ماتېماتىكا بلوگى

ماتېماتىكا بىلوگى - ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋىرسال بلوگ
ماتېماتىكا بلوگى قۇرۇلغىلى

Google گوگۇلدىن ئىزدەش مۇشۇ بلوگدىن ئىزدەش  
  • « قۇتادغۇ بىلىك» دىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار ھەققىدە - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2011-10-27

       « قۇتادغۇ بىلىك » داستانى 11- ئەسىر قاراخانىلار خاندانلىغى ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىدىئولوگىيىسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى. ئۇ، 11- ئەسىر ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ قىممەتلىك يادىكارلىغى سۈپىتىدە دۇنيانىڭ مەدىنىيەت غەزىنىسىدە، جۈملىدىن مەملىكىتىمىز مەدىنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ، ئالىملارنىڭ دىققەت – ئېتىۋارىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.  « قۇتادغۇ بىلىك » نىڭ مۇئەللىپى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار خاندانلىغىنىڭ كۈچەيگەن، ماددى ۋە مەنىۋى مەدىنىيەت گۈللىنىشكە باشلىغان دەۋردە ياشىغان بولۇپ، ئۇ، قەدىمقى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئىلىم – پەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرغان كەڭ بىلىمگە ئىگە ئالىمدۇر. ئۇ، ئۆزىنىڭ راتسىيونالىزىملىق كۆز قاراشلىرى بىلەن غايىلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ئىجتىمائىي تەجرىبىلىرىنى ھەمدە ئۆزى بىۋاستە كۈزەتكەن ئىجتىمائى ھادىسىلەر بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى «قۇتادغۇ بىلىك »دە ئومۇملاشتۇرغان. ئۇ، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋە ئۆزى بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان ئىلىم – پەن نامايەندىلىرىنىڭ ئىلغار پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىلىم – پەن ئۆگىنىش ۋە ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەرغىپ قىلغان.


    خەتكۈچ:ئۇيغۇرلار تەرمە تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى20:19:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • خەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-01-24

    قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەردە مۇقەددەس سان قارىشى بار، ئۇيغۇرلار«يەتتە»،«توققۇز»ۋە «قىرىق» دېگەن سانلارنى مۇقەددەس بېلىدۇ، بۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئېڭىدا خاس قاراش، مەنىۋى ئادەتلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئۆرپ-ئادەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى بېيىتقان. مۇقەددەس سان «توققۇز». خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان«يەتتە»،«توققۇز»،«قىرىق»سانلىرى ئۇزاق زامانلار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ ئېڭى ۋە ئەقىدىسىگە ماس ھالدا خاسىيەتلىك تۈس ئالغان.«كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»دا «كۆلتىگىن ئىلگىرى-كېيىن توققۇز قېتىم باشقا-باشقا ئاتقا مىنىپ جەڭگە كىردى»،«كۆلتىگىن توققۇز چىرىكىنى نەيزىلىدى» دېگەندەك بايانلار؛ قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ«كۆك مەشرىپى»دىكى قوشاقلاردا«قازىنى ئوتتۇز،قوينى توققۇز، ھەممىنى تەڭ راسلىدۇق»دېگەن مىسرالار ئۇچرايدۇ. بىزدە يەنە«ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز»دېگەن گەپمۇ بار. بۇلاردىن«توققۇز»نىڭ قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادىتىدە خاسىيەتلىك تۈس ئالغانلىقىنى كۆرۋېلىش مۇمكىن. مۇشۇ خاسىيەتلىك سان ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا كىرگەن قەبىلە ناملىرىمۇ«توققۇز ئۇيغۇر»(ئىچكى توققۇز)ۋە «توققۇز ئوغۇز»(تاشقى توققۇز) دەپ ئاتالغان. مەھمۇد كاشغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «خاننىڭ قولئاسىتىدىكى ۋىلايەتلەر ھەرقانچە كۆپىيىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ، چۇنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن.


    خەتكۈچ:تارىخ ماتېماتىكا تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى18:51:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • خاسىيەتلىك سان " ئۈچ " - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-01-24

    "ئۈچ" مۇ خۇددى "توققۇز' ۋە "يەتتە" گە ئوخشاشلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان قارىشىدىكى خاسىيەتلىك سانلارنىڭ بىرىدۇر . ئۇنىڭ ئۇلۇغلىنىشىمۇ قەدىمكى شامان دىنى ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىمۇ "ئۈچ" نى ئۇلۇغ سان دەپ بىلىدىغان ئادەتلەرساقلىنىپ كەلمەكتە . مەسىلەن ، ئاخۇنۇم توي نىكاھىنى ئوقۇغاندا ، قىز ۋە يىگىتتىن نىكاھنى قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقىنى پەقەت ئۈچ قېتىملا سورايدۇ . ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۈچ قېتىم "تالاق " قىلسا ، نىكاھتىن ئاجراشقانلىق بولىدۇ . كىشى ئۆلگەندە مېيىتنى يۇغاندىن كېيىن ئەر كىشى بولسا كىپەنلىكى ئۈچ قەۋەت ، ئايال كىشى بولسا بەش قەۋەت تىكىلىدۇ . يولدا ۋە باشقا جايلاردا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىغا غايىپتىن نەرسە - كېرەك ئۇچراپ قالسا " بۇ نەرسە كىمنىڭ ؟ " دەپ ئۈچ قېتىم توۋلاش شەرت ، ئىگىسى چىقمىسا ئاندىن ئۇ كىشى ئۇچرىغان نەرسىنى قولىغا ئالسا بولىدۇ . ناماز ئۆتەش ئۈچۈن تاراھەت ئالغاندا ، ئېغىزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقاش ، بۇرنىغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ مەزە قىلىش .... قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇ ئۈچ سانىنى ئۇلۇغلاشنىڭ ئىپادىلىرىدۇر . مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىمىزدىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان قارىشىدىكى "ئۈچ" توغرىلىق بايانلار خېلى كۆپ بولۇپ ، ئۇ بىزنىڭ ئۈچ مۇقەددەسلىكىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . تۆۋەندە مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى "ئۈچ" كە دائىر بايانلارنى كۆرۈپ ئۆتىمىز :


