ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى كىشىلەر دائىم «بۇ قانچە» دىگەندەك سۇئاللارنى سورىشاتتى. بۇ تۇرمۇشتا رەقەمنىڭ (ساننىڭ) ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
سىز بەلكىم قويلىرىڭىزنىڭ يوقالغان- يوقالمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ساناپ باقماقچى بولغانسىز ياكى مەلۇم بىر ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن قانچە كۈن ئۆتكەنلىكىنى ھېسابلاپ باقماقچى بولغانسىز ۋە ياكى سىز تۇرىۋاتقان يەرگە قاراپ كېلىۋاتقان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ نەچچىلىكىنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولغانسىز.
كىشىلەر ئۆزىنىڭ قانداق مال مۈلۈكلىرىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. يەنە تېخى بىردىن بىردىن ئېلىپ كۆپچىلىككە كۆرسىتەلەيدۇ. لېكىن بىرەرسى: قەبىلەڭلەر ھېلىقى ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ھازىرغىچە قانچە كۈن ئۆتتى، دەپ سورىسا، سىز ئامالسىزلىقتىن: «بىر كۈن، بىر كۈن، بىر كۈن، بىر كۈن، يەنە بىر كۈن ئۆتتى» دەپلا جاۋاپ بېرىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ ئانچە ئەپلەشمىگەن ئۇسۇل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاسانلا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.
بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز باشقا بىر نەرسىنى مىسال قىلىپ كۆرەيلى. سىز يۇقۇرىدىكى سۇئالغا جاۋاپ بېرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، دەريا بويىدا بىر رەت كۆچەتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىڭىز دەيلى، بۇ كۆچەتلەر بىر بىرىگە يېقىن ئۆسكەن بولۇپ، ئۇلارمۇ دەل بىر تۈپ، بىر تۈپ، بىر تۈپ، بىر تۈپ، يەنە بىر تۈپ بولسۇن. شۇنداق قىلىپ سىز ئاشۇ كۆچەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قەبىلىمىز يېقىنقى بىر قېتىم ئېيىق سويغان كۈندىن ھازىرغىچە ئاشۇ بىر رەت كۆچەتلەرنىڭ سانىچىلىك كۈن ئۆتتى» دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۇمكىن.
سۇئال سورىغۇچىمۇ ئاشۇ كۆچەتلەرگە قاراپ توغرا جاۋاپقا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، سورالغان سۇئال ئېنىقلانغانمۇ بولسۇن، لېكىن كىمنىڭمۇ تەلىيى مۇشۇنداق ئوڭدىن كېلىۋەرسۇن؟ باشقىلار «قانچە» گە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سورىغاندا نەدىمۇ ھەممە كىشىنىڭلا يېنىدا تال- تېرەك، گۈل- گىيا، تاش- كېسەك ياكى باشقا پارچە- پۇرات نەرسىلەر تەييار تۇرسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، «ئاشۇلارچىلىك» دەپلا كۆرسىتىپ قويغىلى ئۇ نەرسىلەرنىڭ سانى نەدىمۇ جاۋاپ بەرمەكچى بولغان مەسىلىدىكى سانلارغا تەڭ بولىۋەرسۇن؟
ئەگەر سىز بىر ئامال قىلىپ، يېنىڭىزدا سانى ئوخشاش بولمىغان خىلمۇ- خىل نەرسىلەرنى تەييارلاپ قويالىسىڭىز، بۇ تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. ئەگەر بىرەرسى سىزدىن، مەلۇم بىر نەرسىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى سورىسا، سىز بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر دۆۋىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «ماۋۇنىڭچىلىك» دەپ ئېيتىپ بەرگەن بولاتتىڭىز.
مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى ئويلىيالىغان كىشىلەرنىڭ ئوندىن توققۇزى، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بارماقلىرىنى ئەسكە ئالىدۇ. ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئوخشىتىشتىنمۇ ئەپلىك ئىش بولماس.
قولىڭىزغا قاراپ بېقىڭا! ھەر بىر قولىڭىزدا بىر تال، بىر تال، بىر تال، بىر تال، يەنە بىر تال بارماق ئۆسۈپ چىققان، يۇقۇرىدىكى سۇئالغا جاۋاپ بەرمەكچى بولسىڭىز، بىر قولىڭىزنىڭ ھەممە بارماقلىرىنى ئېچىپ تۇرۇپ: «قەبىلىمىز ئاخىرقى قېتىم ئېيىق سويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇشۇنچىلىك كۈن ئۆتتى» دىسىڭىزلا بولىدۇ.
