-
ماتېماتىكا - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2010-08-06
نېمە ئۇ دېگىنە ماتېماتىكا ؟
بالىلىق يىللارنىڭ شىرىن خىيالى؟
" ؟ " نى مۇئەللىم ئالدىمغا قويۇپ،
قىنى تاپ -دەپ تۇرغان قىيىن سۇئالى؟بىشىدا تونۇشماق قىيىنتى،ئەمما،
سەن بىلەن دوسلاشتۇق ئۇزاق زامانلار.
مەن ئۈچۈن سەنسىزلىك ئەمدى مۇئەممە،
قىينالسام سۇئالدا باردۇر ئاماللار.بەزىدە مەن شۇنى ئويلاپ قالىمەن،
مەن ساڭا نە سەۋەپ ئامراقمەن شۇنچە.
گاھى سەن ئالدىمغا قويساڭ مەسىلە،
ئۇنىڭغا جاۋاب-دەپ تىزىمەن ئۈنچە.سەن ئىسپات ئىزدەيسەن ھەر بىر داۋەگە،
رىيازەت چەكسەڭمۇ قىلمايسەن تاقەت.
ئىسپاتلاپ ، دەلىللەپ چىققان يەكۇندىن،
ئەزەلدىن ھىچ ۋاقىت يانمايسەن پەقەت.ئۆزگىرەر پەلسەپە، تارىخ ، ئىقتىساد،
گوياكى سارغايغان بىر كۇنگە باقار.
ئۆزگىرەر ھەتتاكى تىل-ئەدەبىيات،
گاھىدا دەريالار تىشىغا ئاقار.ئەمما سەن تۇرىسەن سۆزۇڭدە ئەبەت،
راستىڭنى سۆزلەيسەن قىلىچ كەلسە ھەم .
سەن ئۈچۈن ئۆتمەيدۇ ھىچ بىر ئۆتىنىش،
ئۆتمەيدۇ سەن ئۈچۈن ھىلە بىلەن پەم.قىيىن- دەپ بەزىلەر تىنىم تاپمايدۇ،
"مەن ئۆچ" دەپ بەزىلەر قىلىدۇ خىتاب.
كى بۇنداق قىيداشتىن ھىچ ئىش پۇتمەيدۇ،
سىزگە ھەم خىتاب شۇ : كۆرەيلى كىتاب!
2010-يىلى 7-ئاي.يەكەن
收藏到:Del.icio.us