    خەتكۈچ:تەرمە تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى18:44:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • پىفاگور ئېقىمى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-12-30

    پىفاگور ئېقىمى(ئەسلىدە پىساگوروس بولۇشى كېرەك، بۇ يەردە ئادەتلەنگىنى بويىچە پىفاگور دەپ ئېلىندى)  ئۆزىنىڭ ئاساسچىسى پىفاگورنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
        پىفاگور- (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 580 - 500 - يىللىرى)ـ قەدىمقى يۇنانلىق ئەڭ بالدۇرقى ئىدىئالىزىمچى، ئاقسۆڭەك قۇلدارلار پەيلاسوپى. پىفاگور ئېقىمى دىنىي، سىياسى، ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى تۇرمۇشتا بىللە، كىيىم ـ كېچىگى بىردەك بولاتتى، بىر يۈرۈش ئەمرى ـ مەروئۇپكا رىئايە قىلاتتى. ئۇلار ئادەمنىڭ روھى ئۆلمەيدۇ دىگەن نىىگە ئېتىقات قىلىپ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى باشقا ئادەم ياكى ھايۋاناتقا كۆچىدۇ دەپ قارايتتى. ئۇلار ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىغى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان، شۇڭا سودا ـ سانائەت قۇلدارلىرى ۋە ئاددى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىغىغا ئۈچرىغان. كېيىنكى چاغلاردىكى سوقرات ۋە ئەپلاتون قاتارلىق ئىدىئالىزىمچىلار ئۇنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان. پىفاگور ئېقىمى پەلسەپىسىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى «سان» توغرىسىدىكى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقتىن ئىبارەت.
        ئۇلار: بارلىق شەيئىلەرنى سان بىلەن ھىساپلاپ چىققىلى بولىدۇ، ئابىستىراكىت سان كونكىرىت شەيئىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئومۇمىلىققا ئىگە، دەپ قارايدۇ. شۇڭا كائىناتنىڭ ئىپتىدائى سەۋىۋى سۇ، ئوت، گاز قاتارلىقلار بولماستىن، بەلكى سان دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇلار سان بىلەن سان ۋەكىللىك قىلىدىغان شەيئىنى بىر ـ بىرىدىن ئاجرىتىۋېتىپ، ساننى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نەرسە دەپ قاراپ، ھەممە سان 1 دىن باشلىنىدۇ، 1+1=2 ، 1+2=3،........ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 1 «تاق سان» بىلەن 2«جۈپ سان» دىن بارلىق سانلار پەيدا بولىدۇ: نۇقتا ـ 1؛ نۇقتىدىن سىزىق پەيدا بولىدۇ، سىزىق ـ 2؛ سىزىقتىن دائىرە پەيدا بولىدۇ، دائىرە ـ 3؛ دائىرىدىن گەۋدە پەيدا بولىدۇ، گەۋدە ـ 4، دەپ ھىساپلايدۇ. ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: دۇنيادىكى كائىناتنىڭ ھەممىسى تەقلىت ساندىن ئىبارەت بولۇپ، ساننى ئەسلى تىپ قىلىپ ۋۇجۇتقا كەلگەن، سان دۇنيانىڭ «تەرتىۋى»نى بەلگىلەيدىغان ئەسلى تىپ. پىفاگور ئېقىمى سان توغرىسىدىكى مۇشۇنداق سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق ئارقىلىق ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىغىنى دەلىللەپ، سان دۇنيانىڭ «مەڭگۈلۈك تەرتىۋى»نىڭ ئەسلى تىپى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىلا بۇنداق «مەڭگۈلۈك تەرتىپ»كە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئاددى خەلق قوزغىلاڭ كۆتىرىدىغان بولسا، مۇنداق تەرتىپنى بۇزىدۇ دەپ ھىساپلايدۇ.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تارىخ تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:17:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى ماتېماتىكا - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-11-10

    ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى قەدىمكى قۇچۇ خانلىقىنىڭ دۆلەت  قەبرىستانلىقى بولۇپ، قەبرىستانلىقتا نەچچە مىڭ يىللىق جەسەت ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىرى ساقلانغان. بۇ قەدىمكى چوڭ قەبرىستانلىق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-  يىلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 14 قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك قىزىلىپ، 456 قەبرە  رەتلەندى. بۇ قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىرى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ قەبرىستانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ قوچۇ ئېلىنىڭ تارىخىي ئارخىپخانىسى، تۇرپاندىكى يەر ئاستى مۇزېيى›› دەپ ئاتالماقتا.        ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى تۇرپان شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان 10 نەچچە كۋادىرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى قاقاس چۆلنىڭ ئوتتۇرا  قىسمىغا جايلاشقان. نۆۋەتتە، بۇ قەبرىستانلىق گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.ئۇنىڭدىكى تىپىلمىلار ئارىسىدا بىر تام رەسىمى بار بولۇپ ، ئۇنىڭدا تېنى بىرلىشىپ كەتكەن ، تېنى يىلان شەكىلدە بىر جۇپ ئەر-ئايالنىڭ ئوبرازى(قانۇنىيەتلىك شەكىل) سۇرەتلەنگەن. ئايالنىڭ قولىدا " سېركول" ، ئەرنىڭ قولىدا "كۇۋادېرات سىزغۇچ" بولۇپ ، رەسىمنىڭ ئۇستى تەرىپىدە قۇياش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يۇلتۇزلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاندىن ئالەمنىڭ تۆت تەرىپى(چېكى) نى بىلدۇردىغان بىر كۇۋادېرات سىزىلغان.بۇنىڭ مەنىسى "ئالەم قائىدە- تەرتىپلىكتۇر، بۇ تەرتىپنى ياراتقۇچى كۆك تەڭرىدۇر " دېگەنلىك بولىدۇ.سۇرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ "كۆك تەڭرى" ئىتىقاتىغا (ئەلۋەتتە بۇ بۇددىزىم مەدەنىيىتىگە تەۋە)تەئەللۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھەققىدە بۇ يەردە توختالمىغاندىمۇ ،بۇ رەسىمنىڭ ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىدا تۇتقان ئورنى ناھايىتى مۇھىم  :


