-
ماتېماتىكا دەرسىدىكى قىزىقچىلىق - [ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار]
2011-09-19
بەش ياشلىق ماتېماتىك
مومىسى بەش ياشلىق نەۋرىسىدىن سوراپتۇ : بىرگە ئىككىنى قوشسا قانچە بولىدۇ ؟ نەۋرىسى : ئۈچ بولىدۇ .مومىسى : توغرا ، ئالە ما ئۈچ تال كەمپۈتنى.
نەۋرىسى : بالدۇرراق بىلگەن بولسام ، بىرگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ دەپ جاۋاپ بېرەركەنمەن.
ئىلىم-پەنگە قىل سىغمايدۇ
ئوقۇتقۇچى : ماتېماتىكا ئىلىم-پەنگە تەۋە ، ئىلىم-پەن دېگەنگە قىلمۇ سىغمايدۇ ؛مەسىلەن ، بىر ئادەم بىر ئۆينى قوپۇرۇشقا 10كۈن ۋاقىت سەرپ قىلسا ، ئون ئادەم
بىرلىشىپ قوپارغاندا بىر كۈندىلا قىلىپ بولغىلى بولىدۇ .
ئوقۇغۇچى : مۇشۇنداق ھېساپلاپ كەلسەك ، بىر كېمە بىلەن تىچ ئوكياننى توغرىسىغا
كېسىپ ئۆتۈشكە ئون كۈن ۋاقىت كەتسە ، ئون كېمە تەڭلا قوزغالسا تېچ ئوكياننى
كېىسپ ئۆتۈشكە بىر كۈنلا ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ دېگەن گەپ ، مۇئەللىمۇ دېدىغۇ ،
ئىلىم-پەنگە قىل سىغمايدۇ ئەمەسمۇ !
نەتىجە
ئوقۇتقۇچى : بۈگۈن ئېلىش ئەمىلىنى ئۆگىنىمىز . مەسىلەن دەيلى ، ئاكاڭدا
بەش ئالما بار ، سەن ئۈچ ئالمىنى ئېلۋالدىڭ ، شۇنداق بولغاندا ئاكاڭدا قانچىسى قالىدۇ؟
ئەخمەت : ئۇنداق بولغاندا ، ئاكام مېنى بىر پەدە ساۋايدۇ .
ماۋزۇسىز
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇچىلىرىغا تۆۋەندىكى سوئالنى تاشلىدى :
- ، دەرەختە بەش قۇشقاچ بار ، ئوۋچى بىرسىنى ئېتىۋەتسە ، يەنە قانچىسى قالىدۇ ؟
بىر ئەقىللىق ئوغۇل بالا قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بەردى : دەرەختە بىرمۇ قۇشقاچ قالمايدۇ ،
ئوۋچى بىرسىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن قالغىنىنىمۇ ئۈركۈتىۋېتىدۇ .
ياش ئايال خانىم ئۇ ئوقۇغۇچىغا مەنسىتمىگەندەك قارىغىنىچە :
بەك قىزىق گەپ قىلۋەتكەن ئوخشىمامسەن ، ھۇ ساقال تاغىقى ، بۇنىڭ جاۋابى ئەمىليەتتە
بەك ئاددى ، بەشتىن بىرنى ئېلۋەتسەك يەنە تۆتى قالىدۇ ، ئولتۇر قاپاقباش !
بۇ چاغدا ئۇ بالا ئوقۇتقۇچىسىدىن ياندۇرۇپلا سورىدى : سىزنى بىر مەسىلە سورىسام بولامدۇ ؟
ئوقۇتقۇچى پەرۋاسىزلا : بولىدۇ ، قېنى سورا؟
ئوغۇل بالا سوئالىنى باشلىدى : ئۈچ ئايال دۇكاندا ماروژنى يەۋاتىدۇ ، بۇلارنىڭ
ھەربىرسىنىڭ قولىدا بىردىن قايماقلىق ماروژنى بار : بىرسى چىشلەۋاتىدۇ ، يەنە بىرسى
يالاۋاتىدۇ ، ئۈچىنچىسى شوراۋاتىدۇ ، ئەمىسە سوئال ، ئۇلارنىڭ ئارسىدا توي قىلغىنى قايسى ؟
ئۇ خانىم بۇ سوئالنى ئاڭلاپ لەپپىدە قىزارغانچە : بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس ، ئۇلار
ھەممىسى توي قىلغان بولىشى مۇمكىن .
ئوغۇل بالا جاۋابەن : مۇئەللىم ، ئەمىليەتتە ، مېنىڭ جاۋابىممۇ بەك ئاددى ، ئۇلارنىڭ
ئىچىدىكى تويلۇق ئۈزىكى تاقىۋالغىنى دەل شۇ توي قىلغىنى .
收藏到:Del.icio.us