-
ھازىرقى لىمىت نەزەرىيسىدىكى ئۈچ چوڭ كەمتۈكلۈك(2) - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2010-09-20
ئۇلارنى ئىسپاتلىنىدىغان ھەقىقىي سانلار توپلىمىغا ۋەكىللىك قىلدۇررالمىغان – بۇنداق ئارقىمۇ ئارقىلىقىنى قوللىنىپ ھەقىقىي ھەقىقىي سانلار توپلىمىنىڭ ھەرقانداق خۇسۇسىيىتىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇ ئۆزىنى ئىنتايىن خاتا ھالدا ھەقىقىي سانلار توپلىمىنىڭ سانىغىلى بولماسلىقىنى ئىسپاتلىدىم، دەپ ئويلىغان .)...؟ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىىنى سوراش بىھاجەت بولۇپ قالغان، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن مەشغۇلات قىلغۇچى بىر مەزگىللىك تېخنىكىلىق تەربىيىلەشتىن كېيىن، تېخنولوگىيىلىك جەريانغا ئەمەل قىلسا، مەشغۇلات تېخنىكىسىغا پىششىقراق بولسىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ، زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن ناھايتى مەمنۇن بولۇشتى، بۇنىڭغا قارىتا باشقىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشمىدى (ئۇلاردا ئۇنداق ئىقتىدارمۇ يوق ئىدى)! بۇ بىزگە زاۋۇتتىكى ‹‹قېلىپ›› بىلەن ‹‹كونا شەكىلدىكى مېخانىكىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيىسى››نى ئەسلىتىدۇ. ھالبۇكى ھازىرقى كلاسسىك لىمىت نەزەريىسىدە يۈز بەرگەن بەزى ئىشلار (ئالايلۇق، گارموتىك قاتار پارادوكسى مۇ كىشىلەرگە سەنئەت ئۇستازى چاپىلىن كىنوسىدا ئورۇندالغان، ئىنتايىن مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ھەزىل كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىتىدۇ (لىمىت نەزەرىيىسى بۇ يەردە ‹‹چەكلىكلىك›› بىلەن ‹‹چەكسىزلىك››نىڭ پەرقىنى راستىنلا بىلمەيدۇ). بۇ خىل ۋەزىيەت ئىلىم – پەن ساھەسىدە ‹‹چەكلىك – چەكسىز›› چۈشەنچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر ۋە پارادوكىسلارنى پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى كىشىلەرنى يەنە نائىلاج بەزى غەيرى ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ. پۈتۈن ئوي – خىياللىرىنى ئىشقا سېلىپ، قاتتىق باش قاتۇرۇپ، ئوخشىمىغان دەۋردە مەلۇم شەكلەن تىل ۋە مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلىك نەزەرىيىلەرنى توقۇپ چىقىپ، كىشىلەرنى ‹‹نۆل – چەكسىز كىچىك (ئىنتايىن كىچىك)››، ‹‹ھەقىقىي چەكسىزلىك – يوشۇرۇن چەكسىزلىك››، ‹‹چەكلىك – چەكسىز››، ‹‹قىسمەنلىك – پۈتۈنلۈك›› لەر ئوتتۇرسىدا ھەم پەرق بارلىقىغا، ھەم پەرق يوقلىقىغا ...ئىشەندۈرۈش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنتايىن ئالاھىدە، ئىنسانىيەتنىڭ نورمال ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى بىلەن ماسلاشمايدىغان، تاماملىغىلى بولمايدىغان، بىمەنە ‹‹لوگىكىلىق ساختىپەزلىك›› ئىشلىرى قەدىمدىن تارتىپلا ئاپئاشكارا ھالدا ‹‹زور ئەجىر ئۇسۇلى – لىمىت نەزەرىيىسى›› نىڭ ئوخشىمىغان دەۋردىكى ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل ئاساسىي نەزەرىيە خىزمىتىنى ياخشىراق ئورۇنلىماقچى بولغاندا توغرا چەكسىزلىك كۆزقارىشى ۋە سانلار سپېكترىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولماي، ھەرىپ ئويۇنىنى ئىشقا سالىدىغان ماھارەتلەر ۋە سېھرىگەرلىك ماھارەتلىرىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، قەدىمدىن تارتىپ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئالىملار مۇشۇنىڭ ئۈچۈن تالاي قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ۋە زېھنىنى سەرىپ قىلىۋەتتى! ئىنسانىيەت ئىلىم – پېنىدە بۈگۈنگە قەدەر تېخىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئۈچ چوڭ پارادوكس ئائىلىسىدە نۇرغۇن ئەزالار ئاشكارىلىغان ھەرخىل مەسىلىلەر ۋە ھادسىلەر دەل مۇشۇ خىل خاتا، بىمەنە، ئاقما لىنىيىلىك، شەكلەن تىلى قېلىپلاشتۇرۇلغان، خاراكتېرسىز – مىقدارسىز ئانالىز قىلىدىغان تەپەككۇر شەكلى ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلىنىڭ تىپىك نامايەندىلىرىدۇر .
