-
تەبرىكنامە - [ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى]
2011-07-03
جۇڭگو كومپارتىيىسى 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى 1-ئىيۇل قىلىپ بېكىتكەن. 1-ئىيۇل پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى سۈپىتىدە مەركەز ھۆججىتىدە دېيىلگەن ۋاقىت دەل 1941-يىلى 6-ئاي. گەرچە پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پارتىيەنىڭ 1-قۇرۇلتاي ئاچقان كۈنى بولمىسىمۇ، لېكىن يەنئەن مەزگىلىدىن باشلاپ 1-ئىيۇلدا پارتىيەنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى باشلىغان. 1-ئىيۇل دېگەن بۇ شانلىق كۈن پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىگە چەكسىز ئورناپ كەتكەن، 1-ئىيۇل بايرىمى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بايراملىرىنىڭ بىرى، 1-ئىيۇل-مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
评论
جۇڭگونىڭ تۇنجى كوممۇنىزم گۇرۇپپىسى 1920-يىلى 8-ئايدا چېن دۇشيۇ، لى خەنجۈن، لى دا، چېن ۋاڭداۋ، شاۋلىزى قاتارلىقلار شاڭخەيدە قۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشكىلاتى— شاڭخەي كوممۇنىزم گۇرۇپپىسىدۇر.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى شاڭخەي فرانسىيە كونسېسسىيەسىگە تەۋە ۋاڭ جىلۇ كوچىسى شۇدېلى 3-نومۇرلۇق قورۇسىدا ئېچىلغان. يىغىنغا 12 ۋەكىل قاتناشقان ، ئۇلار: لى دا، لى خەنجۈن، جاڭ گوتاۋ، ليۇ رېنجىڭ، ماۋ زېدۇڭ، خې شۇخېڭ، دۇڭ بىۋۇ، چېن تەنچىيۇ، ۋاڭ جېنمېي، دېڭ ئېنمىڭ، چېن گۇڭبو، جۇ فۇخەي قاتارلىقلار، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 53 نەپەر پارتىيە ئەزاسىغا ۋەكىل بولۇپ قۇرۇلتايغا قاتناشقان. باۋ خۇيسېڭ ئەينى چاغدا گۇاڭجۇدا تۇرۇۋاتقان چېن دۇشيۇنىڭ ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتىشى بىلەن قۇرۇلتايغا قاتناشقان. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ۋەكىلى مالىن ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ يىراق شەرق بيۇروسىنىڭ ۋەكىلى نىكىرىسكىيمۇ قۇرۇلتايغا قاتناشقان. قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدىكى يىغىنى 31-ئىيۇل جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىياشېڭ ناھىيەسىدىكى نەنخۇ كۆلى (جەنۇبىي كۆل) دە بىر كېمە ئۈستىدە ئېچىلغان، ئەينى چاغدا شاڭخەيدىكى يىغىن مەيدانى جاسۇسلار ۋە چەت ئەل كونسېسسىيە ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقاچقا، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن يىغىن نەنخۇ كۆلىدە بىر كېمە ئۈستىدە ئېچىلغان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى: چېن دۇشىيۇ. ئۇ 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئېچىلغان پارتىيەنىڭ 1-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە مەركىزىي بيۇروسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1922-يىلى 7-ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 2-قۇرۇلتىيىدىن 1927-يىلى 4-ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 5-قۇرۇلتىيىغىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بولغان.
جۇڭگو ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ تۇنجى يۇقىرى دولقۇنىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى 1922-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلانغان شىياڭگاڭ ماتروسلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى بولۇپ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملىشىپ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.
