ماتېماتىكا بلوگى

ماتېماتىكا بىلوگى - ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋىرسال بلوگ
ماتېماتىكا بلوگى قۇرۇلغىلى

Google گوگۇلدىن ئىزدەش مۇشۇ بلوگدىن ئىزدەش  
  • نېمە ئۈچۈن ئايال ماتېماتىكلار ئاز - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2011-07-26

    ئىلىم-پەندە ‹‹ئەر-ئاياللار باراۋەرلىگى›› نى قۇلغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن بولغان ئىسلاھاتلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلاندى. پولشادا تۇغۇلغانM.كىيۇرى خانىم ئىلگىرى –كىيىن بولۇپ نوبېل فىزىكا موكاپاتى بىلەن نوبېل خىمىيە موكاپاتىغا ئېرىشتى؛ جوڭگۇدا چوڭ بولغان دوكتۇر ۋۇجەنشىيۇڭ ئامېرىكا فىزىكا جەميىتنىڭ تۇنجى رەئىسى بولۇپ قالدى.ئۇلار ئايال ئالىملارنىڭ كۆزگە كورۇنگەن ۋەكىللىرى. نورغۇنلىغان ئايال ياشلار ئۇلارنى ئولگە قىلىپ ئىلىم –پەن يۇلىغا ماڭدى.

         ئوز- ئارا سىلىشتۇرغاندا، ئاياللارنىڭ فىزىكا ،خىمىيە، بىئۇلۇگىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق ساھەلەرگە قارغاندا نەتىجىلىرى زۇر بولسىمۇ، لىكىن ماتىماتىكا ساھەسىدىكى نەتىجسى ئازراق،ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان ئاياللار تېخىمۇ ئاز. بۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە  ئۇزۇن مۇددەت كەمسىتىشكە ئۇچۇرغانلقغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكلار تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى16:39:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىكلارنىڭ كوللىكتىپ رەسىمى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2011-07-26

    بۇگۇن تور ئارىلاۋېتىپ بىر ئىسىل رەسىمنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. بۇ رەسىمدىكى يارقىن نوقتا شۇكى : ھەر بىر ماتېماتىكنىڭ قولىدىكى ماتېماتىكىلىق ئەسۋاپ ۋە مۇناسىپ ماتېماتىكىلىق فورمىلاردۇر.... ، قېنى سىزمۇ تەپسىلى كۈزۈتۈپ ھۈزۈرلىنىپ بىقىڭ .


    خەتكۈچ:ماتېماتىكلار سۇرەت
    ماتېماتىكا| ۋاقتى14:44:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك-- ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2011-05-12

    8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەرەب مىللىتى پارسلار، تۈركلەر(تۈركىيلەر)، ھىندىلار ۋە گېرىكلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مۇھىم ئەسەرلەر ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئارقىلىق ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاساس سېلىندى. تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسەن پەلسەپە، مەنتىقە ۋە تەبىئىي پەن ساھەسىگە مەركەزلەشتى. بۇ تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسىدا تەتقىقات، تەجرىبە ۋە ئىجادىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرىلىپ، باغدادنى مەركەز قىلغان يېڭى بىر ئىلمىي مۇھىت شەكىللەندى. خەلىپە مەمۇن دەۋرىدە(813- 833) قۇرۇلغان ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە كۇتۇپخانىسى ھېساپلانغان بەيتۇل ھىكمە(<<ئەقىل سارىيى>> دېگەن مەنىدە) تەرجىمە پائالىيىتى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر بازا بولدى. نەتىجىدە ئالەمشۇمۇل خاراكتېرنى ئالغان يېڭى بىر مەدەنىيەت مەيدانغا كەلدى. بۇ مەدەنىيەت ئەرەب تىلى ۋە يېزىقى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغاچقا، تارىختا <<ئەرەب مەدەنىيىتى>> ياكى <<ئەرەب -- ئىسلام مەدەنىيىتى>> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. ئالەمشۇمۇل خاراكتېرنى ئالغان بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئەرەبلەردىن باشقا پارسلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ھەسسىسىمۇ ناھايىتى زور ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن باغدادقا كەلگەن ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن بەيتۈل ھىكمەدە توپلانغان تۈرك ئالىملىرىنىڭ تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرى ئەرەب پەن تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ بىر ھالەت پەيدا قىلدى. بۇ ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرى دۇنيا پەن تارىخىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكلار تەرجىمھال تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى10:36:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئەلى نەسىن ۋە دۇنيانىڭ تۇنجى "ماتېماتىكا يېزىسى" - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2011-03-24

    CNN TÜRK قانىلى يېقىنقى "يېڭىلىق ياراتقۇچىلار (Fark Yaratanlar | ChangeMakers)" سەھىپىسدە، دۇنيانىڭ تۇنجى "ماتېماتىكا يېزىسى"نى قۇرۇپ چىققۇچى، مەشھۇر تۈركىيە ماتېماتىكا ئالىمى ئەلى نەسىننى تونۇشتۇردى.

    فامىلىسىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئەلى نەسىن مەشھۇر يازغۇچى ئەزىز نەسىننىڭ ئوغلى. ئۇ 1956-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرىنى
    شۋېتسارىيدە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان. كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرستېتى ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1995- يىلى دادىسى ئەلى نەسىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۈركىيگە قايتقان ۋە نەسىن فوندى (1973-يىلى ئەزىز نەسىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئوقۇشسىز بالىلارنى ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساسىي ۋە ئاخىرقى مەقسەت قىلغان بىر فوند) غا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان. 1996-يىلىدىن باشلاپ، ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرستېتى (İstanbul Bilgi Üniversitesi) ماتېماتىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، 2003-يىلى يانۋاردىن باشلاپ "ماتېماتىكا دۇنياسى ژۇرنىلى"نىڭ مەسئۇل مۇدىرى، 2004-يىلىدىن باشلاپ "نەسىن نەشرىياتى" باشقۇرغۇچىسى، 2006-يىلىدىن باشلاپ "تۈرك ماتېماتىكا ئىتتىپاقى"نىڭ ئىقتىسادىي بۆلۈمى مۇدىرى... قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ.

    ئۇنىڭ پۈتۈن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىچىدە كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى يەنىلا ئۇ 2007-يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن قۇرۇپ چىققان "نەسىن ماتېماتىكا يېزىسى"دۇر.

    نەسىن ماتېماتىكا يېزىسى، ئەزىز نەسىننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ئوغلى ئەلى نەسىن تەرىپىدىن تۈركىيىنىڭ 3-چوڭ شەھىرى ئىزمىر شەھەر سىرتىدىكى، نەسىن فوندىغا قاراشلىق 55 دۆنۈم (تۈركىيە يەر بىرلىكى، تەخمىنەن 920 چاسا مېتىر) يەردە 2007-يىلى مايدا قۇرۇلغان. پۈتۈن يېزا ئەمەلىيەتتە بىر ماتېماتىكا دەرسخانىسى بولۇپ، مۇھىتى ناھايتى تەبئىي، ئازادە ۋە ئارامبەخش. يېزىدا تېلىۋىزور، تېلىفون، قاتناش ۋاستىلىرى... دېگەندەك نەرسىلەر يوق بولۇپ، جىمجىت ۋە ئاكادېمىك بىر مۇھىت يارىتىلغان.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكلار تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى14:03:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىك تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-11-01

    تەبىئىي پەنلەر دوكتورى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك   1961- يىلى 10- ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى ھەم شۇ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

    تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

    تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم مىللي يېزىقتىكى ماتېماتىكا ماتېرىياللىرىنىڭ ئىنتايىن كەملىكىنى ھېس قىلىپ ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى«ئۆلچەم نەزەرىيىسىدىن مۇقەددىمە»، «ھەقىقىي ئۆزگەرگۈچىنىڭ فۇنكىسىيىلىك نەزەرىيىسى ۋە فۇنكسىئونال ئانالىز يېتەكچىسى» ، «ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا تەھلىلى» ، «ئالىي ماتېماتىكىدىن مۇلاھىزە سوئاللىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەشرىياتى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردا نەشىر قىلدۇردى. ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن «دىسكرېت ماتېماتىكا»، «IBM-PC ئاسسېمبل تىلىدا پروگرامما لايىھىلەش»، « C تىلدا پروگرامما لايىھىلەش» قاتارلىق كىتابلارنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا «باغلىق بولمىغان توپولوگىيىلىك بوشلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە»، «ۋېۋېللىت ۋە سىگنال» قاتارلىق 23 پارچە ماقالىسى مەملىكەت ئىچى ۋە رايونىمىزدىكى


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكلار ئۇيغۇرلار تەرجىمھال
    ماتېماتىكا| ۋاقتى19:05:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ماتىماتىكا ئالىمى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-11-01

     (ئېۋلېر- (1707-1783  

    لېئونارد پائۇل ئېۋلېر 18-ئەسىر ماتىماتىكا تەرەققىياتى ئېۋلېر دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېۋلېر ، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى گېرمانىيە ۋە رۇسىيەدە ئۆتكۈزگەن، دۇنيا تارىخىدا ماتىماتىكىغا ئائىت ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ئالىم بولۇپ ئۇنىڭ يازغان ئىلىمى ماقالىلىرى ئورريرا ھىساپ بىلەن يىلىغا 800بەتتىن توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ماتىماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى نىيوتون ، گائۇس لار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدۇ دىسەك ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ .
       ئەيلىر ماتىماتىكىدىن باشقا يەنە مېخانىكا، ئوپتىكا ۋە ئاستىرونومىيە ساھەسىدىمۇ زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. داڭلىق ماتېماتىك لاپلاس« ئېۋلېرنى ئوقۇيلى، ئېۋلېرنى ئوقۇيلى ، چۈنكى ئۇ ماتىماتىكىنىڭ خوجايىنى، ھەمممىزنىڭ ئۇستازى» دىگەن بىر كۇبلىت سېئىرى ئارقىلىق ئەېيلېرنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. شىۋېىتسارىيەنىڭ 10فىرانىكلىق پۇلى ۋە گېرمانىيە ، رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن پوچتا ماركىسىدا ئېۋلېرنىڭ ئوبرازىنى كۆرەلەيمىز. 
     


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكلار تەرجىمھال
    ماتېماتىكا| ۋاقتى18:04:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتىماتىك بېنوئىت ماندېلبروت ئالەمدىن ئۆتتى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-11-01

     

    فراكتىكال(پارچىلانغان شەكىل)نەزىرىيىسى بىلەن دۇنياغا نامى مەشھۇر ئاتاقلىق ماتىماتىك بېنوئىت ماندېلبروت(Benoit Mandelbrot) ئامېرىكىدا85يېشىدا  10-ئاينىڭ 14-كۇنى  ئالەمدىن ئۆتتى.

    BBCنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماندېلبروت بۇ نەزىرىيىسىگە ئاساسەن بۇلۇت،دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى دېگەندەك ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان شەكىللەرنى ئۆلچىگەن.

    مەسىلەن، خەرىتىدە بىر ئارال قارىماققا ناھايىتى تەكشى كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يېقىن ئارىلىقتا تەپسىلىي قارىغاندا،چەكسىز تەكرارلىنىپ كەتكەن ھەرە چىشىدەك قىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    ماندېلبروتنىڭ نەزىرىيىسى فڧىزىكا، بىئولوگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلگەن.

     

     


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكلار سۇرەت
    ماتېماتىكا| ۋاقتى17:00:00 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىك لىبېك - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-09-20

    لىبېك(ھەنرى لەبەسگۇئە) بولسا فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى بەئائۇۋائىس رايونىدا، 1875-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى يەھۇدىي خەت تىزغۇچى بولۇپ تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. لىبېكنىڭ ھاياتى گادايچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئاپىسى ئىشلەپ لىبېكنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. لىبېك باشلانغۇچ مەكتەپتىلا بەكلا تالانلىق ئوقۇغۇچى ئىدى. لىبېك 1941-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ 2 بالىسى بار ئىدى. ئۇ فرانسىيە ھەم “وللېگە دىئە فرانە” ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مەڭگۈلۈك پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن.
    لىبېك بولسا لىبېك ئىنتېگرالىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ 19-ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئانالىتىك ماتېماتىك ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گېئومېتىريىدىكى تەبىئىي چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ئانالىتىك ماتېماتىكىغا يېڭى بىر چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان لىبېك ئىنتېگرالى ئۇزۇنلۇق ھەم يۈزگە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلگەن تەتقىقات بولۇپ ئۇنى ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ماقالىسىگە يىغىنچاقلايدۇ. بۇ نەزەرىيە ھازىرقى زامان ئىنتېگرال نەزىرىسىگە تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن فۇريە (فوئۇئورىئەر) قاتار نەزەرىيىسى ھەم پوتېنسىئال نەزەرىيىسى قاتارلىقلارغىمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنى تەرەقى قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ توپولوگىيە گېئومېتىريىسى ۋە توپلامغا لىبېك ساننى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ماتېماتىكىنىڭ ئاساسى چۈشەنچىسىگە تۆھپە قوشىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ رىمان ئىنتېگرالىدا ساھەنى قورشاپ تۇرىدىغان ئەگرى سىزىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىزلىك چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز بولمىغان ئەگرى سىزىقلارغا كېڭەيتىپ ئىنتېگرال تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ماتېماتىكىدا دەۋرى خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكلار تەرجىمھال
    ماتېماتىكا| ۋاقتى19:43:47 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئارخىمېد (阿基米德) - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-09-20

     

    ئارخىمېد قەدىمكى يۇناننىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىمى. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 287- يىلى ستسىليە ئارىلىدىكى سىراكۇزى شەھىرىدە تۇغۇلغان.

    ئۇنىڭ دادىسى قەدىمكى يۇناننىڭ ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ئالىمى ئىدى. ئارخىمېد كىچىكىدىنلا دادىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغاچقا ماتېماتىكىغا بەكمۇ قىزىقاتتى. ئۇ خېلى بۇرۇنلا قەدىمكى يۇناننىڭ مەشھۇر ماتېماتىكى ئېۋكىلىد ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 330- يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 275- يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «گېئومېترىيە پىرىنسىپلىرى» نى ئۆگىنىدۇ. ئۇ 11 يېشىدا ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركىزى – نىل دەرياسى بويىدىكى ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە ئوقۇيدۇ. ئۇ مەزگىللەردە مەشھۇر ئارخىمېد ۋىنتى (بۇرمىلىق سۇ چىقارغۇچى) نى كەشىپ قىلىپ، نىل دەرياسىدىن پايدىلىنىپ سۇغىرىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ، ئۇ سىراكۇزىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.

