-
ماتېماتىك تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-11-01
تەبىئىي پەنلەر دوكتورى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1961- يىلى 10- ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى ھەم شۇ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم مىللي يېزىقتىكى ماتېماتىكا ماتېرىياللىرىنىڭ ئىنتايىن كەملىكىنى ھېس قىلىپ ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى«ئۆلچەم نەزەرىيىسىدىن مۇقەددىمە»، «ھەقىقىي ئۆزگەرگۈچىنىڭ فۇنكىسىيىلىك نەزەرىيىسى ۋە فۇنكسىئونال ئانالىز يېتەكچىسى» ، «ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا تەھلىلى» ، «ئالىي ماتېماتىكىدىن مۇلاھىزە سوئاللىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردا نەشىر قىلدۇردى. ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن «دىسكرېت ماتېماتىكا»، «IBM-PC ئاسسېمبل تىلىدا پروگرامما لايىھىلەش»، « C تىلدا پروگرامما لايىھىلەش» قاتارلىق كىتابلارنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا «باغلىق بولمىغان توپولوگىيىلىك بوشلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە»، «ۋېۋېللىت ۋە سىگنال» قاتارلىق 23 پارچە ماقالىسى مەملىكەت ئىچى ۋە رايونىمىزدىكى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.
ئۇ يەنە دۆلەت تەبئىي پەن فوندى ياردىمىدىكى تەتقىقات تۈرى «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزلۈكسىز تاۋۇش پەرق ئېتىش سىستېما تەتقىقاتى» ۋە «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرى رەسىم ئۆرنەكلىرى كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇچۇر ئامبىرى سىستېما تەتقىقاتى» غا ئاساسلىق تەتقىقاتچى بولۇپ قاتناشتى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بەن فوندى ياردىمىدىكى تەتقىقات تۈرى «كۆپ ۋاستىچىدە ئۇچۇر قىسىش ئۇسۇلى ۋە قىسقۇچى تەتقىقاتى» قاتارلىق ئىككى تەتقىقات تۈرىگە ئاساسلىق تەتقىقاتچى بولۇپ قاتنىشىۋاتىدۇ.
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم 1999-يىلى10-ئايدا ياپونىيىنىڭ كيوشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا دۇنياغا كەلگەن يېڭى پەن «ۋېۋېللىت ئانالىزى» ھەققىدە بەزىبىر بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ يېتەكچى پروفىسسورلار تەكلىپى بويىچە ياپۇنيەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان. تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ «ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېۋېللىت نەزەرىيە سىستېمىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يېڭى نەتىجە «شاۋقۇن تازلاش ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېۋېلىتلىرى» دېگەن تېمىدا 2003-يىلى 9-ئايدا ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئېچىلغان «سىگنال بىر تەرەپ قىلىش يىللىق يىغىنى» دا ئوقۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا «ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش» ، «سىگنال ۋە سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش» ساھەلىرىدە 14 پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىلەرنىڭ تۆت پارچىسى ئىسپانىيە، ئاۋسترالىيە ، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئوقۇلغان ھەم يىغىن توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. يەتتە پارچىسى خەلقئارالىق ئىلمى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۈچ پارچىسى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ 14 پارچە ماقالە خەلقئارا پەن نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشتا 19 قېتىم ئىشلىتىلگەن.
2005-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى ئۇ بەش يىل جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان «ئۆرلىتىلمە دىئادىك ۋېۋېللىت نەزەرىيىسى ۋە سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش دولقۇن سۈزگۈچلەرنى لايىھىلەش تەتقىقاتى» ناملىق دىسسېرتاتسىيە ماقالىسىنى ئۇقۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىپ، تولۇق ئاۋاز بىلەن تەبىئي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
ئۇ ياپونىيە كيوشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزىگە يېتەكچىلىك قىلغان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياپونىيىدە قېلىپ، داۋاملىق ئىشلەش تەكلىپنى ئەدەپ بىلەن رەت قىلىپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماگىستىر ئاسپىرانتلار ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى دەرسلەرنى تەسىس قىلدى ھەمدە مەكتەپ تەبىئىي پەن فوندىنىڭ « تېز سۈرئەتلىك پارامېتىرلىق ۋېۋېللىت ئالگارىزىم بىلەن كومپيوتېرلىق سۈرئەت بىر تەرەپ قىلىش يېڭى تېخنىكىسى» ناملىق تەتقىقات تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ ئاساسىدا دۆلەت تەبىئىي پەن فوندىنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىش تەييارلىقىنى ئىشلەۋاتىدۇ.
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىمغا 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «80-يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» دېگەن نام بېرىلدى. ئۇ 1997-يىلى يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالاندى. 1996-يىلى رامكا بۇزۇپ ئۆرلەپ دوتسېنت بولدى، 2006-يىلى پروفېسسور بولدى. 2005-يىلى تەبىئي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
مەنبە : شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تەبىئي بەن تۆھپىكارلىرى (مىجىت ناسىرى)
历史上的今天:
ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﻓﻮﺭﻣﯘﻻﺳﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻣﯘ؟ 2010-11-01ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ماتىماتىكا ئالىمى 2010-11-01ماتىماتىك بېنوئىت ماندېلبروت ئالەمدىن ئۆتتى 2010-11-01ستالىن<<قالدۇرغان>> مليون ماتىماتىك 2010-11-01
收藏到:Del.icio.us