-
نېمە ئۈچۈن ئايال ماتېماتىكلار ئاز - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2011-07-26
ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئانىلىق جەمئىيەتتىن ئاتىلىق جەمىيىەتكە ئوتكەندىن كىيىن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۇلەتلەردە ‹‹ئەرلەر ئېزىز، ئاياللارنى خار›› كۆردىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.
ئىلىم-پەندە ‹‹ئەر-ئاياللار باراۋەرلىگى›› نى قۇلغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن بولغان ئىسلاھاتلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلاندى. پولشادا تۇغۇلغانM.كىيۇرى خانىم ئىلگىرى –كىيىن بولۇپ نوبېل فىزىكا موكاپاتى بىلەن نوبېل خىمىيە موكاپاتىغا ئېرىشتى؛ جوڭگۇدا چوڭ بولغان دوكتۇر ۋۇجەنشىيۇڭ ئامېرىكا فىزىكا جەميىتنىڭ تۇنجى رەئىسى بولۇپ قالدى.ئۇلار ئايال ئالىملارنىڭ كۆزگە كورۇنگەن ۋەكىللىرى. نورغۇنلىغان ئايال ياشلار ئۇلارنى ئولگە قىلىپ ئىلىم –پەن يۇلىغا ماڭدى.ئوز- ئارا سىلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ فىزىكا ،خىمىيە، بىئۇلۇگىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق ساھەلەرگە قارغاندا نەتىجىلىرى زۇر بولسىمۇ، لىكىن ماتىماتىكا ساھەسىدىكى نەتىجسى ئازراق،ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان ئاياللار تېخىمۇ ئاز. بۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت كەمسىتىشكە ئۇچۇرغانلقغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.دۇنيادىكى تۇنجى ئايال ماتېماتىكا پرۇفېسسۇرى رۇسىيىلىك كۇۋالىۋىسكايا.ئۇ رۇسىيدە خىزمەت تاپالماي 1889- يىلى شىۋىتسىيەنىڭ سىتۇكھۇلوم ئۇنۋىرسىتىدا ماتېماتىكا پىرافېسورى بولغان.20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ماتېماتىك E.نۇتې بولۇپ،ئۇ ئابىستىراكىت ئالگېىرانىڭ ئاساس سالغۇچىسى.لىكىن1920-يىللاردا گېرمانىيەنىڭ گوتتىگېن ئۇنىۋىرسىتىدا مەكتەپ ئۇنى ئىزچىل لېكتۇر قىلىپ ئىشلىتىپ، پىرافىسۇر بولۇشقا رۇخسەت قىلمىغان، ھەتتا ھاقارەتلىگەن.ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى. J.رۇبىنسۇن 1983- يىلى ئامېرىكا ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى ئايال رەئىسى بولۇپ سايلاندى. جوڭگۇق پىرافىسۇر خو خېشىڭ جوڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى ئايال ماتېماتىكا دوكتۇرى بولۇپ قالدى.1998 - يىلى ئامېرىكدا يىتىشكەن 1216 نەپەرماتېماتىكا دوكتۇرى ئىچىدە 919 نەپىرى بولسا ئەرلەر،297سى بولسا ئايال بولۇپ، ئايال ماتېماتىكا دوكتۇرلىرى ئومومى دوكتۇرلىرى ئىچىدە تۆتتىن بىرىنى ئىگەللىگەن. جوڭگۇدىكى ئايال ماتېماتىكلارنىڭ سانىمۇ بارغانسىرى ئاشماقتا.پىداگۇگىكا ۋە پىسخۇلوگىيە تەتقىقاتى ئىزچىل تۇردە قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىقتىدارى جەھەتتە چوڭ پەرىق يوقلىقىنى، ئاتالمىش‹‹قىز ئوقۇغۇچىلار، ماتېماتىكا ئوقۇشقا ماش كەلمەيدۇ››دىگەنلەرنىڭ تامامەن ئاساسى يۇقلىغىنى كۆرسۈتۈپ بەردى.历史上的今天:
ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب [算经十书] 2011-07-26ماتېماتىكىلىق فورمىلا ئەڭ كۆپ سۇرەت 2011-07-26مۇنداقمۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى بار 2011-07-26
收藏到:Del.icio.us
<< فارىس تىلى بىلەن كورت تىلىدىكى تۈپ سانلارنىڭ سىلىشتۇرمىسى | باش بەت | ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب [算经十书] >>