-
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت - [ماتېماتىكا كىتاپخانىسى]
2010-09-20
1980 – يىللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كېچىسى سەمەرقەندتىكى “ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى” تەسۋىرلەنگەن ئالبومىنى قولۇمدا تۇتۇپ، چوڭقۇر خىيالغا چۆكتۈم. تەسەۋۋۇرۇم بوشلۇقىدا ئالتۇن قاناتلىرىنى دالا گۈلخانلىرىنىڭ يالقۇنلۇق ئۆركەشلىرىگە ئۇرۇپ قايتا تۇغۇلغان سۇمۇرۇغىنىڭ جەسۇر ئوبرازى چاقناپ، ئۇنىڭ خۇش بېشارەتلىك كۈلكە ئاۋازى ياڭرىغاندەك بولدى. بەئەينى جالالىدىن رۇمى ئېيتقاندەك: ئەقىل مەنتىقە بىلەن يەكۈنلىيەلمەيدىغان بىر ھەقىقەتنى قەلبىم مۇھەببەت بىلەن ئالدىن ھېس قىلغۇدەك، بىر ئۈمىدۋار، ئىللىق روھىيەت ۋۇجۇدۇمنى شېرىن لەرزىگە سالدى. كۆز ئالدىمدا بىرەر يېڭى بايقالغان يۇلتۇز ئەمەس، بەلكى يېڭى ئىقبال – ئانا يۇرتۇمنىڭ ئەزگۈ گەۋدىسى ئۈستىگە چۈشكەن ئەنقا قۇشىنىڭ شولىسى جىلۋىلەندى، بىردىنلا ئەقلىمگە كەلدىم: “كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ!”
مەن شۇ ماۋزۇدىكى ماقالەمنى يېزىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە “شىنجاڭ مەدەنىيىتى” ژۇرنىلىنىڭ 1992 – يىل 2 – سانىدا ئېلان قىلىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى “كاساندىرانىڭ جۆيلۈشى (كاساندىرا – رىم ئەپسانىلىرىدىكى ئالدىن بىلگۈچى)” ھېسابلانغان بۇ ھۆكۈم، مانا 1992 – يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خەلقئارا يەرمەنكە يىغىنى ئارقىلىق رېئال تارىخنىڭ تۇنجى سەھىپىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى.