-
« ئالىم » دىگەن نام قاچان پەيدا بولغان ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2011-01-25
« ئاسترونومىيە ئالىمى » دىگەن نام مىلادىنىڭ 1400 - يىللىرى ئىنگلىزچە ماتىرىياللاردا خاتىرلەنگەن .
« ماتېماتىكا ئالىمى » دىگەن نام « ئاسترونۇمىيە ئالىمى » دىگەن نامدىن 20-30 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن .
« خىمىيە ئالىمى » دىگەن نام مىلادى 14- ئەسىردە « سۇنى پارغا ئايلاندۇرغۇچى » دېگەن ئاتالغۇدىن ئۆزگۇرۇپ پەيدا بولغان .
« زوئولۇگىيە ئالىمى » ، « بوتانىكا ئالىمى » دېگەن نام 17 - ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ھايۋانات ۋە ئۆسۇملۇكلەرنى ئۆگىنىدىغان ئادەملەر دېگەن مەنىنى بىلدۇرگەن .
« بىئولوگىيە ئالىمى » دېگەن نام « زوئولۇگىيە ئالىمى » ، « بوتانىكا ئالىمى » دېگەن ناملارنىڭ 19- ئەسىردە ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى بىلەن پەيدا بولغان .
« گىئولوگىيە ئالىمى » دېگەن نام 18- ئەسىردە پەيدا بولغان .
« پىسخولۇگىيە ئالىمى » دېگەن نام 18- ئەسىردە پەيدا بولغان . ئەينى زاماندا كىشىلەر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنى جىسمانىي جەھەتتىن داۋالايدىغان دوختۇرلاردىن پەرىقلەندۇرۇش ئۇچۇن شۇنداق ئاتىغان .
« ئالىم » دىگەن نام 1840 - يىللىرى كامبېرىج ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تارىخشۇناسى ۋە پەيلاسوپى فېرمىر « پەن زېمىنغا ھارماي - تالماي تەر ئاققۇزىۋاتقانلارغا بىرەر مۇۋاپىق نام بىرىش تولىمۇ زۆزۈر ، مىنىڭچە ، ئۇلارنى < ئالىم > دەپ ئاتاش تازا مۇۋاپىق » دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن بارلىققا كەلگەن .历史上的今天:
ماتېماتىكىلىق فورمىلاغا يوشۇرۇنغان گۈزەللىك 2011-01-25ئوخشىمايدىغان بىرىنى تىپىپ بىقىڭ 2011-01-25كىسەلخانىدىكى سەتىراچ 2011-01-25كاتتا فورمىلا : بويتاقلارغا تەقدىم 2011-01-25ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ 24 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺪﯗ 2011-01-25
收藏到:Del.icio.us