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا ئۇيغۇرلار تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:43:00 | 阅读全文 | ئىنكاس3 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • يۇسۇپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان ماتېماتىك - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-11-10

    10- ، 11- ئەسىرلەردە بىزنىڭ ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى . شىمالى جۇڭگۇدا كىدان ( قىتان ) لار ھاكىمىيتى ، جەنۇبى جۇڭگۇدا سۇڭ سۇلالىسى ، غەربىي شىمال ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىدا تاڭغۇتلار ھاكىمىيتى ، خېشى كارىدورىدا گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قۇجۇ ( ئېدىقۇت ) ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، كۇچارنىڭ غەربىدىن تارتىپ بۇخاراغىچە ۋە شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن تارتىپ جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان كەڭ زېمىندا قارا خانىيلار ھاكىمىيتى مەۋجۇت ئىدى . دەسلەپ بالاساغۇن شەھرىنى ، ئاندىن قەشقەر ( ئوردا كەنت ) نى پايتەخت قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سۇلالە بولۇپ ، بۇ سۇلالە مىلادى 9 – ئەسىردىن 13- ئەسرنىڭ باشلىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنڭ ئىقتىساد ھەم مەدىنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . قارا خانىيلار سۇلالىسى بولۇپمۇ 11- ئەسىردە زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى . بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ، ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزائىگىلىك ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ، ئولتۇرراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملشىپ كەتتى . قەشقەر ، بارچۇق ( مارالۋېشى ) ، بالاساغۇن ، ئوترار، سەمەر قەنت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرىك ئىقتىسات ، سودا ۋە مەدىنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغاكەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت ئاساسىدا ، ئىسلام مەدىنىيتى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىگى مەدىنىيتىنىڭ مۇنەۋەر ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى . بۇ خىل ئىلىم قوبۇل قىلىشنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە يوللىرى كۆپ تەرەپمىلىك بولغان بولسا ، بۇنىڭغا   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » داستانىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا ماتېماتىكلار ئۇيغۇرلار تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:37:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكىلىق جەدۋەل - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-11-03

    ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ھەمىشە كۋادراتلار جەدۋىلى، لوگارىفما جەدۋىلى، ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە جەدۋىلى … دېگەندەك ماتېماتىكىلىق جەدۋەللەر ئىشلىتىلىدۇ، بۇ جەدۋەللەر بولسا، باشتىن باشلاپ ھېسابلاپ ئولتۇرمايلا، نەتىجىنى جەدۋەلدىن بىۋاسىتە تاپقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېسابلاش كۆپ ئاسانلىشىدۇ. بۇ ماتېماتىكىلىق جەدۋەللەر ئۇزۇن زامانلار جەريانىدا پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللەشكەن. يېۋفرات دەرياسى يېنىدىكى قەدىمىي بابىل ئىبادەتخانىسىنىڭ كۇتۇپخانا خارابىسىدىن نۇرغۇن لاي تاختىلار قېزىۋېلىنغان. ئۈستىگە كۆپەيتىش جەدۋىلى، قوشۇش جەدۋىلى، كۋادراتلار جەدۋىلى، ئەكس سانلار جەدۋىلى ۋە كۋادرات يىلتىزلار جەدۋىلى قاتارلىقلار شىنا يېزىق بىلەن ئويۇلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ قەدىمكى ماتېماتىكىلىق جەدۋەللەر بولۇپ، قەدىمكى بابىللىقلار مۇشۇ قوراللاردىن پايدىلىنىپ ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرغان. جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ماتېماتىكا جەدۋىلى كەررە جەدۋىلىدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەمىنىيە دەۋرىدە ھاكىمبەگ چى خۇەنگۇڭ دانىشمەنلەرنى تەكلىپ قىلىپتۇ، ئەمما ھېچكىم كەلمەپتۇ. بىر كۈنى بىرەيلەن كېلىپتۇ. چى خۇەنگۇڭ: «قانداق كارامىتىڭ بار؟» دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى كىشى «مەن كەررە جەدۋىلىنى بىلىمەن» دەپتۇ. چى خۇەنگۇڭ كۈلۈپ كېتىپ: «كەررەر جەدۋىلىنى بىلىشمۇ كارامەت ھېسابلىنامدىكەن؟» دەپتۇ. ھېلىقى كىشى: «كەررە جەدۋىلىنى بىلىش ھېچقانچە چوڭ كارامەت ئەمەس، لېكىن، جانابلىرى ماڭا ئوبدان مۇئامىلە قىلسىلا، ئاقىل دانىشمەنلەر تەكلىپ قىلمىسىمۇ ئۆزلىرى كەلمەسمۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. چى خۇەنگۇڭ بۇ گەپنى يوللۇق ھېسابلاپ ئۇنىڭغا ئوبدان مۇئامىلە قىلغانىكەن، دېگەندەك كېيىن نۇرغۇن قابىلىيەتلىك كىشىلەر كېلىپتۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان كەررە جەدۋىلى ھازىرقى كۆپەيتىش جەدۋىلىدۇر. بۇ ھېكايە ئېلىمىز خەلقى كەررە جەدۋىلىنى خېلى

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:28:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ستالىن<<قالدۇرغان>> مليون ماتىماتىك - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-11-01

