ماتېماتىكا بلوگى

ماتېماتىكا بىلوگى - ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋىرسال بلوگ
ماتېماتىكا بلوگى قۇرۇلغىلى

Google گوگۇلدىن ئىزدەش مۇشۇ بلوگدىن ئىزدەش  
  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-07-29

    ئېنگلىز تىلىدا بىرنى «one» دەپ، فرانسوز تىلىدا «un» دەپ، ئىسپان تىلىدا «uno» دەپ، نېمىس تىلىدا «ein» دەپ، لاتىن تىلىدا «unus» دەپ، گىرىك تىلىدا «monas» دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ سۆزلەر بىر «n» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئەسلىدە بىر سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى بايقاش مۇمكىن، لېكىن بۇ سۆزنىڭ قانداق سۆز ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.
    بۇ سۆز قانداق كېلىپ قالغان، ئۇ باشقا تىللاردا قانداق قوللىنىلىدۇ دېگەنلەرنى ھازىرچە قويۇپ تۇرۇپ، ئېنگلىز تىلىدىكى «one» نى پىششىق بىلىۋالساقلا بولىدۇ.
    بىگىز بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى چىقىرىپ، بۇنى ئىككى دەيمىز. بىگىز بارماق، ئوتتۇرا بارماق ۋە نامسىز بارماقنى چىقىرىپ ئۇنى ئۈچ دەيمىز، ئاندىن تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئونلارنىمۇ ئاتىيالايمىز.

    خەتكۈچ:بىلىملەر ماتېماتىكا
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:03:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • فارىس تىلى بىلەن كورت تىلىدىكى تۈپ سانلارنىڭ سىلىشتۇرمىسى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-07-26

     


    خەتكۈچ:بىلىملەر ماتېماتىكا
    ماتېماتىكا| ۋاقتى16:38:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • شىۋېتسىيە ئارخىبخانىسىدىكى رەسىملەر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-02-12


    خەتكۈچ:تەرمە ئۇيغۇرلار رەسىم
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:19:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ناتونۇش يوللاردىكى مىڭ مىل - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-02-12

    شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن(1865-1952) 1899-يىلى ستوكھولمدىن ئىچكى ئاسىياغا قاراپ يولغا چىقىپ ئۈچ يىللىق سەپىرىنى باشلايدۇ .ئۇ بۇ قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە سەپىرىدە روسىيەگە بېرىپ ئاندىن كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق سەمەرقەنت ۋە تاشكەنت، ئەندىجانغا بارىدۇ. ئاندىن 45 مىل يول يۈرۈپ ئۆزىنىڭ شەخسىي كارۋىنى بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ.ئۇ كېيىن قەشقەردىن تارىم دەرياسى بويىنى بويلاپ، لايلىق، كورلا،ئاقسۇ،لوپنۇرلاردا تەكشۈرۈشتە بولىدۇ.ئۇ سەپىرىنى يەنەھازىرقى تىبەت ئاپتونۇم رايونى، ھىندىستانلارغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئاندىن شىۋېتسىيەگە قايتىدۇ.ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئاساسەن1903-يىلى «ناتونۇش يوللاردىكى مىڭ مىل»دىگەن ئىككى توملۇق كىتابنى ۋە «لوپنۇرغا قاراپ»دىگەن كىتابىنى نەشر قىلىدۇ. بۇ كىتابلاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق فوتو رەسىم ۋە تۆت خەرىتە بېرىلگەن بولۇپ، تۆۋەندە بۇ رەسىم ۋە خەرىتىلەرنىڭ بىر قىسمى ئۈلگە سۈپىتىدە بېرىلدى.بۇ كىتابلار ھازىر ستوكھولم شەھەرلىك كۈتۈبخانىدا ساقلانماقتا.


    خەتكۈچ:تەرمە ئۇيغۇرلار رەسىم
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:12:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • يانفون نومۇرى نېمىشقا 11 خانىلىق بولىدۇ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-02-10

    تېلېگرافقا دائىر مۇلازىمەتلەر 10 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 103 خەلقئارالىق زاكاز قىلىش تېلېفون نومۇرى، 108 خەلقئارالىق قارشى تەرەپ پۇل تۆلەيدىغان مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى، 1000 (ھازىر 10000 غا ئۆزگەرتىلدى) تېلېگراف مۇلازىمەت مەركىزى تېلېفون نومۇرى، 1001 بىرلەشمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت مەركىزى تېلېفون نومۇرى … ۋاھاكازالار.

    ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە مۇلازىمەتلەر 11 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 111 تېلېگراف ئىچكى قىسىم سىناش تېلېفون نومۇرى، 112 رېمۇنتنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 113، 115 لەر دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق زاكاز قىلىش تېلېفون نومۇرى، 114 (118114 كە ئۆزگەرتىلدى) نومۇر سۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 116 دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يولۇق نومۇر سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەتخانىسى تېلېفون نومۇرى، 117 ۋاقىت مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 119 ئوت ئۆچۈرۈشنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى … ۋەھاكازالار.

    ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە خەلق مۇلازىمەتلىرى 12 دىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، 120 دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفون نومۇرى، 121 ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تېلېفون نومۇرى، 122 قاتناش ھادىسىسىنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى، 126، 127، 128، 129 قاتارلىقلار چاقىرغۇ ئىستانسىسى تېلېفون نومۇرلىرى … ۋاكازالار.


    خەتكۈچ:بىلىملەر تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى19:52:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئېراتسىئونال سانغا دائىر بىر نەچچە تېئورىما - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-02-02

    1) ھەر قانداق تۇپ ساننىڭ 2- ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك پۇتۇن سان يىلتىزى ئېراتسىئونال سان بولىدۇ.
    2) راتسىئونال سانغا ئېراتسىئونال ساننى قوشساق ( ياكى ئىلىۋەتسەك) نەتىجە ھامان ئېراتسىئونال سان بولىدۇ .
    3) نۆلدىن باشقا راتسىئونال سانغا ئېراتسىئونال ساننى كۆپەيىتسەك (ياكى بۆلسەك) ھامان ئېراتسىئونال سان بولىدۇ.
    4) بىر نەچچە تۇپ سانلارنىڭ پۇتۇن سان كۇۋادىرات يىلتىزلىرىنىڭ يىغىندىسى (ياكى ئايرىمىسى) ھامان ئېراتسىئونال سان بولىدۇ.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا لوغەت
    ماتېماتىكا| ۋاقتى16:04:00 | 阅读全文 | ئىنكاس1 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • « ئالىم » دىگەن نام قاچان پەيدا بولغان ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-01-25

    « ئاسترونومىيە ئالىمى » دىگەن نام مىلادىنىڭ 1400 - يىللىرى ئىنگلىزچە ماتىرىياللاردا خاتىرلەنگەن .
         « ماتېماتىكا ئالىمى » دىگەن نام « ئاسترونۇمىيە ئالىمى » دىگەن نامدىن 20-30 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن .
         « خىمىيە ئالىمى » دىگەن نام مىلادى 14- ئەسىردە « سۇنى پارغا ئايلاندۇرغۇچى » دېگەن ئاتالغۇدىن ئۆزگۇرۇپ پەيدا بولغان .
         « زوئولۇگىيە ئالىمى » ، « بوتانىكا ئالىمى » دېگەن نام  17 - ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ھايۋانات ۋە ئۆسۇملۇكلەرنى ئۆگىنىدىغان ئادەملەر دېگەن مەنىنى بىلدۇرگەن .
          « بىئولوگىيە ئالىمى » دېگەن نام « زوئولۇگىيە ئالىمى » ، « بوتانىكا ئالىمى » دېگەن ناملارنىڭ 19- ئەسىردە ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى بىلەن پەيدا بولغان .
          « گىئولوگىيە ئالىمى » دېگەن نام 18- ئەسىردە پەيدا بولغان .
          « پىسخولۇگىيە ئالىمى » دېگەن نام 18- ئەسىردە پەيدا بولغان . ئەينى زاماندا كىشىلەر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنى جىسمانىي جەھەتتىن داۋالايدىغان دوختۇرلاردىن پەرىقلەندۇرۇش ئۇچۇن شۇنداق ئاتىغان .
           « ئالىم » دىگەن نام 1840 - يىللىرى كامبېرىج ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تارىخشۇناسى ۋە پەيلاسوپى فېرمىر  « پەن زېمىنغا ھارماي - تالماي تەر ئاققۇزىۋاتقانلارغا بىرەر مۇۋاپىق نام بىرىش تولىمۇ زۆزۈر ، مىنىڭچە ، ئۇلارنى < ئالىم > دەپ ئاتاش تازا مۇۋاپىق » دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن بارلىققا كەلگەن .


