-
ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقتۇرۇش - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2010-09-06
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشى ئۇلارنىڭ ماتېماتىكادەرسىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىغا باغلىق بولىدۇ. كۆزىتىشىمچە، كۆپ ساندىكىئوقۇغۇچى يۇقىرى يىللىققا چىققانسېرى ماتېماتىكا دەرسىدىن سوۋۇپ كېتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن، ماتېماتىكائوقۇتقۇچىسى دەرسنى ئالاھىدە ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىللە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغائەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1.ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتىنىچۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى دەرسنىڭ ئۆزلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىماتېماتىكا دەرسىدىكى ھەر بىر مەزمۇننى سۆزلەشتىن بۇرۇن، چوقۇم شۇ مەزمۇننى ئۆگىنىشمەقسىتىنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ دەرسكە بولغانقىزىقىشىنى قوزغىشى ھەم دەرسنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ھەلقىلالمىغان مەسىلىلەرگە كونكرېت چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكەماھىر بولۇشى كېرەك. ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىئومۇميۈزلۈك يېتەكلەشكە، دەرسخانىدا ئەركىن، ئازادە بولۇشقا، ھەر كىمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈشكە ماھىر بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشقىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماتېماتىكائۆگىنىشكە كىرىشتۈرەلەيدۇ.3.يۇقىرى ئوقۇتۇش سەنئىتى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكادەرسىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىشتىكى يەنە مۇھىم ئامىل ماتېماتىكائوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇتۇش سەنئىتى ۋە سەۋىيىسىدۇر. ئوقۇتقۇچى دەرسنى ئەتراپلىق،مۇكەممەل تەييارلىسا، ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك جەلپ قىلىپ، دېققىتىنىمەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. ماتېماتىكا دەرسى ئوقۇتۇشىدا تىلنىڭ چۈشىنىشلىك، جانلىق،ئېنىق، ئاممىباب، قىزىقارلىق بولۇشى شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزلىشىش ئۈنۈمىگەبىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئوقۇتۇش تىلىغا ئەھمىيەتبېرىپ، دەرس ئارىلىقىدا دەرسمەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان كونكرېت، قىزىقارلىقمىساللارنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكەمايىللاشتۇرۇشى كېرەك.历史上的今天:
تۈز سىزغۇچ، تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ ۋە سىركۇل 2010-09-06چوت (سەنپەن) ۋە چوت سوقۇش 2010-09-06تاناسىپلىق سىركۇل 2010-09-06
收藏到:Del.icio.us
评论
-