-
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى ۋە ساپا مائارىپى توغرىسىدا - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2011-01-24
ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ساپا مائارىپىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك. 1. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولۇش كېرەك. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇلازىمەت ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇشى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشى، كەسىپكە سادىق بولۇشى، شۇنداقلا مول كەسپىي بىلىمى بولۇشى كېرەك. ئىلمىي ئوقۇتۇش سەنئىتى ۋە تەشكىللەش، كونترول قىلىش، تەربىيىلەش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى تەلىم - تەربىيە مائارىپىنى ۋە تەربىيىلەش قابىلىيىتىنى ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يېشىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئوقۇغۇچىلارنى دادىللىق بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىشقا يېتەكلەپ، دەرس مەزمۇنىنى سەمىمىي ھالدا بايان قىلدۇرۇشى؛ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇپ ساپا مائارىپىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى جەريانىدا ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى بىلىدىغان، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. 2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ماتېماتىكىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ مۇزاكىرىگە تەشكىللەپ، ئۆگىنىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەربىر ئوقۇغۇچىنى قاتناشتۇرۇشى، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ، تەجرىبە - ساۋاققا ئىگە قىلدۇرۇشى، ئۆگىنىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا يولۇققان ئوقۇغۇچىلارغا قىيىنچىلىقنى يېڭىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشى، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن پۇرسەت، ۋاقىت، ئورۇن ھازىرلاپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. 3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمى بىلەن ئىقتىدارىنى ماس ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتۇش بىر بىلىم تارقىتىش جەريانى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىغان سىستېما قۇرۇلۇشى، ئۆگىنىش - ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىكى ئاساسىي تەرەپ ۋە ئاساسىي ئېقىم. ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي بىلىملەرنى تارقاتسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئۆگىنىش - ئوقۇتۇش نەتىجىسىنىڭ، ئوقۇغۇچىلار ساپاسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا >ئوقۇتۇش< بىلەن >ئۆگىنىش< نىڭ بىرلىكىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي كۈچىنى ۋە ئىدىيىۋى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم مائارىپىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشكە بۇراش، دەرسلىكتىكى قىيىنلىقتا ئېنىق بولمىغان نۇقتىلارنى ماھىرلىق بىلەن ھەل قىلىپ بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىگەن بىلىمى ئارقىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ساپا مائارىپى بىلەن ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
http://www.bilqut.com/kutupxana/show.php?itemid=1573
历史上的今天:
خەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار 2011-01-24خاسىيەتلىك سان " ئۈچ " 2011-01-24ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە 2011-01-24
收藏到:Del.icio.us