ماتېماتىكا بلوگى

ماتېماتىكا بىلوگى - ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋىرسال بلوگ
ماتېماتىكا بلوگى قۇرۇلغىلى

Google گوگۇلدىن ئىزدەش مۇشۇ بلوگدىن ئىزدەش  
  • ئامىرىكىلىق ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك ماتىماتىكا دەرىسى - [ماتېماتىكا مائارىپى]

    2011-03-24

    مەزكور پارچە خۇاڭ چۈەنيۆ ئەپەندىنىڭ « شىنجاڭ مائارىپى » ژورلىنىدا ئېلان قىلىنغان « ماتىماتىكا مائارىپىدىن ئامىرىكىنىڭ پاراسەتلىك ئۇقۇغۇچىلارنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقىغا نەزەر » ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىنغان بۇلۇپ ، بىز ھازىرغىچە ئۈگۈنۈپ كىلىۋاتقان ھەم ئۈگىتىۋاتقان ماتىماتىكا ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پەرىقلىنىدىكەن . بىز ھەممىمز ماتىماتىكا ئۈگىنىپ باققان ، ھەرخىل ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىمۇ كۈرۈپ باققان ، بىز ئۈچۈن فورمىلادىن پايدىلىنىپ ھېسابلارنى ئىشلەش ئاسان ئۇسۇللارنىڭ بىرى ، ئەمما نىمە ئۈچۈن شۇنداق بۇلىدۇ دىگەن سۇئاللار ئاز . ماتىماتىكا دەرىسىنىڭ سۈپىتى ئىزچىل تۆۋەن بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ « دۆت»لىكىدىنمىدۇ ؟ ياكى ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ياخشى ئەمەسمىدۇ ؟ ۋە ياكى كىتاپ ئۇقۇغۇچىلارغا ماس كەلمەيۋاتامدۇ ؟؟ مىنىڭچە بۇ پارچە ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنچىلەرگە ئىگە بۇلالايمىز .


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى14:25:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا بەدەل تۆلەش روھى بولۇشى كېرەك - [ماتېماتىكا مائارىپى]

    2011-02-03

     ئوقۇتقۇچىلىققا يېڭى كىرىشكىنىمدە، ئوقۇغۇچىلاردىن ‹‹ماتېماتىكا دەرسى قىيىن››، ‹‹ماتېماتىكا بىلەن خۇشۇم يوق›› دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. كېيىن،  ئوقۇغۇچىلار نېمىشقا بۇنداق دەيدىغاندۇ، دەپ بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقتىم. ئىزدىنىش جەريانىدا مەسىلە ئوقۇغۇچىلاردىلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ بارلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىدا ئاز – تولا بەدەل تۆلەش روھى بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى قانداق بەدەل تۆلىشى كېرەك؟ دېگەن تېمىدا ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم.
         1. ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ‹‹بەدەل›› تۆلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوقۇتقۇچىغا باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئۈزلۈكسىز بىلىم، ماھارەت ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي يول باشلىغۇچىسى، يېتەكلىگۈچىسى، ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇشى زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندا، دەرسخانىنى كۆڭۈللۈك سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.
         2. ئوقۇتۇش ماھارىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ‹‹بەدەل›› تۆلىشى كېرەك. ئوقۇتۇشتىمۇ ماھارەت بولمىسا بولمايدۇ. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئالدى بىلەن دەرسخانىدا ئىناق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈپ، دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان؛ ئوقۇغۇچىلار قىزىقىدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەرس مەزمۇنىدىكى قىيىن، مۇرەككەپ مەزمۇنلارنى ئاسان ۋە ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن چۇشەندۈرەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىدىكى بېسىمىنى يەڭڭىللىتىشى زۆرۈر.
        