ھەر بىر بارماققا نام بېرىش كېرەك. ئۆزى يالغۇز بىر تەرەپكە ئۆسۈپ چىققان بارماقنى باش بارماق، ئۇنىڭغا يانداش بارماقنى بىگىز بارماق (كۆرسەتكۈچ بارماق)، بىگىز بارماقتىن كېيىنكىسىنى ئوتتۇرانچى بارماق، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسىنى نامسىز بارماق، ئەڭ ئاخىرقىسىنى چىمچىلاق بارماق دەپ ئاتايمىز.
بارماقلارنى جانلىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. نەچچە تال بارمىقىڭىزنى چىقارماقچى بولسىڭىز شۇنچىنى چىقىرالايسىز. كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىزنىلا چىقىرىپ باشقا بارماقلىرىڭىزنى پۈكۈپ تۇرۇپ: «مۇشۇنچىلىك» دىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىگىز بارمىقىڭىز بىلەن ئوتتۇرانچى بارمىقىڭىزنى چىقىرىپ تۇرۇپ: «مۇشۇنچىلىك» دىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىر قولىڭىزنىڭ ھەممە بارماقلىرىنى ئېچىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر قولىڭىزنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: «مۇشۇنچىلىك» دىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ۋاھاكازالار.
بىراق بارماقلارنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ سانلىق مىقدارلارنى ئىپادىلىگىلى بولغان بولسا، نىمە دىگەن ياخشى بولغان بولاتتى- ھە! ئېيتايلۇق، ئەگەر سانلارنى ئىپادىلىمەكچى بولغىنىڭىزدا قولىڭىزدا بىرەر نەرسە بار بولۇپ قالسا ياكى ھاۋانىڭ سوغاقلىقىدىن قولىڭىزنى چىقارغىڭىز كەلمىسە ۋە ياكى قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپ بەش بارماقنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، ئۇ چاغدا قانداق قىلغۇلۇق؟
بارماقنىڭ ئورنىغا سۆزلەرنى قوللىنىپ، سانلىق مىقدارلارنى ئىپادىلەشكە بولامدۇ- يوق؟ ئېيتايلۇق، بىگىز بارماقنى چىقىرىپ: «مۇشۇنچىلىك» دەپ يۈرمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا «بىر» دىسەكچۇ؟ مۇنداق بولغاندا بارمىقىڭىزنى چىقىرىپ: «مۇشۇنچىلىك پىچىقىم بار» دەپ يۈرمەي، «بىر پىچىقىم بار» لا دەيسىز، خالاس. خوپ، ئەمدى قولىڭىزنى يانچۇقىڭىزغا سېلىۋېلىپ گەپ قىلسىڭىزمۇ ياكى قاراڭغۇدا گەپ قىلسىڭىزمۇ باشقىلار سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشىنەلەيدۇ.
نىمە ئۈچۈن باشقا سۆزلەرنى قوللانماي «بىر» دىگەن سۆز قوللىنىلغان؟ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. بۇ سۆز ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلاردىن تارتىپلا بار ئىكەن، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىز بىلمەيمىز. ھازىرقى ياۋروپا تىلى شەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى قەدىمقى دەۋردىلا، كىشىلەر ئەنە شۇنداق ئاتىشاتتىكەن. لېكىن ھازىر پۈتۈن ياۋروپادا گەرچە «بىر» نىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە يېزىلىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسى يەنىلا ئوخشاش.
ئېنگلىز تىلىدا بىرنى «one» دەپ، فرانسوز تىلىدا «un» دەپ، ئىسپان تىلىدا «uno» دەپ، نېمىس تىلىدا «ein» دەپ، لاتىن تىلىدا «unus» دەپ، گىرىك تىلىدا «monas» دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ سۆزلەر بىر «n» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئەسلىدە بىر سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى بايقاش مۇمكىن، لېكىن بۇ سۆزنىڭ قانداق سۆز ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.