    ئارخىمېدنىڭ فىزىكىدىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى __ سىتاتىكا ۋە ئاقار جىسىملار ستاتىكىسى جەھەتتە بولۇپ، «تەكشىلىك شەكىللىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى توغرىسىدا» دېگەن كىتابىدا جىسىم ئېغىرلىقلىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ئارىلىقلىرىنىڭ تەتۈر نىسبىتىگە تەڭ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پىشاڭ قانۇنىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئارخىمېد پىشاڭ قانىنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، سىراكۇزى پادىشاھى گېنىروغا خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: «مەن كۈچنى چوڭايتىش ئامالىنى تاپتىم»، ماڭا بىر تايىنىش نۇقتىسى ۋە تۇرغۇدەك ئورۇن بولسىلا يەر شارىنى يۆتكىۋېتەلەيمەن.»


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكلار تەرجىمھال
    ماتېماتىكا| ۋاقتى13:52:04 | 阅读全文 | ئىنكاس1 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ياش ماتېماتىك غەنى غوپۇر - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-09-16

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور غەنى غوپۇر 1972-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى توقسۇن ناھىيەسىدە دېھقان ئاىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئاساس ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا، 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر ماگىتېرى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى تەتقىقات ئورنىدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئىلمى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبىئىي پەنلەر دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باۋجيې مۇنەۋۋەر دوكتور ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ئىلمى دوكتور ئاشتى كۈچمە تەتقىقات پونكىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، 2003-يىلى 6-ئايدا بۇ يەردىكى تەتقىقاتىنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈزى تەربىيەلىگەن تۇنجى پوستدوكتور بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا-سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى (31 يېشىدا پروفېسسور بولغان)، دوكتور ئاسپىرانتپار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭخۇئا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.


    خەتكۈچ:ماتېماتىكلار ئۇيغۇرلار تەرجىمھال
    ماتېماتىكا| ۋاقتى13:25:06 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئەڭ قىسقا ئۆمۈر كۆرگەن ماتېماتىكا ئالىمى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-08-22

     

    ماتېماتىكا تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، نۇرغۇن ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ فوتو ۋە سىزما سۈرەتلىرىمىز. بۇلارنىڭ كۆپى ئوتتۇرا ياشلىقلار ياكى ياشانغانلار، پەقەت فرانسىيە ماتېماتىكا ئالىمى گالۇ ئالا بالىلىق مىجەزى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش يىگىت ئىدى.  گالۇئا توپلام نەزىرىيىسىنى ئىجات قىلغانلىقتىن، ئابىستراكىت ماتېماتىكىنىڭ ئاساسىچىسى بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇ 20 يىللا ياشىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ماتېماتىكا ساھەسىدە زور نەتىجە ياراتقان  ئەڭ ياش ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گالۇئا 1811 - يىلى 25 - ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان. 12 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوتتۇرا ھال ئوقۇغان. لېكىن ئۇ ماتېماتىكىغا بەكمۇ قىزىقاتتى. 16 يېشىدا داشۆگە كىرمەكچى بولسىمۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. 17 يېشىدا بىر پارچە ماقالە يازغان بولىسمۇ. لېكىن ئۇنى ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ ماتېماتىكا  ئالىمى گوسى يۈتتۈرۈپ قويغان. گالۇئا 18 ياشقا كىرگەندە ئوقۇتقۇچى بولۇش نىيىتىدە سىفەن شۆيۈەنگە كىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ماتېماتىكا بويىچە مۇكاپات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يازغان ماقالىسىنى مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى فورييې ئۆيىگە ئاپىرىپ يۈتتۈرۈپ قويىدۇ. فرانسىيە 1830 - يىلى ئىيۇلدا بوربون  سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش يۈزىسىدىن ئاممىۋىي كۈرەش پارتلىغاندا، گالۇئا ئىنقىلابىي ئىشلارغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ يەنە بىر پارچە ماقالە يېزىپ پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە يوللايدۇ. ئەمما ئەينى زاماندىكى مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى پوۋاسون بۇ ماقالىقىنى«چۈشەنگىلى بولمايدىكەن» دەپ تەستىق سۆز يېزىپ قايتۇرىۋېتىدۇ. 1831 - يىلى گالۇئا پادىشاھنى قوغداش پارتىيىسىگە قارشى كۈرەشكە داۋاملىق قاتنىشىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بىر يىغىنىدا ئۇ پادىشاھ لۇئى فىلىپنى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنىپ ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. گالۇئا تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئايال ئۈچۈن  دوئىلغا چىقماقچى بولىدۇ. ئەينى زاماندا ئىجىتىمائىي شارائىت ئۇنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. دوئىل ۋاقتى 1832 - يىلى 30 - ماي قىلىپ بەلگىلىنىدۇ.  دوئىلغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى گالۇئا ئۆلۈم تەھدىتىنى ئالدىن سېزىپ، بىر سائەت ئىچىدە قىسىقىغىچە خاتىرە يېزىپ ھەم دوستىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۆزى ئاساس سالغان نەزىرىينىڭ ئاساسىي  مەزمۇنىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇ خېتىدە ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى ياكوبى بىلەن گائۇستىن ئۆزىنىڭ تېئورىمىسىغا ئادىل پىكر بېرىشىنى ھەمدە ئۇنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە گالۇئا ئۆز رەقىبى بىلەن دوئىلغا چىقىدۇ. ئوق ئۇنىڭ ئۈچىينى تېشىپ ئۆتىدۇ - دە، ئۇ يىقىلىدۇ. بۇ يولۇچى دېھقان ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ.  ئىككىنچى كۈنى يەنى 1832 - يىلى 31 - ماي ئەتىگەندە تالانتلىق گالۇئا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا نەچچە مىڭلىغان  جۇمھۇرىيەتچىلەر قاينىشىدۇ. دوئىلغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى يېزىلغان خەت ئېلان قىلىندى. بۇنى گالۇئا كۆرەلمىدى. ئەلۋەتتە، ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، گالۇئانىڭ خىزمىتى جامائەت تەرىپىدىن كەڭ ئېتىراپ قىلىنىدى. گالۇئا ھەر بىر ئالگىبرالىق تەڭلىمىدە ئالاھىلىدىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئورۇن ئالماشتۇرۇش توپلىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېپىپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يىلتىزلىق ئىپادە ئارقىلىق يەشكىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۇنىڭ نەزىرىسى توپلام نەزىرىيىسىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىشىغا ئاساس سالدى. ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن داشۆلەردە ياش گالۇئانىڭ سىزما سۈرىتى ئېسىلىدۇ.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكلار تەرجىمھال
    ماتېماتىكا| ۋاقتى18:49:05 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئەسىر ئىگىسى- ئەبۇ رەيھان بۈرونى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-08-03

