چوتنى جۇڭگو خەلقى ئۇزۇن زامانلار ھېسابلاش چوكىسى بىلەن ھېسابلاش ئاساسىدا، تەخمىنەن14 - ئەسىر ئەتراپىدا كەشىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن چوت ھېسابلاش چوكىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كەڭ تارقىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزدە ئەڭ ئومۇملاشقان ھېسابلاش قوراللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چوت بىلەن ھېسابلاش چوت سوقۇش دېيىلىدۇ. جۇڭگودىن باشقا بەزى رايونلاردا چوت بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، كەڭ تارقىلالمىدى. قەدىمكى مىسىرلىقلار سودا - سېتىق قىلغاندا، يەرگە قۇم يېيىتىپ، قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىقچە سىزىپ، ئاندىن ئۇششاق تاشلارنى بۇ ئېرىقچىلارغا تىزىپ، ئېرىقچىلاردىكى تاشلارنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ئارقىلىق قوشۇش، ئېلىشنى ئىشلىگەن. بۇ ئەڭ دەسلەپكى چوت ھېسابلىنىدۇ. كېيىن، ياۋروپالىق سودىگەرلەر ئېرىقچىسى بار تاختاينى قۇم ئورنىغا، مەخسۇس ياسالغان ئۇرۇقلارنى تاش ئورنىغا ئالماشتۇرغان. كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بۇ ھېسابلاش تاختىسى ئېلىمىزدە ئىشلىتىلىدىغان چوتقا ئاز - تولا ئوخشىغان. لېكىن، بۇ ھېسابلاش تاختىسى پولاتتىن ياسالغاچقا، ئېغىر ۋە قىممەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربلىكلەردە قاپىيىلەشكەن ئاغزاكى ھېسابلاش ئۇسۇلى بولمىغاچقا، ئىشلىتىشكە ئەپلىشىپ بەرمەي، بارا - بارا شاللىنىپ كەتكەن. يەنە بەزى رايونلاردا چوت ھەربىر تاياققا10 ئۇرۇق ئۆتكۈزۈپ ياسىلىدۇ. جۇڭگونىڭ چوتلىرىدەك تۆۋەن ئۇرۇقنىڭ بىرى بىر، يۇقىرى ئۇرۇقنىڭ بىرى بەش بولۇشىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا ھېسابلاش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. جۇڭگو چوتلىرىنىڭ ياسىلىشى ئاددىي، باھاسى ئەرزان، ھېسابلاش قۇلاي، ئۆگىنىش ئوڭاي، يەنە ئەستە تۇتۇشقا ئاسان قاپىيىلەشكەن بىيىتى (كۇجۆسى) بولغاچقا، كۈندىن - كۈنگە روناق تاپىدۇكى، زاماندىن قالمايدۇ.15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى «لۇبەن ياغاچچىلىق دەستۇرى» دا چوت ياساش ئۇسۇلى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. چوت سوقۇش تېخنىكىسىنى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋۇجىڭ «توققۇز بابلىق ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ تۈرگە ئايرىلغان سېلىشتۇرما توپلىمى» دا ئەڭ بۇرۇن خاتىرىلىگەن.1573 - يىلى ئېلىمىزدىن شۈي شىنلۇ چوتتا ھېسابلاش ئۇسۇلى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان تۇنجى كىتابنى يازغان،1592 - يىلى چېڭ داۋبېي يەنە «ھېسابلاش ئۇسۇللىرى ئومۇمىي توپلىمى» نى يازغان. بۇلار چوتنىڭ ئومۇملىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقىلىشىنى تېزلەتتى. خەلقئارادا كۆپ قېتىم ھېسابلاش تېزلىكى جەھەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن، قولدا ئايلاندۇرۇلىدىغان ھېسابلاش ماشىنىسى ۋە ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى بىلەن بولغان رىقابەتلەرنىڭ ھەممىسىدە قوشۇش - ئېلىش سۈرئىتى جەھەتتە چوت چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمىدى. شۇڭلاشقا، كومپيۇتېر بارلىققا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەر چوتنى يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتە. مەسىلەن، ياپونىيىدە چوت ئىشلىتىدىغان كارخانىلار يەنىلا زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر چوت سوقۇشنى باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسىگە كىرگۈزگەن. چوت ۋە چوت سوقۇشنىڭ ھېسابلاشتىن سىرت، يەنە تەپەككۇرنى تاۋلاش ئىقتىدارى ۋە رولى بار. ئېلىمىز1980 - يىلى يېڭىچە بىر خىل ئېلېكترونلۇق چوتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇنىڭدا ئادەتتىكى چوتنىڭ قوشۇش - ئېلىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى بىلەن ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچنىڭ باشقا ئەۋزەللىكلىرى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، قەدىمىي چوتقا يېڭىچە ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى.
评论
ئۇلنىش ئالماشتۇرايلى .مىنى قوشىۋېلىڭ
مەنمۇ ئۇنى ئانچە-مۇنچە بىلىمەن بىراق ئۇستا ئەمەس, ئەمدى ئۇ تارىىقا ئايلاندىد ۇنيا بلوگى ئۇلىنىشقا قوشۇلدى ھەمكارلىشايلى