-
ستالىن<<قالدۇرغان>> مليون ماتىماتىك - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-11-01
روسىيەلىك مەشھۇر مۇخبىر گېسېن يىقىندا نەشىر قىلدۇرغان كىتاپتا مۇنداق دېيىلگەن:<<ماتېماتىكلار سابىق سېۋىت ئىتتپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ مەخىپى قورالى ئىدى،ستالىن بۇ قۇرالنى ئىنتايىن پىنھان تۇتقان،ئەمىليەتتە ئۇلار سابىق سېۋىت ئىتپاقىنىڭ ھەربى ياراقلار تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ،ستالىننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە 1مىليون ماتىماتىك يېتىشىپ چىققان.
بۇ كىتاپتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:1941-يىلى گىرمانىيە ناتسىسلېرى سوۋىت ئىتپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا،ئۈچ ھەپتىگە قالمايلا سابىق سۇۋىت ئىتتپاقىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنى ھالاك قىلغان،بۇ چاغدا ستالىن خەلق ئاۋاتسىيە ئايرۇپىلانلىرىنى بومباردىمانچى ئايرۇپىلانغا ئۆزگەرتىپ ھاۋا ئارمىيىسىنى قايتا قۇرماقچى بولغان. ئەمما،خەلق ئاۋاتسىيە ئايرۇپىلانلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا،ھۇقۇم قىلىنان نىشاننى مۆلچەرلەش ۋە كونتورول قىلىش ئۈچۇن يېتەرلىك ۋاقىتقا ئېرىشەلمەيتتى.شۇ چاغدا ساىق سۇۋىت ئىتپاقىنىڭ ماتىماتىكلېرى قىزىل ئارمىيەدىكى بارلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلارنىڭ ھېساپلاش سېستىمىسىنى قايتا لاھېلەپ چىققان ،بۇنىڭ بىلەن ستالىن بارلىق باش ئاغرىغىدىن خالاس بولغان.شۇنىڭدىن كېتىن ستالىن ماتىماتىكلارنىڭ تورمىشىنى زىيادە ياخشىلاپ،ئۇلارنى مەخپى خادىملارنى باشقۇرغاندەك قاتتىق باشقۇرغان،ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان بارلىق <<ئالاقىسى>>نى ئۈزۈپ تاشلىغان ھەمدە ئۇلاردىن تەتقىقاتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىشنى تەلەپ قىلغان،ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنمۇ،ماتىماتىكلار ئوخشاشلا تۇرمۇش،ئاڭ فورماتسىيىسى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە ھېچقانداق ئەندىشە بولمىغان،بۇرۇنقىدەكلا بېرىلىپ تەتقىق قىلغان،سابىق سۇۋىت ئىتتپاقىدىكى40نەچچە شەھەرگە جايلاشقان ھەربى تەتقىقات ئورنىدا 1مىليونچە ماتىماتىك خىزمەت قىلغان.2002-يىلى دۇنيا ماتېماتىكا ساھەسىنى 100يىلدىن بۇيان قىيناپ كەلگەن<<گولدباخ قىياسى>>نى يەشكەنلىگىنى جاكارلىغان پېلىرمۇنمۇ دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. سوۋىت ئىتتپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن،ھۆكىمەتنىڭ ماتىماتىكلاغا بېرىدىغان ياردەم سوممىسىمۇ تەلتۆكۈس ئۈزۇپ تاشلانغان،بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ماتىماتىك غەرپ ئەللېرىگە كەتكەن.پېلىرمانمۇ ئىلگىرى ئامىركىغا بارغان ئىدى،ئەمما ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئامىركا ئۇنىۋرىستىتلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نەتىجىنى تەكىتلەيدىغان كەيپىياتىدىن ئۈمۇتسىزلىنىپ ،يەنە روسىيەگە قايتىپ كەلگەن.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ بېرىلىپتەتقىق قىلىپ ئاخىرى<<گولدباخ قىياسى>>نى يەشكەن.
مەنبە:يەر شارى ۋاقىت گېزىتى
يوللۇغۇچى: پىچانگۇل2010-يىل11-ئاينىڭ1-كۈنى.
http://bbs.misranim.com/read.php?tid-20563._html
历史上的今天:
ماتېماتىك تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 2010-11-01ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﺳﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻣﯘ؟ 2010-11-01ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ماتىماتىكا ئالىمى 2010-11-01ماتىماتىك بېنوئىت ماندېلبروت ئالەمدىن ئۆتتى 2010-11-01
收藏到:Del.icio.us