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى14:23:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى ۋە ساپا مائارىپى توغرىسىدا - [ماتېماتىكا مائارىپى]

    2011-01-24

    ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ساپا مائارىپىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشى  بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق بىر قانچە تەرەپكە  دىققەت قىلىش كېرەك.   1. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولۇش كېرەك. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇلازىمەت ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇشى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشى، كەسىپكە سادىق بولۇشى، شۇنداقلا مول كەسپىي  بىلىمى بولۇشى كېرەك. ئىلمىي ئوقۇتۇش سەنئىتى ۋە تەشكىللەش، كونترول قىلىش، تەربىيىلەش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى تەلىم - تەربىيە مائارىپىنى ۋە تەربىيىلەش قابىلىيىتىنى ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يېشىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئوقۇغۇچىلارنى دادىللىق بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىشقا يېتەكلەپ، دەرس مەزمۇنىنى سەمىمىي ھالدا بايان قىلدۇرۇشى؛ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇپ ساپا مائارىپىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى جەريانىدا ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى بىلىدىغان، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى  بىلىدىغان ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.    2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ماتېماتىكىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ مۇزاكىرىگە  تەشكىللەپ، ئۆگىنىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەربىر ئوقۇغۇچىنى قاتناشتۇرۇشى، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، تەجرىبە - ساۋاققا ئىگە قىلدۇرۇشى، ئۆگىنىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا يولۇققان ئوقۇغۇچىلارغا قىيىنچىلىقنى يېڭىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشى، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن پۇرسەت، ۋاقىت، ئورۇن ھازىرلاپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.   3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمى  بىلەن


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى13:31:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • گېئومېتىرىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا - [ماتېماتىكا مائارىپى]

    2011-01-06

    گېئومېتىرىيە دەرسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنىڭ گېئومېتىرىيە ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن - بىرلەشتۈرۈلمىگەنلىكى بىلەن شۇنداقلا بوشلۇق كۆزقارىشىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.  مېنىڭچە  گېئومېتىرىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى  يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈ:    1. گېئومېتىرىيە ئوقۇتۇشى — ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا يۈزلىنىشى كېرەك.    گەرچە بىزنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىمىز ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەدرىجىي قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى شۇ سائەتلىك دەرس ئۈستىدە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا شۇ مەزمۇننى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئەڭ كونكرېت، ئەڭ ئاممىباب ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈشى؛ دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى نەزەردە تۇتۇپ دەرس سۈرئىتىنى  تېزلەشتۈرۈۋەتمەسلىك  كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى تەلەپلەرنى قويماسلىق، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سوئال سوراش، مەشىق - كۆنۈكمىلەرنى ئىشلەش كېرەك. ھەرگىز قىيىن سوئاللارنى سوراپ ئۇلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىشىگە بولمايدۇ.    2. ئوقۇتقۇچىلار كۆرسەتمىلىك قوراللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.    كۆرسەتمىلىك قوراللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان، تەجرىبە قىلىشقا بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. گېئومېتىرىيە دەرسىگە نىسبەتەن كۆرسەتمىلىك قورال دېگەندە ئاساسلىقى سىزغۇچ، سېركول، بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ ۋە ئۈچ بۇلۇڭ، تۆت تەرەپلىك قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ مودېللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.               ئوقۇتقۇچى كۆرسەتمىلىك قوراللاردىن پايدىلانغان ۋاقىتتا چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوراللارنى ئىشلىتىپ كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرىپ بېرىش كېرەك.            3. ئېنىقلىما ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى مۇكەممەل چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.    گېئومېتىرىيە دەرسىدىكى ئېنىقلىمىلار ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا مۇكەممەل چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بەزى ئاتالغۇلارغا  ئېنىقلىما بەرگەندە بەزىلىرى ئېنىقلىما ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئىسپاتلاپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇنداق مەزمۇنلارنى سۆزلىگەندە ھەرگىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول كۆتۈرۈپ ئېنىقلىمىلارغا جاۋاب بېرىشىگىلا قانائەتلەنمەسلىكى، چوقۇم ئېنىقلىمىنى شەكىل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۇ مەزمۇننىڭ تېگى — ماھىيتىگە يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرۈش، شۇ مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك ياكى ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزلەشكەن ياكى دوگما ھالدا يادلىۋالغانلىقىنى سىناپ كۆرۈش كېرەك.   