    روسىيەلىك مەشھۇر مۇخبىر گېسېن يىقىندا نەشىر قىلدۇرغان كىتاپتا مۇنداق دېيىلگەن:<<ماتېماتىكلار  سابىق سېۋىت ئىتتپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ مەخىپى قورالى ئىدى،ستالىن بۇ قۇرالنى ئىنتايىن پىنھان تۇتقان،ئەمىليەتتە ئۇلار سابىق سېۋىت ئىتپاقىنىڭ ھەربى ياراقلار تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ،ستالىننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە 1مىليون ماتىماتىك يېتىشىپ چىققان.  
       بۇ كىتاپتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:1941-يىلى گىرمانىيە ناتسىسلېرى سوۋىت ئىتپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا،ئۈچ ھەپتىگە قالمايلا سابىق سۇۋىت ئىتتپاقىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنى ھالاك قىلغان،بۇ چاغدا ستالىن خەلق ئاۋاتسىيە ئايرۇپىلانلىرىنى بومباردىمانچى ئايرۇپىلانغا ئۆزگەرتىپ ھاۋا ئارمىيىسىنى قايتا قۇرماقچى بولغان. ئەمما،خەلق ئاۋاتسىيە ئايرۇپىلانلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا،ھۇقۇم قىلىنان نىشاننى مۆلچەرلەش ۋە كونتورول قىلىش ئۈچۇن يېتەرلىك ۋاقىتقا ئېرىشەلمەيتتى.شۇ چاغدا ساىق سۇۋىت ئىتپاقىنىڭ ماتىماتىكلېرى قىزىل ئارمىيەدىكى بارلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلارنىڭ ھېساپلاش سېستىمىسىنى قايتا لاھېلەپ چىققان ،بۇنىڭ بىلەن ستالىن بارلىق باش ئاغرىغىدىن خالاس بولغان.شۇنىڭدىن كېتىن ستالىن ماتىماتىكلارنىڭ تورمىشىنى زىيادە ياخشىلاپ،ئۇلارنى مەخپى خادىملارنى باشقۇرغاندەك قاتتىق باشقۇرغان،ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان بارلىق <<ئالاقىسى>>نى ئۈزۈپ تاشلىغان ھەمدە ئۇلاردىن تەتقىقاتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىشنى تەلەپ قىلغان،ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنمۇ،ماتىماتىكلار ئوخشاشلا تۇرمۇش،ئاڭ فورماتسىيىسى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە ھېچقانداق ئەندىشە بولمىغان،بۇرۇنقىدەكلا بېرىلىپ تەتقىق قىلغان،سابىق سۇۋىت ئىتتپاقىدىكى40نەچچە شەھەرگە جايلاشقان ھەربى تەتقىقات ئورنىدا 1مىليونچە ماتىماتىك خىزمەت قىلغان.2002-يىلى دۇنيا ماتېماتىكا ساھەسىنى 100يىلدىن بۇيان قىيناپ كەلگەن<<گولدباخ قىياسى>>نى يەشكەنلىگىنى جاكارلىغان پېلىرمۇنمۇ دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.    سوۋىت ئىتتپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن،ھۆكىمەتنىڭ ماتىماتىكلاغا  بېرىدىغان ياردەم سوممىسىمۇ تەلتۆكۈس ئۈزۇپ تاشلانغان،بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ماتىماتىك غەرپ ئەللېرىگە كەتكەن.پېلىرمانمۇ ئىلگىرى ئامىركىغا بارغان ئىدى،ئەمما ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئامىركا ئۇنىۋرىستىتلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نەتىجىنى تەكىتلەيدىغان كەيپىياتىدىن ئۈمۇتسىزلىنىپ ،يەنە روسىيەگە قايتىپ كەلگەن.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ بېرىلىپتەتقىق قىلىپ ئاخىرى<<گولدباخ قىياسى>>نى يەشكەن.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:43:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-10-26

    قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى (+، -، × ) . (، ÷) قاتارلىق ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر ئۇزاق زامانلار تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن،17  - ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان. قوشۇش بەلگىسى باشتا ئىنگلىزچە plus (قوشۇش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى p بىلەن ئىپادىلەنگەن. گېرمانىيىدە ئىنگلىزچە and (ۋە) گە توغرا كېلىدىغان نېمىسچە «et» بىلەن ئىپادىلەنگەن. ياۋروپادا سودىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، «et» دەپ يېزىش بەك ئاستا بولۇپ قالىدىكەن دېگەن ئوي بىلەن، سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىككى ھەرپ قوشۇپ يېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن «et» بارا - بارا «+» غا ئۆزگەرگەن. ئېلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنگلىزچە minus (ئازايتىش) سۆزىنىڭ باش ھەرپى m بىلەن ئىپادىلەنگەن، كېيىن تېز يېزىش ئۈچۈن، ئۇ تەدرىجىي «-» غا ئۆزگەرگەن. «+» بەلگىسى بارلىققا كېلىپ100  يىللاردىن كېيىن ئەنگلىيىلىك ئوترېد ( Oughtred,1631-1574) بىرىنچى بولۇپ «×» نى كۆپەيتىش بەلگىسى ئورنىدا ئىشلەتكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۆپەيتىش بەلگىسى قوشۇش بەلگىسىدىن كېلىپ چىققانىكەن. چۈنكى، كۆپەيتىش ئەمىلى ئوخشاش بىرنەچچە قوشۇلغۇچىنى ئارقىمۇئارقا قوشۇشتىن تەرەققىي قىلغان، مەسىلەن،5 ×13 ئەمىلى13 +13+13+13+13 دېگەنلىكتۇر، يەنى كۆپەيتىش ئەمىلى ئالاھىدە بىر خىل قوشۇش ئەمىلىدۇر، شۇڭا، قوشۇش بەلگىسى «+» سەللا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە بىلىملەر تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:45:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكىدىكى بەلگىلەر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-10-26