     

    (973~1051)

    ئۈزى ياشىغان ئەسىرنىڭ بۈرونى ئەسىرى دۈيىلىشىگە سەۋەب بولغان دۇنياۋى ئالىم ئەبۇ رەيھان بۈرونى ئاسىيانى يورۇتقان تۈت مەركىزىي ئاسىيالىق(شەرقىي ئاسىياغا بۇددا دىنىنى تاراتقان كومراجىۋا، غەربىي ئاسىياغا ئىسلام پەلسەپىسىنى تۇرغۇزغان فارابى، جەنۇبىي ئاسىياغا ئۇنىۋۈرسال بىلىملەرنى يەتكۈزگەن بۈرونى، شىمالىي ئاسىياغا يۈزىق تاراتقان تاتاتۇڭا نى كۈرسىتىدۇ) نىڭ بىرى بولۇپ 973-يىلى خارەزىمدىكى قاش شەھرىنىڭ بۈرون دىگەن يۈرىدە دۇنياغا كەلگەن. تولۇق ئىسمى ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد بىننى ئەھمەد بۈرونى.
    بۈرونى ئاتىسىدىن كىچىك يىتىم قۈلىپ مەدرىستە تىرىشىپ ئوقۇغانلىقتىن ياش ۋاقتىدا خارەزىمشاھلار تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ تۈرك، پارىس، ئەرەب تىللىرىنى ، قەدىمقى زامان تىللىرىدىن ئىبراي ۋە سۈرىيە تىللىرىنى پىششىق ئۈگەنگەن، 17يۈشىدا تۇنجى ئەسىرىنى يۈزىپ ماتىماتىكا، فىزىكا، پەلسەپە، دىن، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، تارىخ پەنلىرىدە شۇ زاماننىڭ ئالىملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 1017-يىلى غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن غەزنىگە بۈرىپ ئىككى يىلدىن كۈيىن ھىندىستاندىكى راجاستان شىتاتىنىڭ ئاگمىر دىگەن يۈرىگە بۈرىپ سانسىكىرت يۈزىقىنى ئۈگەنگەن. لاھۇر، مۇلتان، پىشاۋۇر قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ «ھىندىستان ھەقىدە كىتاپ» ناملىق ئىلمى ئەسەرنى يازغان. سانسىكىرت ۋە ئەرەپ تىلىدا «قەدىمقى ئاسارە ئەتىقىلەر»، «مەسئۇدنىڭ ئىلمى نۇجۇم ۋە مۇنەججىملىك پىرىنسىپلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يۈزىش بىلەن بىللە ئوتتۇرا غەربى ئاسىيادىكى پىكىر ئۈقىمى ۋە كەسپى بىلىملەرنى، پەلسەپىۋى قاراش. ئاستىرونومىيە ۋە تەبىئى پەن-بىلىملىرىنى ھىندىستانغا يەتكۈزۈپ ئىسلام دىنىنىڭ ھىندىستانغا تارقىلىشىغا، ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا غەربى ئاسىيا ئارىسىدا ئىلمى ئالاقىنىڭ بولۇشىغا ئاساس سالغان. ئۈيتىشلارغا قارىغاندا بىرۇنى ھىندى تىلى ئۈگىنىپ، بىر يىلدا ھىندى تىلىدا كىتاپ يازغانلىقتىن ھىندى ئۈلىمالىرى چۈچۈپ كۈتىشكەن، غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەسئۇد ئۇنىڭ «قانۇنى مەسئۇد» ناملىق ئەسىرى ئۈچۈن بىر پىل يۈكى كۈمۈش پۇل بەرگىنىدە برۇنى رەت قىلغان ئىكەن. بىرۇنى ئاخىرقى ئەسىرى بولغا«سەيدەلەفىتتىپ»(تىبابەت غوجىسى) ناملىق ئەسىرىنى 80يۈشىدا تاماملاپ 1051-يىلى غەزنە شەھرىدە ۋاپات بولغان.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكلار تەرجىمھال
    ماتېماتىكا| ۋاقتى00:42:58 | 阅读全文 | ئىنكاس3 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىملىرى (6) رىشات ئابدۇروسۇل - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-07-30

