-
كىسەلخانىدىكى سەتىراچ - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2011-01-25
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مەكتەپ خىزمىتىنى تەكشۇرۇشكە كەلگەن < ئەۋلىيالار > غا تاماق بىرىپ يولغا سىلىۋىتىپ ،ئەمدى سەل ئارامچىلىق بولىدىغان بولدى ! - دەپ ئويلاپ تۇرغان چىغىمدا ، دىلىمدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچى قۇدرەتلىك ئاللا ماڭا غەمخۇرلۇق قىلىپ ياخشى ئارام ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردىمۇ ..... تۈز يولدىلا پۇتۇم تۇيۇقسىز < مىت - كوت > كىتىپ يەرگە دەسسىيەلمەي ، كارۋاتتىن چۇشەلمەي ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدىم ! . يىنىمدىكى بىر نەچچە كۆپنى كۆرگەن مەسلىھەتچى < خالىس تىۋىپ > دوستلىرىمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ، پۇتۇمنى يەرلىك ئۇسۇلدا ، تۇخۇمنىڭ ئىقى بىلەن پەرۋىش قىلىپ بىر ھەپتە ياتقان بولساممۇ ھىچ ساقىيدىغان ئەلپازى يوق ! . كۇندە ئۇچرۇشۇپ تۇرىدىغان بىر نەچچە شاھماتچى دوستلىرىم مىنىڭ بىتاپ بولۇپ قالغىنىمدىن ئىچى پۇشۇپ دوختۇرغا كۆرۇنۇپ پۇتۇمنى رەسىمگە ئالغۇزۇپ بىقىشنى تەۋسىيە قىلىشتى . يوقىلاڭ ئىشقا بىر ھەپتە ئۆيدە يىتىپ قالغىنىمغا مەندىمۇ گۇمان پەيدا بولۇپ ، شۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەسلىكتە دوختۇرغا بىرىپ كۆرۇندۇم !
پەلەك تەتۇر چۆگىلگىلى تۇردى . دوختۇر دەرھال كىسەلخانىغا < ئۇختۇرۇش > يىزىپ كام دىگەندە يەنە بىر ھەپتە تەكشۇرۇش - داۋالاش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . مەندە نىمە ئامال دەيسىز ؟! ... بۇ < كىسىم > گە ھۆرمەت قىلىپ ياۋاش بولۇپ كىسەلخانىدىكى يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلىدىم .
-
باغۋەننىڭ ھەسرىتى - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2010-11-18
。
ئۆتتى مانا قىرىق يىل ،يوللۇرۇمنى تاپالماي.
بايان ئەتتىم دەردىمنى، پۇشايماندا ياتالماي.
ئەسلى ئىدىم بىر باغۋەن ، لىكىن غازان باغلىرىم.
نىشانەمگە يەتمىدىم ،دۇلدۇلۇمنى قاتالماي.
گۈللەر تىرىپ بىغىمغا ، سۈ باشلىدىم چۆللەرگە.
باغنى بەردىم ئوغرىغا ، گۈلنى ئاسراپ باقالماي.
باغ ئوغرىسى ئاكامغا ،سۈكۇت قىلدىم بىلمىدىم.
يانى كېردىم نەچچە رەت، قېينالدىمغۇ ئاتالماي. -
ماتېماتىكا - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2010-08-06
نېمە ئۇ دېگىنە ماتېماتىكا ؟
بالىلىق يىللارنىڭ شىرىن خىيالى؟
" ؟ " نى مۇئەللىم ئالدىمغا قويۇپ،
قىنى تاپ -دەپ تۇرغان قىيىن سۇئالى؟بىشىدا تونۇشماق قىيىنتى،ئەمما،
سەن بىلەن دوسلاشتۇق ئۇزاق زامانلار.
مەن ئۈچۈن سەنسىزلىك ئەمدى مۇئەممە،
قىينالسام سۇئالدا باردۇر ئاماللار.بەزىدە مەن شۇنى ئويلاپ قالىمەن،
مەن ساڭا نە سەۋەپ ئامراقمەن شۇنچە.