بۇ سۆز قانداق كېلىپ قالغان، ئۇ باشقا تىللاردا قانداق قوللىنىلىدۇ دېگەنلەرنى ھازىرچە قويۇپ تۇرۇپ، ئېنگلىز تىلىدىكى «one» نى پىششىق بىلىۋالساقلا بولىدۇ.
بىگىز بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى چىقىرىپ، بۇنى ئىككى دەيمىز. بىگىز بارماق، ئوتتۇرا بارماق ۋە نامسىز بارماقنى چىقىرىپ ئۇنى ئۈچ دەيمىز، ئاندىن تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئونلارنىمۇ ئاتىيالايمىز.
ئىككى قولىمىزنىڭ ھەممە بارماقلىرىنى چىقارساق ئون بولىدۇ. كىشىلەر دائىم «مەندە مۇشۇنچىلىك بار» دەيدۇ.كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ھامان «نەچچە» نى ئىپادىلەش ناھايىتى ئاددىيلىشىدۇ. سىز «ئالتە كۈن ئىلگىرى مەن سىزنى كۆرگەن»، «ئوتقا سەككىز پارچە ئوتۇن تاشلاپ قويۇڭ» ياكى «ماڭا ئىككى تال يا ئوقى بېرىڭ» دىيەلەيسىز.
يەنە مەلۇم بىر كىشى بىر باغلام يا ئوقىنى ئايىقىڭىزغا تاشلاپ قويۇپ: «بۇ بىر باغلام يا ئوقىنىڭ قانچە تال ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم» دىيىشى مۇمكىن. ئۇ ھالدا سىز ساناپ باقسىڭىز بولىدۇ. بىر تالنى ئېلىپ «بىر» دەيسىز، يەنە بىر تالنى ئېلىپ «ئىككى» دەيسىز، ئەگەر سىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تالنى ئېلىپ «يەتتە» دىگەن بولسىڭىز، بۇ بىر باغلام يا ئوقى جەمئىي يەتتە تال بولغان بولىدۇ. سىزنىڭ ئون بارمىقىڭىز بولغانلىقتىن، «قانچە» دىگەن مەسىلىگە ئون سۆز بىلەنلا جاۋاب بېرەلەيسىز. بۇ سۆزلەر ئون سان دەپ ئاتىلىدۇ.
لېكىن سانى ئوندىن ئېشىپ كېتىدىغان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. سىز يەردىكى يا ئوقلىرىنى بىر تەرەپتىن ئېلىپ، بىر تەرەپتىن سانىسىڭىز ئونغا كەلگەندە نەچچە تال ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمدى قانداق قىلىسىز؟ ئەگەر يەنە داۋاملىق يېڭى سانلارنى تۈزۈۋەرسىڭىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. بىراق بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئوندىن ئىبارەت بۇ ئوخشاش بولمىغان رەقەملەرنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى ئاسان.
لېكىن سىز بۇ ئون رەقەمدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ يېڭى رەقەملەرنى تۈزۈپ چىقىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق تۈزۈلگەن يېڭى رەقەملەرنى ئەستە ساقلاش خېلىلا ئاسان بولۇشى مۇمكىن.