    خەتكۈچ:تەرمە تەرجىمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى07:31:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكىلىق فورمىلاغا يوشۇرۇنغان گۈزەللىك - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-01-25

     مەن ماتېماتىكىغا ئۆچ دېگۇچىلەر ماتېماتىكىنى نوقۇل فورمىلالار دۆۋېسى -دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئاشۇ فورمىلالارغا ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۇنىشلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۇپ يىتەلمەيدۇ. تۆۋەندىكى بىر فورمىلانى تېلىسكوپتا ئاسماننى كۇزەتكەندەك كۇزەتسەك قالتىس بىر شەكىلنىڭ كۆرىنىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا رەسىم
    ماتېماتىكا| ۋاقتى05:38:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • كاتتا فورمىلا : بويتاقلارغا تەقدىم - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-01-25


    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە رەسىم
    ماتېماتىكا| ۋاقتى04:36:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ 24 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺪﯗ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-01-25

    ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﺴﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 24 ﺳﺎﺋﻪﺕ
    ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﻪﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﺋﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺩﯦﯩﻤﻪﻙ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺪﯗ!!
    ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ: ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ 360ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ،24ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﻐﺎ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،
    ﺋﻪﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﯞﺍﻗﺘﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻟﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ،ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.
    ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ،ﺑﯩﺮې ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯚﮔﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﺪﻩ ﺗﯜﮔﺴﻪ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﺪﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﺪﻩ ....ﺋﻪﺯﺍﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯩﭽﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﯧﺴﺎﭖ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﺳﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ :
    360 (ﻣﯧﺮﺩﯨﺌﺎﻥ) * 4 (ﻣﯩﻨﯘﺕ)= 1440ﻣﯩﻨﯘﺕ
    1440 / 60 = 24 ﺳﺎﺋﻪﺕ


    خەتكۈچ:تەرمە تەرجىمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى02:34:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • خەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-01-24

    قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەردە مۇقەددەس سان قارىشى بار، ئۇيغۇرلار«يەتتە»،«توققۇز»ۋە «قىرىق» دېگەن سانلارنى مۇقەددەس بېلىدۇ، بۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئېڭىدا خاس قاراش، مەنىۋى ئادەتلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئۆرپ-ئادەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى بېيىتقان. مۇقەددەس سان «توققۇز». خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان«يەتتە»،«توققۇز»،«قىرىق»سانلىرى ئۇزاق زامانلار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ ئېڭى ۋە ئەقىدىسىگە ماس ھالدا خاسىيەتلىك تۈس ئالغان.«كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»دا «كۆلتىگىن ئىلگىرى-كېيىن توققۇز قېتىم باشقا-باشقا ئاتقا مىنىپ جەڭگە كىردى»،«كۆلتىگىن توققۇز چىرىكىنى نەيزىلىدى» دېگەندەك بايانلار؛ قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ«كۆك مەشرىپى»دىكى قوشاقلاردا«قازىنى ئوتتۇز،قوينى توققۇز، ھەممىنى تەڭ راسلىدۇق»دېگەن مىسرالار ئۇچرايدۇ. بىزدە يەنە«ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز»دېگەن گەپمۇ بار. بۇلاردىن«توققۇز»نىڭ قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادىتىدە خاسىيەتلىك تۈس ئالغانلىقىنى كۆرۋېلىش مۇمكىن. مۇشۇ خاسىيەتلىك سان ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا كىرگەن قەبىلە ناملىرىمۇ«توققۇز ئۇيغۇر»(ئىچكى توققۇز)ۋە «توققۇز ئوغۇز»(تاشقى توققۇز) دەپ ئاتالغان. مەھمۇد كاشغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «خاننىڭ قولئاسىتىدىكى ۋىلايەتلەر ھەرقانچە كۆپىيىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ، چۇنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن.


    خەتكۈچ:تارىخ ماتېماتىكا تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى18:51:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • خاسىيەتلىك سان " ئۈچ " - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2011-01-24

