-
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقىشىنى قوزغىتىش بەكمۇ مۇھىم - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2011-01-24
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقىشىنى قوزغىتىش بەكمۇ مۇھىم. ئوقۇغۇچى مەسىلىلەرنى چۈشىنەلمىگەندە ئوقۇتقۇچىنىڭ قوزغىتىپ يېتەكلىشىگە موھتاج بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى قوزغىتىش شەكلى ھەر خىل، شۇنداقتىمۇ ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش نىشانىنى بەلگىلەپ، قوزغىتىشچانلىقى كۈچلۈك مەسىلە - مىساللارنى تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىنى ئويلاشقا، ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللار ئۈستىدە بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە، تولۇقلىما پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئالاھىدە ۋاقىت ۋە پۇرسەت يارىتىپ، ئۇلارنىڭ يەككە ھالەتتە مەسىلىلەر ئالدىدا توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىرلىكتە ئويلىنىپ مۇزاكىرە قىلىش ئاكتىپلىقىنى ۋە قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇتۇش پائالىيىتى - دەرسخانىدا ئۆگىنىش ۋە دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئىككى پائالىيەت جەريانى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىشنى دەرسخانىدىكى پائالىيەت جەريانى بىلەنلا چەكلەپ قويماي ئۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىش پائالىيىتىگىچە كېڭەيتىش كېرەك. 1. دەرسخانىدىكى ئۆگىنىش پائالىيىتىدە: 1) قوزغىتىشچانلىقى كۈچلۈك مەسىلە - مىساللارنى تەييارلاپ ئوقۇغۇچىنى ئالدىن كىتاب كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ئۆگىنىپ بولغان بىلىملەرنى ئەسلىتىش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلە تۇرغۇزۇپ ئوقۇغۇچىنى قىزىقتۇرۇپ يېڭى دەرس تېمىسىغا باشلاپ كىرىش كېرەك. 2) ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى مەسىلىنى ئوقۇغۇچىغا ماتېماتىكىلىق تىل ئارقىلىق بايان قىلدۇرۇپ يېڭى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق قائىدە - قانۇنلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا قوزغىتىش كېرەك. 3) ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب كۆرۈشكە تەشكىللەپ يېڭى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك قائىدە - قانۇنلارنى چۈشىنىش ئاساسىدا ياد بىلىشنى، ئىپادىسىنى يېزىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. 4) ئوقۇغۇچىنى ئۆگەنگەن يېڭى بىلىمگە ئاساسەن مۇستەھكەملەش مەشقى ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ جاۋابىنى ئومۇملاشتۇرۇش، سوئال سوراش ئارقىلىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى ئەسكەرتىش، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرىقىدەك قوزغىتىشنى دەرسخانىدىكى پائالىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق دەرسخانىدىكى پۈتكۈل ئوقۇتۇش پائالىيەت جەريانى تاماملىنىش كېرەك. 2. دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىش پائالىيىتىدە: دەرسخانا ئىچىدىكى ئوقۇتۇش پائالىيىتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىنى مەسىلە مەزمۇنىنىڭ دائىرىسىگە، ئالاھىدىلىكىگە، تۈرىگە ئاساسەن دەرستىن سىرتقى ئۆگىنىش پائالىيىتى جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ تەپەككۇرىنى قوزغىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. يەنى <بۇ مەسىلىنى يېشىشنىڭ ياكى ئىسپاتلاشنىڭ يەنە قانداق ئۇسۇللىرى بار؟>، <قايسى ئۇسۇل ئەڭ مۇۋاپىق؟ بۇ مەسىلىنى ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ - يوق؟ ئۆزگەرگەندە قايسى ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىمىز؟>، <يېشىش ئۇسۇلىنىڭ قانداق قانۇنىيىتى بار؟>، <مەسىلىنى يېشىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى نەدە؟ قايسى ئاساسىي بىلىمگە چېتىلىدۇ؟<، >مەسىلىنى يېشىش جەريانىنىڭ قايسى جايلىرىدا خاتالىق ئاسان يۈز بېرىدۇ؟> <قايسى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟> قاتارلىق تەپەككۇرىنى قوزغايدىغان بىر قاتار سوئاللار ئۈستىدە چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. يۇقىرىقىدەك يېتەكچىلىك قىلغاندا، ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، مۇستەقىل ئۆگىنىش ئارقىلىق دەرسلىك ماتېرىيالىدىكى ئۇقۇم، قانۇنىيەت ۋە ئۇسۇللارنى بىلىۋالالايدۇ، دەرسلىكنى تەتقىق قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى يۈرەكلىك ئوتتۇرىغار قويۇش ئارقىلىق بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدۇ ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ؛ مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ئىگىلىگەن بىلىمنى مۇستەھكەملەش، مەسىلە تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدۇ قۇمۇل شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن : ئەنۋەر ئوسمان
http://www.bilqut.com/kutupxana/show.php?itemid=1424
历史上的今天:
خەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار 2011-01-24خاسىيەتلىك سان " ئۈچ " 2011-01-24ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە 2011-01-24
收藏到:Del.icio.us