گاھى سەن ئالدىمغا قويساڭ مەسىلە،
ئۇنىڭغا جاۋاب-دەپ تىزىمەن ئۈنچە. -
چ چ دىكى جىدەل
2009-01-30
___ ئەسسالام ئەلەيكۇم، سىز شەبنەم ئەپەندىمۇ؟
___ ياق ،مەن شەبنەم ئەپەندى ئەمەس، مەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى ئەلشەرەپ بولىمەن.
___ توۋا، توۋا... ،ئاڭلىشىمچە مۇشۇ مۇنبەردە 200دەك باشقۇرغۇچى باركەن، مەن ئىككى مىنۇت بولدى ،بىر تىما يوللىسام بىرەرسىڭلارمۇ تەستىقلاپ چىقارمايسىلەرغۇ؟، سىلەرگە پارە بەرسەك چىقىرامسىلەر يا؟ ، شەبنەم دىگەن سىلەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەمەس، بىز ئەزالار بولمىساق ، مۇنبەرمۇ بولمايدۇ...، بۇ دېگەن خەلىقئارالىق مۇنبەر، شۇڭا نامىڭلارغا چۇشلۇق ئىش قىلمىساڭلار قانداق بولىدۇ ؟، جاپا تارتىپ تېما يوللىساق، سىلەر ۋاقتىدا تەستىقلىماي نىمە قىلماقچى؟ ، شەبنەم ئەپەندىمگە ئەرزىم بار، بۇنداق ئىش ئۇنىمى ياخشى ئەمەس مۇنبەرنى ئاچقاندىن،ئاچمىغان ياخشى، بۇ گەپلەرنى دىسەم ھوقۇقىڭلاردىن پايدىلىنىپ مىنى چەكلىۋىتەلەمسىلەر ؟، سىلەر چوقۇم شۇنداق قىلىسىلەر ، قولۇڭلاردىن شۇ كىلىدۇ،سىز ئادىللىقنى ياقلىسىڭىز ياخشى باشقۇرغۇچى بولۇڭ. بولمىسا مىنى مۇنبەر تۇرمىسىغا تاشلاڭ.....باشقا ئىشلارنى ئۆزۇم دىيىشىۋالىمەن.... -
پاھىشە چىۋىننىڭ ساياھىتى
2009-01-30
مەن بىر چىۋىنمەن.
مەن بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۇرۇمچىدە شامالباغ دىگەن يەردە سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇك كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ما جەنيىڭ ئاتلىق تۇنگاننىڭ ئىجارىگە ئالغان قوروسىدا ئاتامنىڭ كىملىكىنى بىلمەي تۇغۇلدۇم. ئۇلار ئۆي ئىجارىكەشنى « فاڭدوڭ » دەيدىكەن، مەن تۇغۇلۇپ تۇنجى ئاڭلىغان سۆزۇم «فاڭدۇڭ ، ئۆي ئىجارىسىنى ئەتە بىرەي ، بۇگۇن تىجارىتىم ياخشى ئەمەس ! » -دىگەن سۆز بولغاچقا ، ئۆزۇمگە «فاڭدۇڭ » دىگەن ئىسىمنى قويىۋالدىم. سىلەر دەپ بىقىڭلار ...ماڭا ئەرزان توۋلاپ ئىسىم قويىدىغان ئاتام بولمىغاندىكىن شۇنداق قىلغىنىم توغرۇدۇ ؟! ...
مەن بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئاشۇ يەردىكى مەينەت ھەم يىرگىنىشلىك دۇنيادا ياشىدىم. ياتار يىرىم شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلەت تۇڭى بولدى. سەگىدەيدىغان يىرىم قان يۇقى سىسىق تازلىق قەغىزى تاشلانغان ھاجەتخانا بولدى.يىيىشىم مەن ئارزۇ قىلىدىغان تاۋۇز شاپىقى ۋە مېزىلىك يۇندا بولماستىن ، مەن يالاشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايدىغان ئاشۇ سىېتودىنىتنىڭ «خاسىيەت » ماركىلىق تازلىق سۇيۇقلىقىنىڭ يۇندىسى بولدى.
بۇ دۇنيانىڭ قىلچىمۇ ئارزۇلىغىچىلىقى يوقكەن. يەم تېپىپ قورساق تويغۇزۇشنىڭ تەسلىكىغۇ بىر گەپ ، سەللا ئىھتيات قىلمىسىڭىز سىزدىن چوڭلار سىزنى قەدەمدە بىر ئالداپ ، شىرىن شىكەر سۆزلىىرىمۇ يوق ھىچ ئىشتىن - ھىچ ئىش يوق شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇپلا ئۇچۇپ كەتكەن. ھۈشىڭىزغا كىلىپ ئەمدى ئۇچاي دىسىڭىز، ئاشۇ «ئاكتىيور» قىزنىڭ يىرگىنىشلىك پالاقلىرى سىزگە تەڭلىنىپ تۇرغان. -
ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى - [يېڭى ئارىلىق پەنلەر]
2009-01-30
_ماتېماتىكا تىلشۇناسلىق _ ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىقتىن پەيدا بولغان يېڭى ئارىلىق پەن . ئۇ ئاساسلىقى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . گەرچە ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىق بارلىق پەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى بولغان پەن تارماقلىرى بولسىمۇ ، بۇ ئىككى پەن تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشىندىن ھاسىل بولغان ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى تىخى ياش پەن . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىققا كىلىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ، كۇمپىيوتىېر ئىلمى ، تىزگىنلەش نەزەرىيىسى ۋە سۇنئى ئەقىلشۇناسلىق قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر پەن بولۇپ قالدى .
-
ئۇچ يۇرۇكۇم بار مىنىڭ - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2009-01-30
ئۇچ يۇرۇكۇم بار مىنىڭ
يۇرۇكۇمنىڭ ئوڭ تەرپىدە كۇن بار ،
يۇرۇكۇمنىڭ سول تەرپىدە ئاي بار ،
شۇڭا دەيمەن،
ئۇچ يۇرۇكۇم بار مىنىڭ !ئۇچ يۇرەك...
-
ئەزگۈ خىياللار - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2009-01-30
ئەزگۈ خىياللار
كونا يىلغۇ كەتتىغۇ ئۇزاپ،
كۆڭلۇم لىكىن غەشلىكتە كېزەر.
بىلمىدىمغۇ روھىمنى نېچۈن،
بىر كۆلەڭگە رەھىمسىز ئىزەر ؟!
پەريات....
ئۇيغۇرۇم دەپ رىيازەت چەكتىم،
ئىزدىدىم مەن كىم ئىدىم ... -
مۇھەممەت مۇسا خارازىمى 780 - يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.بۇ شەھەر كىيىنچە شەرقىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.
ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى ) دىن باشقا ئەرەپ ، يۇنان ، پارىس ، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن . ھەمدە ماتېماتىكا ، ئاستۇرنومىيە ، جۇغراپىيە ، مىدىتسىنا ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بىرىلىپ تەتقىق قىلغان . كىيىن مەشھۇر ماتىماتىك بولۇپ يىتىلگەندىن كىيىن ئەينى چاغدىكى شەرىق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا تەكلىپ قىلىنىپ ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5- خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا < ھىكمەت ئۆي > دەپ ئاتالغان كۇتۇپخانىدا كۇتۇپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن -
ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىدىن ئۇچېرىك(1) - [ماتېماتىكا تارىخى]
2009-01-14
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ماتېماتىكا ئىلمىي جەمئىيىتى1982-يىلى ھازىرقى زامان يېڭى ئۇيغۇر يىزىقىدا تۇنجى ماتېماتىكىلىق كەسپىي زورنال « ماتېماتىكا » نى نەشىر قىلىپ ، شۇ يىلى ئىككى سان نەشىر قىلغان ئىدى. كىيىن قانداق سەۋەپ بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ زورنال نەشىردىن توختىدى .باشقا ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقاد يۇرۇتلىرىنىڭ زورناللىرىدا ماتېماتىكا پىنىگە ئاتاپ مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىلغان بولسىمۇ ، بۇ زورنال ھىقىقى ئۇيغۇر يېزىقىدا مەخسۇس مۇشۇ پەن ساھەسىگە ئاتاپ نەشىر قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى ، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ( مەن مۇشۇ ماقالىنى يىزىۋاتقانغىچە ،ئۇيغۇر يىزىقىدىكى مەخسۇس كەسپىي زورنالنى كۆرمىدىم -- بەلكىم پىكىرىم خاتادۇر )كەسپىي زورنال بولۇش سۇپىتى بىلەن؛ ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ
-
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2009-01-14
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ئاتالمايدۇ پەشۋانىمۇ ھەم.
تۇزى يوقكەن تاماقنىڭ دىمەس،
تىلىمۇ يوق تىتالمايدۇ تەم.
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
تىللالمايدۇ ، تىللىغاننىمۇ.
ئادەم ئەمەس، ئىشەك يا كالا،
مۇشۇنداق دەپ ئىلغىغاننىمۇ !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
مەكتەپلەر كۆپ ، مەرىپەت تولا؟!
لۇكچەك ئەمەس كۆزى ئالغاينى،
دەيدۇ ھاكىم ھازىرلا سولا !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
مەچچىدلەر كۆپ رايىشتۇر ھەممە.
قالايمىقان قىلمىشلار ئۇچۇن،
ئاخۇنۇم دەر- سەن يىقىن كەلمە !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
يول يۇرۇشتە باردۇر بىر نىزام .
يولدا ماڭساڭ ئارقىچىلاپ ماڭ ،
كۆرىۋالاي دىسەڭ سەن يېزام.
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ھەرگىز دىمە چىققانتى بۇرۇن.
نەفىسە ھەم سەئىدىخانلار ،
قايتا يەنە ماڭا سەن كۆرۇن !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ھەممە قىلۇر چىلتەنگە تاۋاب.
يەكەن خەلقى لۇكچەك بولمايدۇ،
ئىلىپ كەلدى «قۇللۇق»تىن ساۋاب.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۇنى، ئۇرۇمچى.