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:49:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • پروگراممېرلار ماتېماتىكىسى - [ماتېماتىكا مائارىپى]

    2010-10-25

    پروگراممېر بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ماتېماتىكا بىلىش كېرەكمۇ؟
    پروگراممېرلار (ئېھتىياجلىقلىرى) ماتېماتىكىنى قانداق ئۆگىنىشى كېرەك؟

    يۇقىرىدىكى ئىككى مەسىلىگە بەلكىم بەزىلەر ئۇچرىغان بۇلىشى مۇمكىن، شۇ تورداشلارغا ئازغىنە پايدىسى تېگىپ قالار دەپ بۇ يازمىنى يوللىدىم. تۇنجى سوئالنىڭ جاۋابى ياق، كېيىنكىسىنىڭ جاۋابى كۈندە ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ Wikipedia دىكى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئوقۇسىڭىزلا بولىدۇ. بەك ئالدىراش تورداشلار مۇشۇ يەرگىچە ئوقۇسىڭىزلا بولىدۇ، چۈنكى بەزى خەنزۇچە مۇنبەرلەردە «بۇ ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس(ئەلۋەتتە ئىنگلىزچىسىنى)» دېگەندەك ئىنكاسلارنى كۆردۈم. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا داۋامىنى ئوقۇپ قۇيۇڭ، چۈنكى بۇ يەردە سۆزلىنىدىغىنى ئامېرىكىلىق بىر پروگراممېرنىڭ (Google نىڭ خىزمەتچىسىغۇ دەيمەن) كەچۈرمىشلىرى. مەن پەقەت تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.

    سەۋىيەم تۈپەيلى تەرجىمىدە خاتالىقلاردىن ساقلىنالماسلىقىم مۇقەررەر. بولۇپمۇ ئاتالغۇ مەسىلىسىدە بۇ مەسىلە تېخىمۇ گەۋدىلىك بۇلىشى مۇمكىن. تورداشلاردىن شۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرتېلىدىكى قېلىپلاشقان ئاتالغۇسىنى بىلسەڭلار ئەسكەرتىپ قويساڭلار بولىدۇ. تەرجىمىدە بەلكىم مۈجمەل جايلار بۇلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەسلى مەنبەسىنىمۇ ئەسكەرتتىم.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تەرجىمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى14:18:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكا دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ - [ماتېماتىكا مائارىپى]

    2010-08-08

     

     

    باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتقۇچىسى ھەر بىر سائەتلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىنى شۇ دەرسنىڭ ئۆزىدە بىلدۈرۈش بىلەن بىللە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىش، ئىزدىنىش جەريانىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر:

       1. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىدىكى يۈزەكى تەھلىللىرىنى پىششىقلاپ، ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكىدا ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆتۈلگەن دەرسنى دەرسخانىنىڭ ئۆزىدە ئىگىلىتىپ، مەسىلىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.
       2. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ماتېماتىكا دەرسىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇش ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودىغا باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئوبدان قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، ئۇنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماتېماتىكىلىق شەكىل، ئىسخېما، ھەرىكەت ۋە ئاۋاز قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى بەزى ئابستراكت ئۇقۇم، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق ۋە بىۋاسىتە نامايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى14:46:06 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى رولى - [ماتېماتىكا مائارىپى]

    2010-06-02

    يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ساپا مائارىپىدىكى رولى ناھايتى چوڭ بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتىرىشتە بەلگىلىك رولى بار. مەن ئۇنىڭ بىر قانچە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىكەن.
    1. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتەردى

    2.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتىكى مول ئۇچۇر مەنبەسى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېشىل چىراق ياقتى.
    3.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى مول مەزمۇن بىلەن تەمىن ئەتتى.
    4.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى16:32:36 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟ - [ماتېماتىكا مائارىپى]

    2009-05-04


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى22:56:23 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ماتىماتىكا قەھەتچىلىكى - [ماتېماتىكا مائارىپى]

    2009-02-16

    نەزەر سالىدىغان بولساق دۇنيادىكى بۆگۈنكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىيات مىۋىسى ھەممىزنىڭ دىقىقىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپتۇ. كۈندىن -كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ جەمىيىتىمىزدە بىز نىمىنىڭ تەرەققىيات ۋە نىمىنىڭ ھەقىقى كۈچ ئىكەنلىكىنى خېلى ئۇبدانلا چۈشىنىپ قالدۇق. ھەر قايسى تەرەپلەردىن بولسۇن بىزنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىمىز بىزگە يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ئورنىنى بىر نۆۋەت كۆرسىتىپ قايتا ئويلىنىپ بىزدىكى نىمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ساھە ئىكەنلىكىنى ناھايتى پاكىتلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بىرىۋاتىدۇ.
    كۆز ئالدىمىزدىكى كۆزگە مىختەك قادالغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىزدىكى تەپەككۇر گادايلىقىنى ۋە مەنىۋىى نامىراتلىقنى مەسخىرە بىلەن ئىپادىلەپ بىرىۋاتىدۇ.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش
    ماتېماتىكا| ۋاقتى23:09:56 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
共1页 1
ئابونت نامى:  
مەخپى نومۇر:  
بلوگ ئىلتىماس قىلىش | ياردەم

