-
ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كەتمەيدۇ - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2011-07-29
ئامېرىكىنىڭ بالىلار ماتېماتىكا ئوقۇشلۇقى مۇتەخەسسىسى سىتېۋارت مۇرفىينى زىيارەت
گاۋ يۈنيەن
مۇخبىر: نۇرغۇن بالا ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىزچە ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كېتەمدۇ؟
سىتېۋارت: ماتېماتىكا ئىقتىدارى تىل ئىقتىدارىغا ئوخشاش ھەممە ئادەمدە بولىدۇ، ماتېماتىكلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولىدۇ . ماتېماتىكا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاتا – ئانىدا ماتېماتىكىنى قىيىن پەن دېگەن قاراش مەۋجۇت، ئۇلاردىكى بۇنداق قاراش پەرزەنتلىرىنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە ياخشى ياشاپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمىز، خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز دەيدىكەنمىز، ماتېماتىكىنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم.
ماتېماتىكىغا قىزىقمايدىغان بالىلارغا ماتېماتىكىنى زورلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆگەتمەستىن، ئامال بار پەرقلىق مائارىپ ئۇسۇلى ئارقىلىق خاسلاشتۇرۇش ئوقۇتۇشىنى قوللىنىش كېرەك. بالىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ئۆگىنىدۇ، بەزىلىرى مەشغۇلات جەريانىدا ئۆگىنىدۇ، يەنە بەزىلىرى رەسىم سىزىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا بالىلارنى بىرلا خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆگىنىشكە زورلىماسلىق كېرەك. ئەگەر پەرزەنتىڭىز مەشغۇلات جەريانىدا ئۆگىنىشكە ماھىر بولسا، ئۇنى كۆپرەك قول سېلىپ مەشغۇلات قىلغۇزۇڭ.
مۇخبىر: ئاڭلىسام، كىچىك ۋاقتىڭىزدا ماتېماتىكا نەتىجىڭىز ياخشى ئەمەس ئىكەن، شۇ سەۋەبلىك ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە قىزىققانمۇ؟
سىتېۋارت: مەن ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرمەيتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپتە تولا سۆزلەپ تەنقىدكە ئۇچرايتتىم. 4 – يىللىققا چىققاندا ئوقۇتقۇچۇم : ‹‹ ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلىيەلەيدىكەنسەن، شۇلارنى نېمىشقا يېزىپ باقمايسەن؟›› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھېكايە يېزىشقا كىرىشتىم، رەسىم سىزىشنىمۇ ياخشى كۆرەتتىم، يېزىقچىلىق بىلەن رەسساملىق ئۆمۈرلۈك قىزىقىشىمغا ئايلاندى. مەن ماتېماتىكا ئوقۇشلۇقى كىتابلىرى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، كىشىلەر دائىم مەندىن: ‹‹سىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىقتىدارىڭىز يېزىقچىلىقمۇ ياكى ماتېماتىكىمۇ؟›› دەپ سورىشىدۇ. مەن ئۇلارغا:‹‹ سەنئەت ›› دەپ جاۋاب بېرىمەن. مېنىڭ كەسپىم ئىزچىل كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ئۆگىتىش، يەنى بالىلارنىڭ قانداق قىلىپ گىرافىك، خەرىتە، قىستۇرما سۈرەت ۋە باشقا كۆرۈش سەزگۈسىنى غىدىقلىغۇچى ماددىلار ئارقىلىق ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش.
مۇخبىر: ماتېماتىكا دەرسىنى قىزىقارلىق ئۆتۈشنىڭ رىقابەتچانلىقى كۈچلۈكمۇ؟
سىتېۋارت: ماتېماتىكا دەرسى ماتېماتىكىنى ھېكايە ۋە تۇرمۇش بىلەن باغلاش ئەمەس، بۇنىڭغا يەنە كۆرۈش سەزگۈسى ئوقۇتۇشىنى سىڭدۈرۈپ ماتېماتىكىنى كۆرۈنمىلىك، گىرافىكلەشكەن قىلىش كېرەك، شۇنداق بولغاندا ماتېماتىكا ئابستراكتلىشىپ كەتمەيدۇ، ئۇنى چۈشىنىشمۇ قىيىنغا توختىمايدۇ. بېسىم بەزىدە بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن ۋە ياكى بالىلارنى تېخىمۇ زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. مەن ماتېماتىكىنىڭ كۆرۈنمىلىك بولۇشىنى، بالىلارنىڭ ماتېماتىكىنى تېخىمۇ ئوڭاي چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇخبىر: غەربلىك نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىمتىھان بېرىشكە ماھىر، ئۇلارنىڭ ئۆگەنگىنى ماتېماتىكىنىڭ ئۆزى بولماستىن بەلكى ماھارەت دېيىشىدۇ. سىزنىڭچە، كۆڭۈلدىكىدەك ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى قانداق بولۇشى كېرەك؟
سىتېۋارت: غەربلىكلەر ئاسىيالىقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە ھەسەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلاردا بۇنىڭغا نىسبەتەن بېسىم تۇيغۇسىمۇ بار. جۇڭگونىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ،ئۇلار ماتېماتىكا ماھارىتى ۋە ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى بولسا بالىلارغا ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشنى، ماتېماتىكا بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ماتېماتىكىنى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. كۆڭۈلدىكىدەك ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئىككى خىل ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تەرىپىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
مۇخبىر: جۇڭگودىكى نۇرغۇن بالا باشلانغۇچنىڭ 1 –، 2 – يىللىقىدىن باشلاپلا ئولىمپىك ماتېماتىكىسىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ، سىزنىڭچە بۇنىڭ بالىلارغا قانداق تەسىرى بار؟
سىتېۋارت: چوڭلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىنى ئامال بار يېنىكلىتىشى كېرەك، چۈنكى ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەر خىل بېسىملار مەۋجۇت، بۇ دەل مېنىڭ بۇ بىر يۈرۈش كىتابنى تەتقىق قىلىشقا ۋە يېزىشقا كۈچ سەرپ قىلىشىمدىكى سەۋەب. مەن ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ماتېماتىكىنى كۆرۈنمىلىك قىلىپ، بالىلارنىڭ ماتېماتىكىنى قىينالماي چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان باشقا ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقالايدۇ.
http://www.kutdiyar.com/?action-viewnews-itemid-7377
收藏到:Del.icio.us