    "ئۈچ" مۇ خۇددى "توققۇز' ۋە "يەتتە" گە ئوخشاشلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان قارىشىدىكى خاسىيەتلىك سانلارنىڭ بىرىدۇر . ئۇنىڭ ئۇلۇغلىنىشىمۇ قەدىمكى شامان دىنى ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىمۇ "ئۈچ" نى ئۇلۇغ سان دەپ بىلىدىغان ئادەتلەرساقلىنىپ كەلمەكتە . مەسىلەن ، ئاخۇنۇم توي نىكاھىنى ئوقۇغاندا ، قىز ۋە يىگىتتىن نىكاھنى قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقىنى پەقەت ئۈچ قېتىملا سورايدۇ . ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۈچ قېتىم "تالاق " قىلسا ، نىكاھتىن ئاجراشقانلىق بولىدۇ . كىشى ئۆلگەندە مېيىتنى يۇغاندىن كېيىن ئەر كىشى بولسا كىپەنلىكى ئۈچ قەۋەت ، ئايال كىشى بولسا بەش قەۋەت تىكىلىدۇ . يولدا ۋە باشقا جايلاردا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىغا غايىپتىن نەرسە - كېرەك ئۇچراپ قالسا " بۇ نەرسە كىمنىڭ ؟ " دەپ ئۈچ قېتىم توۋلاش شەرت ، ئىگىسى چىقمىسا ئاندىن ئۇ كىشى ئۇچرىغان نەرسىنى قولىغا ئالسا بولىدۇ . ناماز ئۆتەش ئۈچۈن تاراھەت ئالغاندا ، ئېغىزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقاش ، بۇرنىغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ مەزە قىلىش .... قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇ ئۈچ سانىنى ئۇلۇغلاشنىڭ ئىپادىلىرىدۇر . مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىمىزدىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ سان قارىشىدىكى "ئۈچ" توغرىلىق بايانلار خېلى كۆپ بولۇپ ، ئۇ بىزنىڭ ئۈچ مۇقەددەسلىكىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . تۆۋەندە مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى "ئۈچ" كە دائىر بايانلارنى كۆرۈپ ئۆتىمىز :


    خەتكۈچ:تەرمە تارىخ
    ماتېماتىكا| ۋاقتى18:44:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • تۈزۈشكە بولمايدىغان كاتالوگ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-12-30

    شۋېتسارىيە ماتېماتىكى گۇمسارس مۇنداق بىر ھېكايىنى رىۋايەت قىلىدۇ: قەدىمكى ئالېكساندىرىيە كۇتۇپخانىسىدا قېتىرقىنىپ ئىشلەيدىغان ئالىم كالىماچۇس باش چۆكۈرۈپ، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئارىستوتېل ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگىنى تۈزۈۋاتاتتى. ئۇ ئىشلە - ئىشلە، توساتتىن ھۆركىرەپ يىغلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق قىلىپمۇ بۇ كاتالوگنى تۈزۈشكە بولمايدىكەن. ئىش ئەسلىي مۇنداق ئىدى: ئۇ بارلىق ئەسەرلەرنى ئىككى تۈرگە ئايرىغان، بىرىنچى تۈرى «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن كاتالوگ» ئىكەن، بۇنىڭ مەنىسى كاتالوگ ئىچىگە شۇ كاتالوگنىڭ ئۆزىنىڭ نامىمۇ كىرگۈزۈلگەن دېگەنلىك بولىدىكەن. مەسىلەن، «ئېستېتىكىغا دائىر ئەسەرلەر» دېگەن كاتالوگقا مۇشۇ ساھەدىكى ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنى ئاچسىلا يەنە «ئېستېتىكىغا دائىر ئەسەرلەر» دېگەن كىتابنىڭ نامىمۇ كۆزگە چېلىقىدىكەن، بۇ «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن كاتالوگ» دېيىلىدىكەن. ئىككىنچى تۈرى، «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن كاتالوگ» بولۇپ، كاتالوگنى ئاچسا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ نامى ئۇچرىمايدىكەن. مەسىلەن، «فوتوگرافىيىگە دائىر ئەسەرلەر كاتالوگى» دا «فوتوگرافىيىگە دائىر ئەسەرلەر كاتالوگى» دېگەن مەزكۇر كىتابنىڭ نامى بولمايدىكەن. كالىماچۇس ئىككىنچى تۈردىكى كاتالوگنى تاماملاپتۇ، بۇ ئىككىنچى تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ «باش كاتالوگى» ئىكەن. لېكىن، ئۇ «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن كاتالوگ» نىڭ بۇ «باش كاتالوگ» ىغا مەزكۇر «باش كاتالوگ» دېگەن نامنىڭ ئۆزىنى كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىك ئۈستىدە ئويلىنىۋېتىپ، بۇنىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. چۈنكى، ئەگەر «باش كاتالوگ» دېگەن نام «باش كاتالوگ» قا كىرگۈزۈلمىسە، ئۇ «باش كاتالوگ» بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، تېخى «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن كاتالوگ» بولۇپ قالىدىكەن، شۇڭا كىرگۈزۈش كېرەك ئىكەن. ئەگەر ئۇ «باش كاتالوگ» قا كىرگۈزۈلسە، «ئۆزى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن كاتالوگ» بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى كىرگۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدىكەن. دېمەك، كىرگۈزمەي دېسە كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىكەن، كىرگۈزەي دېسە كىرگۈزمەسلىك كېرەك ئىكەن. كىرگۈزسىمۇ - كىرگۈزمىسىمۇ بولمايدىكەن، كالىماچۇس گويا «ئالۋاستى ئازگىلى» غا چۈشۈپ قالغاندەك بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتكىنىگە ھەيران قالمىسىمۇ بولغۇدەك!

