏到:Del.icio.us