    ماتېماتىكا ئۆگىنىش ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى ئۆگىنىشتىن باشلىنىدۇ. بالىلار باغچىسىدا ئۆگىتىلىدىغان  2 4,3,2,1.....  0,9لەر ماتېماتىكىدىكى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان بەلگىلەردۇر. ماتېماتىكا تەتقىقاتىمۇ بەلگىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، كىشىلەر بەزىدە بىرەر يېڭى قانۇنىيەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېڭى بەلگىلەرنى ئىجاد قىلىدۇ. تارىختا0 دىن9  غىچە بولغان ئون ئەرەب رەقىمى ماتېماتىكىغا كىرگەندىن كېيىن، ماتېماتىكىدا بىر قېتىملىق ئىنقىلاب پەيدا بولدى. فرانسىيە ماتېماتىكى ۋېتا تۇنجى بولۇپ بەلگىلەرنى ماتېماتىكىغا ئېلىپ كىرگەن كىشى، ئۇ نامەلۇم سانلارنى سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى بىلەن، مەلۇم سانلارنى ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەلۇم سانلار رەقەم بىلەن ئىپادىلىنەتتى، بۇ ماتېماتىكىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويغانىدى. ۋېتانىڭ ئالگېبراغا دائىر ئەسىرى »يېڭى ئانالىز ئۇسۇلى« سان ئورنىغا بەلگە ئالماشتۇرۇلغان تۇنجى ئەسەردۇر، بىراق، ھازىرقى ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر سىستېمىسى ئاساسەن دېكارت قوللانغان بەلگىلەردۇر. ئۇ26  ئىنگلىزچە ھەرپنىڭ ئاخىرقى ھەرپلىرى x، y، z لار بىلەن نامەلۇم سانلارنى، باش ھەرپلىرى a، b، c لار بىلەن مەلۇم سانلارنى ئىپادىلەشنى تەكلىپ قىلغان. ماتېماتىكا بەلگىلەر ياردىمىدە تېخىمۇ ئىخچام ۋە ئېنىق بولدى، ئىشلىتىشمۇ ئاسانلاشتى، ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى، مەسىلەن، «8=3+5» دېگەن ئەمەل يېزىق بىلەن ئىپادىلەنسە »بەشنى ئۈچكە قوشساق سەككىز بولىدۇ« دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ناۋادا ھەممىلا ماتېماتىكا ئەسەرلىرى مۇشۇنداق بولۇپ كەتسە، تولىمۇ چۇۋالچاق بىر نېمە بولۇپ، ئەستە تۇتۇشمۇ تەسكە توختايتتى، بەلگىلەرنى قوللىنىش يالغۇز ئىشنى ئازايتىش، باياننى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، بەلگىلەر ئۇقۇملارنى بايان قىلىش، ئۇسۇللارنى چۈشەندۈرۈش، تېئورېمىلارنى تۇرغۇزۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان قورالدۇر. بىرقەدەر ياخشى بەلگىلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندىلا، ھەر خىل ئەمەل قائىدىلىرىنى يەكۈنلىگىلى، سانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئېچىپ بەرگىلى، ئەقلىي خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇ. ئەگەر ماتېماتىكا بىر پارچە رەسىم دېيىلسە، بەلگىلەر رەسىمنىڭ سىزىقلىرىدۇر. رەسىم سىزىش سىزىقلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ماتېماتىكا بەلگىلەردىن ئايرىلالمايدۇ.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا بىلىملەر تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:35:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • چوت (سەنپەن) ۋە چوت سوقۇش - [ماتېماتىكىلىق قۇراللار]

    2010-09-06

    。
    چوتنى جۇڭگو خەلقى ئۇزۇن زامانلار ھېسابلاش چوكىسى بىلەن ھېسابلاش ئاساسىدا، تەخمىنەن14  - ئەسىر ئەتراپىدا كەشىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن چوت ھېسابلاش چوكىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كەڭ تارقىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزدە ئەڭ ئومۇملاشقان ھېسابلاش قوراللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چوت بىلەن ھېسابلاش چوت سوقۇش دېيىلىدۇ. جۇڭگودىن باشقا بەزى رايونلاردا چوت بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، كەڭ تارقىلالمىدى. قەدىمكى مىسىرلىقلار سودا - سېتىق قىلغاندا، يەرگە قۇم يېيىتىپ، قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىقچە سىزىپ، ئاندىن ئۇششاق تاشلارنى بۇ ئېرىقچىلارغا تىزىپ، ئېرىقچىلاردىكى تاشلارنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ئارقىلىق قوشۇش، ئېلىشنى ئىشلىگەن. بۇ ئەڭ دەسلەپكى چوت ھېسابلىنىدۇ. كېيىن، ياۋروپالىق سودىگەرلەر ئېرىقچىسى بار تاختاينى قۇم ئورنىغا، مەخسۇس ياسالغان ئۇرۇقلارنى تاش ئورنىغا ئالماشتۇرغان. كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بۇ ھېسابلاش تاختىسى ئېلىمىزدە ئىشلىتىلىدىغان چوتقا ئاز - تولا ئوخشىغان. لېكىن، بۇ ھېسابلاش تاختىسى پولاتتىن ياسالغاچقا، ئېغىر ۋە قىممەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربلىكلەردە قاپىيىلەشكەن ئاغزاكى ھېسابلاش ئۇسۇلى بولمىغاچقا، ئىشلىتىشكە ئەپلىشىپ بەرمەي، بارا - بارا شاللىنىپ كەتكەن. يەنە بەزى رايونلاردا چوت ھەربىر تاياققا10  ئۇرۇق ئۆتكۈزۈپ ياسىلىدۇ.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى13:32:19 | 阅读全文 | ئىنكاس1 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • تاناسىپلىق سىركۇل - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-09-06

    。
    تاناسىپلىق سىركۇل سېكتور شەكىللىك سىركۇل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنى گالىلېي1597  - يىلى ئەتراپىدا كەشىپ قىلغان. بۇ سايمان بىر رامكا ھەم رامكا بىلەن تۇتاشقان ۋە كېرىپ - يىغقىلى بولىدىغان ئىككى پۇتلۇق سىزغۇچتىن تۈزۈلگەن. سىزغۇچنىڭ پۇتلىرىغا شكالا ئويۇلغان (سانلار رامكا ئوقىدىن باشلىنىدۇ ۋە رامكا ئوقى نۆل نۇقتا بولىدۇ). تاناسىپلىق سىركۇلنىڭ پرىنسىپى بەك ئاددىي، پەقەت ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن (ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ ماس كېسىكلىرى تاناسىپ تۈزىدۇ دېگەن خۇسۇسىيىتىدىن) پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: (1) بېرىلگەن كېسىكنى تەڭ بەشكە بۆلگىلى بولىدۇ؛ (2) سىزىلغان خەرىتىنىڭ ماسشتابىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؛ (3) سىزمىچىلىقتا، خەرىتىدە بېرىلگەن a، b، c مىقدارلارنىڭ تۆتىنچى تاناسىپلىق مىقدارىنى تاپقىلى بولىدۇ (يەنى a:b=c:x دىكى x نى تاپقىلى بولىدۇ)؛ (4) بىرەر سان كۋادراتىنىڭ سىزغۇچنىڭ بىر پۇتىغا ئويۇلغان شكالىسىدىن پايدىلىنىپ، ساننىڭ كۋادراتى ۋە كۋادرات يىلتىزىنى تاپقىلى بولىدۇ؛ (5) بىرەر سان كۇبىنىڭ سىزغۇچنىڭ بىر پۇتىغا ئويۇلغان شكالىسىدىن پايدىلىنىپ، ساننىڭ كۇبى ۋە كۇب يىلتىزىنى تاپقىلى بولىدۇ؛ (6) ئالاھىدە ياسالغان تاناسىپلىق سىركۇلدىن پايدىلىنىپ، ھېسابلانغان شكالىغا ئاساسەن، بىرلىك چەمبەرنىڭ مۇئەييەن گرادۇسلۇق يايىنىڭ قارشىسىدىكى خوردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تاپقىلى، ئەكسىچە، خوردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئاساسەن بۇلۇڭنىڭ گرادۇسىنى تاپقىلى، يەنى ئۇنى بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تاناسىپلىق سىركۇل ھەم گېئومېتىرىيىلىك شەكىل سىزىش قورالى، ھەم ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ئۆلچەش ۋە سىزمىچىلىقتا پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئۇ17  - ئەسىردە ياۋروپادا تولىمۇ كەڭ
    تارقالغان ۋە200  يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن. بۇ قورال دۇنياغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگوغا كىرگەن.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى12:30:09 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئونلۇق كەسىرنىڭ كەچۈرمىشى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-26