4.خۇلاسە
‹‹چەكسىزلىك كۆز قارشى – سانلار سپېكترى – لىمىت ئىدىيىسى ۋە لىمىت نەزەرىيىسى›› بولسا ئوخشاش بىر خىل تەپەككۇر شەكلى ۋە بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئۈچ خىل شەكلى ۋە بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئۈچ خىل ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر، ئۇلار ئۈچ خىل قاتلامدا ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزئارا قوللاپ، بىر – بىرىگە زىچ باغلىنىپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ‹‹چەكلىكلىك – چەكسىزلىك›› چۈشەنچىلىرىنى ۋاستە قىلغان مۇكەممەل بىر ‹‹چەكلىكلىك – چەكسىزلىك پاتىشاھلىقى››نى شەكىللەندۈردى. ھەل بولماي كېلىۋاتقان زېنو پارادوكسى، بېركلېي پارادوكسى ۋە رۇسسېل پارادوكسىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ چوڭ پارادوكس ئائىلىسىنىڭ بارلىققا كېلىپ ھەمدە ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىپ، زورىيىپ ھازىرقى كلاسسىك لىمىت نەزەريىسىدىكى بۇ ئۈچ چوڭ كەمتۈكلۈكنى ئوبيېكتىپ ھالدا ئاشكارلىدى. ئىلىم – پەن تارىخى ۋە ئاساسىي نەزەرىيە ئىلمىدىكى تەتقىقاتلار بىزگە، قەدىمدىن تارتىپ ‹‹شەكلىگە ئېتىبار بېرىپ، ماھىيىتىگە سەل قارايدىغان›› ماتېماتىكا پەلسەپىسى ‹‹ھازىرقى ماتېماتىكا پەلسەپىسىدىكى ئۈچ چوڭ ئېقىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەل قىلىشقا قۇربىتى يەتمىگەن، ئىنسانىيەت ئىلىم – پېنىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، ‹‹چەكلىك – چەكسىز›› چۈشەنچىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي نەزەرىيىدىكى غايەت زور كەمتۈكلۈك (ماھىيەت جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك) چەكسىزلىك كۆز قارشى، سانلىق مىقدار سىستېمىسى، لىمىت نەزەرىيىسى، سانلار نەزەرىيىسى، توپلام نەزەرىيىسى ...دەپ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كەمتۈكلۈكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى ؛ قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانلارنىڭ ‹‹چەكلىكلىك – چەكسىزلىك›، ساھەسىدىكى خاتا تەپەككۇر شەكلى ۋە بىلىش نەزەرىيىسى (ھازىرقى زامان ماتېماتىكا پەلسەپىسىدىكى ئۈچ چوڭ ئېقىم بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز) ھازىرقى كلاسسىك چەكسىزلىك كۆزقارشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھازىرقى كلاسسىك سانلار سپېكترىدە ھالاكەتلىك كەمتۈكلۈكنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھازىرقى كلاسسىك لىمىت نەزەرىيسىدە ئۈچ چوڭ كەمتۈكلۈكنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى بەلگىلىدى، شۇنداقلا بۇ ئۈچ چوڭ كەمتۈكلۈك پەقەت ‹‹يېڭى چەكسزلىك كۆزقارشى – يېڭى سانلار سپېكترى›،نى ئاساس قىلغان يېڭى ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى بولغاندا ئاندىن ھەل بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى ، تەتقىقات خىزمەتلىرىمىزنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ، ماتېماتىكا پەلسەپىسىنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلىنىپ-، ماتېماتىكا ئاساسىي تەتقىقاتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقۇسى! .
پايدىلانمىلار:
欧阳耿。现代数学基础理论中的一个不可解危机 . 喀什师范学院学报, 2005,26 ( 3 ): 84-87 。
欧阳耿。罗素悖论的两个现代翻版—康托在集合论中的两个证明 . 喀什师范学院学报, 2008,29(3):26_30
欧阳耿 . 人类科学中现有经典极限论的终结( I ) . 喀什师范学院学报, 2006,27 ( 6 ): 29 — 34
欧阳耿。数学基础理论中的两个缺陷 . 喀什师范学院学报, 2001,21 ( 1 ): 44 — 48
欧阳耿。数学分析中悬而未决的问题 。井冈山师范学院学报(自然科学报), 1995,16 ( 5 ): 29_34
欧阳耿。芝诺悖论的又一现代翻版—调和级数悖论 . 喀什师范学院学报, 2003,24 ( 6 ): 25 — 28 。
欧阳耿。芝诺悖论与贝克莱悖论新解 宜春学院学报, 2007,29 ( 6 ): 29 — 32
欧阳耿。第二次数学危机在现有的科学理论体系中是不可解的 。喀什师范学院学报, 2006,27 ( 3 ): 27 — 30 。
欧阳耿。人类科学中经典无穷理论体系的终结 喀什师范学院学报, 2005,26 ( 6 ): 20:22 。
欧阳耿。数学中三种新的数量形式 喀什师范学院学报, 2003,24 ( 3 ): 31 — 27
欧阳耿。一条金辫:类比以相等性原理—基础理论学 宜春学院学报 . , 2004,26 ( 4 ): 23 — 25
欧阳耿。新构建的基础理论的意义,方法和任务 宜春学院学报 . , 2007,29 ,( 4 ): 42 — 45 。
-«قەشقەر پېداگوكىگا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (خەنزۇچە) 2009-يىللىق 3-ساندىن ئەھەد ئەھمەد تەرجىمىسى)
-مەنبە: «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى» (ئۇيغۇرچە- تەبىئىي پەن قىسمى) 2009-يىل 6-ساندىن ئېلىندى.
http://www.kayinat.com/yuzhou/tabi/matematika/2010-07-12/120.html
历史上的今天:
ماتېماتىك لىبېك 2010-09-20ئايال=ئاۋارىچىلىق نىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتى 2010-09-20ئالماشتۇرۇش [变换] 2010-09-20ۋېكتورلۇق بوشلۇق 2010-09-20ئارخىمېد (阿基米德) 2010-09-20
收藏到:Del.icio.us
评论
سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن