-
8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەرەب مىللىتى پارسلار، تۈركلەر(تۈركىيلەر)، ھىندىلار ۋە گېرىكلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مۇھىم ئەسەرلەر ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئارقىلىق ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاساس سېلىندى. تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسەن پەلسەپە، مەنتىقە ۋە تەبىئىي پەن ساھەسىگە مەركەزلەشتى. بۇ تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسىدا تەتقىقات، تەجرىبە ۋە ئىجادىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرىلىپ، باغدادنى مەركەز قىلغان يېڭى بىر ئىلمىي مۇھىت شەكىللەندى. خەلىپە مەمۇن دەۋرىدە(813- 833) قۇرۇلغان ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە كۇتۇپخانىسى ھېساپلانغان بەيتۇل ھىكمە(<<ئەقىل سارىيى>> دېگەن مەنىدە) تەرجىمە پائالىيىتى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر بازا بولدى. نەتىجىدە ئالەمشۇمۇل خاراكتېرنى ئالغان يېڭى بىر مەدەنىيەت مەيدانغا كەلدى. بۇ مەدەنىيەت ئەرەب تىلى ۋە يېزىقى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغاچقا، تارىختا <<ئەرەب مەدەنىيىتى>> ياكى <<ئەرەب -- ئىسلام مەدەنىيىتى>> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. ئالەمشۇمۇل خاراكتېرنى ئالغان بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئەرەبلەردىن باشقا پارسلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ھەسسىسىمۇ ناھايىتى زور ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن باغدادقا كەلگەن ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن بەيتۈل ھىكمەدە توپلانغان تۈرك ئالىملىرىنىڭ تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرى ئەرەب پەن تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ بىر ھالەت پەيدا قىلدى. بۇ ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرى دۇنيا پەن تارىخىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.