    رىشات ئابدۇروسۇل تەبىئى پەن دوكتورى. كانادا سىمون فراسەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پوست-دوكتۇر(دوكتۇر ئاشتى) تەتقىقاتچىسى. ماتېماتىكىلىق كونترول نەزىرىسى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. رىشات ئابدۇروسۇل 1962-يىلى 7-ئايدا غۇلجا شەھەردە تۇغۇلغان. 1979-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1984-يىلى 9-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

    ئۇ 1988-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ 3-قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، ياپونىيە توكيو دەنكى ئۇنۋېرسىتېتى تەبىئى پەن-سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1990-يىلى 10-ئايدا، ئۇ ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ، 1991-يىلى 6-ئايدا شەخسى راسخوتى بىلەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن قايتا ياپونىيىگە چىققان، ھەم بۇرۇن بىلىم ئاشۇرغان فاكۇلتېتتا ماگىستېرلىق، دوكتورلۇق ئوقۇغان. 1996-يىلى 9-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلى 4-ئايدىن 1999-يىلى 3-ئايغىچە كومپيۇتېر شىركىتى «Algo21 corporation» دا كومپيۇتېر ئىنزھېنېرى بولۇپ ئىشلەپ،  CAM(Computer Aided Manufacturing) سىستېمىسىنى تەتقىق ھەم ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1999-يىلى ئۈزى ئوقۇغان مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ، كەسپى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشقان. ئۇ 2004-يىلى لېكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن شۇ مەكتەپنىڭ COE تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ قاتنىشىپ «Human Adaptive Mechatronics» يەنى ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشالايدىغان ئېلېكتر مېخانىك سايمانلىرى (روبوت -- ماشىنا ئادەم) توغرىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 2005-يىلى 10-ئايدا   ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كۈچمەن بولۇپ بارغان بولۇپ، ھازىر كانادانىڭ Vancouver شەھەردە تۇرىدۇ.


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكلار ئۇيغۇرلار تەرجىمھال
    ماتېماتىكا| ۋاقتى09:25:00 | 阅读全文 | ئىنكاس1 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىملىرى (5) بىلال ئىلياس - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-07-30

    بىلال ئىلياس تەبىئى پەن ماتېماتىكا دوكتورى. ياپونىيە رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ماتېماتىكا ۋە CALL سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلال ئىلياس 1958-يىلى 1-ئايدا سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

    ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ ياپونىيە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتې تەبىپەن ئىنىستۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان ، 1986-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شۇ فاكۇلتېتنىڭ ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، 1988-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىنى ئالغان. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ 1988-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە كومپيۇتېر تىللىرى قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىش بىلەن بىللە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ مۇكاپاتلارغا ئەرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورتران77 تىلىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ پروگراممىلىرى(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى) دېگەن ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىگىنى نەشر قىلغان. بىلال ئىلياسنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولغانلىقتىن , 1991-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۈستۈرۈلگەن


    خەتكۈچ:تەرمە ماتېماتىكلار ئۇيغۇرلار تەرجىمھال
    ماتېماتىكا| ۋاقتى08:54:49 | 阅读全文 | ئىنكاس1 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ماتېماتىك جەمشىد ھىجرى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]

    2010-07-01

    غەربتىكى مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىجادىيەتلىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرى بىلەن ئىنسانىيەت ھەزارىتىگە چوڭ خىزمەت قىلىشتىكى رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ياۋرۇپالىق ئالىملار غىياسۇددىن، دەپ تونۇلغان جەمشىد ئىبنى مەسئۇد ئىبنى مەھمۇد كاشانى ھىجرى 9ـ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ماتېماتىكا ئالىمى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ كۈنىمىزدە پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان ئونلۇق كەسىر سانلارنى ئىجاد قىلغان. بۇ ئىجادىيەتنىڭ ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ھېسابلاش جىھازلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا چوڭ رولى بولغاندۇر.

    جەمشىد كاشانىنىڭ "مىفتاھۇل ھۇسساب فى ئىلمىلھىساب (ماتېماتىكاچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىلمىدىكى ئاچقۇچى)" ناملىق ئەسىرى مەكتەب ۋە ئۈنىۋېرسىتىتلەردىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈشتە غەرب ۋە شەرق ئالىملىرىنىڭ ئەسىرلەرچە تايىنىدىغان مەنبىئى بولغاندۇر. شۇنىڭدەك ئالىملار كاشانىي ئىجاد قىلغان ۋە دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە ۋە قانۇنلارنى ئىشلەتكەندۇر.