    ئونلۇق كەسىر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، سانلارنى خاتىرىلەش تېخىمۇ ئاسانلاشتى. مەسىلەن، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ تەقرىبىي قىممىتى1416 .3 نى ئاددىي كەسىر ئارقىلىق ئىپادىلىسەك،  قىلىپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ تولىمۇ ئەپسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ خانىلىق ئونلۇق كەسىر ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەمەللەر بار. ئامېرىكىلىق بىر مەشھۇر ماتېماتىكا تارىخى ئالىمى: »يېقىنقى زاماندىكى ھېسابلاشنىڭ مۆجىزە خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈچ تۈرلۈك ئىجادىيەت: ھىندىستاننىڭ سان خاتىرىلەش ئۇسۇلى، ئونلۇق سىستېمىدىكى كەسىر سانلار ۋە لوگارىفمىدىن كەلگەن« دېگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئونلۇق سىستېمىدىكى كەسىر سانلار دەل ئونلۇق كەسىرنى كۆرسىتىدۇ. غەربلىكلەر ئادەتتە ئونلۇق كەسىرنى بېلگىيىلىك ماتېماتىك ستېۋېن ئىجاد قىلغان دەپ قارايدۇ، لېكىن ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن كىشى گېرمانىيىلىك ماتېماتىك كلاۋىستۇر، ئۇ1593  - يىلى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئىشلەتكەن. ئەمما،19  - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە ئونلۇق كەسىرگە دائىر بەلگىلەر يەنىلا ئىنتايىن قالايمىقانىدى. ھازىرمۇ ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئېقىمى ۋە ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئېقىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل خاتىرىلەش ئۇسۇلى بار، ئالدىنقىسى پەش «,» نى، كېيىنكىسى چېكىت «.»نى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ستېۋېن ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئىجاد قىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا، جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئونلۇق كەسىر ئىشلىتىلگەن. مىلادىيە3  - ئەسىردە، ئېلىمىزنىڭ ۋېي - جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ليۇ خۇي يازغان «توققۇز بابلىق ھېساب» نىڭ ئۈچ يېرىدە ئونلۇق كەسىر سان ئىدىيىسى

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى21:41:24 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • چەكسىز چوڭ ۋە چەكسىز كىچىك - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-25

    كىشىلەر ئادەتتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان سانلار مەيلى ھەقىقىي سان ياكى كومپلېكس سان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئېنىق مىقدار قىممىتى بولىدۇ، باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ چېكى بولىدۇ. بۇ بىز ئادەتتە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان شەيئىلەرنىڭ چېكى بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى مۇشۇ سانلار ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىنسانلار ئۇزاق مۇددەتلىك بىلىش پائالىيىتى جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا ئىككى يېڭى چۈشەنچە ھاسىل قىلدى. ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر پۈتكۈل كائىنات يەر شارىدىن ئىبارەت دەپ چۈشەندى، دېڭىز قاتنىشى ئىلمى (ناۋىگاتسىيە) يەر شارى رادىئۇسىنىڭ6370  كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىقتى. ئەينى چاغدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ ناھايىتى چوڭ سان ئىدى.16  - ئەسىردە، كوپېرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» ئالەمنى قۇياش مەركەز قىلىنغان قۇياش سىستېمىسىغىچە كېڭەيتتى، قۇياش سىستېمىسىنىڭ رادىئۇسى6  مىليارد كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى رادىئۇسىنىڭ تەخمىنەن940  مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەر شارىنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەر شارى پەقەت دېڭىز سۈيىنىڭ بىر تامچىسى، خالاس.18  - ئەسىردە كىشىلەرنىڭ نەزىرى سامانيولى سىستېمىسىغىچە كېڭەيدى، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ دىئامېتىرى(10نىڭ 17 دەرىجىسى ×3312.9 ) كىلومېتىر بولۇپ، كىشىلەر بۇ ساننىڭ چوڭلۇقىدىن تېخىمۇ ھەيران قالدى. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كىشىلەر رادىئو تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ، ئالەمنىڭ دائىرىسىنى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى، سۇپېرگالاكتىكا (ئادەتتىن تاشقىرى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توپى)دىن ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسى (مېتاگالاكنىكا)غىچە كېڭەيتتى. بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ رادىئۇسى نەچچە مىليون يورۇقلۇق يىلى (يورۇقلۇق يىلى يورۇقلۇقنىڭ بىر يىلدا باسىدىغان مۇساپىسى بولۇپ، بىر يورۇقلۇق يىلى تەخمىنەن1012 ×46.9  «بۇ يەردە 12 بولسا 10 نىڭ دەرىجىسى بولۇپ كەلگەن» كىلومېتىر كېلىدۇ)دىنمۇ يۇقىرى. ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا تېخىمۇ زور ئالەم بولۇپ، ئۇنىڭ چېكى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن چەكسىز چوڭ ئۇقۇمى بارلىققا كېلىپ، ئۇ ماتېماتىكىدا ∞ بەلگىسى بىلەن ئىپادىلەندى. ئۇنىڭ مەنىسى ھەرقانداق ھەقىقىي ساندىن چوڭ بولغان سان دېگەنلىكتۇر، بۇ پەرەز قىلىنغان سان بولۇپ، بىر ئېنىق سان ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ مىكرو دۇنيانى بىلىشى مولېكۇلىنى بىلىشتىن ئاتومنى بىلىشكە، ئاتومنى بىلىشتىن ئاتوم يادروسىنى بىلىشكە ئۆتتى. ئاتوم يادروسىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن13 -10  سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئاتوم يادروسى يەنە پروتون، نېيترونلارغا پارچىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ دىئامېتىرى تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ. بۇ خىل پارچىلىنىش جەريانىنى چەكسىز داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. نەتىجىدە، چەكسىز كىچىك ئۇقۇمى كېلىپ چىقىدۇ. چەكسىز چوڭ ۋە چەكسىز كىچىكنىڭ مەنىسى سانلارنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئېنىق مىقداردىن ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا ئۆتۈش جەريانىدا پەيدا بولغان سان، ئۇ دىففېرېنسىئال - ئىنتېگرالنىڭ ئاساسىدۇر.