بلوگتىكى سەھىپىلەر

  • ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى[6]
  • مائارىپىمىزغا نەزەر[5]
  • ماتېماتىكا مائارىپى[9]
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى[18]
  • ماتېماتىكىلىق لۇغەت[19]
  • ماتېماتىكىلىق فىلىملەر[5]
  • ماتېماتىكا رېستۇرانى[66]
  • يېڭى ئارىلىق پەنلەر[8]
  • ماتېماتىكا ئالىملىرى[30]
  • ماتېماتىكا تارىخى[44]
  • قىزىقارلىق ماتېماتىكا[43]
  • ماتېماتىكىلىق قۇراللار[3]
  • ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار[9]
  • ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار[16]
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر[9]
  • تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى[5]
  • ماتېماتىكا كىتاپخانىسى[1]

باشقۇرۇش سۇپىسى

  • 进入后台 写新日志
  • 文章管理 评论管理
  • 更换模板 访问统计

يېڭى ئىنكاسلار

  • ئەلشەرەپ:http://uyghur.xjass.com/uygh...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • phonix820:ياخشىمۇسىز ماڭا بىرنامەلۇملۇ...
  • phonix820:ماقالىرىڭىز كۈندىن كۈنگە سەر...
  • چەۋەنداز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشى...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربا...
  • چەۋەنداز:پەخىرلىنىدىغان دىيارىمىز بىز...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ؟ .سىزنى...
  • ماتېماتىك:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستۇم، ...

يېڭى تېمىلار

  • ماتېماتىكا دەرسىدىكى قىزىقچىلىق
  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق
  • ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىت
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كەتمەيدۇ
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك
  • كۇۋادېرات قەغەزدىن مۇنتىزىم ئۇچبۇلۇڭ قاتلاش
  • 2011-يىللىق ئالى مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى
  • ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب [算经十书]
  • نېمە ئۈچۈن ئايال ماتېماتىكلار ئاز
  • فارىس تىلى بىلەن كورت تىلىدىكى تۈپ سانلارنىڭ سىلىشتۇرمىسى
全部日志>>

ئۇيغۇرچە كالېندار

خەتكۇچتىن ئىزدەش

  • تەرمە[228]
  • ماتېماتىكا[164]
  • تەرجىمە[38]
  • ماتېماتىكلار[34]
  • ئوقۇتۇش[28]
  • لوغەت[27]
  • بىلىملەر[25]
  • ئۇيغۇرلار[24]
  • تەرجىمھال[19]
  • رەسىم[18]
  • تېپىشماقلار[16]
  • تارىخ[14]
  • سۇرەت[13]
  • ئىجادىيەت[12]
  • پەنلەر[12]
تېخىمۇ كۆپ...

ساقلىغۇچتىكى ئەسەرلەر

  • 2011-09[1]
  • 2011-07[16]
  • 2011-05[1]
  • 2011-03[2]
  • 2011-02[5]
  • 2011-01[14]
  • 2010 [175]
  • 2009 [87]