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:52:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئېلىش تەس بولغان ساندۇق - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-12-30

    بىر كۈنى تاشقى پلانېتىدىن يەر شارىغا بىر ئادەم كېلىپتۇ، ئۇنىڭ ئېتى ئومىگا ئىكەن. ئۇ ھەرقانداق كىشىنىڭ «ئىككىدىن بىرىنى تاللاش» ۋاقتىدا قايسىسىنى تاللايدىغانلىقىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلەيدىكەن. ئومىگا ئىككى ساندۇقتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كىشىنى سىناپتۇ. A ساندۇق سۈزۈك بولۇپ، ئىچىگە100  تىللا سالىدىكەن، B ساندۇق سۈزۈك ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە يا10000  تىللا سالىدىكەن، ياكى ھېچنېمە سالمايدىكەن. ئۇ سىنىلىدىغان كىشىلەرگە: ئىككى خىل تاللاش ئۇسۇلى بار، بىرى، ئىككىلا ساندۇقنى ئېلىپ كېتىسىز، ئىچىدىكىسى سىزنىڭ بولىدۇ، بىراق، سىز مۇشۇنداق قىلماقچى بولغىنىڭىزنى ئالدىن بىلىۋېلىپ، B ساندۇقنى قۇرۇق قويىمەن، سىز پەقەت100  تىللاغىلا ئېرىشىسىز؛ يەنە بىرى، پەقەت B ساندۇقنىلا ئالىسىز، ئەگەر مەن شۇنداق قىلىدىغىنىڭىزنى بىلىۋالسام، ئىچىگە10000  تىللا سېلىپ قويىمەن، ھەممىسى سىزنىڭ بولىدۇ، دەپتۇ. بىر ئوغۇل بالا B ساندۇقنىلا ئالماقچى بولۇپتۇ، ئۇ: ئومىگا نۇرغۇن ئادەملەرنى سىنىدى، ھەممىسىدە ئالدىن توغرا بىلىۋالدى، ئىككىلا ساندۇقنى ئالغانلارنىڭ ھەممىسى ئاران100  تىللاغا ئېرىشتى، شۇڭا، مەن B ساندۇقنى ئالسام10000  تىللاغا ئېرىشەلەيمەن دەپ ئويلايدىكەن. بىر قىز ئىككىلا ساندۇقنى ئالماقچى بولۇپتۇ، ئۇ: ئومىگانىڭ ئالدىن بىلىۋېلىشى ئاخىرلاشتى ھەم ئۆزى بۇ يەردىن كەتتى، ئەمدى ساندۇقلار ئۆزگەرمەيدۇ، بۇرۇن قۇرۇق بولغىنى ھازىرمۇ قۇرۇق، بۇرۇن تىللا بارىدا ھازىرمۇ تىللا بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر B ساندۇقتا تىللا بولسا، B ساندۇقنىلا ئالسام10000  تىللاغا ئېرىشىمەن، ئىككىسىنىلا ئالسام10100  تىللاغا ئېرىشىمەن، ئەگەر B ساندۇق قۇرۇق بولسا، B ساندۇقنىلا ئالسام ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيمەن، ئىككىسىنىلا ئالسام، ھېچبولمىغاندا100  تىللاغا ئېرىشىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرئىككى خىل ئەھۋالدا ئىككىلا ساندۇقنى ئالسام بىرلا ساندۇقنى ئالغانغا قارىغاندا ئېرىشىدىغىنىم100  تىللا ئارتۇق بولىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. ئىككى خىل قاراشنىڭ بىرلا ۋاقىتتا توغرا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمىسە، قايسىسى توغرا؟ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ ئامېرىكا فىزىكى ۋ.نيۇكوم ئوتتۇرىغا قويغان پارادوكس، ھازىرغىچە ھەل بولمىدى.