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:07:51 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • گوگۇ سانى ۋە فېرمات چوڭ تېئورېمىسى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2010-08-24

    费尔马(Pierrede Fermat)تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىك تەرەپلىرى ئايرىم - ئايرىم a ۋە b، يانتۇ تەرىپى  بولسا، ئۇ ھالدا a^2+b^2=c^2بولىدۇ. مانا بۇ مەشھۇر گوگۇ تېئورېمىسى (پىفاگور تېئورېمىسى)دۇر. ئەگەر a، b، c لار مۇسبەت پۈتۈن سان بولسا، ئۇلار بىر گۇرۇپپا گوگۇ سانى دېيىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، گوگۇ سانى ئېنىقسىز تەڭلىمە (1) x^2+y^2=z^2 نىڭ مۇسبەت پۈتۈن سانلىق يېشىمىدىن ئىبارەت. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى1900 − مىلادىيىدىن بۇرۇنقى1600 - يىللىرىدىكى بىر پارچە بابىلۇن لاي تاختىسىغا15 گۇرۇپپپا گوگۇ سانى خاتىرىلەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە (119،120 ،169 )، (3367،3456 ،4825 )، (12709،13500 ،18541 ) گە ئوخشاش سانلىق قىممىتى چوڭ بەزى گوگۇ سانلىرىنىڭ بولۇشى ئەينى چاغلاردا گوگۇ سانىنى تاپىدىغان مەلۇم بىر خىل فورمۇلىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئەگەر (1)دە نامەلۇم ساننىڭ دەرىجىسى2 دىن چوڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭ مۇسبەت پۈتۈن سانلىق يېشىمى بولۇرمۇ؟ دەپ قىياس قىلىشتى. تەخمىنەن1637 - يىلى فېرمات بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، بىر كۇب ساننى ئىككى كۇب ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىر تۆتىنچى دەرىجىلىك ساننىمۇ ئىككى تۆتىنچى دەرىجىلىك ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئومۇمەن، كۆرسەتكۈچى2 دىن چوڭ بولغان ھەرقانداق دەرىجىنى ئوخشاش ئىككى دەرىجىنىڭ يىغىندىسى شەكلىدە ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. يەنى:2 >n بولغاندا، ئېنىقسىز تەڭلىمە 。。。。。。。。(2) x^n + y^n = z^nبۇ يەردىكى (n كۇۋادراتى بولۇپ كەلگەن ) نىڭ مۇسبەت پۈتۈن سانلىق يېشىمى بولمايدۇ. بۇ كىشىلەر ئادەتتە دەپ يۈرىدىغان فېرمات چوڭ تېئورېمىسى، يەنى فېرماتنىڭ ئاخىرقى تېئورېمىسىدۇر. كېيىن ئۇزۇنغىچە فېرماتنىڭ ئىسپاتى بايقالمىدى.300 نەچچە يىللار ئۆتۈپ، ئەيلېر، گائۇس، ئابېل،

    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكا تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى23:03:03 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
共1页 1
ئابونت نامى:  
مەخپى نومۇر:  
بلوگ ئىلتىماس قىلىش | ياردەم

بلوگتىكى سەھىپىلەر

  • ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى[7]
  • مائارىپىمىزغا نەزەر[5]
  • ماتېماتىكا مائارىپى[11]
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى[18]
  • ماتېماتىكىلىق لۇغەت[20]
  • ماتېماتىكىلىق فىلىملەر[5]
  • ماتېماتىكا رېستۇرانى[66]
  • يېڭى ئارىلىق پەنلەر[8]
  • ماتېماتىكا ئالىملىرى[35]
  • ماتېماتىكا تارىخى[45]
  • قىزىقارلىق ماتېماتىكا[43]
  • ماتېماتىكىلىق قۇراللار[3]
  • ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار[9]
  • ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار[16]
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر[9]
  • تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى[5]
  • ماتېماتىكا كىتاپخانىسى[1]

باشقۇرۇش سۇپىسى

  • 进入后台 写新日志
  • 文章管理 评论管理
  • 更换模板 访问统计

يېڭى ئىنكاسلار

  • ئەلشەرەپ:http://uyghur.xjass.com/uygh...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • phonix820:ياخشىمۇسىز ماڭا بىرنامەلۇملۇ...
  • phonix820:ماقالىرىڭىز كۈندىن كۈنگە سەر...
  • چەۋەنداز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشى...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربا...
  • چەۋەنداز:پەخىرلىنىدىغان دىيارىمىز بىز...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ؟ .سىزنى...
  • ماتېماتىك:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستۇم، ...