    جەمشىد ھىجرى 8ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىراننىڭ كاشان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە ھىجرىنىڭ 839ـ يىلى (1435ـ م) ۋاپات بولغاندۇر. ئۇ ۋاپاتىدىن 20 يىل ئاۋۋال كاشاندىن سەمەرقەنتكە كۆچۈپ بارغان ۋە ئونلۇق كەسىر ساننى ئۇ يەردە ئىجاد قىلغان. كاشانى ئونلۇق كەسىر سانلارنى قانداق ئىشتىلىتىش ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يېزىپ، ئۇنى ئىشلىتىش يوللىرىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ تارىختا بىرىنچى قېتىم ماتېماتىكا ئىلمىنى ھەممە ئادەم ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. ئۇ تەقرىبى نىسبەتتە ئەڭ ئىنچىكە قىممەتكە ئېرىشكەن. غەرب ئالىملىرى جەمشىد كاشانىنىڭ ئۇلاشقان نەتىجىسى 20ـ ئەسىر ئالىملىرىنىڭ ھېسابلاش جىھازى ئارقىلىق يەتكەن نەتىجىسىگە تەڭ كېلىدۇ، دەيدۇ.

     


    خەتكۈچ:ماتېماتىكلار تەرمە
    ماتېماتىكا| ۋاقتى15:45:39 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
共2页 1 2 下一页 最后一页
ئابونت نامى:  
مەخپى نومۇر:  
بلوگ ئىلتىماس قىلىش | ياردەم

بلوگتىكى سەھىپىلەر

  • ماتېماتىكا يېڭىلىقلىرى[6]
  • مائارىپىمىزغا نەزەر[5]
  • ماتېماتىكا مائارىپى[9]
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى[18]
  • ماتېماتىكىلىق لۇغەت[19]
  • ماتېماتىكىلىق فىلىملەر[5]
  • ماتېماتىكا رېستۇرانى[66]
  • يېڭى ئارىلىق پەنلەر[8]
  • ماتېماتىكا ئالىملىرى[30]
  • ماتېماتىكا تارىخى[44]
  • قىزىقارلىق ماتېماتىكا[43]
  • ماتېماتىكىلىق قۇراللار[3]
  • ماتېماتىكىلىق يۇمۇرلار[9]
  • ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار[16]
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر[9]
  • تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى[5]
  • ماتېماتىكا كىتاپخانىسى[1]

باشقۇرۇش سۇپىسى

  • 进入后台 写新日志
  • 文章管理 评论管理
  • 更换模板 访问统计

يېڭى ئىنكاسلار

  • ئەلشەرەپ:http://uyghur.xjass.com/uygh...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • نۇرئەخمەت:ئاق كەپتەر بلوگى سىزنى يوقلا...
  • phonix820:ياخشىمۇسىز ماڭا بىرنامەلۇملۇ...
  • phonix820:ماقالىرىڭىز كۈندىن كۈنگە سەر...
  • چەۋەنداز:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشى...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربا...
  • چەۋەنداز:پەخىرلىنىدىغان دىيارىمىز بىز...
  • تۇرانىم:ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ؟ .سىزنى...
  • ماتېماتىك:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستۇم، ...

يېڭى تېمىلار

  • ماتېماتىكا دەرسىدىكى قىزىقچىلىق
  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق
  • ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىت
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە تۇغما قابىلىيەت كەتمەيدۇ
  • ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك
  • كۇۋادېرات قەغەزدىن مۇنتىزىم ئۇچبۇلۇڭ قاتلاش
  • 2011-يىللىق ئالى مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە ئۇنىڭ جاۋابى
  • ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب [算经十书]
  • نېمە ئۈچۈن ئايال ماتېماتىكلار ئاز
  • فارىس تىلى بىلەن كورت تىلىدىكى تۈپ سانلارنىڭ سىلىشتۇرمىسى
全部日志>>

ئۇيغۇرچە كالېندار

خەتكۇچتىن ئىزدەش

  • تەرمە[228]
  • ماتېماتىكا[164]
  • تەرجىمە[38]
  • ماتېماتىكلار[34]
  • ئوقۇتۇش[28]
  • لوغەت[27]
  • بىلىملەر[25]
  • ئۇيغۇرلار[24]
  • تەرجىمھال[19]
  • رەسىم[18]
  • تېپىشماقلار[16]
  • تارىخ[14]
  • سۇرەت[13]
  • ئىجادىيەت[12]
  • پەنلەر[12]
تېخىمۇ كۆپ...