مەسىلەن، سىز ئون تال يا ئوقىنى ئالغاندىن كېيىن، يەردە يەنە بىر تال يا ئوقى قالغان بولسا «يەنە بىر تال قالدى» دەيسىز. راستىنى ئېيتقاندا قەدىمقى ئېنگلىز تىلىدا «ئون بىر» دىگەن بۇ سۆز «ئوندىن يەنە بىرسى ئارتۇق» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئوخشاشلا «ئون ئىككى» دىگەن بۇ سۆز قەدىمقى ئېنگلىز تىلىدا «ئوندىن يەنە ئىككىسى ئارتۇق» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
«ئون ئۈچ» تىن باشلاپ تېخىمۇ ئاسانلىشىپ كېتىدۇ. ئېنگلىز تىلىدىكى ئون ئۈچ (thirteen) بولسا «ئون قوشۇلغان ئۈچ» دىگەن سۆزنىڭ يەنە بىر خىل يېزىلىشىدۇر. ئەگەر سىز ئۇنى threeten قىلىپ يازسىڭىز thirteen گە ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدۇ. ئون تۆت (fourteen) مۇ ئېنگلىز تىلىدىكى تۆت (four) بىلەن ئون (ten) نى قوشۇپ يېزىپ قويغانغا ئوخشايدۇ. ئاندىن كېيىن ئون بەش، ئون ئالتە، ئون يەتتە، ئون سەككىز، ئون توققۇزلار كېلىدۇ. ئون توققۇز «ئون قوشۇلغان توققۇز» دىگەنلىك بولىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە «بىر» قوشۇلسا «ئون قوشۇلغان ئون» بولۇپ، بۇ ئىككى ئون دىگەنلىك ئەمەسمۇ؟ راستىنى ئېيتقاندا ئون توققۇزدىن كېيىنكى يىگىرمە «two-tens» مۇ قەدىمقى ئېنگلىز تىلىدىكى بىر سۆز بولۇپ، ئىككى ئون دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
يىگىرمىدىن كېيىنكىسى يىگىرمە بىر بولۇپ، ئۇ «يىگىرمە قوشۇلغان بىر» دىگەنلىكتۇر، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى يىگىرمە ئىككى، يىگىرمە ئۈچ، مۇشۇ بويىچە تاكى يىگىرمە توققۇزغىچە، يەنى «يىگىرمە قوشۇلغان توققۇز» غىچە داۋاملىشىدۇ. يىگىرمە توققۇزدىن كېيىنكىسى «يىگىرمە قوشۇلغان بىر ئون» دىگەنلىك بولۇپ، بىز ئۇنى «ئوتتۇز» دەپ ئاتايمىز. بۇ ئۈچ دانە ئون دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر بىز سانلارنى مۇشۇنداق تۈزۈپ كېتىۋەرسەك تېخىمۇ چوڭ سانلارنى تۈزەلەيمىز. بىز ئوتتۇز توققۇزنى تۈزۈپ بولۇپ يەنە قىرىق (يەنى تۆت دانە ئون) نى تۈزۈپ چىقىمىز. ئۇلاردىن كېيىن ئەللىك، ئاتمىش، يەتمىش، سەكسەن ۋە توقسانلارنىمۇ تۈزۈپ چىقىمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا توقسان توققۇزنى تۈزۈپ چىقىمىز. توقسان توققۇز دىگەنلىك، توققۇز دانە ئونغا يەنە توققۇزنى قوشۇش دىگەنلىك بولىدۇ. توقسان توققۇزدىن كېيىنكى سان «ئون دانە ئون» بولىدۇ. ھەر قېتىم ئونغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، بىر يېڭى ئاتالغۇ تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك بولىدۇ. ئىككى قولدا دەل ئون تال بارماق بولغانلىقتىن ئوننى ئەستە ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا «ئون دانە ئون» نى بىز «يۈز» دەپ ئاتايمىز. بۇ سۆزمۇ ناھايىتى بۇرۇنقى ئېنگلىز يېزىقىدىن كەلگەن بولۇپ ھازىر ئۇنى ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق.
بىز يۇقۇرقىلارنىڭ كەينىدىن يۈز قوشۇلغان بىر، يۈز قوشۇلغان ئون بىر، يۈز قوشۇلغان ئوتتۇز ئىككى، يۈز قوشۇلغان ئاتمىش سەككىز دىگەنگە ئوخشاش تېخىمۇ چوڭ سانلارنى تۈزۈپ چىقىشىمىز مۇمكىن. يۈزگە توقسان توققۇزنى قوشقاندىن كېيىن يەنە بىرنى قوشىۋەتسەك ئىككى يۈز بولىدۇ. بىز يەنە ئۈچ يۈز، تۆت يۈز قاتارلىقلارنى سانىيالايمىز. لېكىن بىز ساناپ ئون دانە يۈزگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا يەنە بىر يېڭى ئاتالغۇغا مۇھتاج بولىمىز. بۇ ئون دانە يۈزنى بىر مىڭ دەپ ئاتايمىز، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى مىڭ، ئۈچ مىڭ قاتارلىقلارنىمۇ سانىيالايمىز.
يەنە بۇلاردىنمۇ چوڭ سانلار بار، لېكىن ئۇلار ھازىر تۈزۈلۈپ چىققان. قەدىمقى زاماندىكى سانلارنى مىڭدىن ئارتۇق ساناش ھاجەتسىز ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىڭغىچە سۆزلەپلا بولدى قىلايلى.
.
مەنبە-http://tarim68.blogbus.com/logs/25047429.html