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:48:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • قىسىم پۈتۈنگە تەڭ بولامدۇ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]

    2010-12-30

    بىر قاپقا ئاق - قارا شاھمات ئۇرۇقلىرى قاچىلانغان بولسا، قايسى رەڭدىكى ئۇرۇقنىڭ كۆپلۈكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ بىر چارىسى ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ساناپ سېلىشتۇرۇش؛ يەنە بىر چارىسى ئاخىرىغىچە بىر ئاق، بىر قارىدىن ئېلىش، ئەڭ ئاخىرىدا قايسى رەڭدىكىسى ئېشىپ قالسا، شۇ رەڭدىكى ئۇرۇق كۆپ بولىدۇ، ئىككىلىسى تەڭ تۈگىسە، ئىككى خىل ئۇرۇق تەڭ بولىدۇ. ئەمما، قاپقا چەكسىز كۆپ ئۇرۇق قاچىلانغان بولسا، ئۇرۇقلارنى ئايرىم - ئايرىم ساناپ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى، كېمىدە ئۇرۇقنىڭ بىر خىلى چەكسىز كۆپ - تە! بىراق، ئىككىنچى ئۇسۇل كارغا كېلىدۇ: ئۇرۇقلارنى جۈپ - چۈپى بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئالغاندىن كېيىن، قاپتا ئېشىپ قالغان شۇ رەڭدىكى ئۇرۇق كۆپ بولىدۇ، ئەگەر بىر قارىنى ئالغاندىن كېيىن ھامان يەنە بىر ئاقنى ئالغىلى بولسا؛ بىر ئاقنى ئالغاندىن كېيىنمۇ ھامان يەنە بىر قارىنى ئالغىلى بولسا، بۇ، ئىككى خىل ئۇرۇقنىڭ تەڭلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. پۈتۈن قىسىمدىن چوڭ بولىدۇ، بۇ قەدىمىي ھەم ھېچكىم گۇمانلانمايدىغان ھەقىقەت، بىر ئالما ئۈچ پارچىگە بۆلۈنسە، پۈتۈن ئالما ھەرقانداق بىر پارچىسىدىن چوڭ بولىدۇ. لېكىن، بۇ گەپ سانى چەكلىك شەيئىلەرگىلا قارىتىپ ئېيتىلغان.17  - ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئالىم گالىلېي چەكسىز كۆپ جىسىملاردا ئەھۋال باشقىچە بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، بىرەيلەن سىزدىن: «پۈتۈن سان بىلەن جۈپ ساننىڭ قايسىسى كۆپ» دەپ سورىسا، سىز: «ئەلۋەتتە پۈتۈن سان كۆپ، تېخى بىر ھەسسە كۆپ» دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن. بىردىن100  گىچە سانلار ئىچىدە،100  پۈتۈن سان، ئاران50  جۈپ سان بار. ناۋادا پۈتۈن سان ۋە جۈپ سانلار چەكسىز كۆپ بولسىچۇ، بىز «بىرگە بىر ماسلىق» ئۇسۇلى بويىچە سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى: ...... ,6  ,5 ,4 ,3 ,2 ,1 ,0 ,1- ,2- ,3- ...... ...... ,12 ,10 ,8 ,6 ,4 ,2 ,0 ,2- ,4- ,6- ...... ھەربىر پۈتۈن سانغا نىسبەتەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر جۈپ ساننى تاپالايمىز، ئەكسىچە، ھەربىر جۈپ سانغا نىسبەتەنمۇ چوقۇم ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر پۈتۈن ساننى تاپالايمىز، بۇ پۈتۈن سانلار بىلەن جۈپ سانلارنىڭ بىرگە بىر ماس كەلگەنلىكى، يەنى پۈتۈن سانلار بىلەن جۈپ سانلارنىڭ سانى تەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن مۇنداق يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ؟ چۈنكى، بىز ھازىر مۇزاكىرە قىلىۋاتقان پۈتۈن سانلار بىلەن جۈپ سانلار چەكسىز كۆپ، چەكسىز بولغان ئەھۋالدا، پۈتۈن قىسىمغا تەڭ بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ ئىدىيىنىڭ ئىلھامى بىلەن،19  - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە ماتېماتىكى كانتور توپلام نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇ: قىسىم بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرىسىدا بىرگە بىر ماسلىق مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېچىپ بەردى، بۇ چەكسىز كۆپ ئېلېمېنتلارنى ئىچىگە ئالغان توپلامنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر، ئۇ يەنە بىزگە: چەكلىك ئەھۋالدا ئېرىشكەن تېئورېمىنى چەكسىز ئەھۋالغا خالىغانچە تەتبىقلىماسلىقنىمۇ ئۇقتۇرىدۇ.