ساقلىغۇچتىكى ئەسەرلەر

  • 2011-09[1]
  • 2011-07[16]
  • 2011-05[1]
  • 2011-03[2]
  • 2011-02[5]
  • 2011-01[14]
  • 2010 [175]
  • 2009 [87]

تۇغلۇق ئۇلىنىشلار

  • ulnix
  • ئوۋچى بلوگى
  • يۇكسەل بلوگى
  • dunya kara
  • چەۋەندازلار بلوگى
  • تارىم بلوگى
  • كۆزنەك بلوگى
  • رىشتىمىز بلوگلار ئۇلىنىشى
  • ئۇيغۇر ئۆرلە بلوگى
  • ulanmilar
  • تېپىشماقلار دۇنياسى
  • ئۇلىنىش مۇنبىرى
  • ماتېماتىكا بىلوگى
  • bolgzar
  • چىن دوست بلوگى
  • قوشۇق بلوگى
  • بىلقۇت مۇنبىرى
  • سەلتەنەت
  • ئەلشەرەپ تور خاتىرىسى
  • ئالەم(ئاستېرنومىيە) تورى
  • كۆكتۇغ تور مەھەللىسى
  • شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
  • دولقۇن731مەھەللىسى
  • نۇرقۇت تور خاتىرىسى
  • ئۆگىنىش بلوگى
  • سەھرا بلوگى
  • شەپقەت بلوگى
  • ئۇيغۇر بلوگېرلار مەھەللىسى
  • كۆزنەك بلوگېرلار مەھەللىسى
  • جەمگاھ ئۇلىنىشلىرى
  • ئۇلانمىلار تور تۇراسى
  • دۆلەتباغ بلوگى
  • تەكلىماكان بلوگى
  • ئىمكان بلوگى
  • شادلىق بلوگى
  • ئەلشات بلوگى
  • دۇنيا بلوگى
  • ئىزدەن تەبىئەت بلوگى
  • ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
  • ئەدەبىيات دۇنياسى
  • رەسىم تەھرىرلىگۇچ
  • يۇكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى
  • مەپتۇن بلوگى
  • كۈركۈم گۈلى
  • يۇمتاللار
' target='_blank'>تەرجىمەكەش
  • تەڭرى تاغ تورى
  • ساياھەتنامە
  • جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
  • تور ئىملاچىسى
  • ئىرپان تور لۇغىتى
  • سىستېمىلار
  • ئىجتىمائى پەنلەر
  • شىنجاڭ ئاياللىرى
  • 1رەسىم يوللاش كودى
  • رەسىم يوللاش كودى2
  • يېزىش قىلىپلىرى
  • رەسىم ساقلىغۇچ
  • پەننى ئوموملاشتۇرۇش تورى
  • ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى
  • كىتابخانا بلوگى
  • پەن ئالىملىرى سۇرەتلىرى
  • ماتېماتىكىلىق فورمىلا كىرگۇزۇش قۇرالى
  • ماتېماتىكا مۇنبىرى
  • قۇرئان ئاڭلاش
    Logo ياساش
    MATH
    ئىملا تەكشۈرگۈچ
    ئېنگلىزچە ھۆسىن خەت
    تىل تەرجىمانى
    شىنجاڭ خەرىتىسى
    كود رەڭلەش
    سانلارنى كۇۋادېراتلاش
    رەڭ كودى
    يېزىق ئايلاندۇرغۇچ
    يۇلغۇن تور لوغىتى
    گوگۇل تەرجىمان
    ھەقسىز بوشلۇق
    ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت
    ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت
    ھەقسىزلەر رايۇنى
    چۈشۈرمىلەر
    خەنزۇچە ماقالىلەر
    كود جەمگاھى
    تىما يىزىش كۆزنىكى
    توربەت ئۇنۇم كودلىرى
    ئىچىلمايدىغان توربەتنى ئىچىش
    خەنزۇچە خەتكە پىنيېن بىرىش
    ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە تور لۇغىتى
    ئىلتىماس قىلىشQQ

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم

    ماتېماتىكا

    Google

    تېپشماقلار دۇنياسى

    • قىزىقارلىق تىپىشماقلار
    • مەندە بىر تېپىشماق بار
    • 0 بۇ تېپىشماقنى تاپالايدىغانلار بارمۇ؟

    چەۋەندازلار بلوگى

    • گۈدۈك مىكرو بىلوگى ۋە ئۇنى بىلوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈش Güdük Mikro Bilogi we Uni Bilog bilen Birleshturush
    • چەۋەندازلار ئۇقتۇرۇشى-11 Qawandazlar" Uqturushi-11"
    • ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى (داۋامى2)

    كۆزنەك

    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • نورمال ئېچىلىدىغان ھەم يېڭىلىنىۋاتقان بلوگلار
    • ئۇلىنىشلار بۇ يەردە

    ئىلىم - پەن بىلوگى

    • سانلارنىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» گە چۈشۈپ كېتىشى
    • «100مەسىلە» نىڭ تۆتىنچىسى
    • «100مەسىلە» نىڭ ئۈچۈنچىسى

    Dunyakara

    • جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن كەسپچانلىق روھىغا نەزەر.........
    • Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ
    • قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسلۇپ

    更多博链

    • زىيارەت سانى:
    • RSS 什么是RSS?
      用IM提醒我内容更新
      订阅到QQ邮箱
      订阅到鲜果阅读器
      订阅到Google阅读器
      订阅到抓虾阅读器
    • 《城客》第四期:创意之城
      博客大巴
      博客大巴使用指南
      博客大巴模板中心
      免费注册博客大巴
      一键博客搬家工具
      中文互动杂志城客

    ئۇسلۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:تارىم بلوگى | بلوگ يازغۇچىسى: ماتېماتىكا