يېڭى تېمىلار

  • تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئاساسى
  • ئۇيغۇر ماتېماتىكا مائارىپچىسى جىيەن كۇيۋۇ 维吾尔族数学教育家翦奎午
  • ماتېماتىك فاڭ جۇڭتوڭ
  • ئەمەل تەرتىپى
  • ئالى مەكتەپ ماتېماتىكا تەكرارىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟
  • « قۇتادغۇ بىلىك» دىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار ھەققىدە
  • ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولالايسىز
  • ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى ــ خۇا لوگېڭ
  • ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو ماھىرلىرى
  • ماتېماتىكا دەرسىدىكى قىزىقچىلىق
全部日志>>

ئۇيغۇرچە كالېندار

خەتكۇچتىن ئىزدەش

  • تەرمە[233]
  • ماتېماتىكا[170]
  • ماتېماتىكلار[39]
  • تەرجىمە[38]
  • ئوقۇتۇش[28]
  • ئۇيغۇرلار[28]
  • لوغەت[28]
  • بىلىملەر[27]
  • تەرجىمھال[21]
  • رەسىم[18]
  • تېپىشماقلار[16]
  • تارىخ[15]
  • سۇرەت[13]
  • ئىجادىيەت[12]
  • پەنلەر[12]
تېخىمۇ كۆپ...

ساقلىغۇچتىكى ئەسەرلەر

  • 2011 [49]
  • 2010 [175]
  • 2009 [87]

تۇغلۇق ئۇلىنىشلار

  • ulnix
  • ئوۋچى بلوگى
  • يۇكسەل بلوگى
  • dunya kara
  • چەۋەندازلار بلوگى
  • تارىم بلوگى
  • كۆزنەك بلوگى
  • رىشتىمىز بلوگلار ئۇلىنىشى
  • ئۇيغۇر ئۆرلە بلوگى
  • ulanmilar
  • تېپىشماقلار دۇنياسى
  • ئۇلىنىش مۇنبىرى
  • ماتېماتىكا بىلوگى
  • bolgzar
  • چىن دوست بلوگى
  • قوشۇق بلوگى
  • بىلقۇت مۇنبىرى
  • سەلتەنەت
  • ئەلشەرەپ تور خاتىرىسى
  • ئالەم(ئاستېرنومىيە) تورى
  • كۆكتۇغ تور مەھەللىسى
  • شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
  • دولقۇن731مەھەللىسى
  • نۇرقۇت تور خاتىرىسى
  • ئۆگىنىش بلوگى
  • سەھرا بلوگى
  • شەپقەت بلوگى
  • ئۇيغۇر بلوگېرلار مەھەللىسى
  • كۆزنەك بلوگېرلار مەھەللىسى
  • جەمگاھ ئۇلىنىشلىرى
  • ئۇلانمىلار تور تۇراسى
  • دۆلەتباغ بلوگى
  • تەكلىماكان بلوگى
  • ئىمكان بلوگى
  • شادلىق بلوگى
  • ئەلشات بلوگى
  • دۇنيا بلوگى
  • ئىزدەن تەبىئەت بلوگى
  • ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
  • ئەدەبىيات دۇنياسى
  • رەسىم تەھرىرلىگۇچ
  • يۇكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى
  • مەپتۇن بلوگى
  • كۈركۈم گۈلى
  • يۇمتاللار
' target='_blank'>تەرجىمەكەش
  • تەڭرى تاغ تورى
  • ساياھەتنامە
  • جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
  • تور ئىملاچىسى
  • ئىرپان تور لۇغىتى
  • سىستېمىلار
  • ئىجتىمائى پەنلەر
  • شىنجاڭ ئاياللىرى
  • 1رەسىم يوللاش كودى
  • رەسىم يوللاش كودى2
  • يېزىش قىلىپلىرى
  • رەسىم ساقلىغۇچ
  • پەننى ئوموملاشتۇرۇش تورى
  • ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى
  • كىتابخانا بلوگى
  • پەن ئالىملىرى سۇرەتلىرى
  • ماتېماتىكىلىق فورمىلا كىرگۇزۇش قۇرالى
  • ماتېماتىكا مۇنبىرى
  • قۇرئان ئاڭلاش
    Logo ياساش
    MATH
    ئىملا تەكشۈرگۈچ
    ئېنگلىزچە ھۆسىن خەت
    تىل تەرجىمانى
    شىنجاڭ خەرىتىسى
    كود رەڭلەش
    سانلارنى كۇۋادېراتلاش
    رەڭ كودى
    يېزىق ئايلاندۇرغۇچ
    يۇلغۇن تور لوغىتى
    گوگۇل تەرجىمان
    ھەقسىز بوشلۇق
    ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت
    ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت
    ھەقسىزلەر رايۇنى
    چۈشۈرمىلەر
    خەنزۇچە ماقالىلەر
    كود جەمگاھى
    تىما يىزىش كۆزنىكى
    توربەت ئۇنۇم كودلىرى
    ئىچىلمايدىغان توربەتنى ئىچىش
    خەنزۇچە خەتكە پىنيېن بىرىش
    ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە تور لۇغىتى
    ئىلتىماس قىلىشQQ

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم

    ماتېماتىكا

    Google

    تېپشماقلار دۇنياسى

    • قىزىقارلىق تىپىشماقلار
    • مەندە بىر تېپىشماق بار
    • 0 بۇ تېپىشماقنى تاپالايدىغانلار بارمۇ؟

    چەۋەندازلار بلوگى

    • گۈدۈك مىكرو بىلوگى ۋە ئۇنى بىلوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈش Güdük Mikro Bilogi we Uni Bilog bilen Birleshturush
    • چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11 Qawandazlar" Uqturushi-11"
    • ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى (داۋامى2)

    كۆزنەك

    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • ئۇلىنىشلار بۇ يەردە

    ئىلىم - پەن بىلوگى

    • سانلارنىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە چۈشۈپ كېتىشى
    • «100مەسىلە» نىڭ تۆتىنچىسى
    • «100مەسىلە» نىڭ ئۈچۈنچىسى

    Dunyakara

    • جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن كەسپچانلىق روھىغا نەزەر.........
    • Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ
    • قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسلۇپ

    更多博链

    • زىيارەت سانى:
    • RSS 什么是RSS?
      用IM提醒我内容更新
      订阅到QQ邮箱
      订阅到鲜果阅读器
      订阅到Google阅读器
      订阅到抓虾阅读器
    • 《城客》第四期:创意之城
      博客大巴
      博客大巴使用指南
      博客大巴模板中心
      免费注册博客大巴
      一键博客搬家工具
      中文互动杂志城客

    ئۇسلۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:تارىم بلوگى | بلوگ يازغۇچىسى: ماتېماتىكا