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا تەرمە بىلىملەر
    ماتېماتىكا| ۋاقتى11:39:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
共5页 1 2 3 4 5 下一页 最后一页
ئابونت نامى:  
مەخپى نومۇر:  
بلوگ ئىلتىماس قىلىش | ياردەم

بلوگتىكى سەھىپىلەر

  • ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى[6]
  • مائارىپىمىزغا نەزەر[5]
  • ماتېماتىكا مائارىپى[9]
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى[18]
  • ماتېماتىكىلىق لۇغەت[19]
  • ماتېماتىكىلىق فىلىملەر[5]
  • ماتېماتىكا رېستۇرانى[66]
  • يېڭى ئارىلىق پەنلەر[8]
  • ماتېماتىكا ئالىملىرى[30]
  • ماتېماتىكا تارىخى[44]
  • قىزىقارلىق ماتېماتىكا[43]
  • ماتېماتىكىلىق قۇراللار[3]
  • ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار[9]
  • ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار[16]
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر[9]
  • تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى[5]
  • ماتېماتىكا كىتاپخانىسى[1]

باشقۇرۇش سۇپىسى

  • 进入后台 写新日志
  • 文章管理 评论管理
  • 更换模板 访问统计

يېڭى ئىنكاسلار

  • ئەلشەرەپ:http://uyghur.xjass.com/uygh...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • phonix820:ياخشىمۇسىز ماڭا بىرنامەلۇملۇ...
  • phonix820:ماقالىرىڭىز كۈندىن كۈنگە سەر...
  • چەۋەنداز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشى...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربا...
  • چەۋەنداز:پەخىرلىنىدىغان دىيارىمىز بىز...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ؟ .سىزنى...
  • ماتېماتىك:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستۇم، ...

يېڭى تېمىلار

  • ماتېماتىكا دەرسىدىكى قىزىقچىلىق
  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق
  • ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىت
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كەتمەيدۇ
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك
  • كۇۋادېرات قەغەزدىن مۇنتىزىم ئۇچبۇلۇڭ قاتلاش
  • 2011-يىللىق ئالى مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى
  • ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب [算经十书]
  • نېمە ئۈچۈن ئايال ماتېماتىكلار ئاز
  • فارىس تىلى بىلەن كورت تىلىدىكى تۈپ سانلارنىڭ سىلىشتۇرمىسى
全部日志>>

ئۇيغۇرچە كالېندار

خەتكۇچتىن ئىزدەش

  • تەرمە[228]
  • ماتېماتىكا[164]
  • تەرجىمە[38]
  • ماتېماتىكلار[34]
  • ئوقۇتۇش[28]
  • لوغەت[27]
  • بىلىملەر[25]
  • ئۇيغۇرلار[24]
  • تەرجىمھال[19]
  • رەسىم[18]
  • تېپىشماقلار[16]
  • تارىخ[14]
  • سۇرەت[13]
  • ئىجادىيەت[12]
  • پەنلەر[12]
تېخىمۇ كۆپ...

ساقلىغۇچتىكى ئەسەرلەر

  • 2011-09[1]
  • 2011-07[16]
  • 2011-05[1]
  • 2011-03[2]
  • 2011-02[5]
  • 2011-01[14]
  • 2010 [175]
  • 2009 [87]