تۇغلۇق ئۇلىنىشلار

  • ulnix
  • ئوۋچى بلوگى
  • يۇكسەل بلوگى
  • dunya kara
  • چەۋەندازلار بلوگى
  • تارىم بلوگى
  • كۆزنەك بلوگى
  • رىشتىمىز بلوگلار ئۇلىنىشى
  • ئۇيغۇر ئۆرلە بلوگى
  • ulanmilar
  • تېپىشماقلار دۇنياسى
  • ئۇلىنىش مۇنبىرى
  • ماتېماتىكا بىلوگى
  • bolgzar
  • چىن دوست بلوگى
  • قوشۇق بلوگى
  • بىلقۇت مۇنبىرى
  • سەلتەنەت
  • ئەلشەرەپ تور خاتىرىسى
  • ئالەم(ئاستېرنومىيە) تورى
  • كۆكتۇغ تور مەھەللىسى
  • شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
  • دولقۇن731مەھەللىسى
  • نۇرقۇت تور خاتىرىسى
  • ئۆگىنىش بلوگى
  • سەھرا بلوگى
  • شەپقەت بلوگى
  • ئۇيغۇر بلوگېرلار مەھەللىسى
  • كۆزنەك بلوگېرلار مەھەللىسى
  • جەمگاھ ئۇلىنىشلىرى
  • ئۇلانمىلار تور تۇراسى
  • دۆلەتباغ بلوگى
  • تەكلىماكان بلوگى
  • ئىمكان بلوگى
  • شادلىق بلوگى
  • ئەلشات بلوگى
  • دۇنيا بلوگى
  • ئىزدەن تەبىئەت بلوگى
  • ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
  • ئەدەبىيات دۇنياسى
  • رەسىم تەھرىرلىگۇچ
  • يۇكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى
  • مەپتۇن بلوگى
  • كۈركۈم گۈلى
  • يۇمتاللار
' target='_blank'>تەرجىمەكەش
  • تەڭرى تاغ تورى
  • ساياھەتنامە
  • جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
  • تور ئىملاچىسى
  • ئىرپان تور لۇغىتى
  • سىستېمىلار
  • ئىجتىمائى پەنلەر
  • شىنجاڭ ئاياللىرى
  • 1رەسىم يوللاش كودى
  • رەسىم يوللاش كودى2
  • يېزىش قىلىپلىرى
  • رەسىم ساقلىغۇچ
  • پەننى ئوموملاشتۇرۇش تورى
  • ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى
  • كىتابخانا بلوگى
  • پەن ئالىملىرى سۇرەتلىرى
  • ماتېماتىكىلىق فورمىلا كىرگۇزۇش قۇرالى
  • ماتېماتىكا مۇنبىرى
  • قۇرئان ئاڭلاش
    Logo ياساش
    MATH
    ئىملا تەكشۈرگۈچ
    ئېنگلىزچە ھۆسىن خەت
    تىل تەرجىمانى
    شىنجاڭ خەرىتىسى
    كود رەڭلەش
    سانلارنى كۇۋادېراتلاش
    رەڭ كودى
    يېزىق ئايلاندۇرغۇچ
    يۇلغۇن تور لوغىتى
    گوگۇل تەرجىمان
    ھەقسىز بوشلۇق
    ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت
    ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت
    ھەقسىزلەر رايۇنى
    چۈشۈرمىلەر
    خەنزۇچە ماقالىلەر
    كود جەمگاھى
    تىما يىزىش كۆزنىكى
    توربەت ئۇنۇم كودلىرى
    ئىچىلمايدىغان توربەتنى ئىچىش
    خەنزۇچە خەتكە پىنيېن بىرىش
    ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە تور لۇغىتى
    ئىلتىماس قىلىشQQ

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم

    ماتېماتىكا

    Google

    تېپشماقلار دۇنياسى

    • قىزىقارلىق تىپىشماقلار
    • مەندە بىر تېپىشماق بار
    • 0 بۇ تېپىشماقنى تاپالايدىغانلار بارمۇ؟

    چەۋەندازلار بلوگى

    • گۈدۈك مىكرو بىلوگى ۋە ئۇنى بىلوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈش Güdük Mikro Bilogi we Uni Bilog bilen Birleshturush
    • چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11 Qawandazlar" Uqturushi-11"
    • ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى (داۋامى2)

    كۆزنەك

    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • ئۇلىنىشلار بۇ يەردە

    ئىلىم - پەن بىلوگى

    • سانلارنىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە چۈشۈپ كېتىشى
    • «100مەسىلە» نىڭ تۆتىنچىسى
    • «100مەسىلە» نىڭ ئۈچۈنچىسى

    Dunyakara

    • جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن كەسپچانلىق روھىغا نەزەر.........
    • Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ
    • قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسلۇپ

    更多博链

    • زىيارەت سانى:
    • RSS 什么是RSS?
      用IM提醒我内容更新
      订阅到QQ邮箱
      订阅到鲜果阅读器
      订阅到Google阅读器
      订阅到抓虾阅读器
    • 《城客》第四期:创意之城
      博客大巴
      博客大巴使用指南
      博客大巴模板中心
      免费注册博客大巴
      一键博客搬家工具
      中文互动杂志城客

    ئۇسلۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:تارىم بلوگى | بلوگ يازغۇچىسى: ماتېماتىكا