تۇنجى قېتىم جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش دېموكراتىك ئىنقىلاب پىروگراممىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇلتاي 1922-يىلى 7-ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى2-قۇرۇلتىيى بولۇپ ، قۇرۇلتايدا ئېلان قىلغان خىتابنامىدا: ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش، مىللىتارىستلارنى يوقىتىش، دۆلەت ئىچىدە تىنچلىقنى بەرپا قىلىش، خەلقئارا جاھانگىرلىكنىڭ ئېزىشىنى تۈگىتىش، جاھانگىرلىكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن جۇڭگودىن ئىبارەت ھەقىقىي دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى پارتىيە نىزامنامىسى 1922-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان، بۇ ‹‹ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى ›› دا : پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلغان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئورگان گېزىتى 1922-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى شاڭخەيدە چىقىرىلغان ‹‹ يول باشلىغۇچى ›› ھەپتىلىك گېزىتىدۇر، بۇ گېزىتكە سەي خېسىن باش مۇھەررىر بولغان. 1927-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى گېزىت چىقىرىش توختىتىلغان، جەمئىي 201 سان گېزىت چىقىرىلغان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تۇنجى كادىرلار مەكتىپى- شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، 1922-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان، 1923-يىلى 4-ئايدا دېڭ جۇڭشىيا خوجىلىق ئىشلىرى باشلىقى بولغان، لى داجاۋ، چۆچىيۇبەي، جاڭ تەيلېي، سەي خېسىن ۋە يۈن دەييىڭ قاتارلىق يولداشلار بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى پارتىيە مەكتىپى 1923-يىلى قىشتا ئەنيۈەندە قۇرۇلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەنيۈەن پارتىيە مەكتىپىدۇر، ليۇ شاۋچى مەكتەپ مۇدىرى بولغان، رېن يۆ كونكرېت خىزمەتكە مەسئۇل بولغان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى پارىخورلۇق، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھۆججىتى 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بېسىپ تارقىتىلغان ‹‹ پارىخور، چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تازىلاش توغرسىدىكى ئوقتۇرۇش ›› . بۇ پارتىيىمىزنىڭ تۇنجى پارىخورلۇققا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججىتى ھېسابلىنىدۇ.
پارتىيەمىز تۇنجى قېتىم دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش دېگەن ئۇقۇم 1927-يىلى 6-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى ماقۇللىغان ‹‹ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسىگە 3-قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لاھىيەسى ›› دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گومىنداڭ ئەكسىلئىنقىلابچىلىرىغا تۇنجى قېتىم قوراللىق قارشى تۇرغان قوزغىلاڭ 1927-يىلى ‹‹ 1-ئاۋغۇسىت ›› كۆتۈرۈلگەن نەنچاڭ قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭ جۇ ئېنلەي باش شۇجىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سەپ كومىتېتى ۋە خې لۇڭ، يې تىڭ، جۇ دې، ليۇ بوچېڭ قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭغا قاتناشقان قىسىمدا جەمئىي 20 نەچچە مىڭ ئادەم بولۇپ، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0:00 دە نەنچاڭدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، نەنچاڭدا تۇرۇشلۇق دۈشمەن ئارمىيەسىدىن 3000 نەچچە ئادەمنى يوقۇتۇپ، نەنچاڭنى ئىشغال قىلغان.
تۇنجى قېتىم مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى يولداش ماۋ زېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان. 1927-يىلى 8-ئايدا خەنكۇدا ئېچىلغان ‹‹ 7-ئاۋغۇست ›› يىغىنىدا يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ ئىدىيەنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەڭ بۇرۇن ‹‹ 1-ئىيۇل ›› نى پارتىيە قۇرۇلغانلىقى خاتىرە كۈنى قىلىشنى 1938-يىلى 5-ئايدا يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن ‹‹ ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش توغرىسىدا ›› دېگەن ئەسىرىدە: ‹‹ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىش ›› نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1941-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ‹‹ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسى ›› دە تۇنجى قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامىدا ‹‹ 1-ئىيۇل ›› نى خاتىرىلەش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن.
جۇڭگودا تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان ‹‹ ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى›› 1944-يىلى سەنشى-چاخار-خېبىي مەركىزىي بيۇروسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يولداش دېڭ تونىڭ رىياسەتچىلىدە تەھرىرلەپ نەشىر قىلىنغان ‹‹ ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى›› دۇر. ئەينى چاغدا ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
1997 -يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان پارتىيە 15-قۇرۇلتىيىدا تۇنجى قېتىم ‹‹ دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى ›› ئىلمىي ئاتالغۇسى قوللىنىلىپ شەرھىيلەنگەن، ھەمدە ‹‹ دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى ›› نى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ، يېڭى پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈش قارار قىلىنغان.