تۇغلۇق ئۇلىنىشلار

  • ulnix
  • ئوۋچى بلوگى
  • يۇكسەل بلوگى
  • dunya kara
  • چەۋەندازلار بلوگى
  • تارىم بلوگى
  • كۆزنەك بلوگى
  • رىشتىمىز بلوگلار ئۇلىنىشى
  • ئۇيغۇر ئۆرلە بلوگى
  • ulanmilar
  • تېپىشماقلار دۇنياسى
  • ئۇلىنىش مۇنبىرى
  • ماتېماتىكا بىلوگى
  • bolgzar
  • چىن دوست بلوگى
  • قوشۇق بلوگى
  • بىلقۇت مۇنبىرى
  • سەلتەنەت
  • ئەلشەرەپ تور خاتىرىسى
  • ئالەم(ئاستېرنومىيە) تورى
  • كۆكتۇغ تور مەھەللىسى
  • شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
  • دولقۇن731مەھەللىسى
  • نۇرقۇت تور خاتىرىسى
  • ئۆگىنىش بلوگى
  • سەھرا بلوگى
  • شەپقەت بلوگى
  • ئۇيغۇر بلوگېرلار مەھەللىسى
  • كۆزنەك بلوگېرلار مەھەللىسى
  • جەمگاھ ئۇلىنىشلىرى
  • ئۇلانمىلار تور تۇراسى
  • دۆلەتباغ بلوگى
  • تەكلىماكان بلوگى
  • ئىمكان بلوگى
  • شادلىق بلوگى
  • ئەلشات بلوگى
  • دۇنيا بلوگى
  • ئىزدەن تەبىئەت بلوگى
  • ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
  • ئەدەبىيات دۇنياسى
  • رەسىم تەھرىرلىگۇچ
  • يۇكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى
  • مەپتۇن بلوگى
  • كۈركۈم گۈلى
  • يۇمتاللار
' target='_blank'>تەرجىمەكەش
  • تەڭرى تاغ تورى
  • ساياھەتنامە
  • جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
  • تور ئىملاچىسى
  • ئىرپان تور لۇغىتى
  • سىستېمىلار
  • ئىجتىمائى پەنلەر
  • شىنجاڭ ئاياللىرى
  • 1رەسىم يوللاش كودى
  • رەسىم يوللاش كودى2
  • يېزىش قىلىپلىرى
  • رەسىم ساقلىغۇچ
  • پەننى ئوموملاشتۇرۇش تورى
  • ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى
  • كىتابخانا بلوگى
  • پەن ئالىملىرى سۇرەتلىرى
  • ماتېماتىكىلىق فورمىلا كىرگۇزۇش قۇرالى
  • ماتېماتىكا مۇنبىرى
  • قۇرئان ئاڭلاش
    Logo ياساش
    MATH
    ئىملا تەكشۈرگۈچ
    ئېنگلىزچە ھۆسىن خەت
    تىل تەرجىمانى
    شىنجاڭ خەرىتىسى
    كود رەڭلەش
    سانلارنى كۇۋادېراتلاش
    رەڭ كودى
    يېزىق ئايلاندۇرغۇچ
    يۇلغۇن تور لوغىتى
    گوگۇل تەرجىمان
    ھەقسىز بوشلۇق
    ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت
    ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت
    ھەقسىزلەر رايۇنى
    چۈشۈرمىلەر
    خەنزۇچە ماقالىلەر
    كود جەمگاھى
    تىما يىزىش كۆزنىكى
    توربەت ئۇنۇم كودلىرى
    ئىچىلمايدىغان توربەتنى ئىچىش
    خەنزۇچە خەتكە پىنيېن بىرىش
    ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە تور لۇغىتى
    ئىلتىماس قىلىشQQ

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم

    ماتېماتىكا

    Google

    تېپشماقلار دۇنياسى

    • قىزىقارلىق تىپىشماقلار
    • مەندە بىر تېپىشماق بار
    • 0 بۇ تېپىشماقنى تاپالايدىغانلار بارمۇ؟

    چەۋەندازلار بلوگى

    • گۈدۈك مىكرو بىلوگى ۋە ئۇنى بىلوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈش Güdük Mikro Bilogi we Uni Bilog bilen Birleshturush
    • چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11 Qawandazlar" Uqturushi-11"
    • ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى (داۋامى2)

    كۆزنەك

    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • ئۇلىنىشلار بۇ يەردە

    ئىلىم - پەن بىلوگى

    • سانلارنىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە چۈشۈپ كېتىشى
    • «100مەسىلە» نىڭ تۆتىنچىسى
    • «100مەسىلە» نىڭ ئۈچۈنچىسى

    Dunyakara

    • جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن كەسپچانلىق روھىغا نەزەر.........
    • Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ
    • قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسلۇپ

    更多博链

    • زىيارەت سانى:
    • RSS 什么是RSS?
      用IM提醒我内容更新
      订阅到QQ邮箱
      订阅到鲜果阅读器
      订阅到Google阅读器
      订阅到抓虾阅读器
    • 《城客》第四期:创意之城
      博客大巴
      博客大巴使用指南
      博客大巴模板中心
      免费注册博客大巴
      一键博客搬家工具
      中文互动杂志城客

    ئۇسلۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:تارىم بلوگى | بلوگ يازغۇچىسى: ماتېماتىكا